جۇڭگو ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى نېمىشقا ياۋروپادا كېرەكسىز تۆمۈر قاتارىدا سېتىۋېتىلىدۇ
چېن گۇاڭۋېن
نۇرجاھان تەرجىمىسى
شەرقىي ياۋروپا دۆلىتى ئالبانىيە سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگودا ياسالغان 40 دانە ھەربىي ئايروپىلاننى سېتىۋېتىشكە تەييارلاندى. ئەنگلىيە BBC تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 يىللىرى، ئەينى چاغدا كومپارتىيە دۆلىتى بولغان ئالبانىيە سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگو ياسىغان ھەربىي ئايروپىلاننى ئىشلەتكەن. كېيىن ئالبانىيە دېموكراتىيە يولىغا مېڭىپ، 2009-يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرگەن، ئىلغار قوراللارنى ئىمپورت قىلىشقا باشلىغان، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگونىڭ ھەربىي ئايروپىلانلىرىنى ئىشلەتمەس بولغان. ئالبانىيە 2-ئاينىڭ 22-كۈنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشقا تەييارلاندى، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگودا ئىشلەپچقىرىلغان 40 دانە ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلاننى كىمئارتۇق قىلىپ ساتىدۇ، باشلىنىش باھاسى 8572 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 56 مىڭ يۈەن). ئالبانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى دېيىشىچە، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ئىتالىيەلىكلەر بۇ كونا ھەربىي ئايروپىلانلارغا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئالبانىيە نېمە دېگەن تونۇش ئىسىم، بۇرۇن جۇڭگونىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى ئىدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى، جۇڭگو-ئالبانىيە دوستلۇقى ھەرقانداق دۆلەتتىن ئېشىپ كەتتى، ئىككى دۆلەتنىڭ «يولداش قېرىنداشلىق» ئىتتىپاقى ئىككى دۆلەت خەلقىنى بىر-بىرىگە ئىنتايىن تونۇش قىلىۋەتكەن، تارىخ ئىككى دۆلەتنىڭ شۇ مەزگىلدىكى تارىختىن كۆرۈلۈپ باقمىغان قىتئە ھالقىغان دوستلىقىغا شاھىت بولغان. ئىگىلىنىشچە، جۇڭگو-ئالبانىيە دوستلۇقى مەزگىلىدە جۇڭگو ئالبانىيەنىڭ ھەرقانداق تەلىپىنى قانائەتلەندۈرگەن، ئۆزىنىڭ پۇلى قالمىغاندىمۇ ئالبانىيەنىڭ ياردەم ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلغان. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، 1954-يىلدىن باشلاپ جۇڭگو ئالبانىيەگە تەمىنلىگەن ئىقتىساد، ھەربىي ياردەم خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 10 مىليارد يۈەنگە يەتكەن، ئەينى چاغدا ئالبانىيەنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى ئاران 2 مىليون ئىدى، ئوتتۇرىچە ھەربىر ئادەمگە 4000 يۈەندىن توغرا كېلىدۇ (ئەينى چاغدا جۇڭگولۇقلارنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى 100 يۈەنگە يەتمەيتتى، بەزى يەرلىك دېھقانلار بىر كۈن ئىشلىسە ئاران نەچچە پۇڭ تاپالايتتى). 1978-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو ئالبانىيەدە پولات-تۆمۈر، خىمىيىۋى ئوغۇت، ئىشقار، كىسلاتا ئىشلەش، ئەينەك، مىس پىششىقلاپ ئىشلەش، قەغەز، سۇلياۋ، ھەربىي سانائەت قاتارلىق يېڭى سانائەت تارماقلىرىنى قۇردى، ئېلېكتر كۈچى، كۆمۈر، نېفىت، ماشىنسازلىق، يېنىك سانائەت توقۇلمىچىلىقى، قۇرۇلۇش ماتېرىيالى قاتارلىق سانائەت كارخانىلىرى ۋە ئالاقە، رادىيو، تېلېۋىزىيە قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى قۇردى، جەمئىي 142 قۇرۇلۇش تۈرىنى ئۈستىگە ئالدى. بۇ تۈرلەرنى قۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو ئالدى-كەينى بولۇپ 6 مىڭغا يېقىن مۇتەخەسىس ئەۋەتتى ھەمدە ئالبانىيەگە نەچچە مىڭ غوللۇق تېخنىك خادىم تەربىيەلەپ بەردى. ئومۇملاشتۇرغاندا ئەينى چاغدا، جۇڭگو ئالبانىيەگە قارىتا ھەممىنى تەمىنلىگەن، ئالبانىيەمۇ خاتىرجەم بولۇپ، ھەممىنى قوبۇل قىلغان.
يۇقىرىدا دېيىلگەن ئىقتىساد ۋە قۇرۇلۇش ياردىمىدىن سىرت، خېلى مۇھىم بولغىنى يەنە ئالبانىيەگە قارىتىلغان ھەربىي ياردەمدۇر. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 1961-يىلدىن 1978-يىلغىچە جۇڭگو ئالبانىيەگە بەرگەن ھەربىي ياردەملىرىدىن: ھەر خىل مىلتىق 752 مىڭ تال، ھەر خىل ئوقتىن 1 مىليارد 564 مىليون پاي، تانكا بروۋنىك 890 دانە، زەمبىرەك 11 مىڭ دانە، زەمبرەك ئوقى 8 مىليون 220 مىڭ پاي، ھەر خىل ئايروپىلان 180 دانە، پاراخوت 46 دانە، يەردىن ھاۋاغا ئاتىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىدىن ئىككى يۈرۈش، باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن 224 دانە، تورپېدادىن 196 تال، ئاپتوموبىل 4320 دانە، قاتارلىقلار بار. بۇنىڭدىن سىرت، جۇڭگو ئالبانىيەدەك ياردەمنى قوبۇل قىلغان دۆلەتكە يەنە «تولۇق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت» تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ بۇ ياردەم قوراللىرىنى ئىشلىتىشنى پىششىق ئىگىلىۋېلىشىغا ياردەم بەردى، بەزىدە ھەتتا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئۇلارغا قۇرۇپ بېرىپ، ئۇلارنى ئۆزى ئۆزىنى قامداش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
بىراق، جۇڭگونىڭ بىرىنچى ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئالەمدىن ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئەينى يىلى ئاساسلىقى ئېدىئولوگىيەنى ئالدىن ئويلاشقان دىپلوماتىيە سىياسىتى تەپەككۇرىدىمۇ پەيدىنپەي بۇرۇلۇش بولدى، جۇڭگو ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلىپىدە ھازىر قارىماققا ئەسلا مۇۋاپىق بولمىغان تاشقى ياردەملەرنى كەسكىن توختىتىۋەتتى. كېيىن، سوغاق ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشغا ئەگىشىپ، سىياسىي ئاشقۇن قىلمىشلار ياسالمىلاشتى، نەچچە قېتىم داۋالغۇغان جۇڭگو-ئالبانىيە مۇناسىۋىتى ئادەتتىكى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرىققىسىدە ئەسلىگە كەلدى.
بىراق، نەچچە ئون يىللىق ئومۇميۈزلۈك ياردەم سەۋەبلىك، ئالبانىيەنىڭ جۇڭگونىڭ ئىزلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىشى تەس، بىر قىسىم جۇڭگو ياردەم قىلىپ قۇرغان تۈرلەر يەنىلا ئالبانىيەنىڭ سانائەت تۈۋرۈكى. ئەمما كىشىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى، جۇڭگو بۇرۇن ياردەم قىلىپ بەرگەن قورال-ياراق ئەسلىھەلىرىنىڭ دېرىكىدۇر، چۈنكى بىر ئالقاندەك كىچىك دۆلەت نەچچە ئون يىل جۇغلىغان جۇڭگونىڭ ئىزلىرىنى تولۇق سۈپۈرۈپ تاشلاشقا ئامالسىز. بولۇپمۇ ئالبانىيە سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىن رېئاللىققا قايتىپ كەلدى، پەيدىنپەي دېموكراتىيەلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى ھەمدە 2009-يىلى 4-ئايدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىپ، ش ئا ئە ت نىڭ 28-ئەزاسى بولۇپ قالدى. ئەڭ مۇھىمى ئالبانىيەنىڭ ش ئا ئە ت گە كىرىشى ئەمەلىيەتتە ش ئا ئە ت نىڭ شەرققە كېڭىيىشىنىڭ بىر قىسىمى ھەم ش ئا ئە ت نىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كونتروللىقى دائىرىسىدىكى يەنە بىر دۆلەتنى يۇتۇۋالغانلىقىغا باراۋەر بولۇپ، بۇ كۆپ قىسىم سوۋېت ئىتتىپاقى زېمىنىغا ۋارىسلىق قىلغان رۇسىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا چەكسىز ئازابلىق ئۈمىدسىزلىنىشتۇر.
ش ئا ئە ت گە كىرگەن ئالبانىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە ئىشلىرىغا ش ئا ئە ت مەسئۇل بولىدۇ، ئالبانىيە ئارمىيەسىمۇ بىر قىسىم ش ئا ئە ت دۆلەتلىرىنڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى، ئەمما غەربنىڭ بىر قىسىم ئىلغار قوراللىرىنى سېتىۋالغان بولسىمۇ، ش ئا ئە ت نىڭ ئۇرۇش قىلىشىغا ھەقىقىي ياردەم بېرەلەيدىغان ئىقتىدارى يەنىلا ئىنتايىن چەكلىك. ھەمدە، ئالبانىيە ئارمىيەسىنىڭ كۆپ قىسىم قورال-ياراقلىرىنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگونىڭ ياردىمىدىن كەلگەن، ئەڭ يېقىنقى بىر تۈركۈم قورال-ياراقلىرىمۇ 40 يىل بۇرۇنقى مەھسۇلات، كۆپ قىسىمى كونىراپ كەتكەنلىكتىن پۈتۈنلەي ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى يوقىتىش دەرىجىسىگە بېرىپ قالغان. بۇنىڭدا، ئالبانىيە ئارمىيەسىنىڭ 45 دانە جۇڭگو بەرگەن كونا ئۇرۇش ئايروپىلانى بار (35 دانە قىرغۇچى-6 ۋە 10 دانە قىرغۇچى-7 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى). چۈنكى ئۇزۇن يىل رېمونت قىلىنمىغانلىقتىن ھەممىسى ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى يوقاتتى، 11 دانە يۈن-5 ترانسپورت ئايروپىلانى ۋە 6 دانە جى-5 تىك ئۇچار ئايروپىلانىمۇ ھەم شۇنداق. بىردىنبىر قالغىنى جۇڭگونىڭ «قىزىل بايراق-2» ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان سىستېمىسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى بار، بۇنىڭدىن سىرت، ئالبانىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يەنە تەخمىنەن ئىككى دانە جۇڭگو «شاڭخەي» دەرىجىسىدىكى چارلىغۇچى كېمىسى دېڭىزغا چىقالايدۇ. ئاساسىي جەھەتتىن ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇكى، يۇقىرىدا دېيىلگەن بارلىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگو ياسىغان قورال-ياراقلار يېقىنقى 1~2 يىل ئىچىدە تامامەن چېكىندۈرۈلىدۇ، ئالبانىيە ئارمىيەسىمۇ شۇنىڭدىن باشلاپ غەرب قورال-ياراقلىرى بىلەن قوراللانغان دەۋرگە كىرىدۇ.
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاساسىي جەھەتتىن نەزەرىيە جەھەتتىكى قاراش ھەم ئۇ قورال-ياراقلار جۇڭگو ياردەم قىلىپ كولاپ بەرگەن ئۆڭكۈرلەردە ساقلانماقتا، مۇبادا ئامباردىن چىقسىمۇ كېرەكسىز تۆمۈر قىلىنىدۇ. ھەمدە، بۇ قورال-ياراق ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل، ئۇلارنى ئاسراشنى بىلىدىغان ئارقا سەپ خادىملىرىمۇ بۇرۇنلا كەتكەن، ئاسراش ھەققىمۇ بارغانسېرى يۇقىرىلاپ كەتكەن بولغاچقا، ئەمەلىيەتتە ئەمدى ئاسراشنىڭ ھاجىتى قالمىغان ئىدى.شۇڭا، ئالبانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئۇلارنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشنى قارار قىلغان، ئەلۋەتتە بۇلارنى داۋاملىق قورال-ياراق قاتارىدا ئىشلەتمەيدۇ، بەلكى ئۇلارنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قورال-ياراق ھەۋەسكارلىرىنىڭ يىغىپ ساقلايدىغان نەرسىلىرى بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى كۆپلىگەن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە، بىر قىسىم قورال-ياراق ھەۋەسكارلىرى دەسلەپكى سوۋېت ئىتتىپاقى قوراللىرى ۋە جۇڭگو قوراللىرىغا ناھايىتى قىزىقىدۇ، كۆپ پۇل كەتمىگەن ئەھۋالدا ئارزۇسىدىكى بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىغا ئىگە بولۇشمۇ ھەم كۆپلىگەن ھەربىي ئىشلار مەستانىلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشى.
ئالبانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنڭ تونۇشتۇرۇشىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ئىتالىيەلىكلەر بۇ كونا ھەربىي ئايروپىلانلارغا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇ ئۇلارنىڭ يېڭى ئىگىسى بار بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەمما، نەچچە مىليون سەرپ قىلىنىپ ياساپ چىقىلغان ھەمدە كۆپ قىسىمى ئالبانىيەگە ھەقسىز بېرىلگەن بۇ جۇڭگو قورال-ياراقلىرىنىڭ كېرەكسىز تۆمۈر قاتارىدا سېتىپ تاشلانسا، ھەربىر جۇڭگولۇقنىڭ كۆڭلىنىڭ بىئارام بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن! ئەينى يىللاردىكى كەڭ-قورساقلىقنى ئەسلەپ باقساق، بۈگۈنكى ئالبانىيەلىكلەرنىڭ قىلچە پىسەنتىگە ئېلىپ قويماسلىقىغا قارىساق، بۇنىڭدىن تارىخنىڭ سوغۇق تەلەتى ۋە شەپقەتسىزلىكىنى ھېس قىلالايمىز ھەم بۇنىڭدىن بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئويلىنالايمىز.
مەنبە: چېن گۇاڭۋېننىڭ سۇمرۇغ بلوگىدىن نۇرجاھان تەرجىمە قىلدى. باشقا تور بەت ۋە سالونلارنىڭ يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
|