كائىناتقا ئائىت يېڭى خەۋەرلەر (5)
بىلىمخۇمار
2016-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
مەن مەزكۇر يازمىدا يېقىنقى ناسا ۋە كائىناتقا ئائىت مۇھىم خەۋەرلەرنى قىسقىچە خۇلاسىلاپ ئۆتىمەن.
1. مارسقا 30 مىنۇتتا بېرىش مۇمكىنچىلىكى بار
ھازىرقى ئەڭ زامانىۋى تېخنولوگىيە بىلەن ناسا نىڭ ئالەم ئۇچقۇلىرى مارسقا 260 كۈن ياكى 9 ئايدا بېرىپ بولالايدۇ. ئەمما، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى سانتا باربارا شۆبىسىنىڭ فىزىكا پروفېسسورى فىلىپ لۇبىن (Philip Lubin) نىڭ دېيىشىچە، ئالەم ئۇچقۇرىنى لازېر نۇرى بىلەن ئىتتىرىپ تېزلەندۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مارسقا 30 مىنۇتتا بېرىپ بولۇش مۇمكىن ئىكەن. فىلىپ ئەپەندى بۇ ئىدىيىنى ئۆتكەن يىل 10-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن «ناسادىكى يېڭىدىن ئىجاد قىلىنغان ئىلغار ئۇقۇملار ئىلمىي دوكلات يىغىنى» (NASA Innovative Advanced Concepts (NIAC) symposium) دا ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، يېقىندا ئۇ يەنە ئەنگلىيىنىڭ بىر ئىلمىي ژۇرنىلىدا مۇشۇ ئىدىيە ھەققىدە 52-بەتلىك ئىلمىي ماقالىدىن بىرنى ئېلان قىلدى (مەنمۇ يېقىندا NIAC قا تەۋە ئىككى تۈرگە قاتنىشىشنى باشلىغان بولۇپ، مېنىڭ قىلىدىغىنىم يېڭى تىپلىق ئالەم تېلېسكوپىغا ئائىت تەتقىقاتلار). ئۇنىڭ دېيىشىچە، 50 – 70 مىليارد ۋات (GW) لىق كۈچ بىلەن بىر مېتىرلىق يەلكىنى بار ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ تېزلىكىنى 10 مىنۇت ئىچىدە نۇر تېزلىكىنىڭ 26 پىرسەنتىگە يەتكۈزگىلى بولىدىكەن [1]. ئەگەر بىر ئالەم ئۇچقۇرى ئاشۇنداق تېزلىكتە ماڭسا، بىزگە ئەڭ يېقىن بولغان، ئارىلىقىمىز 4.37 نۇر يىلى كېلىدىغان [2]، ئىنگلىزچە «Alpha Centauri» دەپ ئاتىلىدىغان يۇلتۇزغا 15 يىلدا بېرىپ بولغىلى بولىدىكەن. بۇ ئىدىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەڭمىسە بولمايدىغان تېخنولوگىيىلىق قىيىن ئۆتكەللەر خېلى كۆپ بولۇپ، مەن بۇ قېتىم كۆرگەن ماقالىلەردە ئۇ قىيىن ئۆتكەللەر بايان قىلىنماپتۇ.
بۇنداق ئالەم ئۇچقۇرىنى ئىتتىرىدىغان لازېر نۇرى مەخسۇس مۇشۇنداق ئىش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن، يەر شارىنى ئوربىتلاپ ئايلىنىدىغان بىر ئالەم ئۇچقۇرىدىن يوللىنىدىكەن.
1-رەسىم: بىر رەسسام سىزغان لازېر نۇرى بىلەن ئىتتىرىلگەن ئالەم ئۇچقۇرى.
2. ناسا ۋېنىراغا «بۇلۇت شەھەرلىرى» ياسىيالىشى مۇمكىن
ناسانىڭ سىستېم ئانالىزى ۋە يېڭى ئۇقۇم ئىشلىرىغا مەسئۇل تارمىقى 2014-يىلى ۋېنىرانىڭ ئاپموسفېراسىغا چوڭ-تىپلىق ھاۋا-كېمىسىدە بېرىش ئۇقىمىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مارسقا قارىغاندا ۋېنىرا بىزگە يېقىنراق بولسىمۇ، ئۇنىڭ يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 462 سېلسىيە-گرادۇس كېلىدىغان بولغاچقا، ئۇ پلانېتا ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا ماس كەلمەيدۇ. ئەمما، كىشىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە ۋېنىرانىڭ ئاسمىنىنىڭ بېسىمى، زىچلىقى، تارتىش كۈچى ۋە رادىئاتسىيىدىن قوغدايدىغان ماددىلىرى يەر شارىنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. ئەگەر ھەممە ئىشلار ھازىر مۆلچەرلەنگەندەك ماڭىدىكەن، ۋېنىرانىڭ ئاسمىنىدا «بۇلۇت شەھەرلىرى» نى قۇرۇپ چىققىلى بولىدىكەن [3].
2-رەسىم: ۋېنىرانىڭ ئاسمىنىدىكى «بۇلۇت شەھەرلىرى» (سىزىلغان رەسىم).
3. سامان يولى گالاكسى (يۇلتۇزلار توپى) نىڭ يېڭى رەسىمى
نۇرنىڭ بۇرۇن ئىشلىتىپ بېقىلمىغان دولقۇن ئۇزۇنلۇقىنى ئىشلىتىپ، ئاسترونومىيە مۇتەخەسسىسلىرى سامان يولى گالاكسىنىڭ تۆۋەندىكى 3- ۋە 4-رەسىملەردە كۆرسىتىلگەن يېڭى بىرىكمە رەسىملىرىنى ئىشلەپ چىقتى. بۇ سۈرەتلەر چىلىدىكى «APEX» ناملىق يەر يۈزى تېلېسكوپى بىلەن تارتىلغان.
سامان يولى گالاكسىنىڭ شەكلى بىر تەخسىگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭ كەڭلىكى 100000 نۇر يىلى، قېلىنلىقى 1000 نۇر يىلى كېلىدۇ. 4-رەسىمنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى قىستۇرۇلما قىسىملىرى سول تەرەپتىكى رەسىملەر سامان يولى گالاكسىنىڭ قايسى قىسمىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ [4].
3-رەسىم: سامان يولى گالاكسىنىڭ يېڭىدىن تارقىتىلغان بىر پارچە رەسىمى.
4-رەسىم: سامان يولى گالاكسىنىڭ يېڭىدىن تارقىتىلغان، ئۇنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىنى كۆرسىتىدىغان رەسىملىرى.
4. ناسا كىچىك پلانېتا پلۇتوننىڭ شىمالىي قۇتۇپىنىڭ يېڭى رەسىمىنى تارتقاتتى
تۆۋەندىكى 5-رەسىم كىچىك پلانېتا پلۇتوننىڭ شىمالىي قۇتۇپ رايونىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇنى ناسا يېقىندا تارقاتتى. بۇ رەسىمنى «يېڭى ئۇپۇق» ناملىق ئالەم ئۇچقۇرى 2015-يىلى 7-ئايدا پلۇتوننىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە تارتقان بولۇپ، ئۇنىڭدا پلۇتوننىڭ شىمالىي قۇتۇپىدىكى جىلغىلار، ئويمانلىقلار ۋە ئازگاللار ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. سېرىق رەڭدە كۆرسىتىلگەن ئەڭ چوڭ جىلغىنىڭ كەڭلىكى 70 كىلومېتىر بولۇپ، يېشىل رەڭلىكلىرىنىڭ كەڭلىكى بولسا 10 كىلومېتىر كېلىدۇ [5].
5-رەسىم: كىچىك پلانېتا پلۇتوننىڭ ناسا يېڭىدىن تارقاتقان رەسىمى.
5. كىچىك تىپلىق سۈنئىي ھەمراھلار
ھازىر ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىدا ئىنگلىزچە «CubeSats» دەپ ئاتىلىدىغان كىچىك تىپلىق سۈنئىي-ھەمراھلار بارغانسېرى چوڭ روللارنى ئويناۋاتىدۇ.
6-رەسىم: ئاسماندىكى كىچىك تىپلىق سۈنئىي-ھەمراھلار.
كىچىك تىپلىق سۈنئىي-ھەمراھلارنى ئەڭ دەسلىپىدە ئامېرىكىنىڭ ئالىي مەكتەپلىرى لايىھىلىگەن. يەنى، ئۇنى ئەڭ دەسلىپىدە كالىفورنىيەدىكى ئالەم بوشلۇقى ئىنژېنېرلىقى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىككى نەپەر پروفېسسور 1999-يىلى لايىھىلىگەن. ئۇ كىچىك سۈنئىي-ھەمراھ بىر كەڭلىكى، ئېگىزلىكى ۋە قېلىنلىقى 10 سانتىمېتىر كېلىدىغان كىچىك ساندۇقنىڭ ئىچىگە پاتقان. يېقىندا كىچىك سۈنئىي-ھەمراھ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئۇنىڭ ئىشلىنىش دائىرىسى ھازىر بارغانسېرى كېڭىيىپ مېڭىۋاتىدۇ. 2000 – 2005-يىللىرى يىلىغا 10 دەك كىچىك سۈنئىي-ھەمراھلار قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، 2012-يىلى قويۇپ بېرىلگەن كىچىك سۈنئىي-ھەمراھنىڭ سانى 20 گە يەتكەن. ئۆتكەن يىل بولسا جەمئىي 126 كىچىك سۈنئىي-ھەمراھ قويۇپ بېرىلگەن.
ھازىر بەزى شىركەتلەر جەمئىي 900 دانە كىچىك سۈنئىي-ھەمراھنى قويۇپ بېرىپ، شۇ ئارقىلىق پۈتۈن يەر شارىنى ئىنتېرنېت سىگنالى بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلاۋاتىدۇ. ھازىر كىچىك سۈنئىي-ھەمراھلار يەر شارىنىڭ مۇھىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۈزىتىش ۋە بالا-ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا ياردەم قىلىش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.
7-رەسىم: ج پ ل دىكى مېنىڭ ئىشخانام جايلاشقان بىنانىڭ كارىدورىغا قويۇپ قويۇلغان بىر خىل كىچىك سۈنئىي-ھەمرا (ئۇنىڭ ئانتېنناسىدىن باشقا قىسىملىرى راست).
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
[6] Will tiny satellites launch a new space frontier?
http://www.csmonitor.com/Science ... -new-space-frontier
|