بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jimsary تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-1 17:49
«قاراقۇرۇمتاغ» ۋە «قاراقورامتاغ»
جىمسارى
بايان ئەۋۋەل
خەنزۇچە ئىسمى «昆玉市» دەپ ئاتالغان شەھەرنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمىنى قانداق ئاتاش بىلەن بولۇنغان تالاش-تارتىشلار نېتىجىسىدە، بىزدىكى بىر قىسىم ئۇقۇملارنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ئاشكارەلىنىپ قالدى. بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىملارنىڭ بىرى، «قاراقۇرۇمتاغ» بىلەن «قاراقورامتاغ» ئۇقۇملىرىدۇر. ئىككىنچىسى، «قۇرۇم» بىلەن «قورام» ئۇقۇمىدۇر. ئۈچىنچىسى، «يۇرۇڭقاش، قاراقاش» ئۇقۇملىرىدۇر. بۇلار ئېنىقلانماي تۇرۇپ، كىشلىرىمىزدە، ئېنىق بىر چۈشەنچەھاسىل بولماغىدەك. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، بۇلار توغرىسىدا، ئۆز چۈشەنچەلىرىمنى بايان قىلدىم.
1-«قۇرۇمتاغ سىستېمىسى» (قۇرۇمتاغلىرى)
قۇرۇمتاغلىرى، جۇغراپىيەدە «قۇرۇمتاغ سىستېمىسى» دەپمۇ ئاتالغان. قۇرۇمتاغ سىستېمىسىنىڭ غەرپتىن شەرققىچە بولغان ئۇزۇنلىقى 2500 كلومېتىر كېلىدۇ. بۇ تاغ سىستېمىسى، پامىر تاغلەڭىدىن باشلىنىپ سىچۋەن ئۆلكەسىنىڭ شىمالىغىچە تۇتىشىدىكەن. قۇرۇمتاغلىرى، قاراقۇرۇمتاغ تىزمىسى، چىمەنتاغ تىزمىسى، ئارچىنتاغ تىزمىسى (ئالتۇنتاغ دەپمۇ ئاتالغان)، كۆكشىلتاغ تىزمىسى، بايىنقاراتاغ تىزمىسى دىگەندەك كۆپلىگەن تاغ تىزمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. قۇرۇمتاغلىرى، ئادەتتە، چوڭ جەھەتتىن غەربى قۇرۇمتاغ سىستېمىسى ۋە شەرقى قۇرۇمتاغ سىستېمىسىدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەككە ئايرىلىدۇ. يەنى، چەرچەن غولنىڭ شەرقى قىسمى، شەرقى قۇرۇمتاغلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. چەرچەن غولنىڭ غەربى قىسمى، غەربى قۇرۇمتاغلىرى ياكى قاراقۇرۇمتاغلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. قاراقۇرۇمتاغ، قۇرۇمتاغ سىستېمىسىنىڭ غەربى بۆلىكى بولغانلىقتىن، شۇنىڭغا نىسبەتەن يەنە كۈن ئولتۇرۇش تەرەپتىكى قۇرۇمتاغلىرى بۆلىكى دىگەن مەنانى بېرىدىغان «قاراقۇرۇمتاغ» دەپمۇ ئاتالغان. قاراقۇرۇمتاغلىرى، پۈتۈن خوتەن ۋىلايىتى ۋە قەشقەر ۋىلايەتىنىڭ جەنۇبىدىكى پامىرغىچە بولغان ئارىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئىسىم، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، قۇرۇمتاغ تىزمىسى دەپمۇ ئاتالغان. قاراقۇرۇمتاغ ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىز زىمىنى بىلەن، تىبەت تىبەش(زاڭزۇ) ئاپتونۇم رايونىنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاغپاسىل ھېساپلىنىدۇ.
2-«قاراقۇرۇمتاغ»
«قاراقۇرۇمتاغ»، «قۇرۇمتاغلىرى ياكى قۇرۇمتاغ سىستېمىسى»نىڭ غەربى قىسمىنى يەنى، شىنجاڭ چىگرىسى ئىچىدىكى قىسمىنى كۆرسەتىدۇ. قۇرۇمتاغلىرىنىڭ تەخمىنەن 1800 كلومېتىر بۆلىكىنى ئىگەللەيدۇ. «قاراقۇرۇمتاغ» دىگەن سۆزدىكى، «قارا» سۆزى، ھەيۋەتلىك، ئىگىز، كۆپ، ئۇلۇغ، كۈن ئولتۇرۇش تەرەپ دىگەن مەنالارنى بېرىدۇ. «قۇرۇم» سۆزى، خەنزۇچە ئاتالغان «玉،玉石»نى بىلدۈرىدۇ. يەنى، ئۇيغۇرچە «قۇرۇمتاش، قۇرۇم»نى بىلدۈرىدۇ. دىمەك، «قاراقۇرۇمتاغ» دىگەن سۆز، «قۇرۇمتاش ياكى قۇرۇم كۆپ چىقىدىغان غەربى بۆلەكتىكى ھەيۋەتلىك تاغ» دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. ئەمدى، قۇرۇمتاغلىرىنىڭ شىنجاڭ چىگرىسى ئىچىدىكى «قاراقۇرۇمتاغ» قىسمىغا كەلسەك، مىنىڭچە ئۇ، «شەرقى قاراقۇرۇمتاغ» ۋە «غەربى قاراقۇرۇمتاغ» دەپ 2 قىسىمغا ئايرىلىدۇ. چەرچەن غولدىن(ئەندىر دەريانىڭ باش قىسمى) باشلاپ، قاغىلىقتىكى ئۇلۇق ئۆستەڭگىچە بولغان ئارىلىق، «شەرقى قاراقۇرۇمتاغ» بولۇدۇ. ئۇلۇق ئۆستەڭدىن باشلاپ، گەزغولغىچە بولغان ئارىلىق، «غەربى قاراقۇرۇمتاغ» بولۇدۇ. دىمەك، مەن دەۋاتقان «قاراقۇرۇمتاغ»، مۇشۇ ئىككى بۆلەكنى ياكى چەرچەنغولدىن، گەزغولغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تاغلارنى كۆرسەتىدۇ.
3-«قاراقورامتاغ»
«قاراقورامتاغ»، يەنە «قاراقورامتاغ تىزمىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ تاغ، قۇرۇمتاغلىرىنىڭ سىرتىدىكى ئايرىم بىر تاغ بولۇپ، «شەرقى قاراقۇرۇمتاغ»نىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى جۇڭگو-كەشمىر چىگرسىغا توغرا كېلىدۇ. «قاراقورامتاغ» دىگەن سۆزدىكى «قارا» سۆزى، ھەم ھەيۋەت، چوڭ دىگەن مەنادىن باشقا، بۇ يەردە، قارا رەڭنى كۆرسەتىدۇ. «قورام» دىگەن سۆز، ئادەتتىكى چوڭتاشلارنى كۆرسەتىدۇ. دىمەك، «قاراقورامتاغ» دىگەن سۆز، رەڭگى قارا يوغان تاشلىق تاغ، دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان، «قاراقۇرۇم» بىلەن «قاراقورام» دىگەن ئىككى ئىسىمغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش زۆرۆر. «قاراقۇرۇم» دىگەن سۆز، «قۇرۇمتاشلىق ھەيۋەت تاغ»، دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. «قاراقورام» دىگەن سۆز، «قورامتاشلىق ھەيۋەت تاغ» دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ.
4-«يۇرۇڭقاش» ۋە «قاراقاش»
بىزدىكى «قاراقاش» ۋە «يۇرۇڭقاش» دىگەن ئىككى سۆز، خوتەن شەھرىگە نىسبەتەن ئۇنىڭ كۈنچىقىش ۋە كۈن ئولتۇرۇش تەرەپ ئۇقۇمىدىن كەلگەن ئورۇن ئۇقۇمىنى بېرىدىغان ئىسىم سۆز. خوتەن شەھىرىنىڭ كۈن چىقىش تەرەپتىكى غول (دەريا)، «يۇرۇڭقاش» دەپ ئاتالغان. يۇرۇڭقاش دىگەن سۆز، خوتەن شەھىرىگە نىسبەتەن، ئۇنىڭ كۈنچىقىش تەرەپى، كۈنچىقىش قاشى، يورۇق قاشى، يورۇق تەرەپى ياكى دىگەن مەنالارنى بىلدۈرىدۇ. ئەمدى «قاراقاش» دىگەن سۆزىگە كەلسەك، خوتەن شەھىرىنىڭ كۈن ئولتۇرۇش تەرەپى، كۈن ئولتۇرۇش قاشى، قاراڭغۇ قاشى دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. يۇرۇڭقاش، قاراقاش دىگەن سۆزلەر، ھەم جاي ئىسمى ھەم غول (دەريا) ئىسمى بولۇدۇ. بۇ يەردىكى «قاش» دىگەن سۆز، بويى، تەرەپى، ئەتراپى، قىرى دىگەن مەنالارنى بېرىدۇ. دىمەك، بۇ يەردىكى «قاش» دىگەن سۆزنىڭ، «قۇرۇم، قۇرۇمتاش» (玉石,玉) دىگەن سۆز بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋەتى يوق.
بايان ئاخىر
مەن، ئەينى چاغلاردا، يوقۇرىدا دىيىلگەن تاغلاردا قىدىرىپ باققان. خەرىتىلەرنىمۇ كۆرۈپ باققان. گىپىمىز، يېڭى قۇرۇلماقچى بولغان شەھەرنىڭ ئۇيغۇرچە نامى ئۈستىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، يەنى، «قاراقۇرۇم شەھىرى» بىلەن «قۇرۇمقاش شەھىرى»دىگەن ئىسىملارنىڭ مۇۋاپىق ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىۋىلىش ئۈچۈن مەزگۇر چۈشەنچەنى يازدىم. توردىكى ئىسمى، «hadsen,pishamshan, kemalbay, baxbug»دەپ ئاتالغان بۇرادەرلەر، «قۇرۇمقاش شەھىرى» دىگەن سۆزنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ مىنى قايىل قىلىش ئۈچۈن، ماڭا كۆپ چۈشەندۈرۈشلەرنى يېزىپ ئىنكاس يوللاپتۇ. مەن، بۇ بۇرادەرلەرنىڭ چۈشەنچىسىگە ھۆرمەت قىلىمەن، ئىلىمغا تېخىمۇ ھۆرمەت قىلىمەن. ئەمدى، شەھەر ئىسمى، ئۇيغۇر تىلىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، بولغۇسى يېڭى شەھەرنىڭ تەبىئەتتىكى ئورۇن ئالاھىدىلىكىنى كۆرسەتىپ قويدۇم. بەزى بۇرادەرلەر، ئىسىم قويۇلۇپ بولدى، ئەمدى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ دىيىشىدىكەن. شەھەرنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى، توغراسى بولسا، ئۆزگەرتىشكە بولۇدۇ. بۇ چوڭ ئىشمۇ ئەمەس. ئەمما، ئۆزگەرتەمدۇ، ئۆزگەرتمەمدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئەمدى مىنىڭ ئىشىم يوق. مەن، بىرەر نەرسە يازسام، ئىلىمى ئاساسىنى ئاساس قىلىمەن. يەنە گەپ قىلالايدىغان، ماڭالايدىغان يولنى قويۇپ قويىمەن. شۇڭا، دىگەنلىرىمگە ئىگە بولۇمەن. شۇنداقتىمۇ، خاتا دەپ قويۇشتىن ساقلىنالمايمەن. خاتا بولغان يەرلىرى بولسا، تۈزۈتۈش بېرەرسىزلەر.
|