قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 608|ئىنكاس: 2

ئەلكۈن: گۈلخاندىن 101 كېچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

21

تېما

21

دوست

6282

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   25.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 17
مۇنبەر پۇلى: 172
تۆھپە : 2420
توردىكى ۋاقتى: 325
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 07:18:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ezimi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-4 15:39  


شائىرە گۇلنىسا ئىمىن گۈلخان شېئىرلىرى:


“گۈلخاندىن 101 كېچە”


ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن


ئۇزاقتىكى ئەمما تەكلىماكانغا ئەڭ يېقىن ئۇدۇن دىيارىنىڭ كېچىسىدە بىر گۈلخان ياندى! بۇ گۈلخان قەدىمىي يۇرت ـ بۈگۈنكى خوتەن دىيارىدا ياشاۋاتقان مېھرىبان، جاپاكەش، ئۇيغۇرنىڭ ئوتى ۋە سۇيىدە كېچە ـ كۈندۈز كۆيۈۋاتقان ئۇيغۇر خانىم ـ قىزلىرىنىڭ قەلبى ئۈچۈن يېقىلغان ئىدى! گۈلخان ئادەتتە ئىككى خىل مۇھىتتا ۋە مەقسەتتە يېقىلىدۇ: بىرىنچىسى كېچىدىكى قاراڭغۇلۇقنى يۇرۇق قىلىش ئۈچۈن، ئىككىنچىسى بولسا مۇزلىغان يۈرەكلەرگە، سوغۇقتىن تىترىگەن تەنىلەرگە ئىللىقلىق ئاتا قىلىش ئۈچۈندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ گۈلخانىمىز كۆيدى... گۈلخان بىز ھەممىمىزگە ئوخشاش كۈندۈزلىرى جاننى باقىدىغان ھايات ئۈچۈن مېھنەت تۆكسە كېچىلىرى تۈندە يانغان گۈلخان بولۇپ يۇرۇق كۆرۈشنى ئىستىگەن خەلقىگە، جۈملىدىن ناتىۋان ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنىڭ قەلبىگە نۇرلار ياقتى!

گەرچە مەن يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان كۆپىنچە تور ئارقىلىق گۈلخاننىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ كەلگەن بولساممۇ ئەمما ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان مۇھەببەت، نەپرەت ۋە ھاياتلىق سىمفونىيىسى ئەركىن، ساپ ۋە كۈچلۈك ھېسىي تۇيغۇلار بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ نەقەدەر بىر گۈزەل تىل ئىكەنلىكىنى ھەر بىر مىسرالىرىدا نامايەن قىلىپ تۇرىدىغان شېئىرلىرى بىلەن مېنىڭ ئىزچىل دىققىتىمنى تارتىپ كەلگەن ئىدى. بۇ بايانلىرىمنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە گۈلخاننىڭ 98 ـ كېچە يازغان «قارغالغۇچى ئايال» ناملىق شېئىرىسىنى مىسال قىلىپ ئۆتىمەن:

......

ئاياللار ئەسەبىيلەرچە سۆيۈلەتتى
جان جەھلى بىلەن قوغدىلاتتى
شەھەرلەرگە دۆلەتلەرگە تەخىتلەرگە تىگىشىلەتتى
كۆككە كۆتۈرلەتتى
غالجىرلىق ئۆزىنى ئەركىن قۇيۇۋېتەتتى
ئاياللار قۇمۇشلۇقلاردا قېچىپ يۈرەتتى
ئاياللار ئۆڭكۈرلەردە بالا تۇغاتتى
ئاياللار دارغا ئېسىلاتتى
ياسىداق ھەرەمخانىلەرگە قامىلاتتى
كېسىلگەن بوينىغا ئۇزۇن چاچلار يامىشاتتى
زىندانلاردا چىرىيتتى
ئوغىلارغا يەم بولاتتى
لەشكەرلەرگە سوغا قىلىناتتى
مىڭ يەردىن ئۆلتۈرلەتتى
مىڭ تىكەن سانجىلاتتى
ئاياللار يەنە ھەممىگە ئايلىناتتى
بەنىد قىلىناتتى بىر سۆزگە
ھەۋا ئايال ئىدى قوغلاشقان
ھەۋا ئايال ئىدى قوغلانغان
ھەۋا ئايال ئىدى ……

ئەنگىلىيىنىڭ 18-­ ئەسىردە ياشىغان داڭلىق رومانتىك شېئىرىيەت پېشۋاسى ۋىللىيام ۋوردسۋورت شېئىرىيەت ھەققىدە مۇنداق دېگەن ئىكەن: « شېئىر دېمەك ئۇرغۇپ تۇرغان كۈچلۈك ھېسياتنىڭ تۇيۇقسىز پارتلاپ چىقىشىدۇر.  شېئىر ئۆزىنىڭ ئەسلى ھېسسىي تۇيغۇسىنى تىنچلىقتىن تاپىدۇ.»

گۇلخاننىڭ شېئىرلىرى ئەينەن ۋىللىيام ۋوردسۋورت ئېيتقاندەك ئاسمىنىدىن توپىسىغىچە ئۇيغۇرلۇققا تويۇنغان تىنىچ يۇرت چىرانىڭ تەبئىي سەھرا ھاياتىدا يىللاردىن بۇيان قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يوشۇرۇنغان ئەڭ نازۇك ئاياللىق دۇنياسىغا تەۋە ئىزگۈ تۇيغۇلىرىنىڭ باھاردىكى تاغ بۇلاقىلرىدەك ئۇرغۇپ چىقىشى ئىدى!

......

ئاياللار تۇرمسى
كۈلۈمسىرەيدۇ قار ئىچىدىن
ئاياللار تۈرمىسى
يۈگۈرۈپ چىقار تاڭ ئىچىدىن.
يېرىلىپ قاناپ كەتكەن كىرلەش قوللار
جىجىلايدۇ ئاپئاق قار ئۈستىگە
ئاياللار تۈرمىسىنىڭ خەرىتىسىنى.
كۆزىدىكى ياشنى تۆككۈسى كەلمەيدۇ
كۆتۈرمەكچى بولىدۇ بېشىنى
قارىماقچى بولىدۇ قۇياشسىز ئاسمانغا.
سېغىنىشلىرىنى، ئەنسىرەشلىرىنى
قورقۇپ جۆيلۈشلىرىنى، كېچىدە ئويغۇنۇشلىرىنى
دەپ بەرمەكچى بولىدۇ ئەشۇ تەرەپتىكى بىر ئىنسانغا.

گۈلخاننىڭ 10 ـ كېچە يازغان «قۇياشسىز ئاسمان» ناملىق شېئىرىسىدىن.

ئەلبەتتە شېئىرنىڭ تەبىرى بىر ئۇنۋېرسالىققا ئىگە ئۇقۇمدۇر. مەن شۇنداق دەيمەنكى شېئىر دېمەك ئۇ مۇھەببەت دېمەكتۇر! شېئىر دېمەك شېئىرىي تىلنى چۈشىنەلەيدىغانلار ئۈچۈن ئۇ ئىنسان قەلبىنىڭ يوشۇرۇلغان دۇنياسىنى بىلىش دېمەكتۇر! شېئىر دېمەك ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ قايغۇ ۋە خۇشاللىقى كۆمۈلگەن تەۋەرۈك بىر ھايات قامۇسىدىن ئۈنچىلەر تىزىش دېمەكتۇر!

مەن  گۈلخاننىڭ ئىزچىل تىرىشچانلىقى بەدىلىگە تەبىئي ئۇيغۇر يېزا ھاياتىنى چىقىش قىلىپ ئۆز مۇھىتىدا توغۇلغان باي ھېسسىي تۇيغۇلىرىنى كۈچلۈك قەلىمى بىلەن، رېئالىزملىق ۋە مودېرنىزملىق لىرىك شېئىرىي مىسرالىرى بىلەن كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى چىن قەلبىمدىن ئالقىشلىماي تۇرالمايمەن، ئەلبەتتە!

گۈلخان ئۇ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە جۈملىدىن ئۇيغۇر شائىرەلىرىنىڭ يېزىش ئۇسلۇبىدا ئۆزىگە خاسلىققا ئىگە يېڭى بىر ئۇپۇقنى نىشانلاپ ماڭماقتا. مەن گۈلخاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى شېئىرىي ئىجادىيىتىنىڭ تېخىمۇ مول بولۇشىنى تىلەيمەن!

سىز كۆرۈپ تۇرغان ئۇشبۇ ئەلكتاپقا شائىرە گۇلنىسا ئىمىن گۈلخاننىڭ خانىمنىڭ 2015 ـ يىلى 4 ـ دېكابردىن باشلاپ 2016 ـ يىلى 29 ـ فېۋرالغىچە بولغان 101 كېچىدە يېزىپ تاماملىغان شېئىرلىرىنى بىريەرگە توپلاپ “گۈلخاندىن 101 كېچە” نامى بىلەن ئەلكىتاپ قىلىپ تەييارلىدىم. ياقتۇرۇپ ئوقۇغايسىلەر.


2016 ـ يىلى 1 ـ مارت، لوندون.


«گۈلخاندىن 101 كېچە» ئەلكىتاپنىڭ ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تورىدىكى مۇقىم ئادېرىسى:

http://www.azizisa.org/gulkhandin101_keche.pdf

http://www.azizisa.org/index.php/2016/03/03/gulkhandin101_keche



Gulxan101_keche_L_w.jpg




uyghuray

0

تېما

1

دوست

484

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36755
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 152
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 11:05:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر شېئىرلار ئىكەن،رەھمەت سىزگە!

0

تېما

1

دوست

3438

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   47.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5956
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 1079
توردىكى ۋاقتى: 422
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 16:15:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرغا ئوتلۇق سالاملار بولسۇن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )