قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 210|ئىنكاس: 0

ياۋروپا مەركىزى بانكىسى ئۆسۈم كېمەيتىشتىن باشقا يەنە نېمە قىلالا...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

42

تېما

2

دوست

2010

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  40020
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 89
تۆھپە : 606
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-3 11:37:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ياۋروپا مەركىزى بانكىسى ئۆسۈم كېمەيتىشتىن باشقا يەنە نېمە قىلالايدۇ؟

FX168 خەۋىرى، بايكۈچ تەرجىمىسى

u=1306452059,3005631439&fm=11&gp=0.jpg

گولدمان ئىقتىسادشۇناسى Dirk Schumacher سەيشەنبە (1-مارت) بىر قېتىملىق دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ 3-ئايدىكى يىغىندا پۇل ئامانەت ئۆسۈم نىسبىتىنى 10 ئاساسىي نۇقتا كېمەيتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن، ئۆسۈم قوشۇش بوشلۇقى بولسىمۇ ئەمما بۇ  ئىچكى جەھەتتە كۆپ ساندىكى ھەيئەتلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىشى مۇمكىن، ئۇلار بۇنىڭ بانكا ساھەسىگە پايدىسىز تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.

شۇنداقلا مەركىزى بانكىنىڭ تەييارلىق فوندىغا قارىتا يولغا قويۇلىدىغان دەرىجىگە بۆلۈنگەن ئۆسۈم نىسبىتى سېستىمىسىنى ئېلان قىلىدىغانلىقى، ھەم بۇ سېستىمىنىڭ كېيىنرەك كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقى، ھەر ئايلىق زايوم سېتىۋېلىش كۆلىمى  10 مىليارد ياۋرو ئېشىپ، 70 مىليارد ياۋروغا يېتىشى مۆلچەرلەندى.

گولدماننىڭ دېيىشىچە، گەرچە ئاممىۋى ئورگانلارنىڭ زايوم سېتىۋېلىش پىلانى (PSPP) نىڭ پارامېتىرلىرى ئۆزگەرمەي ساقلانسىمۇ، ئەمما دراجى زۆرۈر تېپىلغاندا تۈزىتىش كىرگۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇندىن باشقا ياۋروپا مەركىزى بانكىسى دۇچ كېلىدىغان كېيىنكى مەسىلە گېرمانىيە دۆلەت زايومى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش بولۇپ، بەلكىم بۇنىڭغا قارىتا تېزلا قارار چىقىرالماسلىقى مۇمكىن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، CPI ۋە GDP نىڭ تۈزىتىلىشى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ھەيئەتلەرنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بوشىتىش سىياسىتىنى قوللىشىنى ئىلگىرى سۈردى، بۇ يىلقى پۇل پاخاللىقى مۆلچەرىنىڭ %0.1- گە تەڭشىلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى.

تۈنۈگۈنكى  سانلىق مەلۇماتلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ياۋرو رايونى 2-ئايلىق CPI ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن %0.2 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن بولۇپ، بىر يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ چۈشۈش كۆلىمىنى ياراتقان. بۈگۈنكى دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ياۋرو رايونى 2-ئايلىق ياسىمىچىلىق كەسپى PMI نىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش باھا كۆرسەتكۈچى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشكەن. ياۋروپا مەركىزى بانكىسى دۇچ كېلىۋاتقان كىشىنى ئەنسىرىتىدىغان پۇل پاخاللىقى مۇھىتى قارىماققا تېخىمۇ يامانلىشىۋاتقاندەك قىلىدۇ.

دوستانە ئەسكەرتىش: ياۋروپا مەركىزى بانكىسى كېيىنكى پەيشەنبە (10-فېۋرال) پۇل سىياسىتى يىغىنى چاقىرىدۇ. بېيجىڭ ۋاقتى 20:45 دە ئۆسۈم نىسبىتى قارارىنى ئېلان قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى دراجى ئاخبارات يىغىنى ئاچىدۇ.

مەنبە: بايكۈچ تورى (www.baykuq.com)

20151126114247_87922.png



uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )