قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6779|ئىنكاس: 77

ئامېرىكىنىڭ 90 مىڭ ئەسكىرى چاۋشىيەننى 56 كۈندە ئىشغال قىلالامدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

1

دوست

729

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55209
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 210
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 11:02:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئامېرىكىنىڭ 90 مىڭ ئەسكىرى چاۋشىيەننى 56 كۈندە ھۇجۇم قىلىپ ئالالامدۇ

يەن چىياۋ

نۇرجاھان تەرجىمىسى


1.jpg

يېقىندا تورداشلار ئامېرىكا CNN ئىشلىگەن تېلېۋىزىيە پروگىراممىسىنىڭ كەسمە سۈرىتىنى ئاشكارىلىدى، بۇ پروگىرامما «شىمالىي كورىيەگە قارىتىلغان ئۇرۇش پىلانى»نى چۆرىدەپ مۇزاكىرە قىلغان، ئامېرىكا 90 مىڭ ئەسكەرنى ئىشقا سېلىپ 56 كۈندە شىمالىي كورىيە (چاۋشىيەن)نى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىشنى پىلانلىغان.
يېقىندا شىمالىي كورىيە مەسىلىسى يەنە قىزىپ كەتتى، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ قېتىم ئامېرىكا شىمالىي كورىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە ئەستايىدىل تاقابىل تۇرىدۇ، دەپ قارىدى، ئۇرۇش قاش بىلەن كىرپىك ئارىسدا قالدى دەپ قارىدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئامېرىكا CNNنىڭ تېلېۋىزىيە پروگىراممىسىدا «شىمالىي كورىيەگە قارىتىلغان ئۇرۇش قىلىش پىلانى» پەقەت ھەربىي كۆڭۈل ئېچىش خالاس، خۇددى تورداشلارنىڭ ئۆز ئارا مۇنازىرە قىلىشقىنىغا ئوخشايدۇ، رۇخسەت قىلىنغان دائىرىگە تەۋە، ئەمما ئۇنى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھەقىقىي ئۇرۇش قىلىش پىلانى قىلىش پۈتۈنلەي خاتا.
2.jpg

ئالدى بىلەن ئامېرىكا شىمالىي كورىيەگە قاراتقان ئۇرۇش قىلىش پىلانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاشكارىلىغۇدەك ئۇنداق ئەخمەق ئەمەس.
شىمالىي كورىيەگە قارىتىلغان بۇ ئۇرۇش پىلانى دېگەن نەرسە بۇرۇنلا بار ئىدى، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ شىمالىي كورىيەگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن بۈگۈنگە قەدەر توختاپ قالغىنى يوق. چۈنكى ئۇرۇش گەرچە بەزىدە سىياسىي كىلماتنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك ئۇنچە زۆرۈر بولمىسىمۇ، ئەمما زۆرۈر ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىغا بولغان ھەربىي زەربە بېرىش پىلانىدىن ئەزەلدىن ۋاز كەچمەيدۇ ھەمدە ھەربىي زەربە بېرىش تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى سەۋەبلىك ھەربىي پىلانىنى ھەرۋاقىت ئۆزگەرتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى ھەربىي بىلىملەر، شۇڭا ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيەگە ھەربىي زەربە بېرىش پىلانى بار بولۇپلا قالماستىن، چوقۇم نەچچە خىلى، ئاددىي ھالدا ئومۇميۈزلۈك زەربە بېرىش ۋە قىسمەن تاقابىل تۇرۇش دەپ ئىككى خىلغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
3.jpg


ئومۇميۈزلۈك زەربە بېرىش چوقۇملا شىمالىي كورىيەنىڭ ھازىرقى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى ھەربىي نىشان قىلىدۇ، لېكىن قىسمەن تاقابىل تۇرۇش بولسا بىر قىسىم تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقە ياكى شىمالىي كورىيەگە بىر قىسىم قاراتمىلىق، تاشقى ئوپېراتسىيەگە ئوخشاش ھەربىي زەربە بېرىشتۇر، بۇلار خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە ھەرخىل ئەھۋالللارغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ، ئۆزگەرمەس نەرسە ئەمەس.
شىمالىي كورىيەگە قارىتىلغان ئومۇميۈزلۈك زەربە بېرىش پىلانى چوقۇملا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ مۇستەقىل ھەرىكىتى ئەمەس، ئەگەر ئامېرىكا خەلقئارا ۋەزىيەتكە ھۆكۈم قىلىپ شىمالىي كورىيەگە قول سالسا، جۇڭگو ۋە رۇسىيەنىڭ ھەيۋىسىنىڭ تەلتۆكۈس سۇنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
4.jpg

سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن بۇيان، ئامېرىكا رۇسىيە ۋە جۇڭگونى ئىستراتېگىيەلىك قورشاشتىن، ئىستراتېگىيەلىك بوشلۇقىنى قىسىشتىن ئەزەلدىن ۋاز كېچىپ باققىنى يوق. نۆۋەتتە ئىران يادرو مەسىلىسى ئاللىقاچان ھەل بولدى، ئامېرىكا ئېھتىمال بىر دۈشمىنىم ئازلىدى دەپ قارىشى مۇمكىن. ئۇكرائىنا مەسىلىسى يەنىلا رۇسىيەنى چەكلەپ تۇرماقتا، بولۇپمۇ رۇسىيە سۇرىيەگە ئەسكەر كىرگۈزۈشىنى ئامېرىكا ئېھتىمال پۇتىن ۋاقتىنچە دىققىتىنى بۆلۈپ شىمالىي كورىيەگە يېتىشىپ بولالمايدۇ، دەپ قارىشى مۇمكىن. جۇڭگوغا قارىتا ئامېرىكا ئېھتىمال ئېنىق كۆرۈپ يەتتىم دەپ قارىشى مۇمكىن، جۇڭگونىڭ ئىزچىل تىنچ قەد كۆتۈرۈشكە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى، شىمالىي كورىيەگە ھۇجۇم قىلغان تەقدىردىمۇ جۇڭگو ئىككىنچى قېتىم شىمالىي كورىيەگە ياردەم بېرىپ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ، شۇڭا بۇ ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيەگە زەربە بېرىشكە تەييارلىنىشىدىكى ئاساسىي ھۆكۈمى. ئامېرىكا 3-ئايدا جەنۇبىي كورىيە بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قاتنىشىش سالمىقىنى زورايتماقچى، بىرلا ۋاقىتتا بۇ قېتىمقى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھەربىي مانېۋىر ۋاقتىدا شىمالىي كورىيەگە داۋاملىق ئىغۋاگەرچىلىك قىلغاندىن كېيىن راست تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى قىلماقچى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئامېرىكا ئەگەر شىمالىي كورىيەگە ئۇرۇش قوزغاشقا تەييارلانسا ئۇرۇشماقچى بولسىلا ئۇرىشىدۇ، ئاددىي ھالدىلا شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو ئەسلىھەسىگە زەربە بېرىش بىلەنلا بولدى قىلمايدۇ ھەمدە شىمالىي كورىيە بىلەن مۇنداقلا ئېتىشىپ قويۇشىنىڭ ئۆزىلا يېرىم ئارالدىكى پورۇخ تۇڭىنىڭ پارتلايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ھېچكىم كونترول قىلالمايدۇ.
5.jpg

راستنى ئېيتقاندا، ھازىرقى تېخنىكا شارائىتىدىكى ئۇرۇشتا، شىمالىي كورىيەگە قارىتا ئۇرۇشقا ئامېرىكا ئارمىيەسى 90 مىڭ ئەسكىرىنى ئىشقا سالسا يېتەرلىك، بىرىنچىدىن ئامېرىكا ئارمىيەسى چوقۇملا جەنۇبىي كورىيە ئارمىيەسىگە ئاساسلىق تايىنىدۇ، ئامېرىكا پەقەت ھاۋادىن زەربە بېرىش ئارقىلىق جەنۇبىي كورىيەگە ياردەم بەرسىلا بولىدۇ. 56 كۈندە شىمالىي كورىيەنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىش ئالالماسلىقتا، مەن ۋاقىت بەك ئۇزۇن بوپ كەتتى دەپ قارايمەن، 30 كۈنمۇ كەتمەيدۇ، شىمالىي كورىيەدەك بۇنداق سىرتىدىن قاتتىق قول كۆرۈنىدىغان ھاكىمىيەتتە ساختا تەركىب بەك كۆپ، ھازىرقى زامان ئۇرۇشىدىكى تېخنىكا ۋاستىسىدا ئامېرىكىنىڭ ئامالى نۇرغۇن، پەقەت شىمالىي كورىيەنىڭ ئالاقە ئەسلىھەسى، رادار ئەسلىھەسى قاتارلىق مۇھىم ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى بىر كۈن ئىچىدە بومباردىمان قىلىۋەتسە، شىمالىي كورىيە ئاساسىي جەھەتتىن مالىمانچىلىققا پېتىپ قالىدۇ. شىمالىي كورىيە سېئۇلنى دەرھال ئوت دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ دېيىش ئۆزىنى ماختاپ ئۇچۇرغىنىدۇر، ئەگەر ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە شىمالىي كورىيەنى يوقاتماقچى بولسا چوقۇم ئالدىن قول سالىدۇ، ئالدى بىلەن شىمالىي كورىيەنىڭ 38-پارالېل تەرىپىدىكى بارلىق زەمبرەك ئىستىھكاملىرىغا ئالدىن قول سېلىپ زەربە بېرىدۇ، شىمالىي كورىيەنى ۋەيران قىلغۇچ تويۇنما بومباردىمان قىلىش كۆپ قىسىم ئۈنۈملۈك كۈچىنى ۋەيران قىلىدۇ، قالغىنىغا يەر يۈزى قىسىمى ئەۋەتىپ پارتىزانلارنى بىر تەرەپ قىلىۋەتسىلا بولىدۇ.
6.jpg

كورىيە ئۇرۇشى زادى پارتلامدۇ يوق دېگەندە، مېنىڭچە ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، بۇنىڭدا ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا بولسا خەلقئارا ۋەزىيەت تېخىمۇ ئۇ دەرىجىدە تەرەققىي قىلمىدى، شىمالىي كورىيە ئەمەلىيەتتە چوڭ دۆلەتلەر ئويۇنىدىكى پېچكا، جۇڭگو ۋە رۇسىيە تېخى زاۋال تاپمىدى، ھەتتا بەزى جەھەتلەردە كۈچەيمەكتە. راستنى ئېيتقاندا ئامېرىكىغىمۇ ئېنىق، ئەگەر جۇڭگو ۋە رۇسىيەنى بۇلۇڭغا قىستاپ قويسا مۇقەررەر قايتۇرما ھۇجۇم قىلىدۇ، جۇڭگو گەرچە تىنچلىققا «ئۆز ئارزۇسىنى ئاساس قىلسىمۇ»، ئەمما راستىنلا جۇڭگونى قىستىسا ئاچچىقى كەلگەن توشقانمۇ ئادەم چىشلەيدۇ، ھازىر ئامېرىكا جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدا جۇڭگوغا بېسىم قىلماقتا، ئەگەر يەنە شىمالىي كورىيەگە ھۇجۇم قىلسا جۇڭگو تېخىمۇ پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. رۇسىيە سۇرىيەدە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە تۈركىيەنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىماقتا، چوقۇملا ئامېرىكا ئارقىسىدا قۇتراتماقتا، مەقسىتى رۇسىيەنى چەكلەشتۇر، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەتلا ئىستراتېگىيەلىك قورشاۋدۇر، جۇڭگو ۋە رۇسىيەنىڭ ھازىرقى ئامالى بولسا ئېغىر-بېسىق بولۇشتۇر، چۈنكى مەيلى شىمالىي كورىيە تەرەپتە بولسۇن ياكى سۇرىيە تەرەپتە بولسۇن دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىشى مۇمكىن، بۇ ئىككى رايون چوڭ دۆلەتلەر ئويۇنىنىڭ قىزىق نۇقتىسى، بۇ خىل تىركىشىشنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك بولىدىغانلىقىغا، قىسقا مەزگىل ئىچىدە ھەل بولۇشى مۇمكىن ئەمەسلىكىگە ئىشىنىمەن.


مەنبە: سۇمرۇغ بلوگى، باغداش تورىدىن نۇرجاھان تەرجىمە قىلدى. باغداش تورىغىلا خاس.


uyghuray

3

تېما

10

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   22.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18896
يازما سانى: 697
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 6098
توردىكى ۋاقتى: 962
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 11:51:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتۇرى يەنچاۋ ئىكەن ،
ماقالىنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ ئاپتۇرنىڭ جۇڭگۇلۇق ئىكەنلىكىگە ئانچە ئىشەنمىدىم .

0

تېما

6

دوست

6345

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6282
يازما سانى: 349
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 731
تۆھپە : 1485
توردىكى ۋاقتى: 580
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 12:52:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر ئامېرىكا بىلەن كۇرىيە ، چاۋشەننى مەغلۇپ قىلىپ ، چاۋشەن ئازاد بۇلۇپ
كۇرىيە بىلەن چاۋشەن بىر دۆلەتكە ئايلانسا . دۆلىتىمىز جۇڭگوغا قانداق
پايدا زىيان ئېلىپ كىلىدۇ...؟
ئانالىز قىلالايدىغان تورداشلار ، مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە بىر مۇلاھىزە قىلىپ
باقساڭلارچۇ....

0

تېما

4

دوست

4525

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35151
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1380
توردىكى ۋاقتى: 377
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 13:44:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاۋشيەننىڭ  پوقىرالىرىمۇ جاق تويغاندۇ ،بۇنداق مۇستەبىت  ھاكىمىيەتىن.
uyghuray

3

تېما

3

دوست

5453

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22018
يازما سانى: 440
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 1654
توردىكى ۋاقتى: 205
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 14:29:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   شېمالى كورىيەنىڭ جەبۇنى كورىيە بىلەن بىرلىشىپ كېتىشى جوڭگۇ ئۈچۈن چوڭ تەھدىت  پەيدا قىلىدۇ. بۇ دېگەنلىك ئامېرىكانىڭ قەدىمى جوڭگۇنىڭ يېنىغا كەلدى دېگەنلىك بولىدۇ. چۈنكى كورىيەدە ئامېرىكا ئارمىيەسى بازىسى بولغاندىن باشقا ، كورىيەنىڭ جەمىئيەت ئۇستىقۇرۇلمىسى ۋە سىياسى تۈزۈمى ئامېرىكاغا مايىل ھالەتتە تۈزۈلگەن. جوڭگۇ بۇخىل ئىدولوگىيەنىڭ ئۆزلىرىگە يېقىنلىشىشىنى ئەلۋەتتە خالىمايدۇ. ئۆز ۋاقتىدا شېمالى كورىيەگە ياردەم بېرىپ ئامېرىكاغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنىڭ ئارقا كۆرىنىشىمۇ شۇ.

5

تېما

7

دوست

4240

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   74.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17417
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1288
توردىكى ۋاقتى: 210
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 15:05:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۇنكى يوللىغان ۋاقتى  2016-3-5 13:44
چاۋشيەننىڭ  پوقىرالىرىمۇ جاق تويغاندۇ ،بۇنداق مۇستەبى ...

خەلىقارا مەسىللىەرنى سىياسۇيۇنلار بىرنىمە دىسۇن دەيمىنا

12

تېما

2

دوست

4849

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   94.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34133
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 1514
توردىكى ۋاقتى: 393
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 15:34:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى كورىيە بىرلىشىپ كەتسە، ئامېرىكا جۇڭگوغا يېقىنلا قوشنا بولسا، جۇڭگومۇ مانداق قاراپ بېقىپ، ئامېرىكىدەك پوچى بولىۋالسا بۇنىڭ نەرى يامان؟ جۇڭگو ئۆزىنىڭ چېگراسى ئىچىدىكى پۇقرالارنى ئاران باشقۇرىۋاتىدۇ. ئامېرىكا بولسا، پۈتۈن دۇنيانى باشقۇرۇشقا ئازلا قالدى. مانداق ئىشنىمۇ ئۆگۈنۈپ قويسا

0

تېما

2

دوست

1737

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   73.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9826
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 490
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 16:10:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
babak يوللىغان ۋاقتى  2016-3-5 12:52
ئەگەر ئامېرىكا بىلەن كۇرىيە ، چاۋشەننى مەغلۇپ قىلىپ ،  ...

ئامرىكا ھەممە دۆلەتنى پارچىلاشقا رازى. ئېككى دۆلەتنىڭ بىر بولىشىغا ھەرگىز قاراپ تۇرمايدۇ ، بەلكىم ئېككى دۆلەتنى ئوتتۇرا شەرىقتىكىدەك پاتقاققا پاتۇرۇپ قۇيشى مۇمكىن ،  ئۇچاغدا ئامرىكا كورىيەنى روسىيە جۇڭگۇ چاۋشىيەننى قوللايدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )