- تىزىملاتقان
- 2015-5-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 490
- نادىر
- 0
- يازما
- 23
ئۆسۈش
95%
|
تۆمۈر خەلپە يىغلىقىدىن كىيىن ، شوپۇللۇقلاردىن بوسۇق دورغىنىڭ ئوغلى سالى دېگەن كىشى بۇ يۇرتنىڭ دورغىلىقىغا بەلگىلەندى، يەلكىلىرى كەڭ كەلگەن بۇ ئېگىز بويلۇق، ئورا كۆز،قاڭشارلىق،ياپىلاق يۈزلۈك، سېرىق ساقال بۇ كىشىنىڭ مىجەزى كىچىكىدىنلا باشقا بالىلاردىن پەرقلىق ئىدى، دادىسى بۇ يالغۇز ئوغلىنى ئۆزىگە ئوخشاش قارا تۈرك بولۇپ قالمىغاي دەپ، خەتنە تويدىن بىر يىل كىيىنلا<< بالامنىڭ گۆشى ئۆزلەنىڭ، سۆڭىكى مېنىڭ، ئاغزىغا ئىلىم سېلىپ قويسىلا>> دەپ شەھەردىكى بالا ئوقۇتىدىغان موللا تۇققىنى يارىقارىغا تۇتۇپ بەرگەنىدى. بالىنى ئوقۇتۇپ قويۇش بەدىلىگە يارىقارىنىڭ پۈتۈن يىللىق گۆش يېغىنى تاغدىن ئەۋەتىپ تۇرىدىغان بولدى.
كىچىككىنە سالى ئۆزىگە ئوخشاش 20-30 ئۆسمۈر بالىلار قاتارىدا، قىشلىقى قوي تېرىسى يازلىقى بورا ئۈستىدە ئولتۇرۇپ بىر نەچچە يىلنى ئۆتكۈزدى. يازلىق تەتىل چاغلىرىدىمۇ تاغقا قايتىماي موللىسىنىڭ سېپىل سىرتىدىكى ئۈچ ئېتىز يېرىگە ئىشلىشىپ بېرەتتى. ئۆي ئىشلىرىدا بولسا موللىسى بىلەن قوشناچىنىڭ قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بولۇپ ھەممە يۈگۈر يىتىم ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقاتتى، ئۇششاق سۆزلۈك قوشناچىنىڭ كىچىك ئىشلارغا دىخمارلاپ ھەتتە بەزىدە قاتتىق،قاتتىق چىمدىۋېلىشلىرىغىمۇ چىداپ يۈردى، <<قۇرئان>> ساۋادى چىقىپ ئانچە-مۇنچە خەت تونۇيالايدىغان. بولۇپ قالغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە بولغان ۋەقە ئۇنى ئوقۇشىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇرلىدى.
سالى بىلەن تەڭ دېگۈدەك مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپ، قىشلىقى قارا مەخمەل كۆرپە، يازلىقى زىلچا جەيناماز ئۈستىدە ساۋاقداشلىرىدىن ئايرىم ئولتۇرۇپ ئوقۇيدىغان بىر بەگزادە، ھە دېسىلا يوغانچىلىق قىلىپ ساۋاقداشلىرىنى بوزەك ئېتەتتى. ئەمما دەرستە ھەممىنىڭ ئارقىدا ئىدى. بالىلارنىڭ ئالدى قۇرئانغا چىققاندا ئۇ تېخى ھەپتىيەكتە ئىدى، بىر كۈنى تەنەپپۇس ۋاقتىدا ئۇ ياڭاقچىلىك بىر پارچە ناۋاتنى كۆز-كۆز قىلىپ.<<قايسىڭلار ئېشەك بولۇپ، مېنى يۈدۈپ بەش غۇلاچ يەرگە ئېلىپ ئېلىپ بارساڭلار >> بۇ ناۋات شۇنىڭكى دەپ توۋلىدى. شۇ ئارىدا تاز چىراي گومۇشراق كەلگەن بىربالا ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ تۆت ئاياقلىق بولدى، بەگزادە قاقاقلاپ كۈلۈپ ئۇنىڭ ئۈستىگە مىندى. شۇ ئارىدا سالى ئوقتەك ئېتىلپ كېلىپ بەگزادىنى تەپتى. دە-<< ئاتاڭ سېنى ئوغۇل دەپ تاپمىغانمۇ نۇمۇس قىلساڭچۇ>>دېدى. بەگزادە سالىغا مۇشىت ئاتتى، سالى، مانا ئۇرغان دەپ بەگزادىنى ئاستىغا بېسۋىلىپ تازا ئۇردى. شۇ ئارىدا موللا ئۆيدىن چىقىپ ئەھۋالنى ئاڭلاپ سالىنى ئىككى كاچات سالدى. بىراق ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگىمىدى. شۇ ئاخشىمى بەگزادىنىڭ دادىسى كېلىپ . بۇ يەردە يا مېنىڭ بالام ئوقۇغاي يا تاغچى تۇققانلىرىنىڭ بالىسى ئوقۇسۇن . بولىسا ئۆينى بوشاتسىلا ئۆي ئۆزىمىزگە لازىم دېدى . شالسىنى ئېقىتىپ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرغان سالى ئەتسى تاڭ ئېتىش بىلەن تەڭلا موللىسىنىڭ ئۆيدىن چىقىپ تاغقا قاراپ ماڭدى. ۋە شوپۇلغا ماڭغان يولۇچىلارغا قوشۇلۇپ ئۆيگە كېلۋالدى.
-ھەي سېنى قارا دەپ كايشقا باشلىدى . بوسۇق دورغا ئات قىلامدۇ؟ ئېشەك قىلامدۇ؟ سېنىڭ نېمە كارىڭ ؟ كۆزۈم قارىغۇ ، قۇلقىم ساغرۇ دەپ يۈرىۋەرسەڭ بولماسمىدى. تولىمۇ بېشى چوڭ بىر نېمە بولامسەن نېمە؟
-مۇنداق ئىشلاردا بېشى چوڭلۇق قىلسام ھېچنىمە بولماس دادا؟ دېدى سالى ئېرەن قىلماي ئولتۇرۇپ.
بوسۇق دورغا ئەمدىلا ئون ئىككى ياشقا كىرگەن سالى دورغىنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئىچ-ئىچىدىن خوش بولدى.
ئويغانغان زىمىن يېڭى نەشىر 144-بەت.
سالى دورغا 1930-يىللاردىكى قۇمۇل قوزغىلىڭىنىڭ باشلىغۇچىسى. ئۇ شوپۇلدا ياندۇرغان ئاشۇ ئۇچقۇن يانغىنغا ئايلىنىپ قوزغىلاڭنىڭ يادرۇلۇق قىسمىغا ئايلانغان. كىيىن ئۇ باشلامچىلقنى مىننەتسىز ھاجىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. گەرچە ئاتا بۇۋىسىدىن باشلاپ ۋاڭ دورغىسى بولسىمۇ ئەمما قوزغىلاڭدىن كىيىن خانپەرەس، يولۋاس،بىشىر،يۈسۈپ تەيجىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرماي ئاۋام بىلەن بىر سەپتە تۇرغان باتۇر ئوغلان. خەلقىمىز قورقماس. باتۇر ، باھادىر ئەزىمەت سالى دورغىنى مەڭگۈگە ياد ئېتىدۇ!!!!
يۇقىردىكى باھا شەخسەن مېنىڭ ئويغانغان زىمىن رومانىنى ئوقۇغاندىن كىيىن سالى دورغىغا بەرگەن باھارىم. بولسا سالى دورغا توغرۇلۇق تېخمۇ كۆپ ماترىياللارنى تاپقان بولساق!!!!
|
|