قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1162|ئىنكاس: 6

زۇلھەججە ئېيىدىكى ئىبادەتنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

20

تېما

0

دوست

2139

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  148
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 556
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 189
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-19 22:08:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۇلھەججە ئېيىدىكى ئىبادەتنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا
يەنى قۇربان ھىيتقا 10كۇن قالغاندىن باشلاپ كىيىنكى كۈنلەر زۇلھەججە ئېيىغا تەۋە بۇلىدۇ.
بىسمىللەھىررەھمانىرراھىيم
بىزنى ياراتقان ھەمدە بىزگە ئىسلام ۋە ئىيمان نېمىتىنى ئاتا قىلغان جانابى ئاللاھقا ھەمدۇ- سانالار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت- سالاملار بولسۇن.
شەكسىزكى بەزى ۋاقىتلارنىڭ باشقا ۋاقىتلاردىن، بەزى جايلارنىڭ باشقا جايلاردىن، شۇنداقلا بەزى شەخسلەرنىڭ باشقا شەخلەردىن ئەۋزەل بولىشى ئاللاھ تائالانىڭ نېمىتى ۋە رەھمىتىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. چۈنكى بىز بەزى ئاي – كۈنلەرنىڭ پەزلى سەۋەبىدىن يىل بويى تىرىشىپ ئىبادەت قىلىپمۇ ئېرىشەلمەيدىغان كاتتا ساۋابلارغا ئېرىشىمىز. مەسىلەن رامىزان ئېيى، قەدىر كېچىسى، جۈمە كۈنى، رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى، تەشريق كۈنلىرى، زۇلھەججىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى ۋە سەھەر ۋاقتى دېگەندەك.
زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىنىڭ پەزلى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلانغان بولۇپ جانابى ئاللاھ مۇنداق دېگەن: ] سۈبھى بىلەن، (زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى) ئون كېچىسى بىلەن، قۇربانلىق كۈنى بىلەن، ھارپا كۈنى بىلەن، (كائىناتنىڭ ئاجايىپ ھەرىكىتى بىلەن) ئۆتكەن كېچە بىلەن قەسەمكى، (كاپىرلارغا چوقۇم ئازاب قىلىمىز)[ (فەجر سۈرىسى 1-4-ئايەتلەر). ھەزرىتى ئىبنى ئابباس، ئىبنى ئوززۇبەير، مۇجاھىد ۋە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ كۆپلىگەن مۇپەسسىرلەر بۇ كېچىلەرنى زۇلھەججىنىڭ ئالدىنقى ئون كېچىسى دەپ تەپسىر قىلغان، ئىمام ئىبنى كەسىير : مۇشۇنداق تەپسىير قىلىش توغرىدۇر دېگەن. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئون كۈننىڭ كېچىسى بىلەن قەسەم قىلىشى بۇ كۈنلەرنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پەزلىنىڭ كاتتىلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەمەل-ئىبادەتلەر باشقا ھېىچبىر كۈندە بۇ ئون كۈندىكىدەك ئەۋزەل بولمايدۇ.» ساھابىلار: ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشمۇ بۇ كۈنلەردە قىلىنغان ئەمەللەردىن ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟ دەپ سورىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «جىھادمۇ ئەۋزەل بولالمايدۇ، پەقەتلا بىر كىشى جېنىنى ۋە مېلىنى ئالقىنىدا قويۇپ چىقىپ ھەممىنى قۇريان قىلغان بولسىلا ئۇنىڭ بۇ ئىشى بۇ كۈنلەردىكى ئەمەللەردىن ئەۋزەل بولالايدۇ» ئىمام بۇخارى سەھىھىدە رىۋايەت قىلغان.
بۇ كۈنلەردە قىلىنغان ئەمەللەر ئارقىلىق مۇجاھىدلارنىڭ ساۋابىغا ئېرىشكىلى بولىدىغان بولسا ئۇنداقتا مۇجاھىدلارغا بېرىلىدىغان ساۋاب قانچىلىكتۇ؟ بۇنى بىلسەك بۇ كۈنلەردە قىلىنغان ئەمەللەرنىڭ ساۋابىنى بىلگىلى بولىدۇ.
ھەزرىتى ئەبى ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىشىچە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئى رەسۇلۇللاھ، ئاللاھ تائالا يولىدا جىھاد قىلىشقا نېمە تەڭ كېلىدۇ؟ دەپ سورالغاندا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «ئۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان باشقا بىر ئىش قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ». ئۇلار ئاشۇ سۇئالنىڭ ئۆزىنى ئىككى ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ سورىغان ئىدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنىلا: «ئۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان باشقا بىر ئىش قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ» دەپ جاۋاب بېرىۋەردى، ئاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: « بىرسى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغۇچى تاكى قايتىپ كەلگەنگە قەدەر بىكار تۇرماي توختاۋسىز ناماز ئوقۇپ روزا تۇتۇپ دۇئا قىلىپ تۇرالىسىلا ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانغا تەڭ ئىبادەت قىلغان بولىدۇ» (بۇخارى ۋە مۇسلىم).
دېمەك بۇ كۈنلەردە قىلىنغان ئىبادەتلەرنىڭ ساۋابىنىڭ نەقەدەر كاتتىلىقىنى مۆلچەرلەش قىيىن.
يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىلىنغان ئەمەللەرنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا كاتتا ساۋاب بېرىدىغانلىقى جەھەتتىن ئېيتقاندا زۇلھەججىنىڭ ئون كۈنىدەك كۈن يوق، شۇڭا ئۇ كۈنلەردە تەسبىھ، ھەمدۇ-سانا، لا ئىلاھە ئىللەللاھ ۋە ۋە تەكبىرنى كۆپ ئېيتىڭلار» ئىمام تابارانىي ياخشى سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان.
يەنە بۇ ئون كۈن ئىچىدە مۇبارەم ئەرافات كۈنى بولۇپ بۇ ئۇلۇغ كۈندە ئاللاھ تائالا ئۆز دىنىنى تاماملاپ مۇكەممەللەشتۈرگەن، بۇ كۈندە تۇتقان روزا ئالدىنقى ئىككى يىلنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيىۋېتىدۇ.
يەنە بۇ ئون كۈن ئىچىدە قۇربانلىق قىلىش كۈنى (زۇلھەججىنىڭ ئونىنجى كۈنى) بولۇپ، بۇ كۈندە مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئاتىغان قۇربانلىقلىرىنى تەقدىم قىلىشىدۇ، تەكبىير ئېيتىشىدۇ، دېمەك بۇ كۈندە يىل بويى ھېچبىر كۈندە قىلىنىپ باقمىغان تائەت –ئىبادەتلەر قىلىنىدۇ.
يەنە بۇ ئون كۈن ئىچىدە ھاجىلار تاۋاپ، سەئيى، تەلبىيە ئېيتىش، ئېھرام باغلاش، مىنادا تۇرۇش، مىنادىن ئەراپاتقا، ئەرافاتتىن مۇزدەلىفەگە ۋە مۇزدەلىفەدىن مىناغا يۈرۈش قىلىش قاتارلىق ھەج پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلىشىدۇ.
بۇ ئۇلۇغ كۈنلەر ھەسسىلەپ ساۋاب ۋە ئەجىرگە ئېرىشىش پۇرسىتىدۇر، چۈنكى بۇ كۈنلەردىكى بىر رەكئەتكە نۇرغۇن رەكئەت ساۋابى، بىر سەدىقىگە نۇرغۇن سەدىقە ساۋابى، بىر تەسبىھقا نۇرغۇن تەسبىھ ساۋابى، بىر ياخشىلىققا نۇرغۇن ياخشىلىق ساۋابى بېرىلىدۇ. بۇ كۈنلەرنىڭ يۈكسەك پەزلىنى ئوبدان بىلگەن سالىھلىرىمىز بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ قولدىن بەرمەيتتى، بۇرۇنقى كاتتىلىرىمىزدىن ھەزرىتى سەئىيد ئىبنى جۇبەير زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنى ھەققىدىكى بۇخارىي رىۋايەت قىلغان ھەدىسنى ھەزرىتى ئىبنى ئابباستىن رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغاندىن تارتىپ زۇل ھەججىىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى كىرسە ھەتتا ئۆزى چىدىيالمىغۇدەك دەرىجىدە قاتتىق تىرىشىپ ئىبادەت قىلاتتى، ئۇ بۇ كۈنلەردە ئىبادەت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ: «بۇ ئون كۈننىڭ كېچىلىرىدە چىرىغىڭلارنى ئۆچۈرمەڭلار» دەيتتى.. (تەرغىيب ۋە تەرھىيب).
بۈگۈنكى كۈنلەردە بىزلەر ئىبادەت قىلىشتا ھورۇنلۇق قىلىمىز، بەزىدە تىرىشقۇمىز كېلىدىيۇ لېكىن ئىرادىمىز ئاجىزلىق قىلىدۇ، شۇ بۇ كۈنلەر بىزدەك غەپلەتتە قالغانلار ئۈچۈن ئالتۇندىن قىممەت پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ، بۇ كۈنلەردە قاتتىق تىرىشساق مۇجاھىدلارنىڭ ساۋابىغا ئېرىشەلەيمىز، ھالبۇكى مۇجاھىدقا بېرىلىدىغان ساۋابنى سۈپەتلەپ بولغىلى بولمايدۇ.
يۈقۈرىقىلارغا ئاساسەن شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى زۇلھەججىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى باشقا پۈتۈن يىل ئىچىدىكى بارلىق كۈنلەردىن ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئەۋزەل ھېسابلىنىدۇ، لېكىن مىڭ ئايدىن ئەۋزەل بولغان قەدر كېچىسى ئارىسىدا بولغانلىقى سەۋەبىدىن رامىزاننىڭ ئاخىركى ئون كۈنى زۇلھەججىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنىدىن ئەۋزەلرەك بولىدۇ.
بۇ ئون كۈندە قىلىنغان ئەمەل-ئىبادەتلەرنىڭ پەزىلىتى ئىنتايىن يۇقۇرى بولغاچقا مۇسۇلمان كىشى بۇ كۈنلەردە باشقا كۈنلەردىكىدىن بەكراق ھىممەت قىلىپ نەپلە ناماز، روزا، قۇرئان ئوقۇش ۋە ئۈگىنىش، ھەمدۇ-سانا، زىكىر-ئىستىغفار، مۇھتاجلارغا ياردەم بېرىش ۋە بارلىق ياخشى ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك، چۈنكى بۇ كۈنلەردىكى ئەمەللەرنىڭ ساۋابى باشقا كۈنلەردىكىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ ۋە كاتتا بولىدۇ.
بۇ كۈنلەردە قىلىنىىغان ئەمەللەر:
1-روزا تۇتۇش: ھەدىستە كېلىشىچە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زۇلھەججىنىڭ ئالدىنقى توققۇز كۈنىدە، ئاشۇرا(مۇھەررەم ئاينىڭ ئونىنجى كۈنى) دا ۋە ھەر ئايدىن ئۈچ كۈندە روزا تۇتاتتى» ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائىي رىۋايەت قىلغان، شەيخ ئەلبانىي رەھمۇتۇللاھى ئەلەيھى سەھىھ دېگەن. روزا ئالدىنقى 9 كۈنىدە تۇتۇلىدۇ، ئونىنجى كۈنى قۇربان ھېيت بولغاچقا قۇربان ھېيت كۈنىدە روزا تۇتۇلمايدۇ.
2-تەكبىير(ئاللاھۇ ئەكبەر)، تەھلىيل(لا ئىلاھە ئىللەللاھ)، ھەمدۇ-سانا(ئەلھەمدۇلىلاھ)، ۋە تەسبىيھ(سۈبھەنەللاھ) ئېيتىش. بۇلار ئون كۈننىڭ ھەممىسىدە ئۆيلەردە، كوچىلاردا ۋە بارلىق زىكىر قىلىش جائىز بولغان جايلاردا ئۈنلۈك ھالدا ئېيتىلىدۇ. بۇ ھەقتە بىز يۇقىرىدا ھەدىس بايان قىلدۇق. ئۈنلۈك ئېيتىشتىن مەقسەت: ئىسلام پائالىيەتلىرىنى ئېلان قىلىش ۋە ئاللاھنى ئۇلۇغلاشنى ئىزھار قىلىش، شۇنداقلا غافىللارنى ئويغۇتۇشتۇر. بۇلارنى ئەرلەر ئۈنلۈك ئېيتىدۇ، ئاياللار ئىچىدە ئېيتىدۇ. ھەر بىر كىشى ئۆزى يالغۇز ئېيتىدۇ، توپلۇشۇپ ئېيتمايدۇ، سابىت بولىشىچە ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ۋە ھەزرىتى ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇشۇ ئون كۈندە بازارغا چىقىپ تەكبىير ئېيتاتتى، كىشىلەرمۇ بۇلارغا ئەگىشىپ تەكبىير ئېيتىشاتتى، بۇ پائالىيەت ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە تاشلىنىپ قالغان سۈننەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ بۇنى ئىمكان قەدەر ياشارتىشقا تىرىشىش كېرەك. جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ]مەلۇم كۈنلەردە اللھ نىڭ ئىسمىنى ئېيتسۇن[ ھەج سۈرىسى 28-ئايەتنىڭ بىر قىسمى. ئايەتتىكى (مەلۇم كۈنلەر) كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېگەندەك زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدۇر.
3-ھەج ۋە ئۆمرە ئادا قىلىش. شەكسىزكى بۇ كۈنلەردە ئادا قىلىنىدىغان ئەڭ ياخشى ئەمەللەرنىڭ بىرى ھەج قىلىشتۇر، ئاللاھ تائالا ھەج قىلىشقا نېسىپ قىلغان كىشى ھەممە شەرتلىرى بىلەن ھەج ئادا قىلسا ھەدىستە كۆرسىتىلگەندەك: «ياخشى ئادا قىلىنغان ھەجنىڭ جەننەتتىن باشقا مۇكاپاتى يوقتۇر».
4- بارلىق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش. ھەجگە مۇيەسسەر بولالمىغانلارمۇ ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلارغا سىلە-رەھىم قىلىش، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش، سەدىقە-ئېھسان قىلىش، قۇرئان ئوقۇش، دۇئا قىلىش، زىكىر قىلىش ۋە بارلىق تائەت –ئىبادەتلەر بىلەن بۇ ئون كۈننى ياخشى ئۆتكۈزىشى كېرەك.
5-قۇربانلىق قىلىش. بۇ كۈنلەردە قۇربانلىقنى بوداپ سەمرىتىپ ياكى پۇل خەجلەپ قۇربانلىق ئېلىپ ئاللاھ تائالا ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىش ياخشى ئەمەللەردىندۇر.
6-قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى ھەج پائالىيىتىدە بولۇپ ئېھرام باغلىغانلارغا ئوخشىۋېلىش جەھەتتىن چاچ-ساقال ۋە تىرناقلىرىنى بۇ ئون كۈن ئىچىدە ئالماي قويىۋېتىش مۇستەھەبتۇر.
7-راستچىللىق بىلەن تەۋبە قىلىش. بۇ كۈنلەردە تەۋبە قىلىش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، راستچىل تەۋبە دېگىنىمىز: گۇناھ ئىشلارنى دەرھال تاشلاپ، ئۇنى قەلبىدىن يامان كۆرۇپ، ئىككىنچى قىلماسلىققا بەل باغلاش، باشقىلارنىڭ ھەققى بولسا ئىگىسىگە قايتۇرۇش، ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان روس يولدا مېڭىشتۇر، تەۋبە قىلىش باشقا كۈنلەردە زۆرۈر بولغىنىدەك بۇ كۈنلەردە تېخىمۇ زۆرۈر ۋە ئۈنۈملۈك، چۈنكى بۇ كۈنلەر باشقا چاغلاردا قىلىنمايدىغان نۇرغۇنلىغان ياخشى ئەمەللەر قىلىنىدىغان چاغ بولغاچقا تەۋبە، ياخشى ئەمەللەر، ۋە پەزىلەتلىك كۈنلەر بىرلەشسە بۇ نەجاتلىقنىڭ ئالامىتى بولىدۇ.] تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغان ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردىن بولۇشى ئۈمىدلىكتۇر [ (ئەلقاساس 67-ئايەت).شۇڭا ھەر بىر ئاقىل مۇسۇلمان بۇ پەزىلەتلىك كۈنلەردە كۆپلەپ ساۋاب قازىنىشقا ھېرىسمەن بولۇش كېرەك.
ۋەللاھۇ ئەئلەم

1

تېما

0

دوست

426

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3530
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 114
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2011-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-19 23:50:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1-''قۇللارنى ئۆلتۈرىۋەتسەڭلار تۆلەپ بىرىڭلار'' دىگەن ئايەتتە قۇللارنى ئادەم ئەمەس تاۋار قاتارىدا سانىغان دىيىشكە بولامدۇ؟  
2-''ئەرلىك ئاياللارنى ئېلىش ھارام قىلىندى، چۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا'' دىگەن ئايەت بويىچە چۆرىلەرنىڭ ئىرى بولسىمۇ تارتىپ ئېلىۋالسا بولامدۇ؟    
3-''... باشقا ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى، تۆتنى ئالساڭلار بولىدۇ، ياكى چۆرىلىرىڭلارغا قانائەت قىلساڭلار بولىدۇ'' دىگەن ئايەت بويىچە چۆرىگە نىكاھ كەتمەمدۇ؟ پۇلى بولىسلا قانچىلىك سېتىۋېلىپ پايدىلانسا بولامدۇ؟...     
4-'' ئى مۇھەممەد ئاياللىرىڭ، ئاتا ئانىسى، قېرىنداشلىرى، قۇل-چۆرىلىرى بىلەن كۈرۈشسە ھىچ گۇناھ بولمايدۇ'' دىگەن ئايەت بويىچە پەيغەمبەرمۇ قۇل تۇتقانمۇ؟  
ئەستايىدىل جاۋاپ لازىم ئىدى. 
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

20

تېما

0

دوست

2139

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  148
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 556
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 189
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-20 00:24:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىندىشىم سىز يۇقۇرقى ئايەتلەرنىڭ قايسى سۇرە قانچىنجى  ئايەت ئىكەنلىكىنى ئىنىق يىزىڭ.؟ئاندىن مەن تەپسىر كۆرۇپ سىزگە جاۋاپ بىرەي.

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12044
توردىكى ۋاقتى: 4345
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-20 00:31:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا يۇقۇرقى سۇئاللار پەقەت نۇرمال سۇئالدەك بىلىنمىدى ، گويا قەستەن قۇسۇر چىقىرىۋاتقاندەك

251

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35
يازما سانى: 1277
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 8342
تۆھپە : 5069
توردىكى ۋاقتى: 1843
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9

تۆھپىكار باشقۇرغۇچى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-20 09:57:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە قەستەن سورالمىدى .بۇ سۇئالنى سورايدىغان سورۇننى تېپىپ سورىمىدى خالاس .
پەتىۋا بىرىدىغان تور بىكەتلەر بار .شۇ يەردىن سوراڭ .ئەنسارى سىز ئالدىراپ بۇ سۇئالغا
پەتىۋا بەرمەڭ .باغداش تورى دىنى سۇئاللارغا پەتىۋا بىرىدىغان سەھىپە ئاچمىدى .
ئەڭ ياخشىسى دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ (ئۇيغۇر) تور
بىكىتىگە كىرىپ شۇ يەردىن پەتىۋا سوراڭلار بۇ زات مىسىردا .ئۇنىڭ بەرگەن پەتىۋالار
شۇنچىلىك چۈشىنىشلىك ۋە ئەقىدىگە ئۇيغۇنكەن .ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۆزى بىرەلمەيدىغان
پەتىۋالارنى شۇ يەردىكى نوپوزلۇق مىسىر پەتىۋا ئۇيۇشمىسىدىن ئالالايدۇ .
ئادرىسى
http://www.sajiye.net/ask.php
پەتىۋا سورىغاندا چوقۇم جاۋاب خەت كېلىدىغان خەت ساندۇقىنى يېزىشنى ئۇنۇتماڭ .
ئەسكەرتىش :
قالايمىقان پەتىۋادىن چىققان تالاش تارتىشلاردىن ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇندىن كېيىن
پەتىۋا سورىغۇچىلارغا دوكتۇر ئابدۇل ئەزىزنىڭ تور بىكىتى تەۋسىيە قىلىنىدۇ .
باشقىلارنىڭ باغداش تورىدىن  پايدىلىنىپ ئۆز خائىشى ۋە بىلىمى بىلەن پەتىۋا بىرىشىگە
يول قويۇلمايدۇ .

20

تېما

0

دوست

2139

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  148
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 556
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 189
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-20 10:12:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ گەپ دەل جايىدا بولدى،پەتۋاغا ئالدىرغىنىڭ دوزاغقا ئالدىرغىنىڭ دەپ بار ئەمەسمۇ.شۇڭا بۇ سۇئال نەچچە قىتىم سورالغان بولسىمۇ مەن ئىنكاس بىلدۇرۇرمۇدۇم.

7

تېما

0

دوست

830

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2843
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 205
تۆھپە : 114
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2012-12-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-20 13:56:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەڭ ياخشسى جىم ئولتۇراي
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )