قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2235|ئىنكاس: 25

ئوغۇزمۇرات: ئالتۇن ئوردا ۋە ئۆزبېكلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

2

دوست

624

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  53724
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 238
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 13:22:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئالتۇن ئوردا ۋە ئۆزبېكلەر

ئوغۇز مۇرات


  قىپچاقلار ئەڭ ئاۋۋال مىلادىدىن بۇرۇن 1- ئەسىردن باشلاپ تارىخى خاتىرلەردە كۆرۈنۈشكە باشلىغانىدى . بىر چوڭ تۈرك توپلىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇندىن كىيىنكى ياۋرو-ئاسىيا دالاسىنىڭ 2000 يىللىق تارىخىغا سالماق تەسىر كۆرسەتتى . مەيلى قىپچاقلار قۇرغان ھىندىستان دىھلى سۇلتانلىقى ، مىسىر مەملۇكىيلەر خانلىقىنى ، ئۆزبىك خانلىقى ، قازاق خانلىقى بولسۇن ۋە ياكى  ئاتىللا قوشۇنى ، موڭغۇل ئىمپىرىيىسى قوشۇنى ،رىم ئىمپىرىيىسى قوشۇنى ئىچىدىكى قىپچاقلار بولسۇن [1] شۇ دەۋىرنىڭ تارىخى ۋەزىيىتى ، سىياسىي تىرىتورىيىسىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى. بۈگۈن بىز تىلغا ئالماقچى  بولغان قىپچاقلار توغرىلىق تارىخى تېما ئۆزبىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر .
   چىڭگىزخان ھايات ۋاقتىدا چوڭ ئوغلى جوچىغا [2] قىپچاق زىمىنىنى بۆلۈپ بەرگەنىدى .ئەمما بۇ مەزگىلدە قىپچاق زىمىنلىرى [3] پۈتۈنلەي موڭغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ زىمىنىغا تەۋە دىگۈلى بولمايىتتى . بىرىنچى قىتىملىق غەرىبكە يۈرۈش غەلبە قىلغاندىن كىيىن،1235 -يىلى موڭغۇل قوشۇنى جوچىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى باتۇخاننىڭ قومادانلىقىدا ئىككىنچى قىتىملىق كەڭ كۆلەملىك غەربكە يۈرۈشىنى باشلىدى .1236- يىلى قازار دىڭىزىنىڭ شىمالىغا يىتىپ كىلىپ ئېتىل بۇلغارلىرىنىڭ زىمىنىنى بىسىۋالدى ،ئارقىدىن قىپچاق يايلاقلىرى ، ئورۇس [4] ،پەچەنەك ،چىركەس زىمىنلىرىنى كونتىرول قىلدى .بۇنىڭ بىلەن بىر پۈتۈن قىپچاق زىمىنلىرى موڭغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ تىرىتورىيىسى ئىچىگە كىردى .1242 يىلى ياۋروپادىكى ئۇرۇش مەيدانلىرىدىن قايىتقان باتۇخان [5] ئېتىل بويىدىكى سارايدا رەسمىي ھالدا ئالتۇن ئوردا خانلىقىنى قۇردى .تارىخى ئەسەرلەردە بۇ خانلىق جوچى ئۇلۇسى ، قىپچاق خانلىقى دەپمۇ ئاتالدى.

811474199809674699.jpg

    جوچىنىڭ چوڭ ئوغلى ئوردا ياۋروپادىكى ئۇرۇشتا بۈيۈك خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ۋە خانلىق ھوقۇقىنى باتۇدىن تالاشمىغانلىقى يۈزسىدىن ئېرتىشتىن يايىقغىچە [6] بولغان زىمىنغا ئىگە بولدى ،ئۇ ھۆكۈمىرانلىق قىلغان جايلار ئاق ئوردا ئاتالدى. ئۇنىڭ غەربىدىكى زىمىنلار يايىق دەرياسىدىن قىپچاق يايلىقىنىڭ ئەڭ غەربىگىچە بولغان زىمىنلار كۆك ئوردا ئاتالدى . ئالتۇن ئوردا قوشۇنىنىڭ ئۆزبېك قوشۇنى ئاتىلىشى مۇھەممەد ئۆزبېكخاننىڭ تەسىرىدىن دەپ قارىلىدۇ . 1312 -يىلى ئۆزبېكخان ئالتۇن ئوردا تەختىگە ئولتۇرغاندىن باشلاپ ئىسلام دىنىنى خانلىق تەۋەسىدە كۈچەپ تەرغىپ قىلدى . ئىسلام دىنى نوپۇزىنىڭ خانلىق تەۋەسىدە مىسلىسىز كۈچىيىشى بىلەن ئۆزبېكخاننىڭ خانلىق ئىچى تىشىدىكى نوپۇزىمۇ كۈچىيىپ باردى . بۇ دەۋىردىن باشلاپ ئالتۇن ئوردا ئەلچىلىرى ئۆزبېك ئەلچىلىرى دەپ ئاتالدى ، ئالتۇن ئوردا قوشۇنىمۇ ئۆزبېك قوشۇنى دەپ ئاتىلىدىغان بولدى .[7] 1382 - يىلى ئاق ئوردا خانى توختامىشخان كۆك ئوردا زىمىنلىرىنى بويسۇندۇرۇپ ئېرتىشتىن قىرىمغىچە بولغان ئالتۇن ئوردا زىمىنلىرىنى بىرلىككە كەلتۇردى .1385- يىلى توختامىش قوشۇنى تەبرىزنى ئىشغال قىلدى ۋە بۇخاراغىچە ھۇجۇم قىلىپ كەلدى .ساھىبقىران تىمۇر قوشۇن تەشكىللەپ توختامىشنى مەغلۇب قىلدى ، توختامىشتىن كىيىنكى ئالتۇن ئوردا قوشۇنلىرى ( ئۆزبېكلەر) ۋە تىمۇرىيلەر ئارىسىدا ماۋەرا ئۇننەھىر ۋە خۇراساننى تالىشىش توقۇنۇشى بىسىقمىدى.
     1428-يىلى ئابۇلخەيىرخان ئۆزبېك خانلىقىنى قۇردى ۋە  1430 - يىللىرىدىن باشلاپ كىيىنكى 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە  ماۋەرا ئۇنەھىرگە بىر نەچچە نۆۋەت ھۇجۇم قوزغىدى ھەمدە بىر قىسىم جايلارنى ئىشغال قىلدى . بۇ دەۋىردە بىر مۇھىم تارىخى ۋەقە يۇز بەردى .ئۆزبېك خانلىقى ئىچىدىكى بەگلەردىن جانىبەك ۋە كىرەي ئابۇلخەيىرخان بىلەن چىقىشالمىغانلىق سەۋەبىدىن قول ئاستىدىكىلىرى بىلەن شەرىققە سۈرۈلدى ۋە 1456- يىلى يەتتە سۇدا قازاق خانلىقىنى قۇردى. قازاق خانلىقى تەۋەسىدىكى قىپچاق ئۆزبېكلىرى ( ئۆزبېكخان نامى ئاستىدىكى قىپچاق ۋە باشقا تۈركى موڭغۇل قەبىلىلىرى ) شۇندىن ئىتىبارەن قازاق نامىدا ئاتىلىشقا باشلىدى .ئابۇلخەيىرخان ئۆزىمۇ 1468- يىلى قازاقلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا قايتىش بولدى .
306907057558652400.jpg

    ئابۇلخەيىرخان قايتىش بولغاندىن كىيىن ئۆزبېكلەرنىڭ ماۋەرا ئۇننەھىرگە بولغان يۈرۈشلىرى توختاپ قالمىدى. [8] ئۇنىڭ نەۋرىسى مۇھەممەد شەيبانىخان 1500 -يىلى سەمەرقەنىدنى ئىشغال قىلدى ۋە تىمۇرىيلەر ھۆكۇمىرانلىقىنى ئاخىرلاشتۇردى . شەيبانىخان قوشۇنلىرى جەنۇبتا بابۇر ۋە سەفەۋىيلەرنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرسا شىمالدا قازاق خانلىقىنىڭ [9] ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىشى كىرەك ئىدى . بىر قاتار ئۇرۇشتىن كىيىن شەيبانىخان قوشۇنلىرى ماۋەرا ئۇننەھىردىكى ئاساسلىق جايلارنى ئىشغال قىلدى ۋە پايتەخىتنى بۇخاراغا كۆچۈردى. ماۋەرا ئۇننەھىر ئەتراپىدىكى زىمىنلاردا ئۆزبېكلەر  بۇخارا خانلىقى ، خىۋە خانلىقى ، قوقەنىد خانلىقلىرىنى قۇردى .[10]
      14- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلانغان ئالتۇن ئوردا تەۋەلىكىدىكى قىپچاق ئۆزبېكلىرىنىڭ ماۋەرا ئۇننەھىرگە سىلجىشى ،  تۈركى مىللەتلەر تارىخىدا يىڭى تارىخى ھادىسىنى بارلىققا كەلتۈرگىنى شۇبىھسىز.قىپچاق ئۆزبېكلىرىنىڭ بۇجايلاردا خانلىق قۇرۇپ يەرلىك ئوغۇز( تۈركمەن) ۋە ئۇيغۇر-قارلۇق تىپىدىكى تۈركىيلەر ۋە سارتلار [11] بىلەن كەڭ كۆلەمدە قوشۇلۇشى ۋە كۆچمەن تۇرمۇشتىن بوستانلىق مەدەنىيىتىگە ئۆتۈشى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كىيىنكى نەچچە يۈز يىللىق ئىتىنىك تۈزۈلۈشى ۋە تارىخى تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى .بۇ خىل تارىخى جەريان چارروسىيىنىڭ ئاخىرقى دەۋىرىگىچە، بۇخارا خانلىقى تامامەن يىمرىلگىچە داۋاملاشتى. سوۋىت دەۋرىدىكى ئىتىنىك بۆلۈش دولقۇنىدىن كىيىن ئوتتۇرا ئاسىيا ئىتنىك جۇغراپىيىسى بويىچە سىياسى گەۋدىلەرگە بۆلۈپ چىقىلدى .ئۆزبېك كىملىگى بۇ دەۋىردە يىڭى تارىخى دەۋىرنى باشتىن كەچۈردى.  تىل ۋە ئىتنىك جەھەتتىكى ئالاھىدىلىك بويىچە ھازىرقى ئۆزبېك مىللىتى يەرلىك تۈركى ۋە  پارس تىللىق خەلىقلەرنىڭ قىپچاق ئۆزبىكلىرى بىلەن قوشۇلۇشىدىن كىيىنكى بىۋاستە راۋاجىدۇر .ھازىرقى زامان ئۆزبېك تىلىدا ھەم ئوغۇز تىللىرىنىڭ ،ھەم ئۇيغۇر- قارلۇق تىللىرىنىڭ،ھەم قىپچاق تىللىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ساقلانغاندۇر .

608533145607551097.jpg

ئايدىڭلار :

[1].  تارىخچىلار ئاتىللا قوشۇنىنى ، رىم تارىخچىلىرى خاتىرلىگەن قەبىلىلەر ناملىرىىغا قاراپ ھونلار ، بۇلغارلار ، قىپچاقلار ۋە باشقا تۈرك قەبىلىلىرىدىن تۈزۈلگەن دەپ قارىماقتا
[2].  جوچىنىڭ چىڭگىزخاننىڭ ئۆز ئوغلى ئەمەسلىكى ئاشكارە مەخپىيەتلىك بولۇپ قالدى
[3].  قىپچاقلار شەرقتە ئىسسىق كۆلنىڭ بويلىرىدىن غەرپتە شەرقى ياۋروپاغىچە تارالغانىدى . قىرىمنىڭ شىمالى ھازىرقى ۋولگا دەرياسىدىن ۋىنگىرىيىگىچە زىمىن قىپچاق يايلىقى دەپ ئاتالغانىدى
[4]. موڭغۇل ئىستىلاسىدىن كىيىنكى كۆپىنچە موڭغۇلچە ۋە تۈركچە تارىخى ئەسەرلەردە روسلار ئورۇس دەپ خاتىرلەنگەنىدى

[5]. ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپادا تەڭرىنىڭ شەرقتىن قوشۇن ئەۋەتىپ ياۋروپانى قۇتقۇزىدىغانلىقى توغۇرلۇق رىۋايەتلەر كەڭ تارقالغانىدى . دەسلەپتە ياۋروپالىقلار موڭغۇل ئىمپىرىيىسى قوشۇنىنى رىۋايەتتىكى قوشۇن دەپ ئويلىغانىدى . باتۇنىڭ قوماندانلىقىدىكى قوشۇن ۋىنگىرىيە ۋە پولشادا ئۇرۇشتىن كىيىن قىرغىنچىلىق ئىلىپ باردى .ئەمما ئۆگىداينىڭ ۋاپاتى خەۋىرى كەلگەندىن كىيىن ئۇرۇشنى توختىتىپ قايىتتى
[6].  ئۇرال دەرياسى تۈركى تىلدا يايىق دىيىلىدۇ

[7].  ئالتۇن ئوردا ئاھالىسىنىڭ ئۆزبېك ئاتىلىشى نەچچە ئەۋلاتقىچە داۋاملاشقان تەدىرجىي جەريان دەپ قارىلىدۇ
[8]. ‹‹ تىمۇر تۈزۈكلىرى ›› ىدە ۋە ‹‹ بابۇرنامە ›› دە ئۆزبېكلەر ۋە تىمۇرىيلەرنىڭ ماۋەرا ئۇننەھىردىكى ئۇرۇشلىرى كۆپ تىلغا ئىلىنىدۇ
[9]. قازاق خانلىقى كىيىنچە ئاق ئوردىدىن بۆلۈنۈپ چىققان نوغاي خانلىقىنى ئۆزىگە قوشۇۋالدى. 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ چارروسىيە ھەربىي قورغانلارنى قۇرۇش، خانلىق ئىچىدە زىددىيەت تۇغدۇرۇش ، باشقا تۈرك قەبىلىلىرى بىلەن ئۇرۇشقا سۆرەش قاتارلىق ھىيلىلىرى بىلەن تەدىرجىي ھالدا قازاق خانلىقىنى ئۆزىگە قارام قىلدى

[10].  بۇنىڭ ئىچىدە قوقەند خانلىقى 1876 -يىلى مۇنقەرىز بولدى . خىۋە ۋە بۇخارا خانلىقى 1920- يىلىغىچە داۋام قىلدى
[11].  سارتلار ئەڭ بۇرۇن قۇتادغۇبىلىكتە تىلغا ئىلىنغان دەپ قارىلىدۇ.ئەڭ دەسلەپتە قەشقەردىكى سودىگەرلەرنى كۆرسەتكەن ئىدى . كىيىنچە سارتلار ئوتتۇرا ئاسىيا بوستانلىقلىرىدىكى مۇسۇلمان تۈركى ۋە تاجىك ئاممىسىنى كۆرسىتىدىغان بولدى   


پايدىلانغان ئەسەرلەر :
ۋ.ۋ.بارتولد : ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيا قىسقىچە تارىخى››
نامەلۇم ئوردا تارىخچىسى : ‹‹موڭغۇل مەخپى تارىخى››
داۋىد مورگان : ‹‹موڭغۇللار ››
رىنى گىروسسىت : ‹‹يايلاق ئىمپىرىيىلىرى››

باغداش تورى بىلەن OGUZMURAT سالونىغا يوللاندى، باشقا توربەت سالونلار قالايمىقان كۆچۈرمەڭ!
uyghuray

0

تېما

1

دوست

3438

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   47.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5956
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 1079
توردىكى ۋاقتى: 422
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 14:05:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىپچاق دىگىنىمىز ھازىرقى دەۋىردىكى قايسى مىللەتنى كۆرسىتىدۇ زادى?

0

تېما

0

دوست

2578

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   19.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35733
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3
تۆھپە : 808
توردىكى ۋاقتى: 189
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 14:27:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەمگەك بوپتۇ ئاپتور  سىچۈئەن ئۇنىۋېرسېتېتى تۇلۇق كۇرىس ئوقۇغۇچىسىغۇ دەيمەن

0

تېما

0

دوست

274

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   91.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  52537
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 74
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 14:38:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار مۇشۇ قازاق قېرىنداشلارنىڭ مۇنبەر ئادرىسى بولسا يوللاپ بەرگەن بولساڭلا ئارىلاپ باقاي دىگەن تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بوپ قالدى كەچۈرسىلە.
uyghuray

0

تېما

1

دوست

492

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  52197
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 150
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 15:28:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
http://senkazakh.com/bbs/forum.php
http://kokjal.net/bbs/
http://kerwen.com/
قازاقچە  قىرغىرچە ئادرىسلار

0

تېما

1

دوست

492

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  52197
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 150
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 15:33:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىپچاق تىللىرى گورۇپپاسى ياكى tavlı : تاتارچە،  باشقۇرتچە  ،  قازاقچە،  قاراقالپاقچە،  نوغايچە،  قۇمۇقچە  ، قاراچايچە - بالقارچە،  قىرىم تاتارچەسى(يېزىق تىلى) ، قارايچە؛ ئۆزبېكچەنىڭ خارەزىم- قىپچاق دىيالېكىتلىرى.

0

تېما

0

دوست

663

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   32.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57252
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 196
توردىكى ۋاقتى: 49
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 16:19:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Bahadirxan يوللىغان ۋاقتى  2016-3-5 15:33
قىپچاق تىللىرى گورۇپپاسى ياكى tavlı : تاتارچە،  باشقۇرتچ ...

قىرغىز ، تۈركمەن لەر چۇ؟

0

تېما

1

دوست

492

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  52197
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 150
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-5 18:08:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
TOLU.قىرغىزچە ،تولۇ ،
بۇ ئايرىم بىر گورۇپپا ،
تۈركمەنچە بولساdağlı يەنى ئوغۇز گورۇپپىسىغا تەۋە   بۇلار ھەر ئىككىسى  قىپچاق تىلى گورۇپپىسى ئەمەس،  tağlıq تاغلىق ياكى چاغاتاي گورۇپپىسى  بۇنىڭدا  ئۇيغۇر تىلى  ۋە  ئۆزبېك تىلى بار،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )