قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3434|ئىنكاس: 77

ناھەق سوت، بىر ياشانغان دىھقان كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ ئاھۇ-زارى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

271

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   90.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57371
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 82
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-3 11:52:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسمىم: ئەمەت مەتنىياز.


تۇرۇشلۇق ئورنۇم: ئاقسۇ ۋىلايىتى،ئونسۇ ناھيە، تۇمشۇق بازرى، تۆۋەن سىرىم كەنتى.

«ئىلاۋە»:
   مەن كومپارتىيەگە ئىشنىمەن. ياشلىقىمدا، دۆلەت ۋە پارتىيە ئۈچۈن سادىقلىق بىلەن جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت قىلدىم، دۆلەت ۋە پارتىيەگە، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئادىللىقىغا شەكسىز ئىشىنىپ كەلدىم، دادۇي شۇجىسى بولغان چاغلاردىمۇ، شەخسىيەتسىز ھالدە دىھقانچىلىق ئەمگەك ئىشلىرى بىلەن تىرىشىپ توغرا تۇرمۇش كەچۈرۈپ، پاك ياشاش بىلەن بىرگە، پارتىيە، دۆلەت ئۈچۈن ۋە ئاۋام خەلىق ئۈچۈن بار كۈچۈم بىلەن پىداكارلىق بىلەن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىدىم. ئۆز نەپسىمگە چوغ تارىتمىدىم. خەلىقنىڭ غىمىنى يىدىم.
  ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، مەن سوت يەنى سودىيە بىلەن خۇسۇسى مۇناسىۋىتى بولغان يامان نىيەتلىك كىشىلەر تەرىپىدىن ناھەق قارلىنىپ،  ئىجرا كومىتىنىڭ ئادەملىرى تەرپىدىن ئاۋام-خەلىقنىڭ ئارىسىدا، قىز ئوغۇللۇرۇم، نەۋرە چەۋرىلىرىمنىڭ كۆز ئالدىدىلا قولۇمغا كويزا تەڭلەندى! مەجبۇرى ئىلىپ كىتىلىپ، خورلۇق ئىچىدە ھاقارەتلىك سوئال-سوراققا دۇچار بولدۇم. يۈرىكىم پارە-پارا بولۇپ كەتتى، قەلبىم لەختە زەردابقا تولدى. ئەڭ ئىچىنىشلىق بولغىنى، پارتىيە-ھۆكۈمىتىمىزنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىدا مۇشۇنداق ناھەق مۇئامىلىنىڭ رىئال ئەمەليەتتە كۆرۈلۈشى مىنىڭ ئىديەمدىكى شەكسىز ئىشىنىپ كەلگەن مۇقەددەس پارتىيە، ئادىل ھۆكۈمەت فۇنكىسيىسى ئوبرازىغا خىرە سايە تاشلىدى، ماڭا نىسبەتەن ئاسمان ئۆرۈلۈپ، يەر گۈمۈرلۈپ چۈشكەندەك ۋەھىمە ئىلىپ كەلدى. دانا كومپارتىيىمىز رەھبەرلىكىدىكى ئادىل ھۆكۈمىتىمىزنىڭ يەرلىك قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگىنىدا كۆرۈلگەن ناتوغرىلىقتىن ئىبارەت بۇ قىتىمقى رىئاللىقنى قوبۇل قىلالماسلىق تۈپەيلى مىنى كۈچلۈك پىسخىك ئىسەنكىرەشكە مۇپتىلا قىلدى.
    شۆبھىسىزكى، مەن يەنىلا پارتىيىمىز، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئادىللىقىغا شەكسىز ئىشىنىمەن. مىنىڭ بىشىمغا كەلگەن پىشكەلچىلىكلەرنىڭ پەقەت ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم قىسمەنلىك ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنىمەن، شۇڭا، قىرىپ مۈكچەيگەن گەۋدەمنى پارتىيە-ھۆكۈمىتىمىزگە بولغان شەكسىز ئىشىنىشنىڭ تۈرىتكىسىدە قايتا رۇسلاپ، ئىسەنكىرەشتىن خىيالچان يەرگە قاراپ قالغان بىشىمنى دۆلەت قانۇنىنىڭ ئادىل ۋە دەخىلسىزلىكىگە بولغان ئىشىنىشتىن ئىبارەت روھ ئىچىدە تىك كۆتۈرۈپ، پارتىيە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قانۇن-تەپتىش ئورگانلىرىغا كويۇز سىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن قوللۇرۇمنى ئىلتىجا ئىچىدە كۆتۈرۈپ، ئۇشبۇ نارازىلىق ئەرزىمنى سۇندۇم.

دەۋا، سوت جەريانى:
   1. مەن ياشنىپ قالغان بولغاچقا، بىردىنبىر تىرىلغۇ يىرىم بولغان ئونسۇ ناھيە، تۇمشۇق بازار، تۆۋەن سىرىم كەنتى، 2- مەھەللىدىكى 30 مو كۆلەملىك چىلانلىق بىغىمنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى 17 يىللىق مۆھلەت بىلەن 144،000 (بىر يۈز قىرىق تۆت مىڭ يۈەن) يۈەنگە تۇرسۇن خوجامنىيازغا كۆتۈرەگە بەرگەن بولۇپ، 50،000 يۈەن (ئەللىك مىڭ يۈەن) پۇلنى ئالدىن زاكالەت بىردىغان، قالغان پۇلنى 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن بۇرۇن تۆلەپ بولدىغانغا كىلشىپ توختام تۈزگەن.
    2. گەرچە مەن ھۆددىگە بەرگەن يەرنى دەۋاگەر تۇرسۇن خوجامنىيازغا ۋاقتىدا، تولۇق ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، تۇرۇسۇن خوجامنىياز يەردىن تولۇق پايدىلىنىپ ئىقتىسادى ئۈنۈمگە ئىرىشكەن بولسىمۇ، لىكىن دەۋاگەر تۇرسۇن خوجامنىياز توختامنامىغا خىلاپلىق قىلىپ، تۆلەشكە تىگىشلىك قالغان پۇلدىن بىر تىيىننىمۇ ماڭا ۋاقتىدا بىرىشكە ئۇنىمىدى.
   3. دەۋاگەر تۇرسۇن خوجامنىياز توختامنامىگە خىلاپلىق قىلىغانلىقى ئۈچۈن، مەن ئۆزۈمنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى مەن ئونسۇ ناھىيە تۇمۇشۇق بازار مۇرەسسە ھەيئىتىگە بىرىپ، دەۋاگەر تۇرسۇن خوجامنىيازدىن قالغان پۇلنى ئىلىپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلغاندىن كىيىن، گەرچە مۇرەسسە ھەيئىتى كۆپ قىتىم دەۋاگەر تۇرسۇن خوجامنىيازنى چاقىرىتقان بولسىمۇ، جاۋابكار (بۇ يەردە دەۋاگەر تۇرسۇن خوجامنىياز كۆزدە تۇتىلىدۇ) كەلگىلى ئۇنىمىدى. بۇ مەزگىلدە جاۋابكار (بۇ يەردە دەۋاگەر تۇرسۇن خوجامنىياز كۆزدە تۇتىلىدۇ) مەندىن ھۆددىگە ئالغان چىلانلىق باغنىڭ پەرۋىشىنى ياخشى قىلماي، كۆچەتلەرنى نۇرغۇن زىيانغا ئۇچراتتى.جاۋابكار (بۇ يەردە دەۋاگەر تۇرسۇن خوجامنىياز كۆزدە تۇتىلىدۇ) چىلانلىق باغ ئارسىغا كىۋەز تىرىپ ۋە خىميىۋى ئوغۇتنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، چىلان كۆچەتلىرىنى چاتىمىغانلىقى ۋە دىھقانچىلىق دورىسىنى زىيادە پۈركۈگەنلىكى تۈپەيلى، مەن تىككەن نۇرغۇن چىلان كۆچەتلىرى قۇرۇپ كەتتى. جاۋابكار (بۇ يەردە دەۋاگەر تۇرسۇن خوجامنىياز كۆزدە تۇتىلىدۇ) يەردىن ناتوغرا پايدىلىنىپ، يەرگە ياپقان يالتىراق يوپۇقنى ئىلۋەتمەي، يەرنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن،ئونسۇ ناھىيە ۋە تۇمشۇق بازارلىق خەلىق ھۆكۈمىتى مىنى تەنقىد قىلدى، ۋە كەنىت كومتىتى يەرنى داۋاملىق ھۆددىگە بىرىشمگە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈدى. 3013-يىلى 5-ئايغا كەلگەندە، قالغان ھۆددە ئىلىش راسخوتىنى ماڭا بىرىشنى رەت قىلغان تۇرسۇن خوجامنىياز مەندىن ھۆددىگە ئالغان چىلانلىق باغنى تاشلىۋىتىپ چىقىپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ، مەن تۇمشۇق بازار تۆۋەن سىرىم كەنتلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت تەشكىلىنىڭ يوليورۇقى بىلەن مەزكۇر 30 مو چىلانلىق باغقا قايتا پەرۋىش قىلىپ، كۆچەتلەرگە قايتىدىن ئۇلاق سالدىم، يەرنىڭ سۇ راسخوتى ۋە باشقا ھەقلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزۈم كۆتۈردۇم. پۈتكۈل ئەمگىكىنى ئۆزۈم ئۈستۈمگە ئالدىم.
    4. دەۋاگەر تۇرسۇن خوجامنىياز 2015-يىلى 4-ئايدا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ، مىنىڭدىن 50،000 يۈەن زاكالەت پۇلىنى تولۇق قايتۇرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلدى. لىكىن جاۋابكارنىڭ يەر ئىشلىتىشتىكى ناتوغرا قىلمىشلىرى تۈپەيلى مەن سەرىپ قىلغان بىۋاستە چىقىم ۋە زىيان 25،000  يۈەن بولۇپ (سولياۋ يوپۇق قالدۇقلىرىنى تازلاش ئۈچۈن سەرىپ قىلغان چىقىم 47 گۇڭ، 3780 يۈەن. كىۋەز يەرنى ئاغدۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كەتكەن چىقىم 3720 يۈەن، چىلاننىڭ مىۋە زىيان قىسمى 2013-يىلنىڭ 7500 يۈەن، 2014-يىلنىڭ 10،000 يۈەن)، مەن جاۋابكارغا 5،000 يۈەن زاكالەت پۇلنى قايتۇرۇپ بىرىپ، قالغان پۇلنى كىلىشىپ قايتۇرىدىغان بولدۇم. بىراق جاۋابكار زاكالەت پۇلنى تولۇق قايتۇرۇپ بىرىشنى ۋە ئاتالمىش ئۆزىنىڭ تارىتقان «زىيانلىرىنى» تۆلەشنى تەلەپ قىلىپ، سوتقا ئۈستۈمدىن ئەرىز قىلدى.
   5. سوت ناھايىتى تىزلا پۈتۈنلەي دەۋاگەر تۇرسۇن خوجامنىياز تەلەپ قىلغىنى بويچە ھۆكۈم چىقىرىپ، مىنىڭدىن تۇرسۇن خوجامنىيازنىڭ قالغان 45،000 يۈەن زاكالەت پۇلىنى تولۇق قايتۇرۇشنى، ۋە ئىككى يىل جەريانىدا تۇرسۇن خوجامنىيازنىڭ چىلانلىق بىغىمدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن كەتكەن بارلىق چىقىملىرى بولۇپ 50،052 يۈەن 4 مو پۇلنى «باشقۇرۇش ھەققى» نامىدا تولۇق قايتۇرۇپ بىرىشنى كىسىم قىلدى.
   7. ئوخشاش بىر سوت خوجامنىياز ھاجىنىڭ باغنى بۇزىۋىتىشى تۈپەيلى ئىككى يىلدىن بۇيان مىنىڭ تارىتقان زىيىنىم ۋە يىرىمدىن ئىككى يىل پايدىلانغان ھەققى توغرىلىق ھىچنىمىنى قاراپ چىقمىدى.
   8. مەن جەمئى 13،000 يۈەن چىقىم قىلىپ، تەكلىپ قىلغان ئادۋوكاتىمدىن سوتتىن بۇرۇنلا بىلشىمچە، تۇرسۇن خوجامنىيازنىڭ سوت بىلەن قويۇق ئىجدىمائى ئالاقىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، سوتتا شۇنىڭ گىپى راسىت بولۇشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا ئىديە تەييارلىقى ئىچىدە، ۋىلايەتلىك يۇقرى سوتقا نارازىلىق ئەرزى سۇنۇپ، قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلشىم كىرەك ئىدى. شۇنداق قىلىپ، مەن 2015-يىلى 4- ئاينىڭ 18-كۈنى ئالدى بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك سوتقا، ئاندىن ۋىلايەتلىك سوتقا نارازىلىق ئەرزىمنى سۇندۇم.
   9. 2015- يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى ۋىلايەتلىك سوتقا چاقىرتىلدۇق. گەرچە سوتتا جاۋابكار ئورنىدا ئولتۇرۇپ ئاقلانغان بولساممۇ، لىكىن 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى سوت ھۆكۈمى چۈشكەندە ئىشەنمەيلا قالدىم. چۈنكى سوت ھۆكۈمى سوت مەزمۇنى بىلەن ئاساسى جەھەتتىن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، يەنىلا ئونسۇ ناھىيىلىك سوتنىڭ ھۆكۈمى كۈچكە ئىگە قىلىنغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن 12- ئاينىڭ 3،4- كۈنلىرى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدىن قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلدىم. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى مەزكۇر دىلوغا 3-ئايدىن كىيىن قاراپ چىقىدىغان ئۇچۇرنى بەردى.
  10. 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى ناھىيىلىك ئىجرائىيە كومتىتىنىڭ ئادەملىرى تۇيۇقسىز كويزا كۆتۈرۈپ ئىشىك ئالدىمدا پەيدا بولدى. ۋە مىنى قەبىھلەرچە سوراققا تارتىپ، پۇلنى تولۇق تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. لىكىن مەن ئىككى قولۇمغا تايىنىپ تۇرمۇشۇمنى قامدايدىغان دىھقاندا نەدە ئۇنچە كۆپ پۇل بولسۇن، ئاران يىغىپ-تۆشەپ 10،000 يۈەن قايتۇرالىدىم. ناھىيەلىك ئىجرا كومتىتىنىڭ ئادەملىرى بەش كۈن ئىچىدە نەدىن بولمىسۇن جاۋابكارنىڭ قىلىپ قالغان زاكالەت پۇلنى تولۇق قايتۇرۇپ بىرىشىمنى، بولمىسا مىنى سولاپ قويىدىغانلىقىنى ئىيتىپ تەھدىد سالدى.
   11. مەن 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 1- كۈنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ، ئوتتۇرا سوت دىلونى قايتا تەكشۈرۈپ بىكىتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ناھىيىلىك ئىجرا كومتىتنىڭ زورلۇق ۋاستىسى بىلەن كىسىم ئىجرا قىلىشنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىمنى بىلدۈردۇم. بىراق ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوتتىن ئىرىشكەن جاۋابىم شۇ بولدىكى، مەن چوقۇم ئالدى بىلەن پۇلنى جاۋابكارغا تاپشۇرۇپ بىرىشىم، ئاندىن ئۇلار قايتا قاراپ چىقىپ، ھۆكۈمدە سەۋەنلىك بولسا قايتىدىن جاۋابكاردىن ئوشۇق پۇلنى ئىلىپ بىرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت جاۋابقا ئىرىشتىم.

ئەرىز تەلەپ:
    مەن گەرچە ئەينى يىللىرى دادۇي شۇجىسى بولغان بولساممۇ، لىكىن ھوقۇق تۇتقاندا خىزمەت قولايلىقىمدىن پايدىلىنىپ ئۆز يىنىمنى توملىمىغانلىقىم، پاكلىق بىلەن پارتىيە خەلىققە خىزمەت قىلغانلىقىم سەۋەبلىك ئىقتىسادىم ئاجىز بولۇپ، بۇنچىلىك كۆپ پۇلنى ھەقىقەتەن دەل ۋاقتىدا قايتۇرالمايمەن. لىكىن كۆرىنىپ تۇرغان رىئاللىق شۇكى، بىر قانچە كۈندىن كىيىن ئۆكتەم كىشىنىڭ داۋاسى ھەق قىلنىپ، قوللىرىمغا كويزا سىلىنىپ، قاماققا ئىلنىشىم مۇمكىن. مەن بىر ئۆمۈر پارتىيمىزگە بەدەل تۆلەپ، خەلىق، ھۆكۈمىتىمىزگە سادىقلىق بىلەن ئىشلەپ، قىرىغاندا ئالغان مۇكاپاتىم مۇشۇ بولدىمۇ؟ بۇ كۈنگە قىلىشنى خالىمايمەن، ۋە پارتىيە، ھۆكۈمۈتىمىزنىڭ مىنى بۇنداق ناھەقچىلىككە قالدۇرۇشقا يول قويۇشىغا تىخىمۇ ئىشەنمەيمەن. قوبۇل قىلالمايمەن. ھەرقايسى قانۇن ساھەسىدىكى دوسىتلار، پارتىيىلىك يولداشلاردىن مەن ئۇچرىغان ناتوغرا ھۆكۈمگە قاراپ چىقىشنى ۋە قاماققا چۈشۈش تەھدىدىدىن مىنى قۇتۇلدۇرۋىلىشنى ئۆتىنىمەن.

دەپ........ئەمەت مەتنىياز

تورداشلارنڭ ياردەم قىلىشىنى ئۈمۈت قىلمەن.مەن ھازىر قىيىن ئەھۋالدا.

مېنىڭ ئۇۋالچلىقىمفا،ئاھۇ-زارىمغا قۇلاق سالغايسلەر.

ئىنكاس تەۋسىيە قىلىش

amatmatiniyaz بۇ ئىنكاسنى 31 - قەۋەتتە يوللىغان

بوۋىلىرىمىزنىڭ بۇغداي نېنىڭ بولمىسىمۇ بۇغداي سۆزى بولسۇن، دىگەن ھېكىمىتى بار. قېرىنداشلىرىمنىڭ ماڭغا ياردەم قىلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن تەلەپ قىلىمەن. دەلىل ئىسپات پاكىتلار: ...
uyghuray

0

تېما

3

دوست

2340

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17995
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 710
توردىكى ۋاقتى: 148
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 20:13:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ھەر كۈنى سەھەردە ئۈرۈمچى ۋاقتى 7:30دىن 8:30غىچە بىرىلىدىغان كەسپ ئىستىلى قىززىق لىنىيەسىگە تىلفۇن قىلىڭ.

0

تېما

0

دوست

2317

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34915
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 708
توردىكى ۋاقتى: 116
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 20:59:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Turkzat0999 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-4 20:13
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ھەر كۈنى سەھەردە ئۈر ...

ھەممە رادىيودا چىقامدۇ

319

تېما

38

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3330
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14560
تۆھپە : 13128
توردىكى ۋاقتى: 4704
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-24

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 21:10:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدىليە ئادىللىقىنىڭ ئورنىنى تېپىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز،
uyghuray

9

تېما

31

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.99%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20919
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 28
تۆھپە : 4039
توردىكى ۋاقتى: 831
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 21:49:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tengrikut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-4 22:01  

ۋىلايەتلىك سىياسىي قانۇن كومتېتىغا باردىڭىزمۇ؟

جاۋاپكار بىلەن باشتا تۈزگەن يەر ئىشلىتىش توختامى مەزمۇنىدا يەرگە خىميەلىك ماددا ئىشلەتمەسلىك توغرىسىدا كىلىشىم بارمىتى؟ تەپسىلىي مەزمۇنى نىمە؟

يەرنى قايتۇرۋىلىپ تازىلاش جەريانى كەتكەن چىقىملىرنى خەلق ھۆكۈمەت ياكى قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ خەۋرى بارمۇ؟ ئىسپات بارمۇ؟

بۇ يازمىڭىز سىزنىڭ ئاغزاكى بايانىڭىزبولۇپ قاپتۇ، توختام،مەزمۇن،ماددىي ئىسپاتلار ھەل قىلغۇچ ئامىل.

0

تېما

0

دوست

189

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56242
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 22:09:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي..........بىر ئۆمۈر ئىشەنچىنىڭ كىچىككىنە مۇناسىۋەتكە دال بولمىغىنى ئىچنىشلىق.
مەن ئىلگىرى ئىككى ئەبلەخ كالتەك-تىشاڭ كۆتۈرۈپ، بىرەيلەننى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتمەكچى بولغاندا، ئارسىغا كىرىپ، بىشىمغا يوغان ئىككى كالتەك يىيىش بەدلىگە قۇرۇق قول جىدەلنى ئايرىپ قويۇپ، ئاندىن ساقچى چاقىرىتسام، دەسلەپتە جىنايەتچىلەرنى يالاپ ئاپارغان ساقچىلار بىردەمدىلا پوزىتسىيىسىن خامىليوندەك ئۆزگەرتىپ، ماڭا ۋارقىراپ-جاقىراپ، قىنىمنى زورمۇ-زور سۈمۈرۈپ، ئون بارمىقىمنى ئەنگە ئىلىپ ۋە مىنى ئۇدۇلدىن ۋە ياندىن رەسىمگە تارتىپ، ئەزرىمىنى قىلچە قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تەھدىد سالغان. مەن خېلى بىلىملىك ھەم ياخشى تەربىيە ئالغان ئادەم بولغاچقا، نىمە بولۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالمايلا قالدىم. شۇ چاغدا كاللامغا ئەقىل كىلىپ، ساقچىغا ئىشنىپ ئەرىز قىلغاندىن، زوراۋانلار بىلەن يارىشىپ قالغان ياخشىكەن، دەپ ئويلاپ ئاكتىپلىق بىلەن زوراۋانلار بىلەن مۇرەسسە قىلىپ، ساقچىدىن چىقىپ كەتتىم. ساقچىمۇ خوش بولدى. بىراق ئابرويى يوق بولدى.
شۇ چاغدىن باشلاپ دۆلىتىمىزنىڭ ساقچى ئورۇنلىرىدا، ساقچى مىنىڭ ئاغىنەم بولمىسا، مىنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقۇمنى ئادىل قوغدايدىغانلىقىغا ئانچە ئىشەنمەيدىغان بولدۇم.
مىنىڭ ھازىرقى چۈشەنچەم بويچە بولغاندا، شۇ جايدىكى پەيچۇسۇدا يىقىن ساقچى تونۇشى بولمىسا جىدەلنى ئۆز ئىچىدە بىسىقتۇرغان، سوتتا يولىڭىز بولمىسا سوتقا چۈشمەستە نارازى بولغۇچى بىلەن كىلىشىپ، ئاز-تولا زىيان تارىتسىڭىزمۇ مەيلى دەپ ئىشنى چىرايلىق بىسىقتۇرغىنىڭىز ياخشى بولىدىكەن...
دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن-ئەدلىيە ئورۇنلىرىنىڭ ئىش بىجىرىش ساپاسى ۋە ئەخلاقىدا راستىنلا مۇئەييەن مەسىلىلەر مەۋجۈتلۈقىنى ئىتراپ قىلىش كىرەك. مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر يالغۇز مۇقىملىقنى تۇتۇپلا قالماي، يەنە پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە كاپالەتكە ئىگە قىلىش كىرەك. چۈنكى قانۇن ئادىللىقى ۋە پۇقرالارنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋۋەرلىكى مۇقىملىقنىڭ ئاساسى.

0

تېما

1

دوست

1007

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   0.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51320
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 288
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 00:40:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاكىت ئاساس قانۇن ئۆلچەم بۇ پەقەت يۇقۇرى تەبىقىدىكى ئادەملەرگە قارتىلغان
ساقچىدىن مىڭبىن يامان..........................

9

تېما

31

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.99%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20919
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 28
تۆھپە : 4039
توردىكى ۋاقتى: 831
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 01:25:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
oylan2315 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-5 00:40
پاكىت ئاساس قانۇن ئۆلچەم بۇ پەقەت يۇقۇرى تەبىقىدىكى ئا ...

ھەركىم ئۆزىنىڭ كىشلىك ھەق ھوقوقىنى ئاخىرغىچە قوغداش بىلەن ئۆز قاتلىمىنى بەرپا قىلىدۇ.
دەۋاگەر سۇس بولسا قازى مۇتھەم بولۇدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )