قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1747|ئىنكاس: 7

ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پارتلىشىغا بىرلا قەدەم قالدىمۇ ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

42

تېما

2

دوست

2010

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  40020
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 89
تۆھپە : 606
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 12:14:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   baykuq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-4 12:16  

ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پارتلىشىغا بىرلا قەدەم قالدىمۇ ؟

FX168 خەۋىرى، بايكۈچ تەرجىمىسى



ئامېرىكا ئېلان قىلغان "كىچىك غەيرى يېزا ئىگىلىكى" ADP ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى مۆلچەردىكىدىن كۆپ ياخشى بولدى، فېدراتسىيە فوندى ئۆسۈم نىسبىتى قەرەللىك مال بازىرى ئەكس ئەتتۈرگەن ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى يەنىمۇ كۈچەيدى، ئۇندىن باشقا ئامېرىكا پۇل پاخاللىقىمۇ تېز سۈرئەتتە ئۆرلىدى. 3-مارت ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى 98.20 ئەتراپىدا تەۋرەندى. 4-مارت بازار 2-ئايلىق غەيرى يېزا ئىگىلىكى سانلىق مەلۇماتىنى كۈتۈۋالىدىغان كۈن، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئەھۋالى قانداق بولۇشى مۇشۇ سانلىق مەلۇماتنىڭ ئىپادىسىگە باغلىق بولارمۇ؟
ADP سانلىق مەلۇماتى مۆلچەردىكىدىن كۆپ ياخشى چىقتى، بۇ ئامېرىكا ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ داۋاملىق جانلىنىدىغانلىقىغا بەلگە بولۇپ قالدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا 2-ئايلىق ADP ئىشقا ئورۇنلىشىش سانى 214 مىڭ ئاشقان، مۆلچەردە 188 مىڭ ئېشىشى مۆلچەرلەنگەنىدى.


(ئامېرىكا ADP ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۆزگىرىش ئەھۋالى گرافىكى)

سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن فېدراتسىيە فوندى ئۆسۈم نىسبىتى قەرەللىك مال بازىرى ئەكس ئەتتۈرگەن ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى يەنىمۇ كۈچەيدى. 6-ئايدا ئۆسۈم قوشۇلۇش ئېھتىماللىقى %38.1، 9-ئايدا ئۆسۈم قوشۇلۇش نىسبىتى %50 دىن ئارتۇق.

(فېدراتسىيە فوندى ئۆسۈم نىسبىتى قەرەللىك مال بازىرى ئەكس ئەتتۈرگەن ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى)

ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلاردىن باشقا، ئامېرىكا پۇل پاخاللىقىمۇ تېز سۈرئەتتە ئاشتى، BofA Merrill Lynch ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا پۇل پاخاللىقىغا قارشى زايومى (TIPS) ئۆتكەن بىر ئايدا %0.8 ئاشقان.

(قىزىل ۋە سېرىق سىزىق يادرولۇق CPI ۋە كەڭ مەنىدىكى CPI، ئاپلېسىن رەڭ، يېشىل ۋە كۆك سىزىق ئالتۇن، نېفىت ۋە مىس)

ئىقتقسادىي سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىپادىسى ياخشى، پۇل پاخاللىقىمۇ ئۆرلەۋاتقان تۇرۇقلۇق، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئىپادىسى كىشىنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈردى. ADP ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى قىسقا ئارلىقتىكى سودىدا 98.58 گە چىقىپ كەينىگە ياندى. شۇ كۈندىكى ياۋروپا بازىرىدا ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى 98.20 ئەتراپىدا بولدى. ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 98.35 گە يەتتى.
يېقىنقى بازار ئەھۋالىدىن قارىغاندا ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى 11-فېۋرال 3 ئايلىق تۆۋەن نۇقتىغا يەتكەندىن بۇيان، بلومبېرگ ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى بۈگۈنگە قەدەر %0.8 ئاشتى.

(بلومبېرگ ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى يۆنىلىشى)

غەيرى يېزا ئىگىلىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پارتلىشىدىكى ئاخىرقى بىر قەدىمى بولالامدۇ؟
غەيرى يېزا ئىگىلىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پارتلىشىدىكى ئاخىرقى بىر قەدىمى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، جۈمە كۈنى كەچتىكى ئامېرىكا 2-ئايلىق غەيرى يېزا ئىگىلىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 21:30 دا ئېلان قىلىنىدۇ. بازارنىڭ مۆلچەرىدە مەزكۇر سانلىق مەلۇمات 195 مىڭ ئېشىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلەنمەكتە.
BofA Merrill Lynch نىڭ كۆرسىتىشىچە، "ھاۋارايى ئامىلىنى ئويلاشمىغاندا ئامېرىكا ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرى يەنىلا ياخشى ھالىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. بۇنى 2-ئايدىكى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا تۇنجى ئىلتىماس قىلىش سانلىق مەلۇماتىدىنلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. "
مەزكۇر مۆلچەردە ئامېرىكا 2-ئايلىق ھەر سائەتلىك ئوتتۇرىچە مائاشنىڭ ئايلىق نىسبىتى %0.5 ئاشىدىغانلىقى، ھەر سائەتلىك ئوتتۇرىچە مائاشنىڭ يىللىق نىسبىتى %2.5 نى ساقلايدىغانلىقى، ھەر ھەپتىلىك ئوتتۇرىچە خىزمەت ۋاقتى 34.6 سائەتنى ساقلايدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.
فرانسىيە Credit Agricole ئەڭ يېڭى مۆلچەرىدە كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا 2-ئايلىق غەيرى يېزا ئىگىلىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى 190 مىڭ ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.
TD Securities نىڭ ستراتىگىيىچىسىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرى يەنىلا ياخشى بولغان ئېشىش ھالىتىدە، مەزكۇر بانكىنىڭ مۆلچەرىچە  2-ئايلىق غەيرى يېزا ئىگىلىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى 168 مىڭ ئېشىشى، ئىشسىزلىق نىسبىتى %5 ئېشىشى مۆلچەرلەنگەن.
ئەگەر غەيرى يېزا ئىگىلىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ، ئېشىش سانى 200 مىڭنىڭ ئۈستىدىرەك بولسا،ئامېرىكا دوللىرىغا كۆرۈنەرلىك تىرەك بولالايدۇ، ئالتۇنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا خەتەردىن دېرەك بېرىدۇ.
شۇ كۈنلۈك ياۋروپا بازىرىدا نەق مال ئالتۇن باھاسى 1240 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولدى.

(نەق مال ئالتۇننىڭ 4 سائەتلىك بازار ھالىتى)

مەبلەغ بانكىسى ئالتۇن باھاسىغا بولغان كۆز قاراش جەھەتتە بۆلۈنۈشكە باشلىدى، چەتئەلدىكى داڭلىق تېخنىكىلىق ئانالىز ئورگىنى FX Empire پەيشەنبە كۈنى (3-مارت) دوكلاتىدا بىلدۈرۈشىچە،  ئالتۇن بازىرى يۇقىرى تۆۋەن داۋالغۇپ، ئۈچبۇلۇڭلۇق ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن. مەزكۇر ئورگاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۈچبۇلۇڭلۇق ھالەت ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈپ، 1260 ئامېرىكا دوللىرى سەۋىيىسىنى بۇزىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەمما بۇ ئۇزۇن مەزگىللىك بازارغا نىسبەتەن بېرىلگەن سىگنال، ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشى ئالتۇن سېتىۋېلىشتىكى ياخشى پۇرسەت، 1200 ئامېرىكا دوللىرى ئالتۇننىڭ تەگ نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ.
Societe Generale نىڭ مەھسۇلات ستراتىگىيىچىسى Jesper Dannesboe نىڭ بىلدۈرۈشىچە، "نۆۋەتتىكى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشى چۈشۈش سودىسى قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى."
ئۇنىڭ قارىشىچە، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئۇزۇن داۋاملىشالمايدۇ، "ئالتۇن باھاسىنىڭ ئىپادىسى ئاللىقاچان ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتېتىنىڭ بۇ يىل ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلدى، ئەمما بىزنىڭ ئىقتىسادشۇناشىمىزنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئىقتىسادى يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار ئىقتىسادى تۆۋەنلىگەن ئەھۋال ئاستىدا يەنىلا ئەسلىدىكى ھالىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ. "

CMC Markets نىڭ باش بازار ستراتىگىيىچىسى Michael McCarthy نىڭ قارىشىچە، "پۈتۈن دۇنيا بويىچە خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجى ئېشىۋاتقان ئەھۋالدا ئالتۇن بېسىمغا ئۇچرىدى، زايومنىڭ تۆكمە قىلىپ سېتىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا بازارنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجى بۇرۇنقىدەك چوڭ ئەمەس."

مەنبە: بايكۈچ تورى (www.baykuq.com)

uyghuray

0

تېما

0

دوست

937

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   87.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43647
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 282
توردىكى ۋاقتى: 62
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 13:24:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4 يۈەن جۇڭگو پۇلىغا بىر ئامېرىكا دوللىرى سېتىۋالغىلى بولسا بەك خوشال بۇلاتتىم.بۇلتۇر 10-ئايدا تۈركىيەگە بارغاندا بىر دوللارنى 6.38يۈەندىن سېتىۋالدىم.ھازىر بىر دوللار 6.52 يۈەن بولۇپ كېتىپتۇ .

6

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7556
يازما سانى: 468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1332
تۆھپە : 2401
توردىكى ۋاقتى: 3066
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 15:35:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پارتلىشى- مەزكۇر ماقالىنى قايتا قايتا ئوقۇپمۇ بۇ ئۇقۇمنى چۈشۈنەلمىدىم.

9

تېما

31

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.99%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20919
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 28
تۆھپە : 4039
توردىكى ۋاقتى: 831
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 16:29:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارتىلاش دىگىنى «پارتىلاپ»قىممىتى يۇقۇرلاشمۇ ياكى تۆۋەنلەپ كۆيۈپ كىتىشمۇ؟ تەجىماننىڭ تىل سەۋيەسى يۇقۇرى ئەمەسكەن.
uyghuray

0

تېما

0

دوست

987

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   97.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51813
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 300
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 16:39:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرچە ئامرىكا دوللىرىنىڭ چۈشىشىدىن ئۈمىد يوق.

2

تېما

0

دوست

3673

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18448
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1147
توردىكى ۋاقتى: 149
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 22:49:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qarabeg يوللىغان ۋاقتى  2016-3-4 15:35
ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پارتلىشى- مەزكۇر ماقالىنى قايتا ق ...

مەنمۇ شۇ، بۇ ماقالىدە زادى نىمە دىمەكچى بولغىنىنى ئۇقالمىدىم، تىمىدا دىگەن گەپ ماقالىنىڭ ئىچىدە يوقمۇ نىمە؟

0

تېما

0

دوست

2362

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26983
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 738
توردىكى ۋاقتى: 154
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 00:07:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوللار غا تىرەك بولىدۇ دەپتۇ. دوللار ئۆسىدۇ دىمەكچىكەن.

0

تېما

0

دوست

690

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  58093
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 202
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-7 16:50:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Qisas يوللىغان ۋاقتى  2016-3-4 13:24
4 يۈەن جۇڭگو پۇلىغا بىر ئامېرىكا دوللىرى سېتىۋالغىلى ب ...

8.5 يۈئەندىن 9 يۈئەنگىچە ئېلىپ خەجلىگەنلەرمۇ ئۆلۈپ قالمىدى ھازىرمۇ مەزمۇت قەدەم بىلەن مېڭىپ يۈرۈيدۇ،رىزقىنى ئاللاھ بېرىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )