- تىزىملاتقان
- 2015-3-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3539
- نادىر
- 0
- يازما
- 274
ئۆسۈش
51.3%
|
بۇ يىل قۇربان ھىيت كىلىشى بىلەن ئەرلەرنىڭ بېشى قاتتى ،پۇل يوقلىقتىن ئەمەس بەلكى قۇربانلىق قوينى قانداق سۇيۇش توغىرسىدا بېشى قاتتى ،چۈنكى ھازىرقى زامانىۋى ئەرلەر پىچاق تۇتۇپ قوي سۇيۇشتىن قۇرقاتتى ،بۇلۇپمۇ پاكىزە كىيىملىرنىڭ مەينەت بۇلۇپ كىتىشىدىن تىخىمۇ قورقاتتى ،بۇ كۈنى مەھلىمىزدىكى ئەمەت ئىسىملىك ،ئوتتۇرا بوي ، سىمىز كەلگەن ئاكىمىزغا بايرام بۇلاتتى ،قۇربان ھېيت كۈنى بۇ كىشى ئاز دىگەندە 100 دەك قوي سۇيۇپ ئەرلەرنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتەتتى .بۇ يىلمۇ شۇنداق بولدى ،ھېيت نامىزدىن كېيىن كىشىلەر قويلىرنى يىتلەپ ئەمەت قاساپنىڭ چوڭ قوروسىغا ئەكىرىپ ئۆچرەت ساقلاپ قويلىرنى سويدۇرۇپ بۇلۇپ گۆشنى خالتىغا قاچىلاپ باش -پاچاقلىرنى ،ئىچ ئەزالىرنى تازلاش ئاۋارچىلىق دەپ تاشلاپ قۇيۇپ كىتىشەتتى .ئەمەت قاساپ ئۆزى كۈلۈپلا تۇردىغان ئەمما قوي،كالا،تۆگە،ئات قاتارلىق ئۆي ھايۋانلارنى خۇددى قۇچقاچنىڭ بېشىنى كەسكەندەكلا كىسىپ بىردەمدىلا ئۇلارنى جىندىن جۇدا قىلاتتى .بىر كۈنى مەن ئۇنىڭ بىلەن پىكىرلىشىپ قالدىم :
-ئەمەت ئاكا ،ياخشى مەھلىمىزدە سىز بۇلۇپ قاپسىز بولمىسا مۇشۇ ھىيت ئايەمدە قانداقمۇ قىلاتتۇق ھە!ئەمەت ئاكا پىرىتىۋا بىلەن كىسىپ قويغاندەك كىچىك گازىر كۆزلىرنى يوغانراق ئېچىپ ماڭا چاقچاق قىلغان بۇلۇپ :
-قانداق قىلاتتىڭ ئۇكا ،ئۇ چاغدا بۆشۈككە چىقىپ ئۇخلاپ تۇرتۇڭ ،ئايالىڭ سۈيۈپ بېرەتتى،چۈنكى ھازىر ئەرلەر قىلىشتىن باش تارتقان ئىشلارنى ئاياللار قىلۋاتىدۇ ئەمەسمۇ ؟-دىدى .ھەر ئىككىلىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق .كىيىن مەن كۈلكەمنى توختۇتۇپ :
-راست گەپ قىلە ئەمەت ئاكا قوي ،كاللارنى سويغىنىڭدا ئىچىڭ ئاغىرمامدۇ؟
-ئىچىم ئاغىرسا ،سەندەك خىنىم مىجەز ئەرلەر قانداق گۆش يىيەلەيسىلە ؟ ھا ھا ھا ...
-توۋا دەيمەن ،بۇ ھايۋانلارمۇ سىنىڭ قولۇڭدا شۇنداق ياۋاش بۇلۇپ قالدىكەن ،ئۆتكەن يىلى مەن بوي سۇندۇرالمىغان كەپسىز تىكىنى سەن بىردەمدىلا بوغۇزلاپ تەييالاپ بەردىڭ ،بىرەر مەخپىيىتىڭ بارمۇ يا سىنىڭ ؟
-ئۇكام دىدى ،ئەمەت قاساپ كۈلۈپ تۇرۇپ ،ھەممە ئىشقا پەم كىتىدۇ ،ئەقىل -پاراسەت دىگەن سۆزنىڭ يەنە بىر مەنىسى ھىلىگەرلىك دىيىلدۇ ،قاساپلىق قىلىشمۇ بىر ھۈنەركەن مەنمۇ ئۈچ يىل مەشىق قىلىپ ئۈگەنگەن ،بۇ كەسىپنى قىلىۋىرىپ مانا ھازىر ئۇستا بۇلۇپ كەتتۇق ،بۇلۇپمۇ سىلەردەك خىنىم مىجەز ئەرلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ مەن تىخىمۇ باي بولدۇم دىدى كوسا ئىڭەكلىرىنى سىلاپ قۇيۇپ .مەن ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تىخىمۇ قىزىقتىم دە :
-ئەمەت ئاكا ئاڭلىسام مۇشۇ ئۆي ھايۋانلار بىلەن بەك مۇڭدۇشىدۇ دەيدىغۇ سېنى ؟
