قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 640|ئىنكاس: 17

يانكىتاپ تورىدا كىتاپ ئوقۇشتىن تەسىرات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

319

تېما

38

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3330
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14560
تۆھپە : 13126
توردىكى ۋاقتى: 4704
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-3-3 16:09:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tohotur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-5 00:32  

1.ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە ھاياتى كۇچى ئۇچۇن توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان تەرجىمانلارغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئوقۇغۇم كەپ كىتىدۇ .گەرچە ئۇلارنىڭ تەرجىمە سەۋيىسى كەسپى تەرجىمانلاردەك ئۇ قەدەر پاساھەت دەرىجىسىگە تېخى يەتمىگەن بولسىمۇ ، ھامان ساندىن سۇپەت تۇغۇلىدىغانلىقى ماڭا ئايان .
2. شۇنداق جاپاكەش  تەرجىمانلىرىمىز ھازىر خەنسوچىدىن تەرجىمە قىلىپلا قالماي يەنە ئېنگىلىزچىدىن ۋە باشقا تىللاردىن بىرىنچى قول تەرجىمىچىلىك بىلەنمۇ شوغۇللىنىۋاتقان بولۇپ بۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ  ھاياتى كۇچىنى قوزغۇتۇش رولىنى ئوينايدۇ .

3. بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل مۇقەددەم دوستۇم قانۇنى يول يەنى دىليار ئوبۇلقاسىم ئەپەندىم ، بىيجىڭنىڭ تەرجىمە سەۋيىسىى توغۇرسىدا مۇنداق دەپ بەرگەن ئىدى .دۇنيانىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىدىكى ھەرقانداق كىتاپ نەشىردىن چىقىپ ئۇچ ئاي ئىچىدە خەنسوچىغا تەرجىمە قىلىنىپ بولۇدۇ . مەن شۇ چاغدا ئاجايىپ بىر قىزغىنىش ھىسياتىدا بولۇپ قالغان ئىدىم ، يەنە ئەلى قۇرباننىڭ  بېيجىڭدا سۆزلىگەن قايناق مۇنازىرىلەرگە سەۋەپ بولغان نۇتۇقىدىمۇ  ياكى كىيىنكى مۇنازىرە نۇتۇقلىرىدىمۇ مۇنداق بىر گىپى ماڭا بەكمۇ ياراپ قالغان يەنى دۇنيانىڭ ھەر قانداق جايدىكى ئەڭ يېڭى پسخىكىغا ئائىت كىتاپ چىقسا ئۇ كىتاپنى ئوقۇماقچى بولسام بىر ھەپتە ئىچىدىلا ئەكەلدۇرۇپ كۆرەلەيمەن . بۇ گەپ مەيلى راست بولسۇن مەيلى پو بولسۇن مەن يەنىلا ياقتۇردۇم . ئۇنىڭ يەنە  ئايال دوكتۇر زېۋىدە خانىمغا  قايتارما زەربە بەرگەندە دىگەن ئۇ زىۋىدە ھەدىمىز (بىر پسخۇلۇگىيە دوكتورى ) مەن ئوقۇغان كىتاپلارنى ئوقۇمىغان ئوخشايدۇ دىگەن يەنە بىر قىزقارلىق گىپى بار ،قارىماققا يالغاندەكلا تۇرغان بۇ راست  بولۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان گەپكە باشقا بىرەر مەخسوس تىمىدا ئېغىز ئاچقىنىمىز ياخشى .

4. شۇنداق قىلىپ مەن يانكىتاپ  تورىدىن بۇلارنىڭ نىمە دەپ يانكىتاپ تورى دەپ ئاتىۋالغانلىىقىنى چۇشەنمىدىم .بولمىسا يانكىتاپ ئۇندىدار سالۇنى دىسە تېخىمۇ توغرا بولاتتىمىكىن دەپ قالدىم ، چۇنكى مەن يانكىتاپ تورىنىڭ كىتاپلىرىنى ئۇندىدارىمنىڭ ئىچىدىن تېپىپ كۆرۋاتىمەنچۇ .
.شۇنداق مەن ئالدى بىلەن نۇرئەلى مۇئەللىمنىڭ 8760 سائەت دىگەن كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىلىكتىرۇنلۇق نۇسخىسىنى سېتىۋالدىم . بۇ كىتاپنىڭ خەنسوچىسىنى ئوقۇپ بولغان بولساممۇ ئانا تىلىمىزدىكى بۇ نۇسخىسىنىمۇ ناھايىتى قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم . بۇنىڭدىن بۇرۇن مېنىڭ ئۇيغۇرچە ئېىلىكتىرۇنلۇق كىتاپ كۆرۇش تارىخىم بىر ئەگرى توقاي  جاپالىق جەريان بولغان . ئۇ يىللاردا بۇنىڭدىن يەتتە سەككىز يىللار مۇقەددەم ئەقلىفۇنلار ھازىرقىدەك ئەمەس ئىدى . ھەتتا پ د ئېف كىتاپنى تونۇشىمۇ بىر مەسەلە ئىدى . بۇ چاغدا مەن بىر ئېم پ بەش تىن بىرنى ئالدىم بۇ ئېم پى بەشنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى دەل پ دې ئېف كىتاپلارنى تونۇيتتى . ئاندىن توردىن يانفۇن ئېلكىتاپلارنى چۇشۇرۇپ كۆرۇشنى باشلىۋەتكەن ئىدىم ، يانكىتاپ بولسىلا  قاچىلاپ كۆرەتتىم ،  بۇ گەرچە ماڭا ئەينى يىللىىرى بىر خىل يېڭىلىق تۇيغۇسى بەرگەن بولسىمۇ ئۇ پ دى ئېف ئۇيغۇرچە يانفۇن كىتاپلىرى باشقىلارنىڭ قىزىقىشى بويىچە تورغا چىقرىىلغان بولغاچقا تاللا ش ئەركىنلىكىدىن سۆز ئېچىش مۇشكۇل ئىدى . بىر زامانلاردىن كىيىن يۇلغۇن يۇمشاق دىتالىنى تېپىۋالدىم ، توردىكى ماقاللارنى پ د ئېف يانفۇن كىتاپ ھالىتگە كەلتۇرگىلى بولاتتى ئەمما لېكىن بۇ بىر سېپى ئۆزىدىن ئاۋارچىلىق بولاتتى . يەنى بەك قىزىقسام توردا تۇرغۇزۇپلا ئوقۇپ بولاتتىم ، ئۇنى قايتا يانفۇن پ ئېف كىتاپ قىلىپ كۆرۇشكە رەغدىم قالماي قالاتتى . ئىشقىلىپ بىر قانچە يىل ھەپىلىشىپ يانفۇندا كىتاپ كۆرۇش قىزغىنلىقىم كۇلنىڭ ئاستىدىكى چوغدەك يا ئۆچمەي يا كۆچمەي ساقلىنىپ قالغان بولدى

5.بۇدا يانكىتاپ تورىدىكى كىتاپلارنى سېتىۋالغاندىن كىيىن يانفۇننى قولۇمدىن چۇشۇرمەي كۆرۇشكە باشلىدىم . كىتاپلارنى مەن شىنخۇا كىتاپخانسىدىن تاپالمايدىغان كىتاپلار ئىدى .بۇ كىتاپلار ئېنگىلىزچىدىن ،ياپونچىدىن تەرجىمە قىلىنىپ يېڭىلا تونۇردىن چىققان كىتاپلار ئىدى  .بۇ كىتاپلار مەندەك ئاچكۆز ئوقۇرمەننىڭ يېڭىلىق تۇيغۇسى ۋە دۇنيانىڭ ئەڭ يېڭى سەۋيىسى ۋە سۇرئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان كىتاپلار ئىدى . ناۋادا مەن بۇنى تور دۇنياسىدىن ئۇيغۇر ئانا تىلىمدا ھازىرقىدەك بەھوزۇر بەھرىمان بولىمەن بىكاغا دىسەم ئەدەسسىز ساقلاشقا توغرا كىلەتتى ، يەتتە كوي خەجلەپلا بۇ قەدەر نەشىريات ئاتلىغان كىتاپخانلار بىلەن ئەڭ تىز سۇرئەتتە كۆرىشىدىغان كىتاپلار مېنىڭ  يانفۇننى قولۇمدىن چۇشۇرمەيدىغان ھالغا كەلتۇردى ، قىزىل بولاقنىمۇ بىراقلا ئوينىماس بولدۇم . ئۇندىدارنىدىكى تەمى يوق پاراڭلارنىمۇ بايقۇت قىلىدىم ، سالۇنلاردىكى تاغدىن باغدىن پاراڭلارمۇ تېتىماس بولدى . مانا چوڭقۇرلۇق دىگەن تېلفۇنغا قارىساڭ موشۇنداق يانكىتاپ تورىدىكى كىتاپلارغا قارا . ئۇيغۇر تەرجىمچىلىكىگە ھەسسە قوشماقچى ۋە ھوزرۇلانماقچى بولساڭ مانا يانكىتاپ تورىىنى كۆر ، ئاشۇ كىتاپلاردىن بەھرە ئالغىن . بىز بۇلارنى قانچىكى قوللاپ كىتاپ كۆرۇپ بەرسەك بۇلار بىزنى دۇنيانىڭ ئەڭ يېڭى ئەڭ تىز سۇرئىتى بىلەن بىۋاستە ئۇچراشتۇرۇشىغا مەن ئىشەندىم . ئاللاھ مەدەتكارىڭلار بولسۇن ، ئۇيغۇر تەرجىمە ساھەسىدىكى تۇرشاۋۇل قوشۇن بولۇپ قالغايسىلەر تىرشىڭلار يىگىتلەر

6.مېنىڭ ۋاقىت قارىشم ، مانا شۇنداق ئۆزگەردى بەش مىنۇت ۋاقتىم بولسىلا يانكىتاپ تورىنى ئېچىۋېلىپ ،ئۆزەم قىزىقىپ سېتىۋالغان كىتاپلارنى كۆرۇشنى باشلىۋەتتىم ، گەرچە ھازىرچە خەتكۇچى تازا ئىشلەپ كەتمىسىمۇ ، ئىككى قېتىم  ئېچىپ ئاندىن ئۆزەم خالىغان باپنى ئاچقان بولساممۇ بۇ تېخنىكىلىق مەسەللەرنىڭ ھامان ئوڭشىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل .

7. تۆنۆگۇن قومۇل كۇتۇپخانىسىغا بېرىپ ئىككىنچى قەۋەتتىكى بىر يېرىم مىتىرلىق يانفۇن شەكىللىك ئىكراندىكى خەنسوچە كىتاپلارنى ئوقۇۋاتقانلارنى كۆرۇپ ، شۇئان ئىسىمگە  يانكىتاپ تورىنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلىكتىرۇنلۇق كىتاپلىرى كەلدى ، ۋە تۆتىنچى قەۋەتتىكى ئۇيغۇر چە بۆلۇمگە مەسئول خانىمغا تەكلىپ سۇندۇم ، بىزنىڭمۇ قانۇنلۇق ئۇيغۇرچە ئەڭ تىز ئەڭ يېڭى نەشىردىكى ئېلىكتىرۇنلۇق كىتاپلىرىمىز بار ، قومۇل كۈتۈپخانىسى ئەلۋەتتە ئەڭ يېڭى تەرەققىيات ئېلىكتىرۇنلۇق كىتاپ ساھەسىدىمۇ ئۇيغۇرچە ئېلىكتىرونلۇق كىتاپلىرىمىزنى نەزەردىن ساقىت قىلماي كۇتۇپخانىمىزدىن ئورۇن بىرلىشىنى سەمىمى تەكلىپ بەردىم . ئادەتتىكى كىتاپقا ئوخشاش ئېلىكتىرۇنلۇق كىتاپنىمۇ سېتۋېلىپ كەڭ كىتاپخانلار ئۇچۇن ئاشۇ بىر يېرىم مىتىرلىق تىلفۇنغا ئوخشاپ كىتىدىغان ئىكراندا نەق مەيداندا بىكارلىق كۆرۇشكە ئېچىۋېتىش ، ئانا تىلىمىزنىڭ پەخرى ، يانكىتاپ تورىنىڭ ئېلانى ، كۈتاپخانىنىڭ شۆھرىتى بولۇپ قالغۇسى .

8.يانكىتاپ تورى مىنىڭ سېستىمىلىق ،چوڭقۇر،ئەڭ يېڭى دۇنياۋى سەۋيەدىكى كىتاپلارنى ئۆز يانفۇنۇمدا خالىغان ۋاقىتتا خالىغان جايدا كۆرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى ، ھازىر مەن تېلفۇنىمنى زەرەتلەشنى ئەڭ مۇھىم ئىش قاتارىغا قويىدىغان بولۇپ قالدىم .
،




uyghuray

1

تېما

0

دوست

477

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   88.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  53008
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 138
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 11:33:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن تورداشلارنىڭ تەدرىجىي ھالدا يانكىتاب تورىنى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقى ۋە قوللاش تەرەپدارى بولغانلىقىدىن خۇرسەن بولدۇق. مەزكۇر يازمىنى كۆرۈپ ھاردۇقىمىز چىققاندەكمۇ بولدۇق.
ئىشىنىمىزكى تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلار مەزكۇر تور بېكەتنى تەدرىجى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ قەدرىگىمۇ تەدرىجى ھالدا يېتىپ قالىدۇ.
يانكىتاب تورىنىڭ نىشانىنى يۇقىرىقى يازمىدا ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ، يازمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆز قاراشلار ئاساسەن يانكىتابنىڭ تەرەققىيات نىشانى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە.
بىزنىڭ مۆلچەرىمىزگە قارىغاندا، ئادەتتە 300 مىڭ خەتلىك بىر خەنزۇچە كىتاب نەشردىن چىقسا، بىز دەرھال ھەرىكەتكە كەلسەك، 2 ئاي ئىچىدە ئۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تولۇق پۈتتۈرۈپ چىقىشقا تامامەن مۇمكىن بولىدىكەن. شۇڭا ئاۋۇ ئۈستىدە 3 ئايدا ئۇنىڭ خەنزۇچىسى چىقىدۇ دېگەن ئەھۋال بىزگىمۇ تامامەن ماس كېلىدۇ. بىزمۇ ئەڭ يېڭى چىققان كىتابنى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتسەك 3 ئايدا تامامەن چىقىرىپ بولالايمىز. بۇ يەردىكى مەسىلە، ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى، ئۇنىڭدىن قالسا كەڭ كىتابخۇمار قېرىنداشلارنىڭ قوللىشىدۇر.
يانكىتاب تورى بىر بوۋاق، تېخى رەسمىي ئېلان قىلىنغىنىغا ئەمدىلا 1 ئاي بولدى. بۇ بوۋاق پەرۋىشكە مۇھتاج، كۆيۈنۈشكە مۇھتاج. بىز داۋاملىق يېڭى، سەر خىل كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ كەڭ كىتابخۇمار قېرىنداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشقا تىرىشىمىز، بۇ جەھەتتە كەڭ كىتابخۇمار قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ بىزنى يېقىندىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ بېرىشىگە ھەم مۇھتاجمىز.
ھازىرقى خەتكۈچ قويغىلى بولماسلىق مەسىلىسىنى يانكىتاب سالونىدىكى تىزىملىكتىكى «يانكىتاب» ئارقىلىق «ياردەم» سەھىپىسىگە مۇراجەت قىلغاندا قىسمەن مەسىلىلەر ھەل بولىدۇ. شۇڭا تورداشلار سىناپ باققاي.
كىتابلارنىڭ تەرجىمە سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىگە كەلسەك، بۇمۇ بىز ئەڭ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان ۋە ئۆزىمىزگە بۇرچ قىلغان ئىش، بەلكىم قىسمەن تەرجىمە سەۋەنلىكى بىزدە ساقلانغان بولۇشى ئېنىق، چۈنكى ھەر قانداق نەرسىنى بىر يولىلا مۇكەممەل قىلىۋەتكىلى بولمايدىكەن. قىسمەن كىتابلار جىددىيچىلىكتىلا ئېلان قىلىنغان، چۈنكى يانكىتاب تورى يېڭى ئېلان قىلىنغان بولغاچقا، كىتاب مەنبەسى ئاز بولۇش سەۋەبلىك ئوقۇرمەنلەرنى قاچۇرۇپ قويماسلىقنى كۆزدە تۇتقان ئىدۇق، ئەمما ھازىر بىز قەدەمنى ئاستىلىتىپ، ئاشۇ جىددىيچىلىكتە ئېلان قىلىنىپ كەتكەن كىتابلارنى قايتا تەھرىرلەش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتىمىز. شۇڭا بۇ جەھەتتە تورداشلارمۇ كۆپرەك تۈزىتىش پىكىرى بەرسەڭلار ھەم بىزمۇ تىرىشساق، ئىشىنىمىزكى بەزى مەسىلىلەر تەدرىجى ھەل بولۇپ كېتىدىغىنى ھەقىقەت.
ئەڭ ئاخىرىدا، بولسا ھەممىمىز ئوقۇغان كىتابلىرىمىزدىن ئازتولا تەسىرات يازساق، تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلارنىڭ دىققىتىنى بورىيالىساق، ئومۇمىي مىللەت ئېڭىدا كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنىڭ يەنە بىر بالداق ئۆسۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان بولۇپ قالارمىزمىكىن دەيمەن.

0

تېما

5

دوست

1843

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   84.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16795
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 578
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 13:09:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Yankitab يوللىغان ۋاقتى  2016-3-5 11:33
ئالدى بىلەن تورداشلارنىڭ تەدرىجىي ھالدا يانكىتاب تورى ...

تور ئادرىسىنى يوللاپ قويسىڭىز بوپتىكەن

1

تېما

0

دوست

477

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   88.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  53008
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 138
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 13:55:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
KAREHU يوللىغان ۋاقتى  2016-3-5 13:09
تور ئادرىسىنى يوللاپ قويسىڭىز بوپتىكەن

www.yankitab.com
ياكى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپ يانكىتاب سالونىغا ئەگىشىۋالساڭلار تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ
qrcode_for_gh_25f012a93fe2_430.jpg

uyghuray

0

تېما

4

دوست

4525

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35151
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1380
توردىكى ۋاقتى: 377
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 14:19:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم   يانكتاپ تورىدىكلەر   كىتاپنى ئاشساق كەلگەن يەردىن چىقىدىغان بولدىمۇ؟

4

تېما

5

دوست

1339

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   33.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48782
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 444
توردىكى ۋاقتى: 175
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 14:28:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Yankitab يوللىغان ۋاقتى  2016-3-5 13:55
www.yankitab.com
ياكى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپ يا ...

捕获.PNG

مەن يانكىتاب تورىنى ئاچسام يۇقىرىقىدەك چىقىۋالدى، بۇنى ئوڭشايدىغان ئامال بارمۇ؟ باشقا ئۇيغۇرچە تور بەتلەر نورمال كۆرۈنىدۇ.

1

تېما

0

دوست

477

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   88.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  53008
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 138
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 14:41:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qvshkvn يوللىغان ۋاقتى  2016-3-5 14:28
مەن يانكىتاب تورىنى ئاچسام يۇقىرىقىدەك چىقىۋالدى، ب ...

سىز قايسى خىل يانفوندا ئاچقان؟ ياكى يانفوندا ئاچمىغانمۇ؟ كونكېرتقا قالدۇرغان بولسىڭىز، رەھمەت!

4

تېما

5

دوست

1339

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   33.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48782
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 444
توردىكى ۋاقتى: 175
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 14:59:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Yankitab يوللىغان ۋاقتى  2016-3-5 14:41
سىز قايسى خىل يانفوندا ئاچقان؟ ياكى يانفوندا ئاچمىغا ...

مەن كومپيۇتېردا ئاچقان، تور بېكىتى  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )