بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salun520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-3 10:46
ئوغلۇمنىڭ ھەيران قالارلىق خىيالى
جۇ دامىڭ
بۇلتۇر، بېيجىڭدىكى نەۋرە ھەدەم سودا- سانائەت باش بانكىسىنىڭ باشلىقىغا ھەمراھ بولۇپ شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلدى ۋە تەرجىمەشىركىتىمىزنىمۇ زىيارەت قىلدى ھەم ئىنتايىن ھەۋەس قىلدى. شىركەتنىڭ بىناسىنى كۆرگەندەھاياجانلانغان ھالدا: «ت ر گ - تەرجىمىنىڭ ئۆلچىمى، تەرجىمە ساھەسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ! قالتىس قويۇلغان ئىسىم!» دېدى.
كەچقۇرۇن، «قار لەيلىسى» مېھمانسارىيىدا نەۋرەئاچام ۋە بېيجىڭدىن كەلگەن مېھمانلارغا زىياپەت ئورۇنلاشتۇردۇق. نەۋرە ئاچام ئويناۋاتقان ئوغلۇمدىن: «شياڭ شياڭ، چوڭ بولغاندىن نېمە ئىش قىلىسەن؟ داداڭغا ئوخشاش تەرجىمان بولامسەن؟» دەپ سورىدى.
ئوغلۇم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن ساددىلارچە:«ياق، مەن ئۇچقۇچى بولىمەن!» دەپ جاۋاب بەردى.
نەۋرە ئاچام باش بارمىقىنى چىقىرىپ: «شياڭ شياڭ نېمىدىگەن باتۇر!» دېدى، ئارقىدىنلا يەنە: «شياڭ شياڭ، سەن ھەيدەۋاتقان ئايروپىلاننىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا تۇيۇقسىز ئوتى ئۆچۈپ قالسا قانداق قىلىسەن؟» دەپ سورىدى.
ئوغلۇم بېشىنى قاشلىغاچ بىردەم ئويلاندى ۋە:«ئالدى بىلەن مەن يولۇچىلارغا بىخەتەرلىك بەلبېغىنى تاقىۋېلىشنى ئېيتىمەن، ئاندىن پاراشوت بىلەن سەكرەپ چۈشۈپ كېتىمەن» دېدى.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ مېھمانلار بىردىنلا قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى، بەزىلىرى باشلىرىنى چايقاپ ھازىرقى زاماندا ھەتتا بالىلارنىڭمۇ شەخسىيەتچى بولۇپ كەتكەنلىكىدىن ئېغىر خۇرسىندى. ئۇنىڭ دادىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن ئىنتايىن خىجىل بولدۇم.
كۆپچىلىكنىڭ قاتتىق كۈلكىسىنى كۆرۈپ ئوغلۇم نېمەقىلارىنى بىلەلمەي قالدى.
نەۋرە ئاچام كۈلكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن يەنە:«شياڭ شياڭ، سەن سەكرەپ چۈشۈپ نېمە قىلىسەن؟» دەپ سورىدى.
ئەمدىكى جاۋاب ئۇنىڭ بالىلارچە سەمىمىي ئويىنى ئاشكارىلىدى: «مەن بېرىپ يېقىلغۇ ئېلىپ كېلىمەن، بولمىسا ئايروپىلاندىكى ماڭائوخشاش نۇرغۇنلىغان كىچىك بالىلار ئۆلۈپ كەتمەمدۇ؟» دەپ بولۇپلا كۆزلىرىدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى.
بۇ ۋاقىتتا بارلىق مېھمانلار ۋە نەۋرە ئاچام ھاڭ-تاڭ قالدى. مەن ئوغلۇمنىڭ خاراكتېرىدىكى ئاقكۆڭۈللۈكنى سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن،كۆزلىرىم نەمدىلىشكە باشلىغان ئىدى، مەن ئوغلۇمدىن پەخىرلىنىمەن.
|