-مۇڭدىشىمەن ،ئەلۋەتتە مۇڭدىشىمەن ،مۇڭداشمىسام ئۇلارنى ئۆزەمگە قانداق بوي سۇندۇرىمەن ،مەن باشتا مۇڭدۇشۇپ ،ئۇلارغا كۆيۈنۈپ كۆڭلىنى ئالىمەن ،ئانىدىن ئۆزەمگە كۆندۈرۈپ جىننى ئالىمەن دىدى .مەن بۇ ۋەھشى قاساپتىن قۇرقۇپ قالدىم ئىچىمدە :
-توۋا ياخشى ئادىمى قاساپ بۇلۇپ قالماپسەن دەپ ئويلۇدۇم ،ئۇ مىنىڭ جىم بۇلۇپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ :
-ئۇكام مەن ساڭا ئىيتسام بۇ ھۈنەنىمۇ مەن باشقىلاردىن ئۈگەنگەن ،قارا ئۇكام بىز بۇندىن نەچچە يىل ئىلگىرى بىر نەچچەيلەن بىرلىشىپ تىجارەت قىلدۇق ،بىز جەنۇپتىن قوي ئېلىپ شىمالغا ئاپىرىپ ساتماقچى بولدۇق ئۇ يەردىكى قويلار يىشىل ئوت -چۆپ يەپ كۈنۈپ قاپتىكەن ،بىز قويلارنى شىمالغا يۆتكەپ كەلگۈچە شىمالدا سوغۇق بۇلۇپ كەتتى ،شۇنىڭ بىلەن قويلارغا مەنكا ۋە سامان بەرسەك يىمەي بىزنى بەك خاپا قىلدى ،ئەكەلگەندە سىمىز قويلار بىردىنلا ئۇرۇقلاپ كەتتى ،قانداق قىلشىمىزنى بىلمەي گاڭگىراپ يۈرگەن كۈنلەردە ھىلىمكام دىگەن بىر قاساپ بۇلدىغان شۇ كىشى بىزنىڭ قويلىرمىزنى ئەرزان باھادا سېتۋىلىپ بىر ئاي بېقىپ سەمەتىپ نۇرغۇن پايدىغا ئېتىشىپتۇ ،كېيىن بىلسەك ،ئۇ كىشى 50 تۇياق قويلارغا ئېرىنمەي ھەممىسىگە يىشىل رەڭلىك قاتتىق سىلياۋدىن ھەر بىر قويلارغا كۆزەينەك ياساپ ئۇلارغا يەم بېردىغان چاغدا تاقاپ قۇيۇپتىكەن مەنكا،سامانلار قويلارنىڭ كۆزىگە يىشىل كۆرۈنۈپ كىتىپ قويلار بىردىنلا يەم يەيدىغان بوپتۇ ،شۇنداق قىلىپ ئۇ قويلار سەمىرىپ ھىلىم قاساپنىڭ دامىغا ئاسانلا چۈشۈپ ئۇنى باي قىپتۇ ،شۇنداق قىلىپ ھېلىم قاساپنىڭ باشتا كۆيۈنۈپ كۆڭلىننى ئىلىپ ،ئاندىن كۆندۈرۈپ جاننى ئالدىغان تېخنىكىسىنى مەنمۇ ئۈگەندىم .شۇنداق قىلىپ ھازىر مىنىڭ قۇلۇمدىن قوي،كالا،تۆگە،،ئات قاتارلىق ھايۋانلار قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ ،كۈندە ئۇلار بىلەن مۇڭدىشىمەن ۋاقتى قارارىدا يەم بېرىپ كۆڭلىننى ئالىمەن ،شۇنداق قىلىپ ئۆزەمگە كۆندۈرمەن قانداق ئۇكا بۇ ھۈنەر بۇلامدىكەن ؟
-بۇلدىكەن ،بۇلدىكەن دىدىم مەن يالغان كۈلۈپ .ئەمما بۇ كىشىنىڭ چاپقۇر ئاتلارنى،مۇڭگۈزلۈك كاللارنى ،كەپسىز تىكىلەرنى ،سۈرلۈك تۆگىلەرنى سويغۇننى كۆرگۈنۈمدە قايىل بولماي تۇرالمايتىم ،قىزىق يېرى بىر توپ كالا ،قويلارنى بىر ئىت بىلەن نە نەلەردە بېقىپ ھەيدەپ كىلىشى مىنى قايىل قىلاتتى ،بىز بىرە يىرىم دەم مۇڭدۇشۇپ ئولتۇرساق بىر قوزا كىلىپ ئەمەت قاساپنىڭ قوللىرنى پۇرىغىلى تۇردى ،ئەمەت قاساپ بالىلار ئىمزىكىگە كالنىڭ سۈتىنى قۇيۇپ ئىمزەك بىلەنلا قۇزىغا بەردى ،قوزا چاكىلداپ يۈرۈپ ئىمزەكتىكى سۈتنى پاكىزە ئىچىپ بولدى ،بۇنىڭدىن ئەمەت قاساپ سۈيۈنۈپ قوزىنى بېشىنى سىلاپ قويدى -دە،
-كاساپەت ،يەنە ئۈچ ئايدىن كېيىن پىچاققا يارايدىغان بۇلدۇ دىدى .قوزا ئەمەت قاساپنىڭ قان پۇراپ تۇردىغان قوللىرنى پۇراپ ،پۇراپ قۇيۇپ كىتىپ قالدى .مەن بۇ قاساپنىڭ ھۈنىردىن يا پەخىرلىنىشىمنى يا نەپرەتلىنىشىمنى بىلەلمەي سۇسلا خوشلۇشۇپ ئۆيگە قايتىم .
|
|