ئۇرۇش تىنچلىقتىن تېخىمۇ كۆپ
جون ئاندرېۋس
سۈبھى باغداش تەرجىمىسى
جورجى سانتايانانىڭ «پەقەت ئۆلۈكلەرلا ئاندىن ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرەلەيدۇ» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزى بۈگۈنگە ئالاھىدە ماس كېلىدۇ، سۇرىيە ۋە ئىراقتىن يەمەن ۋە لىۋىيەگىچە بولغان ئەرەب دۇنياسى زوراۋانلىقنىڭ داشقازىنى بولۇپ قالدى؛ ئافغانىستان تالىبان بىلەن بولغان ئۇرۇشقا پېتىپ قالدى؛ كۆپلىگەن ئوتتۇرا ئافرىقا دۆلىتىمۇ كان بايلىقى تالىشىشتەك قانلىق رىقابەت (دائىم ئىرق/دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك)نىڭ قارغىشىغا يەتكۈچە ئۇچرىماقتا. ھەتتا ياۋروپادىكى تىنچلىقمۇ تەھدىتكە ئۇچرىدى، شەرقىي ئۇكرائىنانىڭ بۆلۈنۈش توقۇنۇشى ئىسپات بولالايدۇ، ئەڭ يېقىنقى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈلگەندە 6 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىپ بولدى.
قوراللىق توقۇنۇش ئارقىلىق دۇنيا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى قانداق چۈشەندۈرىمىز؟ يېقىندا، دۇنيانىڭ يۈزلىنىشى ئۇرۇش ئەمەس تىنچلىق ئىدى. 1989-يىلى، كوممۇنىزمنىڭ يىمىرىلىشى سەۋەبلىك فرانسىس فۇكۇياما «تارىخنىڭ ئاخىرلىشىشى»نى جاكارلىدى، ئىككى يىلدىن كېيىن پرېزىدېنت چوڭ بۇش دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەر ئۆزئارا ھەمكارلشىدىغان «يېڭى دۇنيا تەرتىپى»نى تەبرىكلىدى.
ئەينى چاغدا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ توغرا ئىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاز دېگەندە 55 مىليون ھاياتلىقنى ئېلىپ كەتتى، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كوللېكتىپ زوراۋانلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتتى. ئەمما 1950-يىلدىن 1989-يىلغىچە (كورىيە ئۇرۇشىدىن ۋېيتنام ئۇرۇشىغىچە يەنە سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقۇچە) ھەر يىللىق زوراۋانلىق توقۇنۇشىدا ئۆلگەن ئوتتۇرىچە ئادەم سانى 180 مىڭ ئىدى. 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا بۇ سان ھەر يىلى 100 مىڭغا تۆۋەنلىدى. 21-ئەسىرنىڭ بىرىنچى ئون يىلىدا بۇ سانى داۋاملىق تۆۋەنلەپ ھەر يىلى تەخمىنەن 55 مىڭ ئادەم زوراۋانلىق توقۇنۇشدا ئۆلدى، ئىلگىرىكى 100 يىلدىكى ھەرقانداق بىر 10 يىلدىكىدىن ئاز، «ئوتتۇرىچە قوراللىق توقۇنۇش» ھەر يىلى پەقەت 1000 دىن سەل كۆپرەك بولغانغا باراۋەر.
ئازابلىق بولغىنى، مەن يېڭى كىتابىم «توقۇنۇش ئىچىدىكى دۇنيا»دا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمدەك، بۇ يۈزلىنىش ھازىر تۆۋەنلەشتىن ئۆرلەشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە. شۇنچە كۆ ئافرىقا ئۇرۇشلىرى (دېموكراتىك كونگودىن سومالى توقۇنۇشىغىچە) نەچچە ئون يىل ئىلگىرىلا باشلانغان ئىدى، شۇڭا چوقۇم باشقا جاي: نىگېرىيەنىڭ شىمالىدىن ئافغانىستان ۋە تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك مۇسۇلمانلار دۇنياسىغىچە بولغان جايدىن جاۋاب ئىزدەش كېرەك.
2011-يىلى سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشى پارتلىغاندىن بۇيان ئۆلگەن ئادەم سانى 250 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، يېرىم سۇرىيەلىك مۇساپىر بولۇپ كەتتى، زور مىقداردىكى مۇساپىرلارنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا يوپۇلۇرۇپ كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەمەلىيەتتە، پەقەتلا سۇرىيە توقۇنۇشى توقۇنۇش گرافىكىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەرلىك، ئەگەر ئىراق، يەمەن ۋە لىۋىيەدە ئۆلگەن ئادەم سانىنى قوشساق، ئۆرلەش يۈزلىنىشى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
بەش يىل ئىلگىرى ئەرەب باھارى ئۈچۈن تەنتەنە قىلىشقان كىشىلەر ھازىر چوقۇم ئېتىراپ قىلىشى كېرەككى، ئىنقىلابنىڭ شان-شەرىپى ئاللىقاچان سۇسلاشتى. پەقەت تۇنىس خېلى دېموكراتىك، لېكىن لىۋىيە، يەمەن ۋە سۇرىيەلەر سومالىنىڭ قاتارىغا قوشۇلۇپ، مەغلۇپ بولغان دۆلەت بولۇپ قالدى، ئەرەب دۇنياسىدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆ دۆلەت مىسىر ھاكىم مۇتلەق تۈزۈمگە قايتىپ، مۇستەبىتلىك دەۋرىگە كىردى.
مەسىلە يۈزلىنىشنىڭ قاچان قايتىدىن ئۆرلەشتىن تۆۋەنلەشكە قاراپ مېڭىش ماڭالماسلىقىغا باغلىق. ناھايىتى زور دەرىجىدە ب د ت قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ئورگانلار مەۋجۇت بولغانلىقتىن، ھەرقايسى دۆلەتلەر باشقا دۆلەتكە ناھايىتى ئاز ئۇرۇش قوزغايدۇ (2008-يىلدىكى رۇسىيە بىلەن گرۇزىيەنىڭ قىسقا ئۇرۇشى بۇنىڭ سىرتىدا، دەل بۇ قانۇنىيەتنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ). ئوخشاشلا، ياۋروپا ئىتتىپاقى مەۋجۇت بولغانلىقى ئۈچۈن، فرانسىيە-گېرمانىيە ئۇرۇشىنىڭ يەنە پارتلاش مۇمكىنچىلىكى يوق دېيەرلىك. 2012-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى «ئالتە يىلدىن بۇيان ياۋروپانىڭ تىنچلىق مۇرەسسەسى، دېموكراتىيە ھەمدە ئىنسانىي ھوقۇق جەھەتتە تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن» نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
ئەكسىچە، ئۇرۇش دۆلەت ۋە غەيرىي دۆلەت ئارىسىدا بولماقتا، مەسىلەن نىگېرىيە ۋە بوكو ھەرەم تەشكىلاتى ئارىسىدا ياكى ھىندىستان ۋە ناكسالىت توپىلاڭچى ئارمىيەسى ئارىسىدا. ياكى ئىچكى ئۇرۇشى-مەسىلەن جەنۇبىي سۇدان ياكى لىۋىيە. ياكى سوغۇق ئۇرۇشقا ئوخشايدىغان ۋاكالەتچىلىك ئۇرۇشى-مەسىلەن ئىراننىڭ سۇرىيەدە لىۋان ئاللاھ پارتىيەسى كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەشار ئەسەدنى قوغدىشى، قاتارلىقلار.
مەيلى توقۇنۇشنىڭ ھەرخىل (دائىم ئۆز ئارا قاتلىنىدۇ) سەۋەبى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، (مەسىلەن ئىدېئولوگىيە، دىن، ئىرق، بايلىق تالىشىش)، ئەمما بىزنىڭ نېمىشقا زوراۋانلىققا مۇراجىئەت قىلىشىمىز مەسىلىسىدە، ئەڭ ئاددىي جاۋاب يەنىلا ئىككى ئەسىر ئىلگىرىكى پرۇسىيە گېنرالى كلاستىۋىسىتزنىڭ:«ئۇرۇش دۈشمىنىمىزنى بىزنىڭ ئارزۇيۇمىزغا ھۆرمەت قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان قورال كۈچى قىلمىشى» دېگەن سۆزىنى كۆرسىتىمىز.
ئەمما نوقۇل قورال كۈچىگە تايىنىپ «ئىسلام دۆلىتى»نى بويسۇنۇشقا مەجبۇرلىغىلى، ئىسلام دۇنياسىدىكى غازات ئاشقۇنلۇقىنى يوقاتقىلى بولامدۇ؟ بۇنىڭغا گۇمانىمىزنى بىلدۈرۈشتە ئىككى ئاساس بار. بىرى ھەربىي كۈچى قۇدرەتلىك بولغان سىرتقى كۈچلەر-مەيلى ئامېرىكا ھەمدە ئۇنىڭ ش ئا ئە ت دىكى ئىتتىپاقداشلىرى بولسۇن ياكى پۇتىننىڭ رۇسىيەسى (ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى) «يەر يۈزى قىسىمى ئەۋەتىش»نى خالىمايدۇ.
ئىككىنچى ئاساس بولسا ئىسلام دىنى دۇنيادىكى 1 مىليارد 300 مىليون مۇسۇلمانغا ئاساسىي چاقىرىق كۈچى بار. ئەرەب دۇنيادىكى مىللىي دۆلەتلەر مۇستەملىكىنىڭ مەھسۇلاتى، خەلىپە ئىمپېرىيەسىنىڭ ۋارىسلىرى (ئۈمەييەھ، ئابباس، فاتىمە، ئوسمان قاتارلىقلار) خەلىپە دۆلەتلىرى مەدەنىيەتنى مېسسوپوتامىيەدىن ئاتلانتىك ئوكيانغا تارقاتقان. 2014-يىلى باغدادى يېڭى خەلىپە دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغاندا ھەمدە ئۆزى سۇلتان بولغانلىقىنى جاكارلىغاندا، پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى. بۇنىڭدىن سىرت، باغدادىنىڭ ئەسلىيەتچى «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ ۋەھشىيلىكى نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قىلمىشى بىلەن ناھايىتى چوڭ پەرق يوق، سەئۇدى ئەرەبىستان نەچچە ئون يىل سەرپ قىلىپ پۈتۈن دۇنيادىكى مەسچىت ۋە ئىسلام دىنى مەكتەپلىرىدە ئۆزىنىڭ ۋاھابىي ئەسلىيەتچىلىكىنى تارقاتتى.
مۇنداقچە ئېيتقاندا، تىنچلىقنى مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولساق چوقۇم سىگنالنى ئالماشتۇرىشىمىز كېرەك. بۇنىڭغا ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. سۈننىي مەزھىپىدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ خەلىپە ئىمپېرىيەسىنى مۆتىدىللەشتۈرۈپ، شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار بولۇپمۇ شىئەلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ئىراننى قوبۇل قىلىشى كېرەك. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ ئادەم كۈچى، مالىيە كۈچى، زېمىن ۋە ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرى (كۆپ قىسىمى ئىراق ئارمىيەسىنىڭ سابىق ئەمەلدارلىرى) بار.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئىراننىڭ ياردىمىدە «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشكە موھتاجلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. ئەڭ ئاخىرى «ئىسلام دۆلىتى» ئەڭ ئاخىرى تەشكىلاتى ئاممىنىڭ مۇزىكا ئاڭلاش ۋە قىلغۇسى كەلگەن ئىشنى قىلىش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىش سەۋەبلىك ئىچكى قىسىمىدىن يىمىرىلىدۇ. ئازابلىق بولغىنى، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچلۇق سۆز «ئەڭ ئاخىرى». سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تەبىئىتى ئىراننى يارىشىش ئەمەس بەلكى ئۆزى بىلەن تىركىشىدىغان تەھدىت دەپ قارىشىدۇر. بۇ ئەرەبلەر بىلەن پارسلار ئارىسىدىكى نەچچە ئەسىرلىك دۈشمەنلىشىشتىن كەلگەن. «ئىسلام دۆلىتى»گە نىسبەتەن شىمالىي كورىيە ۋەھشىي ھاكىمىيەتنىڭمۇ ئۇزۇنغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، توقۇنۇشتا ئۆلگەن ئادەم سانىنىڭ ئېشىش يۈزلىنىشىنى ساقلىشى پۈتۈن دۇنيادىكى دىپلوماتلار، تىنچلىق پائالىيەتچىلىرى ھەمدە ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە مەدەنىيەتكە ھاقارەتتۇر.
تۈر-كارخانا بىرلەشمىسى تور بېتىدىن تەرجىمە قىلىندى.
سالون ۋە باشقا مۇنبەرلەرگە ئەسكەرتىش: بۇ مېنىڭ باغداش مۇنبىرى ئۈچۈن قىلغان تەرجىمەم، پەقەت ۋە پەقەت باغداشتىلا ئېلان قىلىشنى ۋە باغداشقىلا خاس بولىشىنى خالايمەن.
|