قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1552|ئىنكاس: 19

كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىغا يېزىلغان ئوچۇق خەتكە جاۋاب خەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

6

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57588
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 2
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-3 14:16:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىغا يېزىلغان ئوچۇق خەت» كە جاۋاب خەت



ئەسسالام ئەلەيكۇم تورداشلار:
   تۆۋەندە بىزكورلا شەھىرى چەرچى باغۋەنچىلىك مەيدان ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تىل- ئەدەبىيات ئىمتىھان سوئالىدا كۆرۈلگەن ئىملا خاتالىقى توغرىسىدىكى «ئوچۇق خەت»نى كۆرگەندىن كېيىنكى ئىشلىگەن خىزمەتلىرىمىز ھەققىدە تور ئەھلىگە ئىزاھات بەرمەكچى:
    بۇ ئىش يۈزبەرگەندىن كېيىن كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ،بىزنى تەكشۈرۈپ تۈزىتىشكە بۇيرىدى. بۇ مەسىلىگە قارىتا بىز دەرھال تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇق ھەم تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى بېكىتتۇق. بىز ئالدى بىلەن بۇ مەسىلىنى بايقاپ ئىنكاس قىلغان ئائىلە باشلىقىنىڭ خىزمەتلىرىمىزگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋەكىيىنكى ئەۋلادلارنىڭ تەربىيىلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشتەك مەسئۇلىيەتچانلىقىغا مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. تەكشۈرۈش نەتىجىمىز تۆۋەندىكىچە:
   «ئوچۇق خەت»تە 8-يىللىقنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان سوئالىنى «كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بىر تۇتاش تارقاتتى» دېيىلگەن. نورمال خىزمەت تەرتىپىدە، مائارىپ ئىدارىسى پەقەتبىر تۇتاش ئېلىنغان ئىمتىھان سوئالىنىلا تەمىنلەيدۇ. بۇ قېتىمقى 8-يىللىقتىل-ئەدەبىيات ئىمتىھانى بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان پەن تۈرى ئەمەس، شۇڭا  بۇ ئىمتىھان مائارىپ ئىدارىسى تارقاتقان سوئال بولماستىن، مەكتەپ ئىلمىي بۆلۈمى تەرىپىدىن سوئال چىقىرىلىپ  ئېلىنغان ئىمتىھان.
   ئىملاخاتالىقى ئىمتىھان سوئالى چىقارغۇچى ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى، مەكتەپ ئىلمىي باشقارمىسىدىكى مەسئۇل خادىمىنىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرمىگەنلىكى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان.
    بۇ ئىشقاقارىتا مەكتىپىمىز مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى دەرھال تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن،مەسىلىنىڭ نېگىزىنى تېپىپ چىقىپ تۆۋەندىكىدەك تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى بېكىتتۇق:
1. ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلەباشلىقى بىلەن يۈزتۇرانە سۆھبەتلىشىپ، سوئالنى مائارىپ ئىدارىسى بىر تۇتاش تارقاتقان بولماستىن بەلكى مەكتىپىمىزدىكى دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى چىقارغانلىقىنى،يۇقىرىقى ئىملا خاتالىقىنىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەستايىدىل بولماسلىقى سەۋەبلىك كېلىپ چىققانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردۇق.
2. 8- يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرىغا يىغىن ئېچىپ، بۇ مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى ئاشكارە ئېلان قىلدۇق، چۈشەنچە بېرىپ ئۇلاردىن ئەپۇ سورىدۇق ھەم چۈشىنىشىنى قولغا كەلتۈردۇق.
3. ئىمتىھان سوئالىنى چىقىرىش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش جەريانىدا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان ئوقۇتقۇچى ھەم خىزمەتچىلەرنى  مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە ھېچقانداق خىزمەت تۈرىدە ئىلغار باھالىماسلىقنى قارار قىلدۇق.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا، مەكتەپ رەھبەرلىك كوللىكتىپى، بۇندىن كېيىن ئوقۇتۇش قائىدە-تۈزۈملىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قوش تىل ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە،ئانا تىل ئوقۇتۇشنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ، ئانا تىل ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق.
    بىز بۇندىن كېيىنكى ئوقۇ- ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىمىزدە ئۆزىمىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئومۇمىي ساپايىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، خىزمەتتە سەمىمىي، ئەستايىدىل پوزىتسىيەدە بولۇپ، يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىزھەمدە كۆپچىلىكنىڭ نازارىتىنى سەمىمىيلىك بىلەن قوبۇل قىلىمىز.


كورلا شەھەلىك چەرچى باغۋەنچىلىك مەيدان ئوتتۇرا مەكتىپى
2016- يىلى3-ئاينىڭ 3-كۈنى
1.jpg


2.jpg


3.jpg

uyghuray

0

تېما

0

دوست

257

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   85.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32258
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 68
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-3 18:48:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بۇ ئىشقا جىددى قاراپ، مەسئۇلىيەتچان، ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتقانلىقى ياخشى بوپتۇ، باغداش مۇنبىرىنىڭ مۇشۇنداق ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بىلەن خەلىق ئوتتۇرسىدا ئىجابىي كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ كېلۋاتقانلىقىنى ماختاشقا ئەرزىيدۇ.

3

تېما

10

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   22.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18896
يازما سانى: 697
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 6098
توردىكى ۋاقتى: 962
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-3 18:51:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەللى - بەللى ،
نىمەدىگەن ياخشى مەسئۇلىيەتچانلىق بۇ ،
بىزلەرمۇ مۇشۇنداقراق نەتىجە چىقىشنى تۆرت كۆزىمىز بىلەن كۈتۈپ تۇراتتۇق ،
رەھمەت سىلەرگە .

2

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   17.41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12274
يازما سانى: 1327
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1585
تۆھپە : 4073
توردىكى ۋاقتى: 972
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-3 22:01:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى  ياخشى بوپتۇ.
uyghuray

3

تېما

0

دوست

892

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   78.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11251
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 269
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-3 22:55:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ؛ئىمتاھان سۇئالىنى ئىلمى باشقارمىدىكى تاللانغان رەھبەرلەرچىقارماي ئوقۇتۇش گۇرۇپىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار چىقىرىپ ئىمتاھان ئالسا ئىلمى باشقارمىدىكىلەر خۇلاسە قىلىنىپ بولغان نومۇرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ بىچارە ئوقۇتقۇچىلاردىن جېرىمانە ئېلىشنىڭ پىلانىنى تۈزىدىغان ئوخشىمامسىلەر؟ئوقۇتقۇچىلار سۇئالنى چىقىرىپ سېلەرنى ئارلاشتۇرماي ئىىمتاھان ئالسا شەھەرلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى،مائارىپ ئىدارىسى يول قويۇدىغان ئوخشىمامدو؟

0

تېما

0

دوست

1345

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   34.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43724
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 414
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-3 23:28:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغداش مۇنبىرىنىڭ سەرخىل مەزمۇنلار بىلەن كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئۇچراشتۇرۇپ،تەربىيەلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن.

3

تېما

2

دوست

5870

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   17.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9612
يازما سانى: 342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 509
تۆھپە : 1486
توردىكى ۋاقتى: 241
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-3 23:38:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئورگانلار بىلەن خەلق مانا مۇشۇنداق ئوچۇق - ئاشكارا پىكىرلىشىپ مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلسا نىمىدىگەن ياخشى ھە!
مۇمكىن بولسا ھەممە جايدىكى ھەرقايسى ئورگانلار مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن مەسىلە ھەل قىلىدىغان بولسا ئۇزۇنغا قالماي جەمئىيىتىمىزدە زور ياخشىلىنىشلار بارلىققا كەلگەن بولاتتى دەپ قارايمەن. مەسىلەن، خەلق ئارىسىدا ئۇچرىغان مەسىلىلىرىنى تۈرگە ئايرىيالماسلىقتىن ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەسىلە بولسا نەگە دىيىشنى بىلمەسلىك، مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ياكى چۈشەندۈرىدىغان ئورۇننى تاپالماسلىق، تاپقان تەقدىردىمۇ مەسىلىگە قارىتا كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشەلمەسلىك،  ئەڭ ئېغىرى مەسىلە ھەل قىلىش نەتىجىسى مەلۇم بىرەر خىزمەتچى خادىمنىڭ ئىپادىسىگە قاراشلىق بوپ قېلىش قاتارلىق يەنە ساناپ تۈگەتكۈسىز نۇرغۇن مەسىلىلەر ياخشى ھەل قىلىنغان بولاتتى.

0

تېما

0

دوست

223

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   74.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56794
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-3 23:42:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغداش مۇنبىرىنىڭ سەرخىل مەزمۇنلار بىلەن كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئۇچراشتۇرۇپ،تەربىيەلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )