- تىزىملاتقان
- 2014-3-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8153
- نادىر
- 0
- يازما
- 965
ئۆسۈش
63.06%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sawda571 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-3 03:39
مۇبارەك بولسۇن .
بالىڭىزنىڭ تىلى چىقىپ مەكتەپكە بارغۇچە بولغان ئارلىقتا ئانا تىلىنى ئۈگۈتىپ بولسىڭىز بولۇدۇ .
بۇنىڭ ئامالى : ( مەن بۇ يەردە سىلىنىڭ ئىمكانىيەتلىرىنى ئويلاشمىدىم ) .
1 . بالىڭىزنى ئۆزىڭىز بېقىشىڭىز كېرەك ، بالا باققۇچى ئىشلەتسىڭىز ، يەسلىگە بەرسىڭىز بولمايدۇ .
2 . ئائىلىدە ئەر - ئايال ئىككىڭلار ئۇيغۇرچە سۆزلىشىشىڭلار كېرەك .
3 . تېلىۋىزور كۆرسەڭلار ، بالاڭلارنىڭ تىلىنىڭ قايسى تىلدا چىقىشىغا تەسىرى ئېغىر بولۇدۇ ، شۇڭا تېلىۋىزورغا بارماق دىسكا ، ياكى ھەرقانداق سىغىمدىكى ساقلىغۇچلارنى چېتىپ ، ۋەتەندىن كەلتۈرۈلگەن ، بالىلارغا زىيىنى بولمىغان فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىنى كۆرسەڭلار ، ئاڭلىساڭلار بولۇدۇ . ئەگەر ئۆزىڭلار شۇ تۇرىۋاتقان دۆلەتتىكى خەۋەرلەرنى ياكى باشقا پروگراممىلارنى كۆرمەكچى بولساڭلار ، بالاڭلار ئۇخلىغاندا ، ياكى ئۈنسىز نەرسىلەردىن ( كومپىيوتېر ، گېزىت - ژورنال ، قاتارلىقلاردىن ) پايدىلانساڭلار بولۇدۇ .
4 . ئۇيغۇر تىلىدىكى ، بولسا بالىلار ئۇقۇشلۇقلىرىنى ئوقۇپ بەرسەڭلار ، بولمىسا سىلەر تاپالىغان ھەر خىل كىتاپ ، گېزىت ، ژورناللارنى ئوقۇپ بەرسەڭلار بولۇدۇ .
ئاخىرىدا تەكىتلىسەم ، بالاڭلارنىڭ سىلەر تۇرىۋاتقان دۆلەتتىكى تىلنى ئاڭلىشىنى يوق قىلالىساڭلار بولۇدۇ ( ئەلۋەتتە تىلى چىقىپ مۇئەييەن باسقۇچقا بارغۇچە ) .
بىراق بالا 4 - 5 ياشقا كىرىپ تەڭتۈشلىرى بىىلەن ئوينىغۇدەك بولغاندىچۇ ؟ بۇنىمۇ تىزگىنلگىلى بولامدۇ ؟
ئەسلا مۇمكىن ئەمەس . دەل مانا مۇشۇ ۋاقىتتا سىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىڭلار 0 گە ئايلىنىدۇ ، سىلەر ئۈگەتكەن ئانا تىل بارا- بارا ئۇنتۇلۇپ ، ئۇنىڭ ئورنىنى شۇ يەدىكى تىل ئىگەللەشكە باشلايدۇ ، بۇ ۋاقىتتا بالاڭلارنى زورلىساڭلار بۇنى چۈشەنمەيدۇ . بەلكى سىلەردىن بىزار بولۇدۇ . بۇ ئىشتا غەلبە قىلغانلار يوقنىڭ ئورنىدا .
ئەڭ ياخشى ئامالى ، مەكتەپ يېشىغىچە( خاتا بولسا كەچۈرۈڭ ، مەن 7 ياشنى كۆزدە تۇتتۇم ) ۋەتەندىكى ئاتا- ئاننىغا ياكى يېقىن ئۇرۇق - تۇققانغا تاپشۇرۇش ، مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە ئېلىپ كىتىپ شۇ يەردىكى مەكتەپلەرگە بەرسەڭلار ، بالاڭلار دەسلەپتە قىينالغان بىلەن كېيىن تېزلا يىتىشىپ قالىدۇ . ئانا تىل ئاساسى پۇختا بولغاچقا ، ئائىلىدە ئانا تىل ئىشلەتسەڭلار بالاڭلار بۇ تىلنى بىر ئۆمۈر ئۇنتۇپ قالمايدۇ . ئەگەر بۇ ئىمكانىيەت بولمىسىچۇ ؟
بۇنىڭدا غەلبە قىلغانلارنىڭ ھازىرچە بىز بىلىدىغان ئەڭ ياخشى ، ئۈنۈملىك ئۇسۇلى مۇنداق :
1 . ۋەتەنگە قايتىپ بالىرىنى مەكتەپ يېشىغىچە مۇشۇ يەردە چوڭ قىلىپ ئاندىن قايتىپ كەتكەنلەر .
2 . بالىللىرىنى ۋەتەندىكى ئاتا- ئانىسى ، ياكى يېقىن ئۇرۇق - تۇققانلىرىغا تاپشۇرۇپ ، كېيىن قايتۇرۇپ ئەكەتكەنلەر .
3 . ئەگەر ۋەتەندە ئاتا ئانىسى ، ئۇرۇق - تۇققىنى ، ئىشەنچىلىك ئەل - ئاغىنىسى يوقلار ، باللىرىنى مەكتەپ يېشىغىچە ئۆزى چەتئەلدە بېقىپ ، ئاندىن ۋەتەندىكى ياتاقلىق شەخسلەر ئاچقان مەكپەتلەردە باشلانغۇچنى ، بەزىللىرى تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرگىچە ئوقۇتۇپ ، ھەتتا بەزىلەر تۇلۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە ئوقۇتۇپ ، ئاندىن قايتۇرۇپ ئەكەتكەنلەر .
بىراق بۇ مەكتەپلەر ياتاق ، تاماق ، كىيىم - كېچەك ، ئوقۇش ماتىرياللىرى بىلەن بىۋاستە ئۆزى تەمىنلىگەچكە ئوقۇش پۇلى بەك قىممەت . بىراق ئىشىنىڭكى بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپۈتى بەكلا ياخشى .
مۇشۇ ئامالنىڭ يەنە بىر باشقا ئۇسۇلىمۇ بار يەنى : ئاۋال باشلانغۇچنى ۋەتەندىكى ياتاقلىق شەخسلەر ئاچقان مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ ، بالا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇدەك بولغاندا ( تۇلۇقسىزغا چىققاندا ) دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكەش ، چۈنكى ھازىر دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر ياتاقلاشقان ، تاماق بىلەن تەمىنلەيدۇ ، ئەلۋەتتە بۇلار ھەقسىز . تۇلۇققا چىققاندىمۇ ھەقسىز ، پەقەت كىيىمنىلا پۇلغا ئالىدۇ ( كىيىم ، مەكتەپ فورمىسى شۇ ، بۇ جەنۇبى شىنجاڭدا مۇشۇنداق ، شىمالدا قانداق بۇنى بىلمەيمەن ) . ئەگەر پىكىرىمنى توغرا تاپساڭلار مەن ھەرقانداق خىزمىتىڭىزگە تەييار .
مىنىڭ چۈشەنچەم مۇشۇنچىلىك ، پايدىلىنىشقا بولسا پايدىلىنىپ باقارسىلەر . بۇ يول مۇشاقەتلىك يول . سىلەرگە ياخشى نەتىجىلەر يار بولغاي .
|
|