قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 706|ئىنكاس: 2

تەلۋەنامە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

179

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   59.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  49499
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 58
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-3 18:59:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەلۋەنامە


(نەسىر)


  سۈبھىنىڭ قوينىدىن تۇغۇلغان قۇياش كېچىنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشمەيدىغان يەنە بىر شارنى ئىزدەپ يۈرۈپ كۆزلىرىمنى تاپقىنىدا مەن ئۇنىڭدىن قىساس ئالماقچى بولىۋاتاتتىم.ئۇنىڭ راستقا ئايلىنىپ كەتكەن مەۋجۇتلۇقنىڭ يالغانلىقىغا گۇۋاھچى بولۇپ دەرىزەمدىن كىرىشى ماڭا ئۆلۈپ كەتكەن گۇماننى ئەسلىتەتتى-دە، ماڭا ئازاپ يورۇپ كېتەتتى.مەن تاكى قۇياشنىڭ كېچىنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىغا ئىشەنگۈچە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقتىكى مۇكەممەل تەسەۋۋۇرلىرىمنى سوقىۋېتىشىنى قەستەنلىك،دەپ بىلەتتىم.بۈيۈك قۇدرەتنىڭ تاساددىبىيلىققا جازا بەرمەسلىك پىرىنسىپىغا كۆنگەن قۇياش مەندىنمۇ قىساس كۈتەلمەيتتى.بىراق ئىنساننىڭ رەزىللىكى ۋە ئاجىزلىقىغا چىن پۈتۈش ئۈچۈن مەن يەنىلا ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىشنى مەقسەد، كۆزۈمنى يۇمۇۋېلىشنى ۋاستە قىلىپ تاللىدىم.
   كېچە داۋام قىلماقتا.پارچىلىنىپ كەتكەن دۇنيا قايتىدىن بىرىكتى.رېئاللىقتىن باشقا ھەممىسى جەم بولۇپ سېزىم گۈزەللىككە ئايلاندى.ئۇ يەر شۇنىڭ ئۈچۈن گۈزەل ئىدىكى ئۇ يەردە سەن بار ئىدىڭ.توغرىسى ئۇ يەر سەندە بار ئىدى.بارچە مېنىڭ،مەن سېنىڭ ئىدىم.مەن ھەممىگە بار كۈچۈم بىلەن توۋلايتتىم:«مەن قەيەردە؟».تاغلار «ۋىسال ئارمانىدا»دەپ سادا قايتۇراتتى،سۇلار «بەخىت ئوكيانىدا»دەپ شاۋقۇنشىيتتى،ئورمان «سۆيگۈ داستانىدا» دەپ شىۋىرلايتتى.بۇ يەردە ماڭا كېرەكلىك ھەممە توغرا جاۋاپلار بار ئىدى.قەلبىمنىڭ قۇدرەتلىك سېزىمگە بولغان ئېھتىياجى مېنىڭ بىلىشكە بولغان زۆرۈرىيىتىمنى تۇغدۇراتتى.شۇڭا يەنە ئاسماندىن سورايتتىم:«مەن قەيەردە؟»ئاسمان جاۋابەن:«سەن باغرىمنىڭ ئاستىدا»دەيتتى.زېمىندىن سورايتتىم:«مەن قەيەردە؟»زېمىن دەيتتى:«سەن قەلبىمنىڭ ئۈستىدە».
   «ئۆزۈڭ سوراپ ئۆزۈڭ جاۋاپ بېرەمسەن!؟»تۇيۇقسىز ئالەم ۋەيران بولۇش ئالدىدىكى بۇرغا ئاۋازىدەك ئېچىنىشلىق ئاۋاز ھەممە ياقتىن ئاڭلىنىشقا باشلىدى.ئاسمان-زېمىن مەندىن يۈز ئۆرىدى،مېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇمغا ئۆزىنى ۋەيران قىلىش ئارقىلىق ھۇجۇم قىلدى.ساڭا مەسئۇل بولۇشۇم كېرەك ئىدى.سېنىڭ مۇكەممەللىكىڭ ئۈچۈن قۇلاقلىرىمنى يوپۇردۇم،كۆزلۈرۈمنى يۇمدۇم.كۆرگەن ھالاكەتلىرىم ۋە ئاڭلىغان نادامەتلىرىم يالغان بولغان بولسا،ھەتتاكى گۈزەل سېزىملىرىم قۇربان بولغان تەقدىردىمۇ خالايتتىم،دەيتتىم.ئۈمۈدكى بىرلا تىلىكىم _سېنىڭ مۇكەممەللىكىڭنىڭ ئەسلىگە قايتىشىنى ئىستەيتتىم.زېمىننىڭ سىلكىنىشى توختىغاندا قولۇقۇمنى ئەتكەن قولۇمنى چۈشۈردۈم،يۇمغان كۆزۈمنى ئاچتىم.كۆزۈمگە مەكتەپ ياتىقىنىڭ چاك كەتكەن تورۇسى كۆرۈنگىنىدە بايامقى بۇرغا ئاۋازىنى چىقارغان دەرىزە سىرتىدىكى قۇشلارغا ۋە قۇشلارنى ئويغاتقان قۇياشقا نەپرەت بىلەن تىكىلدىم.ئىشەنگىنىمدەك سەن بىلەن مېنىڭ مەڭگۈلۈك بىرىكىشىم قۇياشنىڭ كۆيۈپ تۈگىشىنى كۈتەتتى.شۇ ۋاقىتتىلا بىزنىڭ دۇنيايىمىز يالماۋۇز قاراڭغۇ ئۆڭكۈر ئىچىدە مۇددەتسىز قارار تاپاتتى.شۇ ۋاقىتتىلا بىزنىڭ دۇنيايىمىزدىكى ھەر بىر قۇم دانچىسىدىن ئەندىشىسىز ھالدا سورىيالايتتىم:«مەن قەيەردە؟!».

_مەنبە:ئۆزۈم

2016.3.1
uyghuray

0

تېما

4

دوست

4525

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35151
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1380
توردىكى ۋاقتى: 377
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-3 21:28:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

1

دوست

667

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   33.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33568
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 192
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-7 02:32:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامان ئەمەس يېزىپسىز . رەھمەت .
ئەمما مەن پىرسۇنازنىڭ تەلۋىلىك ھىسياتى ئاددى بولۇپ قاپتۇ .
تەلۋەنامە نى يېزىش ئۈچۈن بىر كىتاپمۇ ئازلىق قىلار.....دىدىم ئىچىمدە .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )