قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 410|ئىنكاس: 3

قىسمەت - نەزەرجان ياقۇپ(ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

431

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   65.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54442
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 136
توردىكى ۋاقتى: 49
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-1 20:59:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسمەت

(ھىكايە )

نەزەرجان ياقۇپ (جانباز )


بۇھىكايىنى بوۋام مەندەك چاغلاردا ئۇنىڭغا ئېيتىپ بىرەتتىم .
-بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا ،قەدىمى بىر دۆلەتتە ناھايىتى شانۇ -شەۋكەتلىك بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن.  .ئۇنىڭ مال-دۇنياسى ھەددى-ھىساپسىز بولسىمۇ پۇخرالارغا ھەر خىل ئالۋاڭ-ياساقلارنى سېلىپ ،ئۇلارنى زار قاخشىتىدىكەن .پادىشانىڭ بىر  ئوڭ قول ۋەزىرى بار بولۇپ ،تولىمۇ ئاق كۈڭۈل ، مىھرىبان ئىكەن.دائىىم پۇقرالارنىڭ  ئارىسىغا بېرىپ ،ئۇلارنىڭ ھال-ئەھۋالىنى سوراپ تۇرىدىكەن ....
مەن ھىكايەمنى ئەنە شۇنداق باشلايتىم .بوۋام رەھمەتلىك ھىكايەمنى جىمجىت ئولتۇرۇپ ئاڭلايتتى.پات-پات [ھەي... ]دەپ ،ئۇلۇق-كىچىك تىنىپ قوياتتى.
-ئۇ ۋاقىتلار شۇنداق ئۆتكەنتى بالام ،-دەيتتى بوۋام ئېغىر خۇرسىنىپ.- ھىلىقى زالىم پادىشانىڭ زۇلۇمىغا چىدىمىغان خەلق ئاخىر قوزغىلىپ ئۇنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ،ئورنىغا ھىلىقى ئاق كۆڭۈل ۋەزىرنى پادىشاھ  قىلىپ تىكلىگەن، شۇنىڭ بىلەن خەلق خاتىرجەم،پاراۋان تۇرمۇش كەچۈرگەن ....
مەن ھېكايەمنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇراتتىم .بوۋام يەنىلا خىمجىت ئولتۇرۇپ ئاڭلايتتى. ئۇ، بەزىدە ماقۇللۇق بىلدۈرگەندەك بېشىنى لىڭشىتسا ،بەزىدە ئەپسۇسلانغاندەك بېشىنى چايقاپ قۇياتتى.
نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كەتتى. بوۋاممۇ رەھمەتلىكلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ئەمدىلىكتە ،مەن ھېكايە ئېيتىپ بىرىدىغان ئادەم قالمىغان ئىدى. دادام ئەتىگەندىن كەچكىچە ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولغاچقا، مىنىڭ ھىكايەمنى ئاڭلىغۇدەك چولىسى يوق ئىدى.مەن ئۇنىڭغا زورلاپ تۇرۇپ ھېكايە ئېيتىپ بەرسەممۇ ،ئاڭلا-ئاڭلىمايلا خورىكىنى باشلايتتى. مەن بولسام،[ھەي... بىچچارە دادام..] دىگىنىمچە ،ئويغا پېتىپ ئولتۇرۇپ قالاتتىم.
ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كەتتى.داداممۇ ئالتە مىتىر كىپەنلىكنىڭ ئىگىسى بولۇپ ،ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى. ئوغلۇم بولسا ئىڭەككە تاقاشتى

-[بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئاي دىسە ئاغزى بار ،كۈن دىسە كۆزى بار ساھىپجامال بىر قىزى بار ئىكەن .ئون سەككىز مىڭ ئالەمدە، ئۇ قىزدەك چىرايلىق قىز يوق ئىكەن. نۇرغۇن خانزادە،بەگزادىلەر بۇ قىزنىڭ ئىشقىدا پەرۋانە ئىكەن. شۇڭا پادىشاھ بۇ قىزىغا كۆز تىگىشىدىن ئەنسىرەپ ،ھەرگىز تالا-تۈزگە چىقارمايدىكەن.]دەپ ،ھېكايە ئېيتىپ بىرىشكە باشلىدىم ئوغلۇمغا، -بىر كۈنى تۇيۇقسىز قارا بوران چىقىپ ،ھاۋا قاتتىق گۈلدۈرلەپ كېتىپتۇ. ۋال-ۋۇل قىلىپ چاقماق چېقىشى بىلەن تەڭ مەلىكىمۇ ھوجرىسىدىن غايىپ بوپتۇ. پادىشاھ تەرەپ-تەرەپكە لەشكەر ماڭغۇزۇپ ئىزدىگەن بولسىمۇ ،مەلىكىنى ھىچ يەردىن تاپالماپتۇ. ئەسلىدە بىر دىۋە جاھننامە ئەينىگىدە مەلىكىنى كۆرۈپ قېلىپ،چاقماققا ئايلىنىپ مەلىكىنى بۇلاپ قاچقان ئىكەن. ].....
ھېكايىنى ئەنە شۇنداق ئېيتىپ بىرىشكە باشلىدىم. ئوغلۇم ئالقىنى بىلەن ئىڭىكىنى تىرىگىنىچە ،ئاغزىمغا قاراپ ئولتۇراتتى. ئۇ، مەن ھېكايىنى ئېيتىپ بولغىچە گەپ-سۆز قىلمىدى. ھەتتا جايىدىن مىدىرلاپمۇ قويمىدى.
مەن ھېكايە ئېيتىپ بەرگەن كۈننىڭ ئەتىسىلا ،ئوغلۇم خوشنىمىزنىڭ قىزىنى ئەپقېچىپ كەتتى. يۇرتىمىزدا ئەزەلدىن قىز ئەپقېچىش قائىدىگە زىت ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ، يىغلاپ-قاخشاپ يۈرۈپ ،ئۇنىڭ تويىنى ئۆز لايىغىدا ئۆتكۈزۈپ بەردىم. ئوغلۇمنىڭ تويىنى قىلىپ قويغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ،مەن غېرىپسىنىپ قالدىم. ئوغلۇم بىلەن كېلىنىم ئىشىكنى ئىچىدىن مەھكەم تاقاپ ،زادىلا تالاغا چىققىلى ئۇنىمايتتى.
ۋادەرىخا....
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كەتتى. نەۋرەممۇ خېلى چوڭ بولۇپ ،مەكتەپ يېشىغا يەتتى .ئۇ، ھەر كۈنى ئانىسى تىكىپ بەرگەن بوخچىسىنى ئېسىپ مەكتەپكە باراتتى. كەچتە مەكتەپتىن كېلىپلا تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەشكە باشلايتتى. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇنى-بۇنى دىيىشىپ ئولتۇراتتىم .مەن ئۇنىڭدىن ئۇنى-بۇنى سورىسام ،ئۇ ،بەزىللىرىگە جاۋاپ بەرسە ،بەزىللىرىگە ؛-سەن چوڭ بىر ئادەم تۇرۇپ شۇنىمۇ بىلمەمسەن ؟.-دىگىنىچە تۇمشۇغىنى ئۇچلاپ قۇياتتى.
بىر كۈنى، ئۇ مەكتەپتىن كېلىپلا قېشىمغا يۈگرەپ كەلدى.
-بوۋا ..بوۋا ،بۈگۈن مۇئەللىم بىزگە چۆچەك يېزىپ كىلىڭلار دەپ تاپشۇرۇق بەرگەن ئىدى .دادام سىنى چۆچەككە بەك ئۇستا دىگەن ،ماڭا چۆچەك ئېيتىپ بىرە بوۋا .مەن يېزىۋالاي. –دىدى.
مەن، ماقۇل بولۇپ چۆچەك ئېيتىشقا باشلىدىم.  
-بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر پادىچى بۇلغان ئىكەن .ئۇ بەكمۇ يالغانچى ئىكەن .....

مەن چۆچەكنى باشلا-باشلىمايلا، ئۇ سۆزلەپ كەتتى .
-ماڭەۋاي !بۇ دىگەن بىزنىڭ كىتاپتا بار .بۇنى مۇئەللىم بىزگە ئوقۇپ چۈشەندۈرۈپ قويغان. بۇنى ئەمەس باشقىنى ئېيتىپ بەر .
مەن ئىلاجىسىز باشقىنى ئېيتىشقا باشلىدىم.
-بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا ئىت ،مۈشۈك ،تۈلكە دوست بولۇپتۇ .....
..................
_بەك يالغانچى ئىكەنسەن. مۈشۈك بىلەن ئىتمۇ دوست بولامدۇ؟ .ئۇلار دىگەننىڭ ھەر ئىككىلىسى گۆشخور ھايۋان. ئىت مۈشۈكنى تۇتۇۋالسا يەۋېتىدۇ. –دىدى نەۋرەم قوي كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ.
شۇنداق قىلىپ ،خېلى كۆپ چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بەرسەم ،بىرىنى ئۇنداقكەن، بىرىنى بۇنداقكەن دەپ زادىلا ياراتمىدى. ئاخىرى بولماي جىلىچىلىكتە ئۇنى بىر مۇنچە سىلكىۋەتتىم. ئۇ ،دومسايغىنىچە تالاغا چىقىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كىيىن ،ئۇ ماڭا چۆچەك ئېيتىپ بەر دىمەيدىغان بولدى.
ئارىدىن خېلى كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى. بىر كۈنى نەۋرەم مەكتەپتىن كىلىپلا ئۆگزىگە چىقىپ، بېسىپ قويغان قوناق شېخىدىن بىر نەچچە تالنى ئېلىپ چۈشۈپ، ئۇنى پىچاق بىلەن پارە-پارە قىلغاندىن كېيىن ،ئالدىرىماي بىر نەرسىلەرنى ياسىغىلى تۇردى. مەن خېلى ئۇزۇنغىچە ئۇنىڭ نىمە ياساۋاتقانلىغىغا قاراپ تۇرغان بولساممۇ ،ھىچ بىلەلمەي ئۇنىڭدىن سورىدىم.
-نىمە ياساۋاتىسەن ئوغلۇم؟ ..
-ئايلۇپىران! .-دىدى ئۇ ئوماققىنە كۈلۈمسىرەپ .-مەن بۇنى ياساپ بولغاندىن كېيىن سىنى چىقىرىپ ،ھەرەمگە ئاپىرىمەن.
مەن شۇ تاپتا ئۇنىڭ چاققان ،بۈدرۇق قوللىرىغا قارىغىنىمچە كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ يىغلاپ تاشلىدىم.      

uyghuray

2

تېما

21

دوست

6032

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   20.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46508
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1879
توردىكى ۋاقتى: 125
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-2 17:50:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى نىمە دەي ئەمدى ؟

0

تېما

0

دوست

431

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   65.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54442
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 136
توردىكى ۋاقتى: 49
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-2 19:04:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nurhayat1 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-2 17:50
بۇ يازمىنى نىمە دەي ئەمدى ؟

بۇ دىگەن مۇنبەر. نىمە دىگىڭىز كەلسە دىسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

0

تېما

0

دوست

839

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   67.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54655
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 250
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-2 21:39:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئېسىل چىقىپتۇ، يەنە يېزىڭ
uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )