قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1962|ئىنكاس: 12

پاكىستان- ھىندىستان مۇناسىۋىتىدىكى دوقمۇش پاراڭلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

157

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   52.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56900
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-3 20:27:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پاكىستان- ھىندىستان مۇناسىۋىتىدىكى دوقمۇش پاراڭلىرى


ئاخبارات ئارقا كۆرۈنۈشى



ھىندىستان بىلەن پاكىستان يېقىندا تالاش – تارتىش بولۇۋاتقان كەشمىر رايونىدا بىر نەچچە قېتىم توقۇنۇشتى، ھەمدە بىر – بىرىنى ‹‹ئاۋۋال ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلدى››، دەپ ئەيىبلەشتى.
كەشمىر مەسىلىسى ھىندىستان بىلەن پاكىستان مۇناسىۋىتىدىكى ساقايماس يارا، ئىككى دۆلەت بۇ مەسىلە توغرىسىدا توقۇنۇشۇپ كەلدى ھەم ئۇلار ئوتتۇرىسىدا كىرىزىسنى كونترول قىلىدىغان ئۈنۈملۈك مېخانىزم تېخى ئورنىتىلمىدى. لېكىن تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، يېقىندا يۈز بەرگەن توقۇنۇش بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يەنىلا ئېغىر قەدەمدە داۋاملىشىدىكەن.
پاكىستان زۇڭلىسىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى ئەزىز يېقىندا ب د ت باش كاتىپى بان كىمونغا خەت يېزىپ، ھىندىستاننىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا رايونىدا توقۇنۇش پەيدا قىلىپ، ئۆلۈم – يېتىم پەيدا قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئەزىز مۇنداق دېدى: 1 – ئۆكتەبىردىن 10 – ئۆكتەبىرگىچە، ھىندىستان چېگرا رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە 42 قېتىم خىلاپلىق قىلدى، ۋەقەدە پاكىستاننىڭ 12 پۇقراسى قازا قىلدى، 52 پۇقراسى ۋە توققۇز ئەسكىرى يارىلاندى.
ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، 1 – ئۆكتەبىردىن باشلاپ، ھىندىستان بىلەن پاكىستان كەشمىر چېگرا رايونىدا ئېتىشىش باشلىدى. 6 – ئۆكتەبىردىن باشلاپ توقۇنۇش كەسكىنلىشىپ كەتتى، دېيىلدى. ھىندىستان دائىرىلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، توقۇنۇشتا ھىندىستان تەرەپتىن سەككىز ئادەم قازا قىلغان، 90 نەچچە ئادەم يارىلانغان، 320 مىڭ پۇقرا يۇرتلىرىدىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان.
بىر قىسىم تاراتقۇلار، بۇ ھىندىستان بىلەن پاكىستان 2003 – يىلى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىنكى ئەڭ ئېغىر ھەربىي توقۇنۇش، دېيىشتى.
پاكىستاننىڭ ئۈچ ئارمىيە ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىدارىسى 9 – ئۆكتەبىر: ھىندىستان چېگرا سىزىقى ئەتراپىدا پاكسىتانغا توختىماي ئوق چىقاردى، پاكىستانمۇ بۇنىڭغا مۇۋاپىق قايتۇرما زەربە بەردى، دېدى. پاكىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرى ئاسىف 9 – ئۆكتەبىر: پاكىستاننىڭ قوشنىسى ھىندىستان بىلەن قارشىلىشىش نىيىتى يوق، چېگرا رايونىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنىڭ ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىنى خالىمايدۇ، پاكىستاننىڭ ھىندىستاننىڭ ھەر قانداق تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرىدىغان ئىقتىدارى بار، دېدى.
بۇ يىل 5 – ئايدا، پاكىستان زۇڭلىسى شېرىف تەكلىپكە بىنائەن ھىندىستان زۇڭلىسى مودىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى سەل ياخشىلاندى، ئىككى تەرەپ چېگرا سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى، بۇ ئارقىلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرى باشلانغاندەك قىلاتتى. ئەمما نېمە سەۋەبتىنكى، ھىندىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە كاتىپى دەرىجىلىك يىغىنىنى توختاتتى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يەنە سوغۇقلاشتى.
يېقىندا يۈز بەرگەن ئۇدا ئېتىشىش ۋەقەسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يەنە خىرىس پەيدا قىلدى. پاكىستان زۇڭلىسى شېرىف 10 – ئۆكتەبىر ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيەنىڭ مۇھىم ئەمەلدارلىرىنى يىغىپ دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتى يىغىنى ئېچىپ، يېقىندا يۈز بەرگەن چېگرا توقۇنۇشىنى مەسلىھەتلەشتى. يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پاكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بويسۇنۇشىنى، چېگرانىڭ تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى، بىر – بىرىنى ئەيىبلەشنى توختىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، دېيىلدى.
باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: ئۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى ئەمەس، جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. چېگرانىڭ جىددىي ۋەزىيىتى داۋاملىق كۈچەيسە، كەشمىر مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ كەيپىياتىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ، بۇ رايون ھەمكارلىقىنىڭ ئۇزاق نىشانىغا پايدىسىز.
ھىندىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جايتىل مۇنداق دېدى: ھىندىستان بىلەن پاكىستان مۇناسىۋىتى بەزىدە ياخشى بولسا، بەزىدە ناچارلىشىدۇ، كەشمىر ماجىراسىدىن ئىبارەت تۈپ ئامىل ھەم ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىشەنچنىڭ كەمچىل بولۇشى بۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى مۇشۇ ۋەزىيەتنى ساقلايدۇ، لېكىن ئىككى تەرەپ تىرىشىپ، چېگرانىڭ ئەمىنلىكىنى قوغدىشى، ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق مۇھىت يارىتىشى كېرەك.
ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ سەپتىن چېكىنگەن گېنېرال مايورى مۇنداق قارىدى: ھىندىستان بىلەن پاكىستان چېگرا رايوندا ئېتىشىش قاتارلىق ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ئىشلارغا كۆنۈپ قالدى، ئېتىشىش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا جەنۇبىي ئاسىيا رايونى ھەمكارلىق ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ يېقىنلاپ قېلىشى ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ چېگرا توقۇنۇشىنى پەسەيتىدۇ. ھىندىستان بىلەن پاكىستان مۇناسىۋىتى چوقۇم تەرەققىي قىلىشى كېرەك، ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەكلىپىنى بېرىش مودى ھۆكۈمىتىنىڭ بىردىنبىر تاللىشىدۇر.
ئۆتكەن يىلى پاكىستاننىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى، جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشنى، بۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ۋە تىنچلىق مۇھىتىنى ياخشىلاشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھىندىستان ھۆكۈمىتىمۇ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، توقۇنۇشنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنى خالىمايدۇ، شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەيلى قانداق قىيىنچىلىق بولسۇن ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن
uyghuray

0

تېما

0

دوست

937

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   87.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43647
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 282
توردىكى ۋاقتى: 62
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 12:00:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىندىستاننى ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار باشقۇرىدۇ.پاكىستاننى قانخور شىئەلەر باشقۇرىدۇ.ھىندىستان ۋە پاكىستان ھەر ئىككىلىسى بىر-بىرىدىن قېلىشمايدۇ.بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا چوڭ ئۇرۇش يۈز بەرمەسلىكى مۇمكىن.پاكىستان كەشمىر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ھىندىستاننىڭ چىشىغا تېگىپ چوڭ ئىش قىلىپ بەرمەيدۇ.ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ھازىرقى ھالەتنى ساقلىشى مۇمكىن.

0

تېما

2

دوست

3325

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   44.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  44495
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 982
توردىكى ۋاقتى: 393
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 12:27:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Qisas يوللىغان ۋاقتى  2016-3-4 12:00
ھىندىستاننى ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار باشقۇر ...

كىم دەيدۇ پاكىستاننى شىئەلەر باشقۇرىدۇ دەپ

0

تېما

0

دوست

937

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   87.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43647
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 282
توردىكى ۋاقتى: 62
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 13:20:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kemalbey يوللىغان ۋاقتى  2016-3-4 12:27
كىم دەيدۇ پاكىستاننى شىئەلەر باشقۇرىدۇ دەپ

پاكىستان  دۆلەت مۇداپىئە مېنىستىرى گېنىرال كەييانى رادىكال  شىئە .قالغان ئەمەلدارىنىڭ ئېتىقادىنى بىلمەيمەن.ت ر ت نىڭ بىر خەۋىرىدە پاكىستان ھاكىميەت بېشىدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ شىئە ئىكەنلىكى ئېيتىلغان.مېنىڭ بىلىشىم مۇشۇنچىلىك.
uyghuray

0

تېما

1

دوست

1007

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   0.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51320
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 288
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 13:24:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Qisas يوللىغان ۋاقتى  2016-3-4 12:00
ھىندىستاننى ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار باشقۇر ...

پاكىستانىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرى شىئەمىكە

1

تېما

0

دوست

2575

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   19.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41175
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 778
توردىكى ۋاقتى: 103
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 22:15:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ ئەقلى-ھۇشى جايىدا بولسا دەرھال كەشمىردىكى تاجاۋۇزچىلىق ھەركەتلىرىنى توختىتىپ كەشمىرنى كەشمىرلىكلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. چۈنكى كەشمىرنى ھىندىستان بىلەن پاكىستان مەجبۇرىي بېسىۋالغان، كەشمىر كەشمىرلىكلەرگە مەنسۇپ، ھەرگىزمۇ ھىندىستان بىلەن پاكىستانغا تەۋە ئەمەس.

9

تېما

31

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.99%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20919
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 28
تۆھپە : 4039
توردىكى ۋاقتى: 831
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 01:38:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىندىستان پاكىستان توقۇنۇشى ،ئەسكەرلەرنى چىنىقتۇرۇش ئۈچۈن ئىلىپ بىرىلغان مانۋېردىن ئىبارەت.

تۈركىيەنىڭ كورد قۇراللىقلىرى بىلەن توقۇنۇشىمۇ يەنىلا شۇ دۆلەت ئارمىيسىنى ئەمەلىي جەڭ مەيدانىدا چىنىقتۇردىغان مەشىق مەيدانى.

بۇنداق مانۋېرلارنى تەرەققىي قىلۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ «پىرقە دەۋلەت»لىرى ئويلاپ چىقىدۇ.

0

تېما

2

دوست

3325

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   44.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  44495
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 982
توردىكى ۋاقتى: 393
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 10:54:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Qisas يوللىغان ۋاقتى  2016-3-4 13:20
پاكىستان  دۆلەت مۇداپىئە مېنىستىرى گېنىرال كەييانى ر ...

شىئەلەر باشقۇرسا سەئۇدى ئەرەبىستانغا ياردەم قىلىمىز دەپ ۋەدە بەرمەستى .....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )