قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 411|ئىنكاس: 0

سەبدىشىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

23

تېما

0

دوست

1427

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   42.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48536
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 51
تۆھپە : 462
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-3 11:13:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەبدىشىم


ئابدۇراخمان سادىق



  سەبدىشىم: سەن مىنىڭ قەلبىمدىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر قىيامەتلىك دوستۇم ئېدىڭ، دىمەك سەبداشلىق مېھرىمىز دىڭىز-ئوكياندىنمۇ چۇڭقور ئېدى، ئويلاپ كۆرە ،سەبداشلىق رىشتىمىز باغلانغىنى 40يىلدىن ئىشىپتۇ،شۈنداق ئەمەسمۇ،سەممۇ بىزدەك ئويلامدىغانسەن؟ئاشۇ جاپالىق يىللاردا تىبەت ۋە قارا قۇرۇم ئىگىزلىگىدە ئاق قار كۆك مۇزلاردا كۆكسىمىزنى ئانا زىمىنغا  يىقىپ  ئۇلۇغ ۋەتەنىمىزنى قوغداش يولىدا بىر قازاننىڭ تامىقىنى يەپ،ئۇگۈنىش خىزمەتلەردە، مەشىقلەردە تاۋلىنىپ قىققان ئەمەسمىدۇق،دىمەك بىر قان،بىر تەن بولۇپ قىسىم قورلىشى ئۇچۇن توھبە قوشقان ئىدۇق،قىسىم تەربىيىسىدە ئەخلاقلىق-پەزىلەتلىك غايىلىك ھەقىقى جەڭچى بولۇپ يىتىلىپ چىققان ئېدۇق.
   قىسىمدىن ئايرىلغانداسەبداشلىق مىھرىمىزنىڭ چوڭقۇرلىقىدىن بىر-بىرىمىزگە قىيالماي يىغلاپ خوشلاشقان ئەمەسمۇ،بۇ گۈزەل ئەسلىمىلەر ئىسىڭدە باردۇر ھە،سەن ئىككى تىللىق ئېدىڭ،مىجازىڭ خۇشخۇي بولۇپ چىقىشقاق ئىدىڭ،شۈڭلاشقا سەبداشلار ساڭا ئامراق ئېدۇق،بىزگە دائىم خەنزۇ تىلى ئۇگۇتەتتىڭ،خەنزۇ تىلىنى بىزگە زىرىكمەي ئۈگۈتەتتىڭ ،سىنىڭ ياردىمىڭ بىلەن خەنزۇچىدىن خىلى ساۋادىمىز چىقىپ قالغان ئىدى،
  سەن سەبداشلا ئىچىدىن تۇنجى بولۇپ كادىر بولدۇڭ،سەن بىلەن بىرگە ھەربى سەپكە كەلگەنلەر ئارقا-ئارقىدىن قىسىمدىن بوشاپ جەمىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھالىرىگە خىزمەتكە چۇشتۇق،بەزىلىمىز دىھقان بەزىلىمىز زاۋۇت كارخانلاردا خىزمەتچى،ھەم كارخانىچى ۋە يەنە رەخبىرى كادىرلارمۇ بار بولۇپ كۈنلىرىمىز ئالدىراشلىق بىلەن ئۆتەتتى،بەزىلىرى ساڭا ئوخشاش قىسىمدا قىلىپ كەدىر بولغانلارمۇ بار ئېدى.سەن بىلەن پات-پات كۆروشۇپ قالاتتۇق ،سەن كەلگەندە سەبداشلار يىغىلىپ تۈگىمەس پاراڭلارغا چۇشەتتۇق،قىسىمدىكى گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ،جاپالىق كۆرەشلەرنىڭ كارتىنىلىرىنى توختىماي بەس-بەستە سۆزلەپلا كىتەتتۇق نىمە دىگەن كۆڭۆللۇك ئېدى ھە،شۇ دەقىقىلەر سەبداشلىق رىشتىمىزنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلىقىنى  ھىس قىلدۇراتتى،ئارلاپ كىلىلىدىغان خەتلىرىڭدىن ئۆسكەنلىگنى بىلىپ خۇش بولاتتۇق ،20 يىلدىن كىيىن يەرلىككە يۇتكىلىپ كەلدىڭ،مەركىزى شەھەردە سەبداشلار بىلەن سىنىڭ ۋاختىڭغا قاراپ پات-پاتلا جەم بولاتتۇڭ،پاراڭنىڭ تىمىسى يەنىلا  قىسىمدىكى تۇرمۇشىمىزنىڭ كارتىلىرى ئېدى،كۈنلەر تۇرمۇش،خىزمەت ئالدىراشچىلىغىدا شۈنداق تىز ئۆتەتتى.
   خىزمىتىڭ بالداقمۇ –بالداق ئۆسوپ نازىر بولدۇڭ،ئەمىلىڭ ئۆسكەنچە خارەكتىرىڭ بەكىرەك ئۆسۇپ بىزدىن يىراقلاشتىڭ،مىجازىڭ بىردىنلا ئۆزگەردى،توۋا سەبداشلارنى تونىمايدىغان  ھەتتا ئۇستازىڭنىمۇ تونىمايدىغان دەرىجىدە ئۆزگەردىڭ،سەن بىز ئەزەلدىن كۆرۇپ باقمىغان يات كىشىگە ئۆزگۈرۈپ قالدىڭ،بىزنى تونىمىساڭغۇ مەيلى،سىنى بىر قوللۇق تەربىلىگەن ئۇستازىڭنى تونىمىغىنىڭ نىمىسى،سىنىڭدىكى ئۆزگۈرۈش ئۇستازغا ئەلەم بولسا، بىزنى ھەيران قالدۇردى.
   سەندىكى گەپ-سۆزلەر ،يۇرۇش-تۇرۇشۇڭنىڭ باشقىچە غەيرىلقىدىن راستىنى ئىتسام سەندىن يىركىنىدىغان بولدۇم،توغرىسى ساڭا خوشامەت قىلغۇچىلار ئەتىراپىڭدا چىۋىندەك ئۈچۈپ يۇرىشەتتى، ئۇلارنىڭ زەھەرلىك قارا لىباسلىرى ساڭا كىمھاپ تون كۆرۇنىپ كۆزلىرىڭ ئالا- چەكمەن بولۇپ بىزنى تونىماس بولدۇڭ، قارا سىنى ئەندى بولسا بىزنى پۇتۇنلەي ئۇنتۇپ كەتتىڭ، توي-نەزىرلەردە ،ھەتتا ئۆيۇڭ ئالدىغا كىلىپ قالساقمۇ قارىماستىن كىتىپ قالغان ئېدىڭ.سەبداشلار ئارىسىدا سىتارشى پولكوۋنىك بولغانلاردىن خىلى بار ئىدى،ئۇلار ئالدىدا سەن نىمىدىڭ،ئۇلا سەبداشلار بىلەن بىرگە بولغان چاغلاردا ئەمىلىنى ھەرگىزمۇ ئىغىزىغا ئالماتتى، ھۆرمەت يۇزىسىدىن ئەمىلىنى ئاتاپ قويساق ،«مەن خىزمەت ئۇستىدە ئەمەس،ئەمىلىمنى دىمەڭلار،ھەممىمىز بىرگە ھەربى سەپكە قاتناشقان،شۇڭا بىزنى تەڭسىزلىككە قۇيماڭلار»دەتتى،سەنچۇ ھەدىسىلا ئەمىلىڭنى پەش قىلىپ ماھتىناتتىڭ،ھەم كۆز-كۆزقىلاتتىڭ،بىز سىنىڭدىن ھىچنەرسە تەلەپ قىلمىغان ھەم تامادىمۇ ئەمەس،پەقەت سەبداشلىق مېھرىمىز بىلەن بۇرۇنقىدەك كۆڭۆللۇك پاراڭلىشىشنى ئارزۇ قىلاتتۇق شۇ .
      سەبداشلار يىغىلىپ قالغاندا سىنىڭ غىمىڭنى يەپقالاتتۇق، ئاشۇ خۇشامەتچىلەر بىرەر بالاغا شىرىك قىلىپ قۇيامدىكى دەپ ئەنسىرەپ قالاتتۇق.
سەن ياراتمىغان ئۇستازلار ،سىتارشى پولكوۋنىكلاردا سەندە بار  كىبىر ۋە باشقا ئىللەتلەر زىنھار يۇق ،ھەر قىتىمقى ئچۇرشۇشلاردا شۈنداق كۆڭۆللۇك ئولتۇرىمىز،قىنىپ-قىنىپ تازا كۆلىمىز،ئاشۇ كۆڭۆللۇك سورۇندا سەن يۇق،خۇشەمەتكە ئەسىر بولۇپ سەبداشلاردىن ئايرىلىپ قالغانلىقىڭدىن ئەپسوسلاندۇق،ئاڭلىسام سەن پىنسىيەگە چىققاندىن كىيىن خۇشامەتچىلەر كەلمەس بولۇپتۇ،ۋە باشقىلار... يالغۇزلىقتىن زىرىكىپ قالغانسەن ھە، ھەرقىتىمقى يىغىلىشتا بىر ئورۈننى ساڭا ئاتاپ بوش قالدۇراتتۇق.دۇستۇم: خىزمەت ئىشلىگەن ۋاھتىڭدا ئۆيۇڭ ئاۋات، خوشامەتچى دوستۇڭ كۇپ ئېدى،پىنسىيەگە چىقىشىڭ بىلەن ئۇلا سىنى ئىزدىمەس ،ساڭا قارىماس،بولۇپتۇ، ئەندى بۇ ئاۋات ھۆيلاڭ چۇلدەرەپ كاپتۇ،ئازاپلىنىۋاتقانسەن ھە، ئەڭ يامان بولغىنى ئەلدىن ،سەبداشلاردىن ئايرىلىپ ھەشەمەتلىك داچىدا يالغۇز مۇڭلۇنۇپ ئولتۇرۇپ قالغىنىڭ بولدى...
دوستۇم ئادەمگە بۇنىڭدىنمۇ ئىغىر ئازاپ بولمىسا كىرەك ھە،،،
2015-يىلى ئاۋگۇست
uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )