دۇنيادىكى يەتتە چوڭ سىرلىق يوقاپ كېتىش ۋەقەسى
نۇرجاھان تەرجىمىسى
يوقاپ كېتىش ۋەقەسى تىلغا ئېلىنسىلا، كۆپچىلىك دەرھال مالايسىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئەسكە ئېلىشىدۇ، شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ھازىرغىچە يىپ ئۇچى يوق. شۇنچە چوڭ ئايروپىلان ھەمدە ئايروپىلاندىكى 239 نەپەر يولۇچى ۋە ئايروپىلان خادىملىرى بۈگۈنگىچە يەنىلا تېپىلمىدى. ئەمەلىيەتتە ئىنسانلار تارىخىدا، نەچچە قېتىم سىرلىق يوقاپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ھەمدە بۇ ۋەقەلەرنىڭ تەكشۈرگىلى بولىدىغان ئارخىپى بار. ئۇلاردا كۆپ قىسىمى بۈگۈنگىچە يەنىلا تېپىلمىدى، ئالىملارمۇ ئېنىق چۈشەنچە بېرەلمىدى.
بىرىنچى: ئۇ ھاۋادا يوقاپ كەتكەن، ئەنگلىيەلىك ياردەمچى ئوقۇتقۇچى كايمان ئارىلىدا يوقاپ كېتىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، لايىقى ساقچىغا بولغۇسى ئېرىنىڭ تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىش جەريانىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن. بۇ ئايالنىڭ ئىسمى لىسا، ئۇ بولغۇسى ئېرى كىلارك بىلەن كەچتە دوستىنىڭ ئولتۇرىشىدىن كېيىن دېڭىز ساھىلىدە بىردەم تۇرغان، ئۇ دېڭىز ساھىلىدىن مېھمانخانىغا قاراپ ماڭغاندا كلارك تۇيۇقسىز كۆرۈنمىگەن. لىسانىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئەينى چاغدا ئالدىغا قاراپ مېڭىۋاتقان بولۇپ، 1-2 مىنۇتتىن كېيىن كەينىگە قارىسا بولغۇسى ئېرى كۆرۈنمىگەن. ئاندىن شۇ پەيتتىن باشلاپ بولغۇسى ئېرىنى قايتا كۆرەلمىگەن. ئۇ شۇنداق يوقاپ كەتكەن، ھەتتا نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنىمۇ بىلەلمىگەن.
ئىككىنچى: «مەۋجۇت ئەمەس تورېد (Taured) دۆلىتىدىن كەلگەن ئەر». 1954-يىلى 7-ئايدا بىر ئاق تەنلىك ئادەم ياپونىيە توكيو ئايروپورتىغا كەلگەن. ئۇ تورېد دەپ ئاتىلىدىغان دۆلەتتىن كەلگەن. پاسپورت راست بولۇپ، ئەمما بۇنداق دۆلەت ئەسلا يوق. ئۇ بارمىقى بىلەن خەرىتىدىن ئاندورا كېنەزلىكىنى كۆرسىتىپ دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، تاموژنا خادىمى ئۇنىڭ كىيىمىدىن نەچچە خىل ئوخشىمىغان پۇل بارلىقىنى بايقىغان، ئۇنىڭ پاسپورتىغا دۇنيادىكى نۇرغۇن ئايروپورتلارنىڭ تامغىسى بېسىلغان، ئىلگىرى توكيوغىمۇ كەپ باققان. ئەمەلدارلار ئۇنى يەرلىك مېھمانخانىغا ئاپارغان ھەمدە ئىككى مۇھاپىزەتچى ئورۇنلاشتۇرغان، نەچچە كۈندىن كېيىن بۇ ئەر يوقاپ كەتكەن، قاراۋۇللۇق قىلغان ساقچىنىڭ دەلىللىشىچە، ئۇ دېرىزە ئارقىلىق قېچىشى مۇمكىن ئەمەس بولۇپ، بىنا ناھايىتى ئېگىز ھەمدە بالكونى يوق ئىكەن.
ئۈچىنچى: «ۋاقىتتىن ھالقىغۇچىنىڭ سىرى». نيۇيورك ساقچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن شاھىتلارنىڭ ئىسپات بېرىشىچە، بىر ئەر تۇيۇقسىز نيۇيورك شەھىرىنىڭ قاتناش قىستاڭ مانخاتتون بەشىنچى كوچىسىدا پەيدا بولغان، ماشىنا سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان. سوقۇۋەتكەن شوپۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئەرنىڭ ھاڭۋېقىپ قالغان چىرايى گاڭگىراشقا تولغان ئىكەن. نيۇيورك ساقچى ئۆلگۈچىنى تەكشۈرگەن ۋاقىتتا، بۇ ئەرنىڭ تەخمىنەن 30 ياشتا ئىكەنلىكى، 19-ئەسىر ئۇسلۇبىدىكى قارا رەڭلىك پەلتو ھەمدە كەڭ گىرۋەكلىك شىلەپە كىيىۋالغانلىقىنى، چاپىنىدا 1870-يىللىرىدىكى قەغەز پۇل ۋە ئىسىم كارتوچكىسى بارلىقىنى، ئىسىم كارتوچكىسىدا رۇدولف فېنز سېنىيورنىڭ ئىسمى بارلىقىنى بايقىغان.
تۆتىنچى: «ئەنگلىيە ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتىنىڭ يوقاپ كېتىشى». كېنىيە تۇركانا كۆلىگە يېقىن كىچىك ئارال ئېنۋاتېنېت دەپ ئاتىلىدۇ، 1935-يىلى ئەنگلىيەلىك ئېكسپېدىتسىيەچى فوربېس ئىككى خىزمەتدىشىنى ئۇ ئارالغا تەكشۈرۈشكە ئەۋەتكەن، 15 كۈندىن كېيىن بۇ ئىككى ئالىم قايتىپ كەلمىگەن. فوربېس قۇتقۇزۇش ئەترىتىنى ئەۋەتكەندە پەقەت بىر قاقاس كەنتنى بايقىغان، ھېچقانداق ئادەم كەلگەنلىك ئالامىتى يوق ئىكەن. يەرلىك ئاممىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئارالدا كۆپ يىللار ئىلگىرى ئادەم بار بولۇپ، لېكىن بىر مەزگىلدىن كېيىن ئارال سىرتىدىكىلەر ئارالدىن ناھايىتى ئۇزۇندا بىرمۇ ئادەم چىقمىغانلىقىنى بايقىغان، ئەينى چاغدا ئۇلار ئارالغا ئادەم ئەۋەتكەندە، پەقەت بۇ قاقاس كەنتنى بايقىغان، ھېچكىم يوق ئىكەن. كېيىن ئۇ ئارالغا بېرىش خەتىرىگە تەۋەككۈل قىلىشنى ھېچكىم خالىمىغان.
بەشىنچى: «ئانجىكۇنى كۆلى كەنت ئاممىسىنىڭ كوللېكتىپ يوقاپ كېتىش ۋەقەسى». 1930-يىلى 11-ئايدا كانادالىق ئوۋچى رابېل ئارام ئالىدىغان جاي ئىزدەپ، ئىننۇئېتلار كەنتىگە قاراپ ماڭغان، ئەمما كەنت ئىنتايىن تىنچ بولۇپ، مورىدىن ئىس چىقمىغان. رابېل ئوت پاراسلىغان ئاۋازنى ئاڭلىغان، ئەمما ئۇ يېتىپ كەلگەندە پەقەت يېڭىلا كۆيۈپ بولغان كوكۇسى قالغان. بارلىق يېمەكلىك ۋە قورال-ياراقلار بار، يەنە قاينىتىپ پىشۇرۇلغان بىر قازان بۇغا گۆشىنى بايقىغان، بۇغا گۆشلىرى كۆكىرىپ كەتكەن، دېڭىز شىرى تېرىسىدىن تىكىلگەن كىيىمنى، بىر ياققا تاشلاپ قويۇلغان سۆڭەكتىن ياسالغان يىڭنىنى بايقىغان، ئەمما كەنت ئاممىسى سىرلىق يوقاپ كەتكەن! تېخىمۇ سىرلىق بولغىنى، بۇ كەنت ئەتراپدىكى قەبرىستانلىقتا، ھەممە قەبرە ئېچىپ تاشلانغان.
ئالتىنچى: «ماياك قاراۋۇلىنىڭ يوقاپ كېتىشى». 1990-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى، كاپىتان ھورمان كېمىنى ھەيدەپ شوتلاندىيەنىڭ فلاننان تاقىم ئارىلىدىكى ماياك ئەتراپىغا كەلگەندە، ماياكتا چىراق يوق ئىدى. ئۇ يەرلىك دېڭىز قاتناش بىخەتەرلىك مەركىزى بىلەن ئالاقىلاشتى، بۇ مەركەز ئارالدىكى خىزمەتچى بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما قارا بوراندا ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان. كېيىنكى نەچچە كېچىدىن كېيىن، بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتكەن، كىشىلەر ئۆينىڭ ئىچىدىن قۇلۇپلانغانلىقىنى بايقىغان. ئۇلار چېقىپ ئاچقاندا تام مەشنىڭ يەنىلا كۆيۈۋاتقانلىقىنى، تامدىكى سائائەتنىڭ 2 دە توختاپ قالغانلىقىنى بايقىغان، ماياك قاراۋۇللىرىدىن جامىس توماس ۋە دونالد ماكئارتۇرلار كۆرۈنمىگەن.
يەتتىنچى: «روئانوك كەنتىنىڭ يوقاپ كېتىشى». 1587-يىلى گراف رالى پۇل چىقىرىپ تەشكىللىگەن تەخمىنەن 116 نەپەر مۇستەملىكىچى بۈگۈنكى شىمالىي كارولىنا ئىشتاتىنىڭ روئانوك ئارىلىغا يېتىپ بېرىپ، يېڭى مۇستەملىكە ئاچقان. 1590-يىلى بىر كۈنى كەچتە، مۇستەملىكىچى ئىشتات باشلىقى خونت ئەشيا يۆتكەپ قايتىپ كەلگەندە، كەنتتە قۇتقۇزۇش سادالىرىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگەن. شۇ كۈنى كەچتە قۇتقۇزۇش ئارمىيەسى كەنتكە كىرگەندىن كېيىن، كەنتتىكى ھەممە ئۆيلەرنىڭ ئىشىكى ئوچۇق تۇرغانلىقىنى، ئۆيدىكى تاماق ئۈستىلىدە يەنە شام كۆيۈۋاتقانلىقىنى، قازاندىكى قورۇمىلارنىڭ تېخى ئىسسىقلىقىنى بايقىغان. ئەمما ئەر-ئايال قېرى ئۇششاقلار بولۇپ 116 نەپەر ئادەمنىڭ ھەممىسى يوقاپ كەتكەن، خۇددى ئادەملەر ئارىسىدىن پارلىنىپ چىقىپ كەتكەندەك بولغان.
مەنبە: مەخپىيەتلىكلەرنى يېشىش سالونى. باغداش تورىدىن نۇرجاھان تەرجىمە قىلدى.
|