- تىزىملاتقان
- 2015-1-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2624
- نادىر
- 0
- يازما
- 207
ئۆسۈش
20.8%
|
ئىنسانلار تەرەققىياتنىڭ داۋاملىق ئالغا بىسىشىغا ئەگىشىپ ،كىشلەرنىڭ ماددى ۋە مەنۋى تۇرمۇشى رەڭدارلىققا تولدى،ئجتمائى تۈزۈم،ۋە بايلىقنىڭ قايتا تەقسىملىنىشى جەميەت تەرەققىياتنى يەنمۇ تىز بولغان سۈرەتتە ئالغا باستۇردىغان ئىنىرگىيەگە ئىگە قىلدى.
ئىنسانلارنىڭ ئىھتىياجلىق بولۋاتقان ئىلىم -پەن بىلىملىرى،ۋاز كىچەلمەيدىغان دىننىي ئىتقادقا بولغان پوزتسىيەلىرى ئۆزگىرىپ تۇرماقتا.ھەتتاكى بىر-بىرىگە زىديەتلەشتۈرۈلۈپ قويماقتا.ئىلىم پەن بىلەن دىننىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟بۇنىڭغا جاۋاب بىرىشتىن بۇرۇن ئىلىم -پەننىڭ ئىنىقلىمىسىنى بىلۋىلىش زۆرۈر.
ئىلىم -پەننى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىيتقاندا ئىنسانلار پەيدا بولغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئالەمنىڭ قائىدە قانۇنىيەتلىرىگە بولغان چۈشەنچىسىنىڭ يىغىندىسى ؛بىۋاستە قىلىپ ئىيقاندا ئالەمنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى بىلىش .شۇنى پەرىقلەندۈرۈش زۆرۈركى ئىجتمائى تۈزۈم بىلەن ئىلىم -پەن ئايرىم ئۇقۇم،ئىجتمائى تۈزۈمنى سىنپى جەميەت تۈزۈپ چىقىدۇۋە داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.ئىلىم -پەن بولسا شەخسىيەتسىزمىراس بولۇپ قالدۇ،ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ ماڭىدۇ.ئۇنداقتا ئىلىم-پەن ئالەمگە قانۇنيەت بەلگىلەپ بىرەمدۇ ياكى ئالەمنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئىچىپ،چۈشۈنۈپ ،ئۆزلەشتۈرەمدۇ؟
ئالەمنىڭ قانۇنىيتى ئالەمنىڭ مەلۇم خىل بەلگىسىدىن ئىبارەت،ئەمدى دىنني ئىلىمغا قارايلى.ئوقۇ!بۇ بۇيرۇق قۇرئاندىكى تۇنجى كەلىمىدۇ،ئەلۋەتتە ئوقۇشنىڭ قائىدە -قانۇنىيەتلىرى بار.قانداق ئوقۇيمىز؟«ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن.ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى.ئوقۇغىن پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر.ئۇ قەلەم بىلەن ئۈگەتتى.ئىنسانغا بىلمىگەننى بىلدۈردى».(سۈرە ئەلەق1-5ئايەت)؛ئەسلى ئەرەبچىسىگە قارايدىغان بولساق،ئوقۇشنىڭ شەرتى چوقۇم ياراتقۇچىنى تونۇش ،چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پايدىلىق ئىلىمنى تەلەپ قىلاتتى ،پايدىسىز ئىلىمدىن پاناھ تىلەيتى بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغان پايدا ئەڭ چوڭ پايدىدۇر،ئەبەدىيلىك پايدىدۇر.
يارىلىش -بىزدە قانداق يارىلىش تۇغۇرلۇق ئىنكاس پەيدا بولىدۇ،قانداق يارىلىدۇ،نىمىدىن يارلىدۇ دىگەندەك ؛لەختە قاندىن يارتىلدى،ئوقۇش بۇيرۇقى بىرىلگەن ئىكەن چوقۇم .ئىنسان ئۆزىدىن باشلاپ ئوقۇشى تەتقىق قىلىشى كېرەك.تىبابەتنىڭ تەرەقىياتى دەل شۇنىڭدىندۇر.
كەرەملىك-ئەڭ سىخى ،ئەڭ ئۇلۇغ،ئەڭ ھۆرمەتلىك.ئىنسان قايسى ۋاقىتتا بىرسنى چىن يۈركىدىن چىقىرىپ ھۆرمەتلەيدۇ،ئەڭ سىخى ھىس قىلىدۇ،ئەڭ ئۇلۇغ بىلىدۇ؟سىزگە شەخسىيەتسىز ،كۆيۈنگەن ،چىن يۈركىدىن چىقىرىپ سىزگە ياردەم قىلغان،ئىشىڭىزنى ئاسان قىلغان كىشىگە ھۆرمىتىڭىز چەكسىز بولماسمۇ؟ئەڭ ئۇلۇغ ھىس قىلماسسىزمۇ،؟سىزگە قانداق ياردەم بىرىلدى؟سىز بىلىمگە مۇھتاج،سىز تۇرمۇشقا مۇھتاج ،سىز ھەممىگە مۇھتاج.ئەزەلدىن بىلىملىكلەر خار بولغان ئەمەس،سىزگە كىرەكلىك شۇ نەرسىلەرنى سىزگە قەلەم ئارقىلىق سىزگە يەتكۈزدى،سىز بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى سىزگە ھەرخىل سەۋەب بىلەن بىلدۈردى.ئەجبا سىز ئەڭ قەدىمى ئىنسانلار چىققان نوقتىدىن باشلىماقچىمۇ؟سىز ۋە مەن،بىز مانا مۇشۇ ۋاقىتتا بىلىشكە مۇيەسسەر بولغان ۋاقتتا مەمنۇنىيەتكە تولۇپ ،بىلدۈرگۈچىگە ھۆرمىتىمىز ئاشماسمۇ؟قىنى ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈپ باقايلى،ئالەم قانۇنىيىتى قانداق قىلىپ ئىچىلۋاتىدۇ،قانداق قىلىپ بىزگە يەتكۈزلىۋاتىدۇ
ئەلۋەتتە دىن بىلەن پەنگە پەرىقلىق مۇئامىلە قىلىش كېرەك ،بىراق ئىككىسىنى زىديەتلەشتۈرۈش مەنبەنى يوق قىلغان بىلەن ئوخشاش.
مىسال:
ئاتۇملارنىڭ يۆنىلىشلىك ،قانۇنىيەتلىك ھەركىتى شامالدۇرقانۇنىيەتسىز ھەركىتى ئىسقلىق.
ئاتمۇسفىرانىڭ مەلۇم جايىدىكى ھاۋا]1] ئومۇمى يۈزلۈك يۇقرى ئۆرلىەندە ،ئۈستىنكى قەۋەتكە قانچە يىقىنلاشقانسىرى سۈرئىتى شۇنچە تىزلىشىدۇ.تۆۋەن قاتلامدىكى ئىسسىق نەم ھاۋا [2]ئۆرلىگەندە سوۋۇيدۇ،بۇنىڭدىكى سۇ پارى كىرىستاللىنىدۇ.شۇ كىرىستاللار قار ۋە يامغۇر تامچىسىنى ھاسىل قىلىدۇ،ھاۋا ئىقىمى يىتەرلىك كۈچلۈك،كىرىستاللار يىتەرلىك كىچىك بولغاندا چۈشۈپ كەتمەيدۇ. ،نەم ھاۋا[2]يۇقرىغا ئۆرلىگەن ۋاقىتتا ،ئەتراپىدىكى ھاۋا[3]نىمۇ تارتىپ ئەچقىدۇ.بۇ نەچچە يىلدىن بىرى سەل قارالغان نوقتا.ھاۋانىمە ئۈچۈن بۇنداق . ئۆرلەيدۇ؟ھاۋا قانچە ئىگىزلىگەنسىرى شۇنچە سوۋۇيدۇ،سوغۇق ھاۋا ئىغىر بولىدۇ،كۆتۈرۈلىشكە مۇھتاج،يەر قوياش نۇرىدىن ئىسسيدۇ،بۇ ئىسسقلىق رادىيەتسىيەلىنىپ يۇقىرىغا ئۆرلەش ئۈچۈن بوشلۇقتىكى سۇ پارىغا تاينىدۇ،يۇقرى ئۆرلىگەندە تىز سوۋۇيدۇ ،راديەتسىيە يوقىلىدۇ،بۇ خىل ھاۋا ئىقىمى ئىسسىق نەم ھاۋا ئىقىمىنى شەكىللەندۈرىدۇۋە يۇقىرىغا ئۆرلەشكە ياردەم بىرىدۇ،نەم ھاۋا ئىقىملىرىنىڭ قوشۇلىشىغا ياردەم بىرىدۇ.بۇ يەردە ئىسقلىق تەڭپۇڭلاشماستىن بەلكى كۈچ جەھەتتىن تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدۇ)قىقارتىلدى(يۇقرىغا ئۆرلىگەن ھاۋا [،2،1]جۇغلىنىپ مەلۇم كۆپۈشكەن رايۇننى ھاسىل قىلىدۇ،بۇ رايۇندىكى يۇقرىغا ئۆرلىگەن ھاۋا ئۆرلىگەندە سوۋۇيدۇ،ھەرقانداق ئاستىنقى قاتلامدىكى ھاۋا[3] بۇ رايۇنغا كىرمەكچى بولسا بۇ رايۇن ئىچىدىكى ھاۋادىن سوغۇق بولىشى كىرەك.كىرمەكچى بولغان ھاۋا سوغۇق رايۇندىكى ھاۋادىن سوغۇقراق بولغاچقا ئىغرراق بولىدۇ،شۇنىڭ بىلەن چۈشۈپ كىتىدۇ.بۇ رايۇندىكى ھاۋا باشقا ھاۋادىن ئىسقراق ھەم يىنىك بولغاچقا داۋاملىق يۇقرى ئۆرلەپ ئەڭ يۇقرى چەككەيتىدۇ.دىمەك يان تەرەپتىن قوشۇلغان ھاۋا نەم ھاۋانىڭ ئۆرلىشىگە ياردەم بىرىدۇ،مانا بۇ گۇلدۇرمامىلىق ھاۋاقىپىنىڭ يۇقرىغا ئۆرلەش مىخانىزىمى)قىسقارتىلدى(
بۇرايۇندىكى مۇز پارچىللىرى يىتەرلىك ئىغىر بولغاندا ،ئۇلار يۇقرىغا ئۆرلەۋاتقان ھاۋانى كىسىپ ئۆتىدۇ،ئۇ چاغدا ئۇلار تىخىمۇ ئىغىر بولىدۇ[9]،ئۆرلەۋاتقان ھاۋا بەرداشلىق بىرەلمەي،مۇز پارچىللىرى بىلەن ئۇچراشقان ھاۋا بىللە چۈشىدۇھەم پەسكە تۆۋەنلىگەن ھاۋا ئىقىمىنى شەكىللەندۈرىدۇ.)موقىم بولغان ئەھۋالدا نەم ھاۋا داۋاملىق ئۆرلەش كېرەك،ئىنىقكى مەلۇم نەرسە نەم ھاۋا ئىقىمىنىڭ ئورنىنى ئىلىش كېرەك،چۈشۋاتقان ھاۋا ئىقىمى نەم ھاۋا ئىقىمىنىڭ ئورنىغا ئالمىشالايدۇ،غەلىتە يىرى چۈشۋاتقان ھاۋا ئىقىمى ئەسلىدىكى ھاۋا ئەمەس ،ئۇنىڭدا مەلۇم خىل ئالاھىدە بۇلۇت[4] بولۇپ،ئۇ ئۆرلىگەندە ئەتراپىدىكى ھاۋا ئىقىمىنى تارتىپ ئاچىقمايدۇ،ئۆرلىگەن ھامان چۈشۈپ كىتىدۇ،بۇ ئادەمنى ئەڭ ھەيران قالدۇردىغان تەرىپى.(بۇتۆۋەنلىگەن ھاۋاتۆۋەنلىگەن ۋاقىتتا گۇلدۈرمامىلىق ھاۋا قىپىنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قىسمىغا كىلىدۇ.يۇقرىغا ئۆرلەۋاتقان ھاۋا ئىقىمى[1]ۋە تۆۋەنگە چۈشۋاتقان ھاۋا ئىقىمى كۈچلۈك قانۇنىيەتسىز شامالنى شەكىللەندۈرىدۇ،ئۇلارنىڭ جەريانى ئىنتايىن مۇرەككەپ.
چاقماقنىڭ ھاسىل بولۇشى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، بۇلۇتنىڭ ئاستى -ئۈستى،بۇلۇت بىلەن بۇلۇت،بۇلۇت بىلەن يەر ئۈستى ئارسىدا يۈز بىرىدۇ.بۇلۇت ئارىسىدىكى زەرەتلەر ھاۋا ئىقىمى،كىرىستالنىڭ ھەركىتى سەۋەبىدىن مەنپى ۋە مۇسبەت زەرەتكە ئايرىلىپ ،مۇسبەت ۋە مەنپى زەرەتلەر ئارسىدىكى تەسىردىن چاقماق ھاسىل بولىدۇ،چاقماقنىڭ ئاساسى پىرىنسىپى تولۇق تىخى تولۇق ئايدىڭلاشمىغان ھالەتتە.بىز پەقەت ئۇنىڭ كىلىش مەنبەسىنىڭ گۇلدۇرمامىلىق يامغۇر قىپى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.
«كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتلارنى ھەيدەيدۇ،ئاندىن ئۇلارنى بىر-بىرىگە قوشىدۇ.ئاندىن ئۇلارنى توپلايدۇ،شۇنىڭ بىلەن بۇلۇت نىڭ ئارسىدىن يامغۇر ياغقانلىقىنى كۆرىسەن.ئاللاھ ئاسمانلاردىكى تاغدەك بۇلۇتلاردىن مۆلدۈر ياغدۇرىدۇ.ئۇنى خالىغان ئادەمگە يەتكۈزىدۇۋە ئۇنىڭدىن خالىغان ئادەمنى ساقلايدۇ.چاقماقنىڭ يورۇقى كۆزلىرىدىن ئايرىۋەتكىلى تاس قالىدۇ.ئاللاھ كىچە بىلەن كۈندۈزنى ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ.بۇنىڭدا ئەقىل ئىگىللىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىبرەت بار».(سۈرە نۇر 43-4-ئايەت)ئۇبەيدە ئىبنى ئۈمەيىر مۇنداق دىدى:”ئاللاھ تائالا قوزغىغۇچى شامالنى ئەۋەتىدۇ،ئۇ زىمىننى سىيپاپ ئۆتىدۇ،ئاندىن پەيدا قىلغۇچى شامالنى ئەۋەتىدۇ،ئۇ بۇلۇتلارنى پەيدا قىلىدۇ،ئاندىن قوشقۇچى شامالنى ئەۋەتىدۇ،ئۇ بۇلۇتلارنى بىر-بىرىگە قوشىدۇ،ئاندىن ھەيدىگۈچى شامالنى ئەۋەتىدۇ،ئۇ بۇلۇتلارنى ھەيدەيدۇ”ئايەتنىڭ ھەقىقى مەنسىنى ھەدىستە بايان ئەتتى ،بىزنىڭ كۆپ چۈشەندۈرشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.ئەمدى سىلىشتۇرۇپ بىقىڭ،يۇقرى ئۆرلىگەن ھاۋا كۆتۈرۈلگەندە ئۇنىڭ ئورنىنى باشقا ھاۋالار تولدۇرىدۇ،بۇ دەل يەرنى سىيپاپ ماڭغۇچى شامالدۇر،[1]نەم ھاۋا يۇقرى ئۆرلىگەندە سۇ پارى مۇز ۋە يامغۇر تامچىسىغا ئايلىنىپ بۇلۇتنى ھاسىل قىلىدۇ ،بۇ دەل پەيدا قىلغۇچى ھاۋا ئىقىمىدۇر،[2]نەم ھاۋا يۇقرىغا ئۆرلىگەندە تارتىپ ئاچىققان يىنىدىكى ھاۋا ئىقىمى [3]يۇقرى ئۆرلەش چۈشۈش جەريانىدا ھاسىل بولغان بۇلۇتلارنى كۆپەيتىدۇ جۇغلىنىشقا ئاساسلىق كۈچ چىقىرىدۇ.بۇ دەل قوشقۇچى شامالدۇر.]4]سىرلىق ھاۋا ئىقىمى بولغان ئالاھىدە بۇلۇت. دەل ھەيدىگۈچى شامالدۇر.ئەرەپچىدىكى تاغدەك بۇلۇت دىگىنى ]9[نىڭ ئۆزى ،مۇز پاچىلىرى ۋە ھاۋا ئىقىمىنىڭ بىرىكمىسى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرجىدە ئىغىر بولۇپ يامغۇر،قار،چاقماق ھادىسىلىرىگە،زەرەتلەرنىڭ ئايرىلىشىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.بۇنىڭدا ئەقىل ئىگىللىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىبرەت بار.بىز بۇنى چوقۇم ئوبدان ئويلىنىشىمىز كېرەك.ئىلىم -پەن ئالەمنىڭ سىرىنى ئىچىشنى مەقسەت قىلسا ،بۇ ئايەتلەر يىپ ئۇچى ،ئەڭ توغرا بەلگىلەردۇر.
بۇ يەردە تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان تىمىلار ناھايىتى كۆپ.مۇسبەت مەنپى زەرەتلەر قانداق ئايرىلىدۇ،مۇز پارچىلىرىنىڭ ئىقىمىدىنمۇياكى ھاۋا ئىقىمىدىنمۇ؟ھاۋا ئىقىمى بىلەن مۇز پارچىللىرى بىرلىكتە ئايرىمدۇ؟
پايدىلانغان ماتىرىياللار:تەپسىرى ئىبنى كەسىر،فىينمەن فىزىكا كونسىپىكى
|
|