ئۈمۈدىڭ قەيەردە يۈكسەلسە، مۆجىزىلەر شۇ يەردە چىچەكلەيدۇ
(ھەبىبۇللا ئابلىمىت)
ئۈمۈد ئىنسانلارنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغۇتىدۇ !
( ئارىستوتىل)
2015-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىجدىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ، تەكلىماكان چۆللىگىنىڭ ئەڭ يېراق ئۇچۇدىكى بىر كەنتتە ياشاۋاتقان، ئۇيغۇر ئۆسمۇرلىرىنىڭ ئاجايىپ ئېسىل خېياللىرى ۋە پۇتبولدىن ئىبارەت بۇ تەنتەربىيە تۈرىگە بولغان چەكسىز قىزغىنلىغىنى تەسىرلىك قىلىپ ھېكايە قىلغان، 9مىنۇت 46 سىكىنۇلۇق مىكرو فىلىم تارقالغان ئىكەن. بۇ فىلىمنىڭ كۆرۇش قىتىم سانى 100 مىليونغا يېتىپتۇ. مەن ۋە قىزىم بۇ فىلىمنى ناھايىتى قىزىقىش بىلەن كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزەمدە دەرھال قوزغالغان ھېس-تۇيغۇلېرىمنى، قولۇمغا قەلەم ئېلىپ يېزىشقا باشلىدىم.
بۇ فىلىم پوتبول مەستانىسى ئۇيغۇر بالىسىنىڭ ئاغزىدىن چىققان مۇنۇ جۇملىلىرى ئارقىلىق باشلىنىدۇ: „ مەن بىر سېرلىق قۇملۇقتا تۇرىمەن، بۇ يەردىكى قۇملۇقلاردا قوناق ۋە ھەر-تۈرلۇك مىۋە-چىۋىلەر ئۆسىدۇ. قۇملۇقتىن ئارزۇ-ئارمانلىرىممۇ ئۆسۇپ چىقامدۇ؟ „مىنىڭچە „ئۆسۇپ چىقىدۇ!“
بۇ ھايات ئىنسانلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلارىغا يېتىش ئۈچۈن جاپالىق كۈرەش قىلىش بىلەن ئۆتىدۇ. بۇنداق ھايات ناھايىتى مەنىلىك ھايات بولۇپ، ھەر-بىر كۈنىڭىز ئۇمۇد بىلەن تولغان بولىدۇ. ئاشۇ دۇنيادىن يېراق قۇملۇقتىكى ئۇيغۇر باللىرىدەك قەلبىمىزنى چەكسىز ئۈمۈدلەر بىلەن دولدۇرساقلا، ئاندىن ئەقلىمىز ئاشۇ ئۈمۈد ىمىزنىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ. بۇ ھاياتتا ئىنساننى داۋاملىق تىك تۇتىدىغان نەرسىلەرنىڭ بىرى ئۈمۈد ئىكەنلىگىنى بىلىشىمىز لازىم.
ئۈمۈدىڭىز نەردە يۇكسەلسە، مۆجۇزىلەرنىڭ شۇ يەردە چىچەكلىشىگە چىن دىلىمىز بىلەن ئىشىنىشىمىز لازىم. بىر كۈنلەردە ھېچ ھېيالىڭىزغا كەلمىگەن بىر چاغدا ئاشۇ سىز ئارزۇ قىلغان ئۇمۇدلىرىڭىز بىر-بىرلەپ رېياللىققا ئايلىنىشى مۇمكىن. فىلىمدىكى باش پەرسوناج ئۇيغۇر بالىسى توپ مەيدانىدا ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئەسلەيدۇ:
„ ئاپام بىزنى داۋاملىق تۆگىلەرگە ئوخشىتىدۇ، چۈنكى بىز ھەرقانداق ئاپتاپقا چىدالايمىز، بىز گەرچە داۋاملىق تېز يۇگرەلمىسەكمۇ، ئەمما چوقۇم ناھايىتى ئۇزاقلارغا چىدالايمىز، پەقەت داۋاملىق يۇگرىسەكلا ھامان بىر كۈنى قۇملۇقتىن يۇگرەپ چىقىپ كېتەلەيمىز ! “
توغرا بۇ ھاياتتا ئاستا بولسىمى داۋاملىق ئۆز نىشانىغا قاراپ يۇگرىسىلا، چۇقۇم بىر كۈنى پەللىگە يەتكىنى بولىدۇ. ئەگەر سىز كۈچلۇك بولۇپ، بۇ ھاياتتا ئاشۇ ئۇيغۇر باللىرىدەك ياشاشنى ئۈگەڭەن چېغىزدا، بۇ ھاياتنىڭ رەڭمۇ-رەڭ گۈللەر بىلەن پۇركەن´گەن بىر ھايات ئىكەنلىگىنى، ھاياتنىڭ چوڭقۇر مەناسى بىلەن تونۇپ يېتىسىز. شۇنداقلا ئۆزىڭىزنى بېسىۋالغان پۈتۈن غەم-قايغۇلارنىڭ كۇشەندىسىدىن قۇتۇلۇپ، „ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرۋاتىمىز“ دىگەندەك ئىنساننى ئۇمۇدسىزلىككە چۇشۇردىغان، بۇ ھاياتنى ئۆزىڭىزگە زەھەر قىلىدىغان سۆزلەردىن خالى بولۇپ ياشاشنى ئۈگۈنىشىمىز لازىم.
بىزلەرنىڭ ئەڭ جاپالىق كۈنلىرىمىزدە ، رۇھىمىز ئەڭ چۇشكۇنلەشكەن چاغلاردا ، كۆزلىرىمىز ھەسرەت ياشلىرى بىلەن تولغاندا، بىزنى قۇتۇلدۇرىگىغان يەنىلا شۇ ئۇمۇد.
فىلىمدە مۇداق بىر سۆز مۇئالىمنىڭ ئاغزىدىن چىقىدۇ: “ ئۆزىمىز يېقىلغان يېرىمىزدىن قانداق قوپۇشنى بىلسەكلا، ھېچقانداق ئىش تەسكە توختىمايدۇ ! „
بۇ ھاياتتا ئىنسان بەزىدە مەغلۇبىيەتلەرگە ئۇچرىشى مۇمكىن، ئەمما مۇنداق چاغدا ھەرگىز مەيۇسلەنمەي داۋاملىق ھاياتقا ئۇمۇد بىلەن قاراشنى ئۈگۇنىشىمىز كىرەك.
پەيلەسوپ ئارىستوتەلەس مۇنداق دىگەن ئىكەن:“ بىر بۇلۇت بىلەن قىش بولمايدۇ، بىر چىچەك بىلەن ياز كەلمەيدۇ“
بەختىمىزنى قانداقتۇ ئۆتۇپ كەتكەن چاغلاردىن ئىزدەپ، خېيال دېڭىزىغا پاتماستىن بەلكى بۈگۈن ۋە ئەرتىدىكى رېيال دۇنيادىن ئىزدەشنى بىلىشىمىز لازىم. ھاياتتا بەخىتنىڭ ئەجىرسىز كەلمەيدىغانلىغىنى ئەقلىمىزدىن چىقارماسلىق لازىم. ھەر كۈن ئويغانغان ۋاختىمىزدا ، بۇ كۈننىڭ قىممىتىنى بىلىپ، كۆزلىرىمىز بىلەن كۆرگەنلىرىمىزنى، كۆڭۇللىرىمىزگە چىرالىق قوبۇل قىلدۇرىشىمىز كېرەك.
فىلىمدە تەكلىماكان چۆلىگىدىن كەلگەن بالىلار بولسا ئۈرۇمچىدىكى بالىلارغا 2:1 ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ، بۇ چاغدا ئۇيغۇر بالىسى مۇنداق دەيدۇ:“ پوتبول ئويناش دۇنيادىكى ئەڭ كۆڭۇللۇك ئىش، گەرچە بىز يېڭىلگەن بولساقمۇ، بىزگە يەنىلا چاۋاك چالىدىغان ئادەملەر بار ! „
ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۇمۇدىمىزنى قەت´ئى يوقاتماسلىغىمىز، ھاياتتىكى گۈزەل نەرسىلەرنى باشتا قوبۇل قىلىشنى ئۈگۈنىۋىلىشىمىز كىرەك. مۇشۇنداق بولغاندىلا ھەرقانداق بىر قىيىن ئىشنىڭ چوقۇم بىر ھەل قىلىش ئۇسۇلى تىپىپ چىقالايمىز، ئەقلىمىزنى ئۇمۇدىمىز ئۈچۈن تولۇق خىزمەت قىلدۇرالايمىز.
ھەر كۈنى سەھەردە ئويغانغان ۋاختىمىزدا، بۇ كۈننىڭ قىممىتىنى بىلىپ، كۆزىمىز بىلەن كۆرگەنلىرىمىزنى، كۆڭلىمكىزگە چىرايلىق قوبۇل قىلدۇرالىساق ، ھاياتنىڭ قانچىلىك گۈزەللىگىنى ئاندىن ھېس قىلىمىز.
بۇ دۇنيادىكى كۆڭۇلسىزلىكلەردىن، جاپالاردىن ھېچ قۇتۇلالمايدىغاندەك بىر تۇيغۇدا بولساق ، ھەر-بىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا ، بۇ ھاياتتىن قاقشىساق، رېياللىقنى ياخشىلىق تەرىپىدىن قوبۇل قىلمىساق، ھايتىمىزدا ئەڭ چوڭ خاتالىقنى سادىر قىلغان بولىمىز. بەزىلىرىمىز مۇنداق چاغلاردا قاتتىق رۇھې چۇشكۇنلۇككە ئۇچرايمىز، بۇ چۇشكۇنلۇكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بەزىلىرىمىز ھەر-ھىل بولمۇغۇر „قىمار“ ئويۇنلىرىغا ئۆزىمىزنى ئالدۇرۇپ قويۇمىز ۋە بەزى ناچار ئىللەتلەرنى ئۆزىمىزگە يۇقتۇرۇپ، ئۆزىمىزنى نابۇت قىلىپلا قالماي بەلكى بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۆز ئەتراپىمىزنى قورشاپ تۇرغان گۈلزارلىقنىمۇ پىتىغلايمىز. مانا بۇنداق ئۆز-ئۆزىنى چۇشكۇنلەشتۇرۇش ئىنساننىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ قاباھەتتۇر.
شۇڭا داۋاملىق گۈزەل نەرسىلەرنى ھىيال قىلىپ، شۇ گۈزەللىك ئۈچۈن ئالغا بېسىشىمىز، ئۇمۇدىمىزنى داۋاملىق يۇكسەك تۇتساق، ئۆز مەخسەتلىرىمىزدىن ھەرۋاقىت قەت´ئى ۋاز كەچمىسەك ، چوقۇم بىر كۈنى ئۆز تەغدىرىمىزنى ئۆزگەرتىدىغان مۆجۇزە يۇز بىرىدۇ. بۇنىڭغا چوقۇم چىن دېلىمىز بىلەن ئىشىشىمىز كىرەك، چۈنكى بۇ ھەرگىز تەسادىبىلىق بولماستىن بەلكى يۇتتۇرۇپ قويغان نەرسىلىرىمىزنىڭ قايتا قولۇمىزغا كېلىشىدۇر ئەسلىدە،
بىر كۈننى سۆيسەڭ ئارزۇ قىلغان نەرسىلرىڭ ئۈچۈن بىر كۈن ھەسسە قوشقان بولىسەن. بىر كۈننى سۆيسەڭ شۇ كۈندە رۇھىڭ ئاجايىپ يۇكسىلىپ، ئېچ دۇنيارىڭ قانچىلىك چىرايلىق ئىكەنلىگىنى شۇ چاغدا ھېس قىلىسەن. بۇ ھاياتقا مۇھەمبەت بىلەن قارىساڭ ئۆزەڭنىڭ شۇنچىلىك بىر ئېسىل يۇرەككە ئىگە ئىكەنلىگىڭنى ئاندىن تۇيۇسەن. شۇڭا بۇ گۈزەل ھايات ئىنساننىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى، ئۇمۇدلىرى بىلەن زەننەتلەڭەن.
ھاياتنىڭ ئۆزى بىر تاللاشتىن ئىبارەت بولۇپ، ھەرۋاقىت بىر تاللاش يولى باردۇر، ئاساسى مەسىلە بىزنىڭ قانداق تالىشىمىزدا. بىز ھەرۋاقىت ھاياتقا ئۇمۇد بىلەن توغارا مۇئامىلىدە بولۇشنى تاللالىساق ، ھاياتمۇ بىزنى تەسىرلەندۇرىدىغان مۆجىزىلەرنى يارىتىدۇ.
ئۇمۇد بولسا ئىنسان رۇھىنىڭ ئېنەرگىيە مەمبەسى بولۇپ، ئۇمۇد بولمىسا ئىنسان ئارزۇ قىلغان نەرسىمۇ قولغا كەلمەيدۇ.
سىز ئۆزىڭىزنى بىر گۈلگە ئوخشاتسىڭىز، ئۇ گۈلگە ۋاختى-ۋاختىدا سۇ قۇيۇپ تۇرۇش كىرەك، ئۇ گۈلنى كۈن چۇشىدىغان يەردە پەرۋىش قىلىش كىرەك، يوپۇرماقلىرىنى داۋاملىق ھاشارەتلەردىن قوغداپ تۇرۇش كىرەك، مۇشۇلارغا كاپالەتلىك قىلغاندىلا ئاندىن ئۇ گۈلنىڭ ئاستا-ئاستا ئۆسۇشىگە، چىرايلىق ئىچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىنى بولىدۇ. ئەگەر سىز گۈلگە سۇ قۇيماي، قاراڭغۇ يەرگە قويۇپ قويۇپ، ياخشى پەرۋىش قىلمىسىڭىز ئۇ چىرايلىق گۈل ئۆلۇپ قالمىدى دىگەندىمۇ ھەممە يېرىنى ھاشارەت قاپلىغان بىر دۆۋە يىرگىنىشلىق ئوت-چۆپكە ئايلىنىدۇ. ئىنسانلارمۇ ئاشۇ گۈلگە ئوخشايدۇ پەقەت بىرلا پەرقى ئىنسانلار ئۆزىنىڭ تاشلاش يولىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ. ئۆزىڭىز نىمە بولىدىغانلىغىزنى كۆپ ۋاقىتلاردا ئۆزىڭىزلا بەلگىلەيسىز. شۇڭا ئىنسانلارمۇ داۋاملىق ئۆزىنى ياشى پەرۋىش قىلىشنى بىلىشى لازىم. رۇھىمىزنى داۋاملىق ئۇمۇدنىڭ نۈرى بىلەن يورۇتۇپ، ئەقىلنىڭ سۇيى بىلەن سۇغۇرۇپ، ئاس-ئاستا سەبرە بىلەن پەرۋىش قىلىشىمىز كىرەك.
بىز ھەر ۋاقىت گۈزەل نەرسىلەرنى ئارزۇ قىلىپ، بۇ ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرنى كاللىمىزدا جانلاندۇرساق، دەرھال زىھنىمىزدا بىر نىشان، مەخسەت تۇغۇلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاشۇ مەخسەتنى بويلاپ تىرىشىمىز. شۇڭا بىز ئۆزىمىزدىكى بۇ يوشۇرۇن قۇۋەتنى بىر نەرسىلەرنى ئۇمۇد قىلىش ئارقىلىق قوزغىتالايمىز. كۆپ ۋاقىتلاردا بۇنداق يوشۇرۇن قۇۋەتنى قوزغاتقۇچى ئامىل سەن´ئەت بولىدۇ. پوتبول ئويناشنىڭ ئۆزىمۇ بىر سەن´ئەتتۇر. پوتبولنى ئىنسان ئۆزىنىڭ جىزمانى قۇۋىتى بىلەن ئوينىغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىدىن ئېيتقاندا ئۇنى يۇقۇرى سەن´ئەت بىلەن ئوينىتىدىغان يەنىلا ئىنساننىڭ رۇھى قۇۋىتىدۇر. پوتبولچىلار جەڭگىۋار بىر روھقا ئىگە ئىنسانلاردۇر. شۇڭا پوتبول ئوينىغان بالىلارنىڭ ئۇمۇدلىرى يۇكسەك بولىدۇ، خۇندى بۇنداق بالىلار بالزاك ئۆز ھاسىسىغا „ مەن ھاياتىمدىكى ھەر-بىر توسالغۇنى بىتچىدە قىلىپ ماڭدىم“ دەپ يېزىۋالغىنىدەك، ئاشۇ تەكلىماكان چۆلىگىدىكى ئۇيغۇر باللىرىمۇ ئۆز قەلبىگە :“ سىرلىق قۇملۇقتىن قوناق ۋە باشقا مىۋىلەر ئۆسكەندەك، مىنىڭ
ئارزۇلىرىم ھامان بىر كۈنى ئۆسۇپ چىقىدۇ“ دەپ پۇككەن ئىكەن. شۇڭا بۇ خىل رۇھنى ھەر بىرلىرىمىز ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىشقا مەجبۇرمىز.
بۇ ھايات بىزگە گۈل ئۆستۇرۇش ئۈچۈن بىرىلگەن، شۇڭا ھاياتىمىزنى پىتىغلىمايلى. پىتىغلانغان يەردە گۈل ئۆسمەيدۇ. ھاياتلىق بولسا ئۇلۇغ
تەڭرى تەرىپىدىن ھەر ئىنسانغا بىرىلگەن ئەڭ قىممەتلىك سوغا، ئۇنىڭدىن مىننەتدارلىق ھېسياتقا باي يۇرەك ئارقىلق ھوزۇرلىنىشقا ھەممىمىز ھەقلىق. ھوزۇرلۇنۇش بولمىغان ھايات مەنىسىز ھايات بولۇپ، ئۇنى مۇكەممەل بىر كېشلىك ھايات دىگىلى بولمايدۇ. ھاياتقا ئۇمۇد بىلەن قاراش ئېڭى ئاجىز ئىنسانلار خوشاللىنىشتىن، ھوزۇرلىنىشتىن مەھرۇم قالىدۇ..
بۇ دۇنيادا بەخىتلىك ياشاشنىڭ سەۋەبى ، ھاياتتىكى ياشاش شەكلى ئەمەس، بەلكى بۇ ھاياتقا قانداق كۆز بىلەن قاراشتا. بۇ ھاياتتىكى كۆڭۇلسىزلىكلەرنىڭ كۆپى ئۆزىمىزنىڭ قۇياشنىڭ ئالدىدا تۇرمىغانلىغىمزدىن بولغان. ئۇلۇغ تەڭرى بىزنى ھايۋانلاردىن پەرىقلىق قىلىپ، تىك تۇرۇپ ماغىدىغان قىلىپ ياراتقان بولسىمۇ، بەزى ئىنسانلار ئۆز ئۇمۇدلىرىنى يوقۇتۇش سەۋەبىدىن، تىك تۇرۇپ ياشاش ئالاھىدىلىگىنى ئىشلەتمەي، ھايۋانلاردەك ئېگىلىپ ياشايدۇ.
شۇڭا مەن „بىز" دەپ قۇرغان جۇملىرىم ئىچىدە داۋاملىق ئاشۇ ئۇمۇدكە تولغان بالىلارنىڭ قەلبىدەك، ئۇمۇدۇكە تولغان پاك قەلبلىك كېشىلەرنىڭ بولۇشىنى ئۇمۇد قىلىمەن!
ئالبېرىت ئىنىشتىيىن:
ھەرگىز ساڭا، "سەن كالۋا نىمەكەنسەن" دىگەنلەرگە كۆڭۇل بۆلمە؛
مېنىمۇ "كالۋا" دىگەن ئىدى، ئەمما مەن ئاتومنى پارچىلاپ، ئۇلارنىڭ قولىغا تۇتقازدۇم.
13. 09 .2015
گېرمانىيە
|