شەرقىي ياۋروپا ھاكىم مۇتلەقلىقىنىڭ قايتىپ كېلىشى
شلومو بىن-ئامى (ئىسرائىلىيە)
سۈبھى باغداش تەرجىمىسى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ھازىرقى زامان دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىلمىدىكى كىشىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدىغان مۇۋەپپەقىيەت. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورتاق قىممەت قارىشى قۇرۇش ئارقىلىق، تىنچ، تەرەققىيپەرۋەر ۋە ئەركىن بوشلۇق بەرپا قىلدى، نەچچە ئون يىل ھەتتا نەچچە يۈز يىللىق چوڭقۇر يىلتىز تارتقان مىللىي تىركىشىشنى يەڭدى. ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي قىسىمىدىكى ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى يېڭى سىياسىي ئىختىلاپ ھەمدە مىللەتچىلىكنىڭ پۈتكۈل ياۋروپا قۇرۇقلىقىدا قايتا گۈللىنىشى بۇ قىممەت قاراشلارنى (ھەمدە ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنىڭ كەلگۈسىنى) ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئېغىر سىناققا دۇچار قىلدى.
شەرقىي ياۋروپادا، دېموكراتىيە بارغانسېرى ئەركىن بولماي قالدى. «باشلامچى» بولۇش باش مىنىستىر ۋىكتور ئوربان ھۆكۈمرانلىقىدىكى ۋېنگرىيەدۇر. ئۆتكەن ئالتە يىلدا، ئوربان ئىزچىل ئۆزىنىڭ ئاتالمىش «ئەركىن بولمىغان دۆلەت» سىياسىتىنى يولغا قويدى. بۈگۈنكى كۈندە پولشا ۋېنگرىيەنىڭ ئارقىسىدىن ماڭماقتا، 2015-يىلى 10-ئايدىكى سايلامدىن بۇيان، ياروسلاۋ كازىيىنسكىنىڭ ئوڭچىل سىياسىي پارتىيەسى قانۇن ۋە ھەققانىيەت پارتىيەسى تېزلىكتە ئاممىۋى رادىيو، مۈلكى سىستېما ۋە ئاساسىي قانۇن سوتىنى كونترول قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشقا باشلىدى. نۆۋەتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقى پولشانىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى بار يوقلىقىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى.
شەرقىي ياۋروپا ھاكىم مۇتلەقلىقكە بۇرۇلۇش بىلەن بىرگە، ياۋروپا دۇچ كەلگەن كەڭ كۆلەملىك مۇساپىرلار كىرىزىسىنى يېنىكلىتىشنى مەقسەت قىلغان پان-ياۋروپا كۆچمەنلەرنى تەقسىملەش تۈزۈمىگە بارلىق كۈچى بىلەن قارشى تۇردى. لېكىن گېرمانىيە بىر دۆلەتتىلا تەخمىنەن بىر مىليون مۇساپىر پاناھلىققا تىزىملاتتى.
بۇ ئىختىلاپ ئىككى تەرەپنىڭ تارىخقا بولغان ئىنكاسىنىڭ تۈپكى ئىختىلاپىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. گېرمانىيە كۆچمەنلەر ۋە پۇقرالار ئەركىنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ئوچۇق پوزىتسىيەسى گېرمانىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى قىلمىشىدىن ئادا-جۇدا بولىشىدۇر. يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخشۇناسى تىموسىي سايدېر (Timothy Snyder) كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك، بېرلىن ۋە موسكۋا ئارىسىدىكى «قانلىق بەلۋاغ»دىكى بىرلىشىپ سۈيقەست قىلغۇچىلار دائىم ناتسىتلارنىڭ جىنايەتلىرىنى قوللىسىمۇ، ئەمما بۇ جەمئىيەتلەردە گېرمانىيەنىڭ جىنايىتىگە مەسئۇل بولۇش تۇيغۇسى كەمچىل.
سەۋەبلىرىدىن بىرى شەرقىي ياۋروپالىقلاردا مۇستەملىكىچىلىكنىڭ مىراسى يوق. شۇڭا، ئىمپېرىيەنىڭ ئۆگەي بالىلىرى بولغان كۆچمەنلەر مەسىلىسى يامانلىقنىڭ ئاساسچىسى بولغان كونا ياۋروپا مۇستەملىكە كۈچلىرى كېلىپ ھەل قىلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى. شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى (ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق سالاھىيىتى تەمىنلىگەن ئاجىز ئىقتىسادىي ئىلگىرلىشى بار بىخەتەر بولمىغان يېڭى كەلگۈندىلەر) ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتە مەجبۇرىيىتى يوق دەپ قارايدۇ.
ئەمما شەرقىي ياۋروپادا كەمچىل بولغىنى پەقەتلا كۆچمەنلەرنى قارشى ئېلىش ئىستىكى ئەمەس: شەرقىي ياۋروپا كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىشقا ئاكتىپلىق بىلەن قارشى تۇرىدۇ، ۋلادىسلاۋ گومۇلكانىڭ «دۆلەت مىللەتنىڭ، كۆپ مىللەتنىڭ ئەمەس» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزى بۇ نۇقتىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرۈپ بەردى. بۇ مەيدانىنىڭ قىسمەن تەرىپى ھېچ بولمىغاندا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كەلگەن، چوڭ قىرغىنچىلىق ھەمدە 30 مىليون ئادەمنى تازىلىغان ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىرقىي تازىلاش (مەزكۇر رايوندىكى بارلىق گېرمانىيەلىكلەرنى دېگۈدەك ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كۆپ خىللاشقان مىللەتكە بولغان بىزارلىقىنى كۈچەيتكەن. ئەمەلىيەتتە، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق بولمىغان چېخسلوۋاكىيە ۋە يۇگوسلاۋىيە قاتارلىق كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەرمۇ بەس-بەستە پارچىلىنىپ كەتتى.
تارىخىي ئەسلىمىلەرنىڭ يوقىلىشى ناھايىتى تەس. پولشالىقلار ۋە 1945-يىلدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمرانلىق قىلغان باشقا مىللەتلەر غەربىي ياۋروپانىڭ يالتا يىغىنىدا ئۆزلىرىنى سىتالىنغا قۇربانلىق قىلغانلىقىنى كەچۈرۈۋېتىشكە ئامالسىز. ئۇلار ھاكىم مۇتلەقلىكتىن ئازاد بولۇش غەربىي ياۋروپانىڭ مۇۋەپپەقىيىتى دەپ قارىمايدۇ. شەرقىي ياۋروپالىقلارنىڭ مىننەتدارلىق ھېسىياتى باشقا يەردە. يەھۇدىي مۇھاجىرلىرىدىن بولغان نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ئىمرە كېرتېسز (Imre Kertesz) ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا بولغان تەۋەلىك ھېسىياتىنى چۆرۈۋېتىشكە ئامالسىزلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، نۇرغۇن شەرقىي ياۋروپالىقلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئېيتتى. ئامېرىكىلىقلار ئۇنى بۇچېنۋالد (Buchenwald) يىغىۋېلىش لاگىرىدىن قۇتقۇزۇپ چىقتى، كېيىن ۋېنگرىيەنىڭ سوۋېت كوممۇنىزىمىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى.
شەرقىي ياۋروپادا، ھاكىم مۇتلەقلىقنىڭ گۈللىنىشى (ھاكىم مۇتلەقلىق كوممۇنىزم دەۋرىدىن ئىلگىرى مەزكۇر رايونغا تارقالغان ئىدى) ئىككى چوڭ كونا رەقىبلەر گېرمانىيە ۋە رۇسىيە (بۈگۈنگە قەدەر كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ) ئارىسىدىكى ۋەھىمىنىڭ تۈرتكىسىگە ئۇچرىغان. Pis ۋە پولشا ئوڭچىللىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېڭى پولشانىڭ ئاساسى 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى زوراۋانلىقتىن خالىي ئىتتىپاق ھەرىكىتىدە ئەمەس؛ بەلكى پولشانىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئاسىيا بولشىۋېكلىرى ۋە گېرمان كۆچمەن چارۋىچى مىللىتى بىلەن قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىغا باغلىق. پولشا دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋىتولد ۋاسكىكوۋسكى (Witold Waszczykowski)نىڭ كۆرسىتىشىچە، «ۋېلسىپىت مىنىدىغان ۋە گۆش يېمەيدىغان ياۋروپا» ھەمدە گۆدەك سىياسىي توغرىلىقى ۋە ئەركىن مەدەنىيىتى ئۈلگە ئەمەس بەلكى تەھدىت ئىكەن.
ئېنىقكى، گېرمانىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى رەقەملىك ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت ھەيئىتى گۈنسېر ئوتىنگېر (Gunther Oettinger) تۇنجى قېتىم تەھدىت سېلىپ پولشا ھۆكۈمىتىنڭ مېدىيە ۋە ئاساسىي قانۇن سوتىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، پولشا ئەدلىيە مىنىستىرى بۇ تەكشۈرۈشنى ناتسىتلارنىڭ ئىشغالىيىتىگە سېلىشتۇردى. كازىنىسكىي مەنسىتمەسلىك پوزىتسىيەسىدە بۇ تەھدىتلەر بىلەن، «بولۇپمۇ گېرمانىيەلىكلەرنىڭ تەھدىتى» بىلەن ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىدا چىڭ تۇردى.
بۇ ئۆتكەن نەچچە يىلدا كۆرۈلگەن شىددەتلىك ئۆزگىرىشنى گەۋدىلەندۈردى. بۇ مەزگىلدە، پولشا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شەرققە كېڭىيىشىدىكى نەمۇنىسى بولۇپ قالدى. ئەگەر پولشا باش بولۇپ ئۆز بېشىمچى ئەزا دۆلەتلەر ئوق مەركىزى قۇرغان بولسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى پۇقرالىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغداش ئىقتىدارى (رۇسىيە قاتارلىق باشقا دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ) ئېغىر زىيانغا ئۇچرايتتى. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھاكىم مۇتلەقلىقكە مېڭىشىنى توسايدىغان چەكلەش كۈچىگە ئىگە ۋاسىتىسى كەمچىل بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇنداق ئاقىۋەتتىن ساقلىنىش ھەرگىز ئاسان ئىش ئەمەس.
ياۋروپا بولسا تارىخي يۈكنى يۈدۈۋالغان چوڭ قىتئە، تارىخنىڭ قايتىلىنىش ئەرۋاھى بېشىدا ئەگىپ يۈرمەكتە. ئەمما، ئەگەر (ئاڭلاشلارغا قارىغاندا) مارك تۇۋېن كۆرۈپ يەتكىنىدەك، تارىخ ھەمىشە ئۆزىنى نۇسخىلىمايدىغان بەلكى تەكرارلىنىدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۆتمۈشتىكى ئەسلىمە شەرقىي ياۋروپانى تۇتقۇن قىلماسلىقى بەلكى يېتەكلىشى كېرەك. تارىخ بولسا ئاگاھلاندۇرۇش، مەنزىل ئەمەس.
تۈر-كارخانا بىرلەشمىسى تور بېتىدىن تەرجىمە قىلىندى.
سالون ۋە باشقا مۇنبەرلەرگە ئەسكەرتىش: بۇ مېنىڭ باغداش مۇنبىرى ئۈچۈن قىلغان تەرجىمەم، پەقەت ۋە پەقەت باغداشتىلا ئېلان قىلىشنى ۋە باغداشقىلا خاس بولىشىنى خالايمەن.
|