- تىزىملاتقان
- 2015-12-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 752
- نادىر
- 0
- يازما
- 25
ئۆسۈش
50.4%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا MemetEmin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-4 12:00
ئۇيقۇڭىز نورمالمۇ؟
مەمەت ئىمىن
ئۇيقا ئىنسانلار ھاياتىدىكى ئەڭ ھوزۇرلۇق ئىش بولۇپ، ئۇيقىنىڭ ياخشى بولۇش بولماسلىقى ئىنساننىڭ كۈندۈلۈك پائالىيەتلىرىگە بىۋاستە تەسىر يەتكۈزۈپ قالماستىن بەلكى سالامەتلىكى بىلەنمۇ بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ئۇيقا ياخشى بولمىسا ئادەمنىڭ روھى كەيپىياتى تۆۋەن بولىدۇ، ئۈگۈنۈش، خىزمەت ئۈنىمىگە تەسىر يىتىدۇ، ھەتتا ماشىنا ھەيدىگەندە مۈگىدەپ قىلىپ، قاتناش ۋەقەسى سادىر بولۇشى، ۋە ھاياتقا خەۋەپ يىتىشى مۈمكىن.
ئۇنداقتا ئۇيقىمىزنىڭ يىتەرلىك بولغان بولمىىغىنىغا ۋە ياكى نورمال بولغان بولمىغاىنىغا قانداق باھا بىرىمىز؟
توۋەندىكى 8 خىل ئەھۋالغا نولدىن ئۇچقىچە نومۇر قويۇش ئارقىلىق ئۇيقىڭىزنىڭ نورمال ۋە ياكى نورمال ئەمەسلىكىگە باھا بىرەلەيسىز.
1. جىم ئولتۇرۇپ كىتاپ ئوقۇغاندا
2. تىلىۋىزۇر كۆرىۋاتقاندا
3. جامائەت سورۇنلىرىدا مەسىلەن تىياتىرخانىدا، كىنوخانىدا، ياكى يىغىن زالىدا جىم ئولتۇرغاندا
4. باشقىلارنىڭ ماشىنىسىدا ئۇزۇن ۋاقىت جىم ئولتۇرغاندا
5. چۇشتىن كىيىن سافادا ئارام ئىلىش ئۇچۇن (بىراق ئۇخلاش ئۇچۇن ئەمەس) ياتقاندا
6. جىم ئولتۇرۇپ باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا
7. چۈشلۈك تاماقتىن كىيىن جىم ئولتۇرغاندا
8. ماشىنا ھەيدەۋىتىپ قىزىل چىراققا توختىغاندا ۋە ياكى قاتناش توسۇلۇپ قالغاندا.
ئەگەر يۇقاردا دىيىلگەن ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا مۈگۈدەپ قالىدىغان ئەھۋال مۇتلەق يوق بولسا نول بىرىسىز.
بەزىدە ئانچە مۇنچە (يەنى 10 قىتىم ئىچىدە 3 قىتىمدىن ئاز) مۈگۈدەپ قالىدىغان ئەھۋال بولسا، بىر نومۇر بىرىسىز.
ئوتۇرال دەرىجىدە (يەنى 10 قىتىم ئىچىدە 4 – 7 قىتىم) مۈگۈدەپ قالىدىغان ئەھۋال بولسا، ئىككى نومۇر بىرىسىز.
ئىغىر دەرىجىدە (يەنى 10 قىتىم ئىچىدە 7 قىتىمدىن ئارتۇق) مۈگۈدەپ قالىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت بولسا ئۇچ نومۇر بىرىسىز.
ھەر بىر تۈرگە بىرىلگەن نومۇرلارنى قوشقاندا،
ئەگەر جەمى نومۇر 7 دىن تۆۋەن بولسا، ئۇيقىڭىز نورمال بولغان بولىدۇ.
ئەگەر جەمى نومۇر 7 بىلەن 9 ئارىلىقىدا بولسا، ئۇيقىڭىز ئازراق كەم بولغان بولىدۇ.
ئەگەر جەمى نومۇر 10 دىن تۆۋەن 15 ئارىلىقىدا بولسا، ئۇيقىڭىزدا بەزى نورمالسىزلىق بولغان بولىدۇ.
ئەگەر جەمى نومۇر 16 دىن تۆۋەن 24 ئارىلىقىدا بولسا، ئۇيقىڭىزدا ئىغىر دەرىجىدە نورمالسىزلىق بولغان بولىدۇ.
ئەگەر جەمى نومۇر 10 دىن ئارتۇق بولغان بولسا، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرغا بىرىپ كۆرۈنۈپ بىقىشىڭىز زۆرۈر.
|
-
|