- تىزىملاتقان
- 2015-11-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1339
- نادىر
- 2
- يازما
- 54
ئۆسۈش
33.9%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qvshkvn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-4 10:55
كانتنىڭ دۇنياسى
مەنفېرد گېير
« كائىنات ئۇقۇمى » بۇيەردە ھەر بىر ئىنسان چوقۇم كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارنىڭ ئۇقۇمى
« ناھايىتى ياخشى ! »
ئۇنىڭ سەكراتتا قىلغان بۇ سۆزى ئانچە ئېنىق ئاڭلانمىسىمۇ ، ئەمما چۈشەنگىلى بولاتتى . ئەجىبا ، پۈتۈنلەي كۈچىدىن قالغان كانت قىزىل ھاراق بىلەن سۇنىڭ ئارىلاشمىسىدىن ھاسىل قىلىنغان ئىچىملىك ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇسسۇزلۇقىنى باسقاندىن كېيىن ، ئۆزىنى « ناھايىتى ياخشى ھېس قىلدىم » دېمەكچىمۇ ؟ ياكى ئۇ « ئىچىپ بولدۇم » دېمەكچىمۇ ؟ ۋە ياكى ئۇ ئېھتىمال ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى خۇلاسىلەۋاتقاندۇ ، ئۇنىڭ ھاياتى 1804-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى يېرىم كېچىدە ئاخىرقى چېكىگە يەتكەنىدى . بۇ بىر كەم - كۈتىسىز ھاياتمۇ ؟ بەلكىم ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇ ھۆكۈمى ئارقىلىق ، ئۆزىنىڭ ھاياتنى ئۇزارتىش سەنئىتىنىڭ ئاخىرقى چەككە يەتكەنلىكىنى ئىپادىلىمەكچىدۇ .
ئۇنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى سۆزىنىڭ مەنىسى شۇنچىلىك مول ، ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى شۇنچىلىك مۇرەككەپ ۋە چىگىچ . كانت ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولغان زىددىيەت ۋە جىددىيچىلىكلەر بىلەن مۇرەسسەلىشىشنى خالىمىغان ئىدى . ئۇ مۇنۇ تۆت چوڭ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى :
1. مەن نېمىنى بىلەلەيمەن ؟
2. مەن نېمە قىلىشىم كېرەك ؟
3. مەن نېمىنى ئۈمىد قىلسام بولىدۇ ؟
4. ئىنسان دېگەن نېمە ؟
بۇ تۆت مەسىلە ئەڭ ئاخىرقى ئېنىق جاۋابقا ئېرىشەلمىدى . بۇ يەردە ھېچنېمە جەزملەشتۈرۈلمىگەن ، پەلسەپىدىكى دوگمىچى ئۆز بېشىمچىلارنىڭ دەۋرى بىلەن ۋەھىيى ھەقىقىتىنىڭ دەۋرى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەنىدى . كانت ئەقلىي بىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئۆزىنىڭ خاتالىقى تۈپەيلىدىن قالايمىقانچىلىققا پېتىپ قالىدىغانلىقىنى ، گەرچە بۇ خاتالىقلارنى تۈزىتىشكە ئۇرۇنسىمۇ ، بىراق ئۇلارنى ئەزەلدىن يىلتىزىدىن يوقىتالمايدىغانلىقىنى بايقىدى . ئەخلاق جەھەتتكى كەم-كۈتىسىز تۇرمۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قارىتىلغان كۆڭۈل پەقەت ئۆزىنىڭ يېڭىلمەس رەقىبى تەرەپتىنلا ئاندىن سەۋىرچانلىق ۋە كۈچ-قۇۋۋەتكە ئېرىشەلەيتتى . ئىنسانلار گەرچە بىر مەزگىل ئۆزى ئارزۇلىغان بەختنى بېشدىن كەچۈرسىمۇ ، بىراق مۇمكىن بولغان بارلىق ماددى مال-دۇنيالار پەقەت خىيالىي دۇنيادىلا ئاندىن ھەقىقىي ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئىدى . ئۇنداقتا ئىنسانلارچۇ ؟ كانتنىڭ قارىشىچە ، ياشاش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ، ئادىمىزات بولسا ئەركىن ھەرىكەتلىنىپ بەزىبىر ئىشلارنى باشقا ئېلىپ چىقالايدىغان جانىۋار بولۇپ، بۇ خىل ئەركىنلىك دۇنيا تارىخىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى جەريانىغا سېڭىپ كەتكەنىدى . ئىدراك جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، دۇنيا تارىخى مۇساپىسى ئومۇميۈزلۈك قالايمىقانچىلىقنى ئۆزىدە ئىپادە قىلدى ، بۇ يەردە نىشان ۋە تەرتىپ يوق بولۇپ ، نادانلىق ، زورلۇق ۋە بۇزغۇنچىلىققا تولۇپ كەتكەنىدى . كانت ئاساسىي جەھەتتىن شۇنىڭغا ئىشىنەتتىكى ، ئىسانلار ئەگمە ياغاچتىن پۈتۈلگەن بولۇپ ، ئۇنىڭدىن ھەر قانداق تۈز نەرسە ياساپ چىققىلى بولمايتتى .
كانت ئۈمىدۋار مەرىپەتچى مۇتەپەككۇرمۇ ئەمەس ، ئالغا باسقان ئېتقادچىمۇ ئەمەس ئىدى . دۇنيا سەھنىسىدە قويۇلىۋاتقان رەھىم-شەپقەتسىز ھەزىلكەشلىكلەرگە يۈزلەنگىنىدە ، ئۇ كۆڭلى يۇمشاق مىسكىنلىكنى تاللىۋالدى . گەرچە بارچە ئىشلار « ناھايىتى ياخشى » دېگەن بۇ ھۆكۈم بىلەن زىت بولسىمۇ ، بىراق توختىماي كۆرۈلىۋاتقان ئالامەتلەر ئەمەلىي رىئاللىقنىڭ ھازىرقىدىن تېخىمۇ ياخشى بولۇشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بىرىپ تۇراتتى . ياشنىپ قالغان كانت ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆزىدىن : ئىنسانىيەت تارىخىدا زادى ئىلگىرلەش بولۇپ باققانمۇ - يوق ؟ دەپ سورىغىنىدا ، ئۇ بىر خىل « تارىخىي بېشارەت » نى سۆزلەپ ئۆتتى . بۇ خىل بېشارەت گەرچە ھېچنېمىنى ئىسپاتلىيالمىسىمۇ ، بىراق ئۇ ئىنسان تەبىئىيىتىدە ھېچبولمىغاندا ئۆزىنى ياخشىلىيالايدىغان ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلىگەنىدى . مانا بۇ ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك توغرىسىدىكى ئىددىيە بولۇپ ، فرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ زاماندىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، كانت ئۇنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ئىلكىدە تەتقىق قىلغانىدى . گەرچە بۇ قىتىملىق ئىنقىلاب جەريانىدا نۇرغۇنلىغان ۋەھىمە پەيدا بولغان بولسىمۇ ، بىراق كىشىلەر ئىنقىلاب ئىدىيەسىگە تەنتەنە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بەزى نەرسىلەرنىڭ مەڭگۈ ئۇنتۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلىپ يەتتى .
بىزنىڭ قارىشىمىزچە ، كانتنىڭ دۇنياسى بىر سىمۋوللۇق دۇنيا . كانتنىڭ ئۆزىمۇ بىر تارىخىي سىمۋولغا ئايلاندى ، ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئىش-ئىزلىرىغا قىزىققۇچى ھەر بىر ئادەم بۇ سىمۋولنى نوقۇل ئەمەلىيەت سۈپىتىدە قارىماسلىقى كېرەك . « ئىممانوئېل كانت » دېگەن بۇ ئىسىم 1724-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى كونسبېرگدا تۇغۇلۇپ ، 1804-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى كونسبېرگدا ئالەمدىن ئۆتكەن ، نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن بىر شەخسنىڭلا ئىسمى ئەمەس ؛ « ئىممانوئېل كانت» يەنە بىر سىمۋول . ئۇ ياۋروپا ئىدىيە تارىخىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بىر ئۇنتۇلغۇسىز ئىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ . كانت پەلسەپىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى فرانسىيە ئىنقىلابىغا ئوخشاش ، ئىنسانىيەت تارىخىدا يۈز بىرىشى مۇمكىن بولغان ئىلگىرلەشنىڭ نامايەندىسى .
كانتنىڭ دۇنياسى مول ھەم مەزمۇنلۇق بىر دۇنيا . ئۇ ھەرگىزمۇ مەخسۇس مەدرىس پەلسەپىسىنىڭ سىستېمىلىق تەلىماتلىرىنى تەتقىق قىلمىدى ، بەلكى دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ، ئىنسانلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك دىققەت ئېتىبارىنى قوزغايدىغان بىلىش نەزەرىيىسىنىڭ كائىنات ئۇقۇملىرىنى تەتقىق قىلدى . مۇشۇنداق بىر پەيلاسوپنىڭ تەرجىمھالىدا ، بىز چوقۇم مۇنداق كۆپ خىللىقنى تونۇشتۇرۇشىمىز كېرەك : ئالدى بىلەن 18-ئەسىردىكى كونسبېرگ ، ئۇ ئۆمىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزگەن . بۇ يەردە ئۇنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ بىلىش ئىقتىدارى ۋە كائىناتقا ئالاقىدار تونۇشىنى كېڭەيتىشكە ماس كىلىدىغان تۇپراق بار . بۇ يەنە ئۇنىڭ دوستلىرى بىلەن بولغان ئالاقە دۇنياسى ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن توختىماي ئۆزگىرىدۇ ؛ بۇ جەرياندا ئۇ پەقەت مەلۇم خىل يوشۇرۇن رەۋىشتىلا بىر ئەينى دەۋر ئىچىدە تۇرىدۇ ؛ بۇ يەردە ئۇنىڭ ئۇلۇغۋار تەپەككۇر ئىشلىرى بار بولۇپ ، بۇ دۇنيا ئۇنىڭ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ۋە تەپەككۇر قىلىدىغان ، كىتاب ئوقۇش ۋە يېزىقچىلىق جەريانىدا كۆرۈلىدىغان ئىدىيە-تەپەككۇرىنىڭ دۇنياسى . بۇ يەر يەنە ئەزەلىيلىك ئالىمىدىكى تەپەككۇر دۇنياسى . ئۇنىڭ بۇ ئەزەلىيلىك ئالىمىدىكى تەپەككۇرى مېتافىزىكىنىڭ نېگىزلىك ۋە ئاداققى ئۈچ سوئالىغا جاۋاب بېرىشنى نىشان قىلغان :
1. تەڭرى مەۋجۇتمۇ ؟
2. بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدىكى رىئال دۇنيا زادى قانداق ؟
3. ئۆزۈمنى نېمە دەپ چۈشەنسەم بولىدۇ ؟
كانتنىڭ دۇنياسى بولسا ئەسلى مەۋجۇت بولۇشقا تېگىشلىك دۇنيا بولۇپ ، بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇ بىر رېئال دۇنيا ، چۈنكى ئۇ تىنچلىق مەسىلىسىدىن تارتىپ بىز دېيەلەيدىغان ۋە ئويلىيالايدىغان نەرسىلەرنىڭ چېكگىچە ، دىن ، سىياسەت ۋە ئەخلاق پەيلاسوپلىرىنىڭ قۇتقۇزغۇچى ئىلاھ توغرىسىدىكى ئالدامچىلىققا تولغان ۋەدىلىرىگىچە بولغان بارلىق مۇھىم روھىي ۋە سىياسى جەھەتتىكى بىزنىڭ يولۇقۇشىمىز مۇمكىن بولغان قىيىنچىلىقلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۆز ئەسەرلىرىدە نامايان قىلدى ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەل قىلىش چارىسىنى ئىمكانقەدەر ئوتتۇرىغا قويدى ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، كانتنىڭ بۇ دۇنياسى يەنە ئەمەلىيەتكە ئالاقىدار ھەر قانداق بايان ۋە چۈشەندۈرۈشلەر چۈشەندۈرەلمەيدىغان ئەخلاق دۇنياسىنىڭ پرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى . بۇ ئەخلاق دۇنياسىدا بارلىق پۇقرالار ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكتىن بەھرىمان بولالايتتى ؛ بۇ دۇنيادا ، ئەقىل - ئىدراكنىڭ سوتى گەرچە ئىنسانلارغا مۇنازىرىلىشىش ھوقۇقى بەرگەن بولسىمۇ ، بىراق ئۇرۇش قىلىشقا ھوقۇق بەرمىگەن ئىدى .
تەرجىمە قىلغۇچى: مەمتىمىن ئوبۇل
ئىزاھات :
مەزكۇر ماقالە مەركىزىي تەرجىمە نەشىرىياتى 2012-يىل 7-ئايدا نەشىر قىلغان مەنفېرد گېيرنىڭ « كانتنىڭ دۇنياسى » ( خەنزۇچە نەشىرى ) ناملىق كىتابنىڭ ئاپتور تەرىپىدىن يېزىلغان كىرىش سۆزىنىڭ تەرجىمىسى .
|
|