قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 962|ئىنكاس: 1

ئەبۇ ھەنىفەرەھىمەھۇللاھننىڭ قىسقىچە ھاياتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

20

تېما

0

دوست

2139

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  148
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 556
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 189
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-19 21:55:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ئەبۇ ھەنىفە (700-767) سۈننىي مەزھىبىنىڭ ئاساسلىق فەقىھى، ھەنەفى مەزھىبىنىڭ ئاساسچىسى بۇلۇپ، تۆت مەزھەپ ئاساسچىللىرىنىڭ بىرىنجىسى. ئۇ ھۆرمەت بىلەن ئىمام ئەزەم (چوڭ ئىمام) دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ فىقھە تەلىماتى ئىسلام دىنىنىڭ فىقھە تارىخىدا مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ. ئۇ بىكىتكەن شەرىئەت ئەھكاملىرى جانلىقلىقى، كەڭچىلىكلىكى، مۇۋاپىقلىقى بىلەن مەشھۇر. شۇ سەۋەپتىن، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكى ھىلىغىچە مۇشۇ مەزھەپنىڭ يولىنى تۇتۇپ كەلمەكتە.
        ئەبۇ ھەنىفەنىڭ تۇلۇق ئىسمى ئەبۇ ھەنىفە نوئمان ئىبنى سابىت بۇلۇپ، ئۇ كۇفە شەھىرىدە بىر مۇسۇلمان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئەسلى يۇرتى كابۇل (ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ پايتەختى) بۇلۇپ، كىيىن كۇفەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئۇ كىچىك چېغىدىلا «قۇرئان كەرىم» نى يادقا ئېلىپ بولغان. 16 ياش ۋاقتىدا دادىسى بىلەن بىللە ھەجگە بېرىپ، مەسجىدى ھەرەمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئابدۇللا ھارىسنىڭ ئۇقۇغان خۇتبسىنى ئاڭلىغان. ئابدۇللا ھارىس ئۆز خۇتبىسىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ « شەرىئەتنى تەتقىق قىلغۇچىنى ﷲ تائالا مۇراد- مەقسىدىگە يەتكۈزىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئىلتىپاتلارنى كۆرسىتىدۇ» دىگەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ قېتىمقى ھەج سەپىرىدە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى ئۇنىڭ سەبىي قەلبىدە چوڭقۇر تەسراتلارنى قالدۇرغان.
ئەبۇ ھەنىفە يەنە فەقىھ ھەمماد بىننى ئەبۇ سۇلايماننى ئۇستاز تۇتۇپ، فىقھە ئىلمىنى 18 يىل ئۆگەنگەن. ئۇ ئۆگىنىشتە تىرىشچان، ئەدەپلىك بولغاچقا، ئۇستازىنىڭ كۆپ ماختىشىغا ئىرىشكەن. ھەر قېتىم دەرىستىن چۈشكەندە، ئۇ، ئۇستازىنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قۇياتتى. ئاندىن كىيىن ئۇستازىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا كۈتۈپ تۇراتتى. ئۇستازى ناماز ياكى باشقا ئىش ئۈچۈن ئۆيدىن چىققاندا ھەمراھ بۇلۇپ بىللە ماڭاتتى ۋە شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بەزى مەسىلىلەرنى سوراپ بىلىۋالاتتى. ئۇ ئۆز ئۆيىدە ئولتۇرغاندا، ھۆرمەت يۈزىسىدىن ھەتتا پۇتىنى ئۇستازىنىڭ ئۆيى تەرەپكە قارىتىپ ئولتۇرمايتتى.
      ئۇ ئىلگىرى- ئاخىرى بىرەر مىڭدەك ئالىمنى ئۇستاز تۇتقان بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەتتىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن، 73ى تابىئۇنلاردىن، قالغانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تابىئۇ تابىئىنلاردىن ئىدى. ئۇ ئۆز ئۆمرىدە 55 قېتىم ھەج قىلغان. ھەج ۋاقتىدا مەككە بىلەن مەدىنىگە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇلىمالار جەم بۇلاتتى. كۇفە شەھىرى بولسا ئەينى ۋاقىتتا ئىسلام دىنىنىڭ ئىلىم- مەدەنىيەت مەركىزى ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئۆز ئۆمرىدە شۇنچە كۆپ كىشىنى ئۇستاز تۇتالىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس ئىدى.
       ئۇ دىنىي جەھەتتە ئىنتايىن تەقۋادار بۇلۇپ، كىچىك چېغىدىن باشلاپلا ھەر كۈنى « قۇرئان كەرىم» نى بىر قېتىم يادلاپ چىقاتتى. مۇۋاقىفنىڭ بىر رىۋايىتىدە مۇنداق دىيىلگەن: « مەن ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئۆيىدە بىر مەزگىل تۇرغان ئىدىم، ئۇنىڭدىنمۇ تىرىشچان ئادەمنى ئۈچراتمىدىم، ئۇ كۈندۈزى رۇزا تۇتۇپ، كىچىسى ناماز ئۇقۇيتتى، فىقھە ئىلمىنى كۆڭۈل قۇيۇپ مۇتالىئە قىلاتتى، بۇ ئىشنى ئۇ 30 يىلغىچە ئۈزۈپ قويماي داۋاملاشتۇرغان. گۇمان تۇغدۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئۇ بىر مۇنچە ھالال ياكى گۇمانلىق ئىشلاردىن كەچسە كىچەتتىكى، ھارام ئىشلارغا يېقىن يۇلىمايتتى. ئەگەر مەلۇم بىر ئىشتىن فىقھە جەھەتتە گۇمانلىنىپ قالسا، ئۇنى ئۈزۈل- كىسىل ئېنىقلىمىغۇچە كۆڭلى تىنمايتتى. ئۇ تەلەپچان، قەيسەر ئىدى. يەرلىك ئەمىر ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلغان سوۋغىنىڭ بەيتۇلمال (يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلەت خەزىنىسى) دىن ئېلىنغانلىقىنى بىلىپ قالسا، دەرھال ئۇنى رەت قىلاتتى ».
      ئەبۇ ھەنىفە شاگىرتى ئەبۇ يۈسۈپكە مۇنداق دىگەن: « ئاۋال ئىلىم ئۆگەن، ئاندىن پۇل تېپىشقا تۇتۇش قىل، ئۇنىڭدىن كىيىن ئۆيلۈك- ئۇچاقلىق بول. ئەگەر ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقاندا پۇل تېپىش بىلەن بۇلۇپ كەتسەڭ، مال- دۇنيالىرىڭ سىنى ئادەم ياللاشقا ئۈندەيدۇ- دە، بۇ دۇنيالىق ئىشلارغا بېرىلىپ كىتىپ قالىسەن ». ئارقىدىنلا ئۇ يەنە مۇنداق دىگەن: « سەن ﷲ دىن قورققىن، كىشىلەرگە ھەقىقەتنى تاراتقىن ۋە ئۇنى سەمىمىي سۆزلەر بىلەن يەتكۈزگىن؛ باشقىلارنى كەمسىتمىگىن، بەلكى ھۆرمەتلىگىن؛ مىھماندارچىلىق ھەددىدىن زىيادە كۆپ بۇلۇپ كەتمىسۇن، كىشىلەرنى ئىلىم تەھسىل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگىن؛ نادان ۋە تەلۋىلەر بىلەن باردى- كەلدى قىلىشمىغىن ».
ئەبۇ ھەنىفە ئۆمۇر بۇيى فىقھە ئىلمى تەتقىقاتىغا كۈچ سەرپ قىلغان، ئۇ فىقھە ئىلمى توغرىسىدىكى پىكرى پەيدىنپەي پىشىپ يىتىلگەندە ئۆز تەلىماتىنى تارقىتىشقا باشلىغان. ئۇ بىلىملىك ۋە قابىلىيەتلىك بۇلۇپ، ئۇنىڭ بىلىم ئاساسى پۇختا ئىدى. شۇڭا ئىلىم تەھسىل قىلغۇچىلار تەرەپ- تەرەپتىن كىلىپ ئۇنى ئۇستاز تۇتقان. ئۇنىڭ ئابرۇيىمۇ شۇ سەۋەپتىن ئىلىم ساھەسىدە بەك يۇقىرى بولغان. ئۇ فىقھە ساھەسىدە ئۆزىنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسىنىلا بەرپا قىلىپ قالماستىن، يەنە زور تۈركۈمدىكى تالانتلىق فەقىھلەرنى يېتىشتۈرگەن. تاھاۋى مۇنداق دىگەن: « ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتلىرى ئىچىدە كىتاپ يېزىپ تەلىمات تۇرغۇزالايدىغانلىرى 40 تىن ئاشاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەشھۇرلىرى ئەبۇ يۈسۈپ، مۇھەممەد بىننى ھەسەن شەيبانى، زۇفەير، داۋۇد دائى، ئەسئەد ئىبنى ئۇمەيل، يۈسۈپ خالىد، يەھيا ئىبنى زەكەرىييا قاتارلىقلار ئىدى ».
       ئۇ شەيئىلەر ئۈستىدە ئەقىل ئىشلىتىپ تەھلىل ئېلىپ بېرىشقا ۋە ھۆكۇم قىلىشقا بەكمۇ ئەھمىيەت بىرەتتى، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاشقا ماھىر ئىدى. ھۆكۇم قىلىش زۆرۇر بولغان مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۇ ھەمىشە كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى مەركەزلەشتۈرۈش، ئومۇمىي تەھلىل يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىنى قوللىناتتى. يەنى مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شاگىرتلىرىنى ئەركىن مۇھاكىمە قىلىشقا، ئۆز پىكرىنى تولۇق بايان قىلىشقا ۋە ئۇ ھەقتىكى ئاساسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئۇيۇشتۇراتتى. ئاندىن كىيىن، ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ، قايتا- قايتا دەلىللەپ، توغرا پىكىرلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، خاتا پىكىرلەرنى قالدۇرۇپ، ئاخىرىدا خۇلاسە چىقىراتتى. شەرىئەت مەسىلىسىدىن بىرەرسى ئۈستىدە مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن يەكۈن چىقارغاندا، ھېچقانداق نوقسان ۋە كاۋاك قالدۇرمايتتى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى فىقھە ئىلمى جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلار ۋە كۆزگە كۆرۈنگەنلەردىن ئىدى. كىشىلەر ئىبنى جەراھە (ئىمام شافىئىي ۋە ئىمام بۇخارىنىڭ ئۇستازى) گە: « ئەبۇ ھەنىفە پالانى ئىشقا خاتا ھۆكۇم قىلىپ قويدى » دىگەندە، ئىبنى جەراھە جاۋاپ بېرىپ: « ئەبۇ ھەنىفە قانداقسىگە خاتا ھۆكۇم قىلىپ قويىدۇ؟ ئۇنىڭ قىياس، ئىجتىھاد جەھەتتە ئەبۇ يۈسۈپ، مۇھەممەد بىننى ھەسەن شەيبانى، زۇفەيرگە؛ ھەدىس ۋە باشقا ئىلىم جەھەتتە يەھيا ئىبنى زەكەرىييا، ھافىز ئىبنى ئەيس، جۈدەيل ئەلىغا؛ ئىلمى سەرف، ئىلمى نەھۋى ۋە ئىلمى بالاغەت جەھەتتە جاسىم ئىبنى مەرىن، مەسئۇدقا؛ « قۇرئان كەرىم » تەپسىرى ۋە تارىخشۇناسلىق جەھەتتە داۋۇد دائى، فازىل ئىياد، ئابدۇللا ئىبنى مۇبارەككە ئوخشاش بىلىملىك شاگىرتلىرى تۇرسا، ئەبۇ ھەنىفە ئاشۇلار بىلەن بىللە تۇرسا قانداقسىگە خاتا ھۆكۇم قىلىدۇ؟ ئەگەر ئۇ مەلۇم جەھەتتە كەتكۈزۈپ قويسا، ئۇنىڭ ئاشۇ شاگىرتلىرى ئۇنى تۈزىتىدۇ » دېگەن.
       ئۇ ئىلىم- ئىجتىھات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە تىجارەت قىلىشنىمۇ تاشلىمىغان. ئۇ ئىلىمدا ئۆلىمالارغا ئۈلگە بولغىنىدەك، تىجارەتتىمۇ تىجارەتچىلەرگە ئۈلگە ئىدى. ئۇ تىجارەتتە تۆۋەندىكى تۆت خىل سۈپەت بىلەن سۈپەتلىنەتتى.
1 ـ ئۇنىڭ كۆزى توق ، تاماخورلۇقتىن يىراق ئىدى .
2 ـ ناھايىتى ئامانەتدار ئىدى.
3 ـ ئەپۇچان ئىدى. ﷲ تائالا ئۇنى ئىچى تارلىقتىن ساقلىغان ئىدى.
4 ـ ئۇ دىنىنى ناھايىتى چىڭ ساقلايتتى ھەم قاتتىق ئىبادەتگۇي ئىدى. ئۇ كۈندۈزى روزا تۇتاتتى، كېچىسى ناماز ئوقۇيتتى.
كۆپىنچە كىشىلەر تىجارەتتىكى سۈپەتلىرىدە، ئۇنى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشىتاتتى.
بىر كۈنى بىر ئايال ئىمام ئەبۇ ھەنىفىگە بىر يىپەك كىيىم ئېلىپ كەلدى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە:
ـ بۇنى قانچىگە ساتىسىز؟ دېدى. ئۇ خوتۇن:
ـ يۈز دەرھەمگە، دېدى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە:
ـ بۇ يۈزدىن جىق پۇلغا يارايدۇ، قانچىگە ساتىسىز؟ دېدى. ئۇ ئايال يەنە يۈزنى قوشتى، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە:
ـ يەنىلا ئەرزان بولۇپ قالدى، دەۋەردى، ھەتتا ئۇ كېيىمنىڭ باھاسى  تۆت يۈزگە چىقىۋىدى، ھېلىقى ئايال:
ـ مېنى مازاق قىلىۋاتامسىز؟ دەپ خاپا بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئىمام ئەبۇ ھەنىفە:
ـ سىز بىر ئادەم ئېلىپ كېلىڭ، باھا قويۇپ بەرسۇن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم كېلىپ باھا قويۇپ بەردى.
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئۇ كىيمنى بەش يۈزگە ئالدى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە مانا مۇشۇنداق ئېسىل ئەخلاقلىق بولۇپ، ھەرگىزمۇ  باشقىلارنىڭ بىخوتلىقىدىن پايدىلىنىۋالمايتتى. يەنە كېلىپ ئەگەر خېرىدار ئاجىزياكى دوستى بولسا پايدا ئالمايتتى، بەزىدە تېخى ئالغان پايدىسىنىمۇ قوشۇپ بېرەتتى.
بىر قېتىم بىر ئايال ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ قېشىغا كېلىپ:
ـ مەن بىر ئاجىز خوتۇن، سەن بولساڭ بىر ئىشەنچلىك ئادەمسەن، ماڭا بۇ كىيىمنى ئىزىغا بەرگىن ـ دېدى.
ـ بۇنى تۆت دەرھەمگە ئېلىڭ ـ  دېدى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە.
ـ مەن بىر قېرى ئايالمەن، مېنى مازاق قىلماڭ، دېدى ئۇ ئايال.
ـ مەن ئەسلىدە ئىككى كىيىم ئالغان ئىدىم، بىرىنى ئىككىسىنىڭ پۇلىدىن تۆت دەرھەملا كېمىغا ساتقان ئىدىم، بۇ كىيىم ماڭا تۆت دەرھەمگە قالغان، دېدى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە.
ئۇ يەنە ھەرقانداق شەكلىك نەرسىدىن ناھايىتى ھەزەر ئەيلەيتتى.
بىر قېتىم ئىمام ئەبۇھەنىفە بىر مالنىڭ ئەيىبىنىڭ بارلىقىنى، ساتقىچە چوقۇم خېرىدارغا بىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى شېرىكىگە ئېيتىپتۇ، شېرىكى مالنى ساتقىچە ئۇنى ئۇنتۇپ قېلىپ ئەيىبىنى دىمەستىنلا سېتىۋىتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ مالنى ئالغان ئادەمنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيدىكەن، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بۇ ئەھۋالنى بىلىپ شۇ مالنىڭ پۇلىنىڭ ھەممىسىنى سەدىقە قىلىۋېتىپتۇ.
شۇنداق بولسىمۇ، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ﷲ نىڭ بەرىكەت بېرىشى بىلەن ناھايىتى كۆپ پايدا ئالاتتى. ئۇ مال- دۇنياسىنى ئۇستازلىرىغا، شاگىرتلىرىغا ۋە ھەدىسشۇناسلارغا بېرىپ: ”ئۆز ھاجەتلىرىڭلارغا ئىشلىتىڭلار، ﷲ تائالادىن باشقىغا رەھمەت ئېيتماڭلار. چۈنكى، مەن ئۆزۈمنىڭ مېلىمنى بەرمىدىم، پەقەت، بۇ ﷲ تائالانىڭ سىلەرگە قىلغان پەزلى ـ مەرھەمىتىدۇر“ دەيتتى.
ئەبۇ ھەنىفە ئىلىم جەھەتتە بەكمۇ ئەستايىدىل ۋە بەكمۇ كەمتەر ئىدى. مەسىلە ئۈستىدە ئويلانغاندا، ھەرگىز ئۇنىڭ كۆرۈنۈشىگە قاراپ توختاپ قالماي، ئۇ مەسىلىنىڭ يۈز بەرگەن مۇھىتى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىنتايىن ئىتىبار بىلەن قارايتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ پىكرىنى ھېچقاچان باشقىلارغا تاڭمايتتى. ئۆزى چىقارغان خولاسە ياكى ھۆكۇمنى ھەرگىزمۇ « چوقۇم مۇشۇ توغرا » دەپ تۇرۇۋالمايتتى. ئۇ ھەمىشە: « بىزنىڭ تەلىماتىمىز بىز ئەڭ توغرا دەپ قارىغان بىر خىل پىكىردىنلا ئىبارەت، ئەگەر باشقىلار ئۇنىڭدىنمۇ توغرا پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويسا، بىز ئۇنى قوبۇل قىلىمىز دەيتتى ».
ئەبۇ ھەنىفە مۇنداق دەيدۇ: « شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تۇرغۇزۇشتا مەن ئالدى بىلەن « قۇرئان كەرىم » دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلىنىمەن، ئەگەر بۇ بەلگىلىمىلەردىن مۇناسىپ كىلىدىغانلىرىنى تاپالمىسام، ھەدىسلەر ئىچىدىن تاللايمەن. ئەگەر « قۇرئان كەرىم » دىنمۇ ۋە ھەدىستىنمۇ ئاساس تاپالمىسام، ساھابىلەرنىڭ تەشەببۇسلىرىنى قوبۇل قىلىمەن ».
ئەبۇ ھەنىفە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ھۆكۇمرانلارنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تۇرغۇزۇشقا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرغان. چىرىكلەشكەن ھۆكۇمەت باشلىقى بىلەن بىر ئېقىمدا بۇلغىنىشنى خالىمىغان. ئۇ شەرىئەتنىڭ پاكلىقى ۋە شەنىنى قوغدىغانلىقى ئۈچۈن كەينى- كەينىدىن زىيانكەشلىككە ئۈچرىغان. ئۇ كۈفەگە قازى بۇلۇشقا ئۇنىمىغاندا، كۇفەنىڭ ۋالىيسى ئۆمەر ئىبنى خەبىر ئۇنى ماقۇل بۇلۇشقا مەجبۇرلاپ، بولمىسا زىندانغا تاشلايمەن دەپ تەھدىت سالغان. بەزىلەر ئۇنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن باش ئىگىشكە ئۈندىگەندە، ئۇ: « ئۇنىڭ ماڭا بۇ دۇنيادا بىرىدىغان زەربىسى مىنىڭ بۇ دۇنيادا سادىر قىلىپ قويۇپ ئاخىرەتتە جاۋاپ قىلىدىغان گۇناھىمغا قارىغاندا يېنىك، ﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مىنىڭ كاللامنى ئالسىمۇ ھەرگىز بۇ ئىشقا ماقۇل بولمايمەن » دىگەن.
ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ ئىككىنچى خەلىپىسى ئەبۇ جەئفەر (707-775) سىياسىي جەھەتتە زالىم، ئىستبدات بولسىمۇ، لىكىن ئىلىم جەھەتتە كەڭ قۇرساق ئىدى. ئۇ ئەبۇ ھەنىفەنى باغداتقا قازى بۇلۇشقا قايتا- قايتا تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، ئەبۇ ھەنىفە؛ « مەن بۇ ئىشنى قىلىشقا ئاجىزلىق قىلىمەن » دەپ جاۋاپ بەرگەن. خەلىفە بۇ گەپنى ئاڭلاپ: « يالغان ئېيتىۋاتىسىز، سىز بۇنى پۈتۈنلەي قىلالايسىز » دىگەندە، ئەبۇ ھەنىفە: « سىز ئۆزىڭىز ھۆكۇم چىقىرىپ بولدىڭىز، سىز يالغان سۆزلەيدىغان بىر قازىغا قانداقمۇ ئىشىنىسىز؟ » دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئۇيالغىنىدىن ئاچچىقلانغان خەلىپە ئۇنى زىندانغا تاشلاپ قاتتىق ئازاپلىغان. كىيىن بىر مەزگىل ئۇنى زىنداندىن چىقارغان ھەمدە ئۇنىڭدىن بەزى شەرىئەت مەسىلىلىرى ئۈستىدە ھۆكۇم چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان، لىكىن ئەبۇ ھەنىفە بۇنى رەت قىلغانلىقتىن يەنە زىندانغا تاشلىنىپ، زىنداندا ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئەبۇ ھەنىفە ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن، ئۇنىڭ ۋەسىيىتى بۇيىچە، كىشىلەر ئۇنى كەزىلانغا دەپنە قىلغان. ئۆزىنىڭ قىلغىنىغا قاتتىق پۇشايمان قىلغان خەلىپە ئۇنىڭ قەبرىسى ئالدىدا ئۇزاق ۋاقىت تۇرۇپ دۇئا قىلغان ۋە چىن قەلبىدىن: « مەن قانداق قىلسام سىزنىڭ ئىككى ئالەمدە ئەپۇ قىلىشىڭىزغا ئىرىشەرمەن » دىگەن.
ئەبۇ ھەنىفەنىڭ نامىزى ئالتە قېتىم چۈشۈرۈلگەن. ئىلگىرى- كىيىن بۇلۇپ مۇسۇلمانلاردىن 50 مىڭچە كىشى ئۇنىڭ نامىزىغا داخىل بولغان.
مەنبە: ھىدايەت گۈلزارى

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12046
توردىكى ۋاقتى: 4345
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-19 23:18:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توت مەزھەپ ئىماملىرىدىن ئىمام مالىك  ئىسلام دىنى زورلاش ئارقىلىق دىنغا كىرگۇزمەيدۇ دىگەن سۆزى مەەىنە ۋالىسغا ياقماي قامچا بىلەن ئۇرۇپ قولىنى سۇندۇرىۋەتكەن،

ئىمام ئەھمەت  ھەنبىلى  قۇرئان پىتنسىىدە سۇننەتتە چىڭ تۇرغانلىق سەۋەبى بىلەن زىنداندا ياتقان ۋە كۆپ ئازاپ ئۇقۇبەت چەككەن ،

ئىمام ئەزەم ئابباسىلارنىڭ تۇنجى خانى سەيىت تەرپىدىن باغدات شەھرىنىڭ قازى قۇززاتلىقىغا تەينلەنگەندە رەت قىلىنغانلىغى ئۇچۇن زىندانغا تاشلانغان ،ھىساپسىز تاياق يەپ زىنداندا سەجدىگە باش قويغان ھالەتتە  جان تەسلىم قىلغان (ئاللاھ رازى بولسۇن ھەم رازى قىلسۇن ئامىن) بەزى مەنبەلەر دە زىنداندا زەھەرلەپ ئۆلتۇرلگەن دىگۇچىلەرمۇ باركەن ،

كۆرۇڭكى ھەقىقەتنى چىشى بىلەن چىشلىگەن ئۆلىمالىرىمىز مانا مۇشۇنداق قاتتىق كۇنلەرنى باشتىن كەچۇرگەن ، ئۇلارنىڭ  تەن جازاسىغا ھەتتا جېنغا تاقالغان ئازاپقا بەرداشلىق بىرىشى نىمە دىگەن ئۇلۇغۋار پەزىلەت ھە
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )