تورمۇش قوشاقلىرى
ئىسھاق ياقۇپ
1 . بىزارىمەن
بىزارىمەن بويالغان چاچقا،
نازۇ كەرەشمە،قەلەم قاشقا.
ئەگىشىپ يۈرۈپ مودىكەشنى،
مودا قوغلىغان ئاشۇ ياشقا.
بىزارىمەن ھەممىدىن بەك،
ھاكاۋۋۇرغا ،گېپى چوڭغا.
تالالاردا چاينى ئوينىغان،
خۇيلىرى سەرت گېپى توڭغا.
ھەم بىزارمەن بۇنداقلارغا،
ئويۇنغا تويماس چوكانلارغا.
تىلفۇن ئويناپ كارى بولمىغان،
ئۆيدىكى كىچىك ئوماقلارغا.
نەپرەت بولسۇن بۇنداقلارغا،
كەيىپ -ساپالىق خوتۇنلارغا.
ئىچىپ قويۇپ سورۇنلاردا،
نومۇسنى تۆككەن بۇزۇقلارغا.
ھەم بىزارمەن چەككەنلەرگە،
خۇمار بولۇپ كەتكەنلەرگە.
چىدىماستىن كەيپىگە ئاقنىڭ،
ئۆيىنى سورۇپ يۈرگەنلەرگە.
خۇدا ساقلىسۇن بۇنداقلارنى،
ئاسىراپ ئۆتەيلى ئائىلىمىزنى.
ياخشى ئوقۇتۇپ مەكتەپلەردە،
بىلىملىك قىلايلى بالىلرىمىزنى.
2 ، بىزگە سىز كېرەك
مىۋىسىز بولسىمۇ كېرەكتۇر تېرەك،
ساۋاتسىز دېھقانمۇ بىزگە ھەم كېرەك.
دېھقاننىڭ قىممىتى بىلسەڭ بىر ئالتۇن،
ۋىجدانلىق ياشىغىن بىزگە سىز كېرەك.
ئادەملەر ئەزەلدىن ھاياتقا قانماس،
ئۆمۈرنىڭ چىرىقى قايتىلاپ يانماس.
ۋىجداننى غورۇرنى پاك تۇتۇپ ئاداش،
ئادەمدەك ياشىغىن سىزگە بىز كېرەك.
3,توپلىغان دۇنيايىڭ مەڭگۈلۈك بولماس،
بۇ دۇنيا ساڭا ھەم باقىۋەن بولماس.
ئەزرائىل تېنىڭدىن جېنىڭنى ئالسا،
جان دوستۇم شۇ كۈنى سىزگە بىز كېرەك.
ھاياتلىقنى ئاشۇنداق داۋام ئېتىمىز،
كۈلىمىز ، ئاغرىيمىز ، ئۆلۈپمۇ كېتىمىز.
ياشىساڭ دوستۇم ئىنساندەك ياشا،
ھاياتلا بولساقلا بىزگە سىز كېرەك.
3 .تاشلىۋەتتۇق خۇراپاتلىقنى
تۇغۇلدۇممەن ئانا سىنىڭ تۇپراقىڭغا،
ئىلىم ئېلىپ بەھرى ئېلىپ ئانا دىېارىڭدا.
ھاۋالىرڭ ئىسىل بۇلغاچ ساغلام بولدۇم،
ئىلىم ئېلىپ ئەمگەك سۆيدۈم ماكانىڭدا.
قىز ۋە يىگىت ئوغلىرىمىز ھەم تىرىشچان،
پەرىشتە سۈپەت ئانىلىرىمىز ھەم كۆيۈمچان.
مەردانە ئاتىلار قەيسەر كىلۇر ۋە ئىشچان،
نەۋقىران يىگىتلەر سۇدىلىرىغا ھەم پىشقان.
ئانا يۇرتوم سەنىڭدە باردۇر بىر ھىكمەت،
ئۈزىمىڭ ھەم چىلىنىڭ تاتلىقتۇر شەربەت.
دۇئا قىپ تىللەيدۇ جامائەتمۇ بەركەت،
شۇڭلاشقا يۇرتۇم خەلقى بەك ئەزىمەت.
پەخىرلىنىپ يازسام سىنى ئانا يۇرتۇم،
تەسۋىرلەرگە ئاجىز كەلدى بىراق قەلەم.
تەرىپلىسەم ھارمايدۇ بىراق ئاجىز تىلىم،
دەۋالساملا يىنىكلەيدۇ مەندە شۇ ئەلەم.
ياخشى بولدى بىلدۇق بىزلەر بىلىمنى،
ھەم بىلدۇق بىز ئنسانچىلىقنىڭ قەدىرىنى.
شۇڭا يۇرتتا ئىناق جەمىيەت قۇرۇۋالدۇق،
تاشلاپ ھەممە خۇراپاتلىقنىڭ دەتلىرىنى
قوينىڭدا بار بىز قىز ۋە ئوغول غۇنچىلار.
كۆكەرتىمىز يۇرتۇم سىنىڭ باغىلىرىڭن.
ئامانلىقنى بەركەتنى بىرىپلاتۇر قارادۆۋەم،
سىنى مەدىلەپ دائىما چالايلى بىز سازىڭنى.
ئاتا - ئانا بولدۇق بىز
ئاتا -ئانا بولدۇق بىز ،
مەسئۇل بولايلى بالىلارغا.
ئىناق ئائىلە قۇرۇپ بىز،
ئۈلگە بۇلايلى ياتلارغا.
ئاتا-ئانا بولدۇق بىز،
كەيىپ-ساپانى تاشلايلى.
ئىش -ئەمگەكنى سۆيۈپ بىز،
باي بولۇشقا باشلايلى.
ئاتا-ئانا بولدۇق بىز،
قىمار دىگەننى ئاتما يلى.
ئۇتتىرۋېتىپ ئۆي -ۋاقنى،
تالا-تۈزدە ياتمايلى.
ئاتا-ئانا بولدۇق بىز،
ئىچىپ،چىكىپ يۈرمەيلى.
دورار بىزنى باللىرىمىز،
بۇنداق ئەھۋالنى كۆرمەيلى.
ئاتا -ئانا بولدۇق بىز ،
چاي ئويناشنى تاشلايلى،
ۋاقىت چىقىرىپ بالىلارغا،
ھەمرا بولۇشنى باشلايلى.
ئاتا-ئانا بولدۇق بىز،
يامان ئىشلارنى تاشلايلى.
ياخشى ئشقا ئەخلاققا،
بىز بالىلارنى باشلايلى.
ئاتا-ئانا بولدۇق بىز،
پۇلنىمۇ كۆپلەپ تاپايلى.
ئەڭ ياخشىسى بىلىم ئېلىپ،
خۇراپاتلىقنى تاشلايلى.
ساۋاقداشلىق مېھىرلەر
ئىسھاق ياقۇپ
1 . ساۋاقداشلارغا
خۇش چىراي ئەقىللىق ساۋاقداشلرغا،
ئاي پەرى رۇخسارى قەلەمقاشلارغا.
سېغىىنىپ،سېغىنىپ سالاملار سۇناي،
قەدىردان سۆيۈملۈك ساۋاقداشلارغا.
قەلبىمنىڭ رىشتىسى مەڭگۈ ئۈزۈلمەس،
ئارلىقلىرىمىز قانچىلىك يىراق بولسىمۇ.
لاۋۇلدايدۇ يۈرەكتە ساۋاقداش ئوتى،
ئايلار،يىللار بىزلەرنى ئايرىپ تۇرسىمۇ.
ساۋاقداش ۋىجداندىن سۇرىسام سىنى،
راستىنلا ئۆزەڭگە باغلاپسەن مېنى.
يۈرەكلىرىڭگە رەڭداشكەن يۈرەك،
شۇڭا ساۋاقداش سېغىنىمەن سېنى.
ساۋاقداش ئارزۇسى يەتكەچ پەلەككە،
قەلبىڭگە قەلبىم باغلاقلىق مەككەم.
.ساۋاقداش، مەن سىنى ئەسلەيمەن دائىم،
كۆڭلۈڭگە -كۆڭلۈمنى باغلىغاچ مەھكەم.
بىزنىڭدىن يېققىنراق نىمەڭ بار سىنىڭ،
ساۋاقداش دەپلا مەن ئەسلەيمەن دائىم.
ياسالما بىلەن يوق مىنىڭ كارىم،
نازىنىن خېنىمغىمۇ يوق مېنىڭ رايىم.
مۇبادا ئاچسام مەن ئۈن دىدارىمنى،
ئەڭ ئاۋال ئاڭلايمەن گەپ دىدارىڭنى.
خەتلەرنىڭ ئارسىدىن ئىزدىگەچ سېنى،
ئەڭ ئاۋال ئوقىمەن خەت دىدارىڭنى.
شۇڭا دەيمەنۇ ئەزىز ساۋاقداش،
ئىزدىشىپ ئۆتسەكلا ھاياتمۇ كۈلەر.
بىلمەستىن ئۆزىمىز قىدىشىپ يۈرسەك،
شۇندىلا ھاياتمۇ نومۇستىن ئۈلەر.
2 . تەخسىماتقا بۇي سۇنۇپ
يۇرتۋازلىق قىپ سەرتلەشمەي،
ئاداۋەت ساقلاپ گەپلەشمەي.
نۇچىلىقنى قىلىپ بەسلەشمەي،
مەكتەپتە ياخشى ئوقۇيتتۇق.
يۈرەك سۆزلەرنى ئېيتىشىپ،
تاپقانلىرمىزنى تەڭ يىيىشىپ .
دەرىسنى ئاڭلىدۇق تىرىشىپ،
مەكتەپتە ياخشى ئوقۇيتتۇق .
مەكتەپنىمۇ پۈتكۈزۈۋىلىپ،
خىزمەت قىلىپ ئىشلاۋاتىمىز .
،تەخسىماتقا بۇيۇن سۇنۇپ ،
جاي-جايلاردا تۇرىۋاتبمىز.
ئوقۇش بۈتۈپ ئارىلپمۇ گەر،
تۇلپۇنلاردا سبردىشۋاتىمىز ..
ساۋاقداشلار ئۇنتۇلۇشالماي ،
ئۈن دىداردا مۇڭدۇشۋاتىمىز .
3 . جېنىم ساۋاقداش
مۇڭداشقاچقا بىر جۈپ كۆڭۈللەر،
ئرادە بولدى كۈندە كۆرمەككە.
پەرۋانىدەك ئىنتىلدۇ قەلىپ ،
سىنى سۆيۈپ كۆرۈپ كەلمەككە.
سىز ئۆەەتكەچ ماڭا سۆيگىنى،
باغرىم قاندۇر سىنى كۆرمەككە.
ساقايساڭكەن تىزلىكتە جانىم،
ئىنتىزارمەن بىللە كۈلمەككە .
ۋىجدانىمدىن سۆز ئاچسام ئەگەر،
نىمە كامدۇر سىنى سۆيمەككە.
ساۋاقداشنىڭ ئۆچمەس ئىزناسى،
ئىلھام ئەمەسمۇ مەندىكى يۈرەككە،
جاۋاپ قىلغىن ئەزىز ساۋاقداش،
بىزگە ياتمۇ كۆيۈپ-كۈلۈشلەر.
جاھان پەيزىنى بىللە سۈرەيلى،
ئىرادە بولسۇن بىللە ئۆتۈشلەر.
نوموسىمنىڭ يتىزى قاندۇر،
سەن كىرەكسەن مەدەك ئەركەككە.
كۆڭىللەرنى مەككەم باغلايلى،
جاھان پەيزىنى بىرگە سۈرمەككە.
ئشقىڭ ئوتكەن قەدىىك جانىم،
ۋولقانكەنسەن ئاجايبپ گويا .
شىپا بولسۇن جېنىم ساۋاقداش،
بىز يوللىغان تەلەپ ۋە دۇئا.
4 . ساۋاقداش توپى
دىلى ئاقلارنىڭ قارارگاھى بۇ،
قەلبى پاكلارنىڭ ئارامگاھى بۇ.
كۆڭلى ساپلار چاھار باغى بۇ،
جەننەت مامان ساۋاقداش توپى.
گۈزەللىكنى سۈيگەنلەرمۇ بار،
جەننەت پەيزىنى سۈرگەەرمۇ بار،
بىلىم ئىشقىدا يۈرگەنلەرمۇ بار،
شۇنداق جاي بۇ ساۋاقداش توپى.
ساۋاقداش ئوتىدا كۆيگەنلەرمۇ بار،
ساۋاقداش ھالىغا يەتكەنلەرمۇ بار.
ۋىجدان بىلەن ياشىغانلارمۇ بار،
قورغان ماكان ساۋاقداش توپى.
خىزمەتتىكى قوشاقلار
ئىسھاق ياقۇپ
1 . بۇ يىل سالدۇق ئەمىن ئۆيلەرنى
بار مېنىڭ ئىشخانامدا خىزمەتداشلىرىم،
خىزمەتنى بەك سۆيىگەك ئۈلپەتداشلىرىم.
كىتاپ كۆرگەك ئەسەر يازغاق قەلەمكەشلىرىم،
ئەخلاقلىق بىلىخۇمار قەلەمقاشلىرىم.
خىزمىتى ھەم كەسپىگە بۆلەكلاچاققان،
ئەقلى بىلەن بىلىمى بۆلەكلا توشقان.
ئاۋام-خەلققە ھۆرمەتى بۆلەكلا تولغان،
نەتىجىسى تۆھپىسى بۆلەكلا ئاشقان.
بۇ يىل سالدۇق ئىشخاندىن ئەمىن ئۆيلەرنى،
خەلقنى ماكانلىق قىپ ئەمىن تاپقۇزۇپ.
سۈپەتكە كېپىللىك قىپ ئۆلچەملىك سېلىپ،
ئاپەت كەلگەن خەلىقنى ئەمىن تاپقۇزۇپ.
تۇل-خوتۇنمۇ،يېتىممۇ ئالدى ئۆيلەرنى،
بوۋاي-موماي ،يوقسۇنغا بەردۇق ئۆيلەرنى.
ئۆيى يوققمۇ،يېرى يوققمۇ ئالدى ئۆيلەرنى،
تەقسىملىدۇق ،تۈگەتتۇق ئەمىن ئۆيلەرنى.
2 .ئىلھامىم كەلگەندە
ئىلھامىم كەلگەندە يازسام يازمىنى،
شۇندىلا تۈگەيدۇ مەندىكى ئەلەم.
يېزىلماي ئىچىمدە قالسا ئۇ ئەگەر،
كۈچىيىپ زەھەرگە ئايلىنار ئەلەم.
ئىلھامنىڭ كەلمىكى شۇنداق ئاسانمۇ،
بەزىلەر كۆرمەيدۇ يازغان يازمىنى.
كۆرسىمۇچۈشىنىپ باھامۇ بەرمەي،
مەسخىرە قىلىدۇ يازغان يازمىنى.
قارىساڭ قولىدىن چوڭ ئىش كەلمەيدۇ،
بىرەرەت ئۆزىمۇ يېزىپ كۆرمەيدۇ.
ئەقلى ھەم كەمتۈك بولغاچقا ئۇنىڭ،
ئۆمۇردە بىرەرلەپ ئىلھام كۆرمەيدۇ.
ھالىڭغا نېمە دېگۈلۈك بىچارە نادان،
يېزىپ باق ئىلھامىڭ كېلەرمۇ سېنىڭ.
مەندىكى ئىلھاممۇ ئاز-ئازدىن كەلگەن،
مەسخىرە ئەتمىگىن يازمامنى مېنىڭ.
ئىلھامىم كەلگەندە يازىمەن شۇنداق،
ئەڭ يارقىن تېمىنى دائىما ئويلاپ.
خەلقنى كۆرىمەن جېنىمدىن ئەزىز،
يازمامنى يازىمەن ھەق يولنى بويلاپ.
قوللايلى دائىملاپ خەقنىڭ يازغىنىنى،
باشقىغا مەدەتنى ئىلھامنى بېرىپ.
كۆرەيلى تىرىشىپ ھەممىمىز ئورتاق،
قويايلى قەلەمنىڭ كۆزىنى ئېچىپ.
3 . يىغىن ئېچىلىپ
مەركەزدە يىغىن ئېچىلىپ،
قانۇنغا ئۆزگىرىش كىرگۈزدى.
پارىخور بىلەن ئازغۇنغا،
دىكتاتورىنى قاتتىق يۈرگۈزدى.
ھەجەپ ئوبدان ئىش بولدى،
ئەمدى ئۆتەرمىز ماختىنىپ،
سىياسىتىمىز ياخشى بولسىلا،
ئاۋاممۇ ئۆتمەيدۇ زارلىنىپ.
بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ،
خوشال قىۋەتتى ئاۋامنى.
ئەمدى ئەمەلدار ئىلغاپ يەر،
ھالال بىلەن ھارامنى.
قانۇن-تۈزۈملەر چىڭ بولسا،
بېيىش يوللىرىمىز كەڭ بولسا.
شۇنداق خاتىرجەم ياشايتتۇق،
تەرەققىياتلىرمىز تېز بولسا.
نەھاقچىلىقتىن،شۇملۇقتىن،
قۇتۇلساقلا ھەممىمىز .
ئانا تۇپرىقىم قوينىڭدا ،
خاتىرجەم ياشايدۇ خەلقىمىز.
يىغىن روھىنى ھەممىمىز ،
ياخشى ئۆگىنىپ كۆرەيلى.
قانۇن تۈزۈمگە رىئايە قىلپ،
ئىناق ئۆتىشىپ يۈرەيلى.
مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز،
كومىنىستىك پارتىيەگە .
تېنىچ -ئامانلىقنى ساقلىغان،
ساقچى بىلەن ئارمىيەگە.
قومۇل قاردۆۋە بازىرىدىن
ئىسھاق ياقۇپ
2016- 2- 28-
|