- تىزىملاتقان
- 2014-6-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1287
- نادىر
- 0
- يازما
- 99
ئۆسۈش
28.7%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ramadan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-5 16:31
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم جۈمە نامىزىنىڭ قىرائىتىدە بەزى جۇمۇئەدە سۈرە جۇمۇئە بىلەن سۈرە مۇنافىقۇننى ئوقۇيتتى. بەزى جۇمۇئەدە سۈرە ئەئلا بىلەن سۈرە غاشىيەنى ئوقۇيتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تاكى ۋاپات بولۇپ كەتكۈچە جۈمە نامىزىنىڭ قىرائىتىدە يۇقارقى سۈرىلەرنىلا ئوقۇغان.
ئابدۇللاھ ئىبىن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم جۈمە كۈنىدىكى بامدات نامىزىنىڭ قىرائىتىدە سۈرە سەجدە بىلەن سۈرە ئىنساننى؛ جۈمە نامىزىدا سۈرە جۇمۇئە بىلەن سۈرە مۇنافىقۇننى ئوقۇيتتى.(سەھىھۇل مۇسلىم-ناماز كىتابى-جۈمە نامىزى- 162-باب)
(بۇ ھەدىسنىڭ ئەرەبچە تېكىستى: عَنِ ابْنِ عَبَّاسٍ، أَنَّ النَّبِيَّ صلى الله عليه وسلم كَانَ يَقْرَأُ فِي صَلاَةِ الْفَجْرِ يَوْمَ الْجُمُعَةِ { الم * تَنْزِيلُ} السَّجْدَةُ وَ { هَلْ أَتَى عَلَى الإِنْسَانِ حِينٌ مِنَ الدَّهْرِ} وَأَنَّ النَّبِيَّ صلى الله عليه وسلم كَانَ يَقْرَأُ فِي صَلاَةِ الْجُمُعَةِ سُورَةَ الْجُمُعَةِ وَالْمُنَافِقِينَ .)
|
|