قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 379|ئىنكاس: 0

«بوۋام ئىتقان ھىكايە»داۋامى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

23

تېما

0

دوست

1433

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   43.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48536
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 51
تۆھپە : 464
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-6 12:50:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  ئەلقىسسە:مامۇتخان تۇز كورلۇق قىلمىشىدىن قورقوپ ،بالا-چاقا بارلىق ئۇرۇق تۇققانلىرى بىلەن ئوردىدىن نىقاپلىنىپ قىچىپ كارۋانلارنىڭ توپىغا كىرىپ بىر ئاي يۇل يۇرۇپتۇ،يول يۇرگەندىمۇ ،قاتتىق قىينىلىپتۇ،«يول ئازاۋى گور ئازىۋى»دەپ يول بويى چۆل دەستىلەرنىڭ،بۇران چاپقۇنلارنىڭ ،ئايىغى يوق چۇللەردە قوياشنىڭ پىزغىرىم ئىسسىقلىرىدا،دەل-دەرەق يوق ئىسسسىقتا،كۆيۇپ چۆلدەرەپ قىلمىشلىرىغا مىڭ بىر پۇشايمانلار قىلىپتۇ«ئاللا تۇز كۆرلىقىمنى جازالاۋاتسا كىرەك»دەپ مامۇتخان ئۆز ئۆزىگە پىچىرلاپتۇ.
  ئەلقىسسە :مامۇتخان ئائىلىسى كارۋانلاردىن ئايرىلىپ دىڭىز بويىدىكى بىر شەھەرگە ئورۇنلىشىپتۇ،ھەمدە خىلۋەت ئورۇندىن تۇرار جاي سىتىۋاپتۇ،«بانى يەپ ياتسا تاغمۇ توشىمايدۇ»بىرەر ئىشنىڭ پىشىنى تۇتمىسا بولمايدۇ دەپ دەسلەپ بىر مەلىچ ماللار دۇكىنى ئىچىۋاپتۇ،خوش،ئەندى بىز مامۇتخاننىڭ ئائىلىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.،
مامۇتخاننىڭ دادىسى مىرزىبىك ئمەر ئۆلىما مەرىپەتپەرۋەر ئەلدە نامى بار ئاق سۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.بولۇپ ،ئابدۇللا سۇلتاننىڭ ئەڭ يىقىن سىرداش دوستى ئىدى،بۇ ئىككى سىرداش دائىم ئوردىدا ھەم سۆكبەتتە بولغاندا ،مىرزىبىك ئوغلى مامۇتخاننى بىللە ئىلىپ باراتتىكەن،شاھىم مىرزىبىكتىن مامۇتخاننىڭ ئىلىم جەھەتتىكىئالىملىقى،ھەربى جەھەتتىكى ئالاھىدە ماھارىتىنى بىلىپ ،ئۇنى ئوردىغا ئەكىلىپ بىر قوللۇق تەربىلىگەن،ھەم تەدىرجى بالداقمۇ بالداق ئۆستۇرۇپ ئىشلەتكەن،
ئۇ كىچىگىدىن بىلمگە ھىرىسمەن ئەقىللىق ،زېرەك بولۇپ ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىدە  ئىلىم پەندە ۋە ھەربى مائارەتتە پىششىق يېتىلگەچگە ،ئوردا مۇددەرىس بولغان ،ئۇ تىرىشىپ ئۈگۈنىشى نەتىجىسىدە تەدىرجى كۆزگە كۆرۇنۇپ ئوردا  مۇپەتتىش بولۇپ ئۇزۈن يىل ئىشلىگەن دادىسى مىرزى بىك ئىمەر رەخمەتلىك بولغاندىن كىيىن، شاھىم شاھنىڭ ئاتىسى ئابدۇللا سۇلتان مامۇتخاننى ئوڭ قول ۋەزىرلىككە تەيىنلىگەن،ئابدۇللا سۈلتان شاھ ھالەمدىن ئۆتۇش ئالدىدا ،مامۇتخاننى.ئوغلى شاھىم شاھقا
« مامۇتخان ۋەزىر ئىككى دۇنيالىق دۇستۇم مىرزىبىكنىڭ ئوغلى،ئۆز ئوغلۇمدەك،شۇڭا ئىككىڭلارمۇ  خۈددى بىزدەك يىقىن دوسلاردىن بولۇپ ئۆتۇڭلار »دەپ تاپىلاپتىكەن،شۇڭلاشقا يىگىرمە يىل يىقىن دوسلاردىن بولۇپ ئۆتكەشكە ،ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ئەلنى ئۆزى ئورنىدا باشقۇرۇپ تۇرۇشنى تاپىلىسا،تۇز كۆرلۇق قىلىپ شاھلىق ئورنىغا چىقىۋالغان.خام سۇت ئىچكەن بەندىدە بىز،خۇدادىن باشقا ھەممە ئادەم ئازىدۇ،كىندىك قىنىڭ تولۈلگەن يۇرتتىن كىتىپ قايسى ياقا يۇرۇتلاردا نىنەپ يۇرىدىغانسەن، قاچمىساڭمۇ ،«ئىگىلگەن بويۇننى قىلىچ كەسمەپتۇ»دەپ سىنى ئاتام يۇزىدىن سىنى كەچۇرۋىتەر ئىدىم.قىلمىشىڭدىن ئاتاڭ روھى قورۇنغاندۇ،ئاتام رۇھى مىنى كەڭ قورساق بولساڭچۇ دەۋاتقاندۇ.دەپ خيالدىن ئۆتكۈزۇپ ئۇلۇغ كىچىك تىنپتۇشاھىم شاھ.ئۇ بىردەم ئويلىنىپ تۇرغاندىن كىيىن،پۇتۇكچىنى چاقىرىپ،
-قىرىندىشىم مامۇتخان نىمە ئۇچۇن  قىچىپ كىتىسىز؟سىزنى دارغا ئاسارمىدىم،گۈنايىڭىزنى تونۇپ تەھتىمنى تاپشۇرغان ئىدىڭىز،شۇنىڭ ئۆزى ياخشى ئىش قىلغانلىقىڭىز ئىدى،قايسى يات ئەلدە تىنەپ يۇرىسىز،تىزدىن يىنىپ كىلىڭ سىزنى كەچۇردۇم،مىرزا ئاتام ۋە شاھ ئاتام روھى قورۇنۇپ قالمىسۇن،تىز قايتىپ كىلىڭ !دەپ خەت پۇتۇپ،
بارلىق كارۋانلارغا بىردىن بىرىڭ ،نەدىن بولسا ئىزدەپ تىپىپ قايتىرىپ كەلسۇن دەپتۇ،
كارۋانلار ئۆزلىرى چۇشكەن شەھەر قىشلاقلاردا مامۇتخاننىڭ دىرىگىنى قىلىشىپتۇ،غەربى شىمالغا ماڭغان كارۋان بىشى ئەسەت كىرەم دىگەن كىشى،دىڭىز بۇيىدىكى خىلۋەت شەھەردىن مامۇتخان ۋەزىرنىڭ دىرىگىنى ئاپتۇ، نامۇتخان ۋەزىرنىڭ بالىسى،ئانا يۇرتىدىن كەلگەن كارۋان بىشىنى ئىززەت ئىھتىرام بىلەن كۈتىۋاپتۇ،كارۋان بىشىشاچىم شاھ يازغان مەكتۇپنى قوينىدىن ئىلىپ
-بۇ خەتنى شاھىم شاھ ئاتىلىرى مامۇتخانغا يازغان ئىدى،مىنى نەدىن بولسا ئىزدەپ تىپىپ ياندۇرۇپ كىلىشنى،يات ئەللەردە تېنەپ بويىن قىسىپ يۇرمىسۇن ئۆز ئىلىگە قايتىپ كەلسۇن دەپ  تاپىلىغان،
ھە ئاتىلىرى مامۇتخان كۆرۈلمەيۇدىغۇ؟دەپ سوراشنى ئۇنتىماپتۇ كارۋان بىشى.
-ئاتام قايتىش بولغىلى ئۇچ كۈن  بولدى،رەخمەتلىك ئاتام ،ئوردىدىن قىچىپ چىققان شۇ كۈندىن باشلاپ پىنھان يۇرىدىغان بولدى،ئۇ توختىماي ئۇلۇغ كىچىك تەنىدىغان،كۆزىدىن ياش قۈرىمايدىغان بولدى،ئاتام جان ئۇزۇش ئالدىدا،
-بالام :ئادەم ھاياتىدا يالغان گەپ قىلىش،دوستىغا خىيانەت قىلىشتىنمۇ ئىغىر ئىش يۇققەن،مەن نىمە پوق يەي،بىز شاھىم شاھلار بىلەن ئىككى ئەۋلات سىنىڭ مىنىڭ دىمەي ئۆتكەن قىيامەتلىك دوسلار ئىدۇق،شەيتاننىڭ ئازدۇرىشى بىلەن ئەخلىمدىن ئىزىپ ،دۇنيالىق ئەڭ يىقىن سىرداش دۇستۇمغا ئاسىيلىق قىلدىم،ئۇ كەچۇرسە كەچۇرگەندۇر ،ۋەدىگە ۋاپا قىلمىغان ئادەمنى ئاللا قانداق كەچۇرەز،قىلغان تۇز كۆرلىقىمدىن ۋىجدان ئازاۋى تاتىپ يۇرىگىمنى خۈددى بىر ياۋۇز مۇشۇك تاتلاۋاتقاندەك ئىچىشۋاتىدۇ،ناۋادا ۋەتەنگە بىرىپ قىلىش بولسا مەن ئۇچۇن ،شاھىم شاھتىن ئۆتكۇزگەن گۈنايىمدىن،كەچۇرۇم سورىغىن ،دۇستۇمغا ئىككى دۇنيا يۇز كىلەلمەيمەن،دىگەن ئىدى،شاھىم شاھنىڭ بۇ خىتى ئۇچ كۈن بورۇن كەلگەن بولسا ،ئاتام خەتنى ئوقۇپ ئازراق بولسىمۇ ۋىجدان ئازاۋى يىنىكلەپ كۆزى يۇمۇلغان ھالدا كىتەر بولغىيدى.دەپ ئۆسۇپ يىغلاپ كىتىپتۇ مامۇتخان ۋەزىرنىڭ ئوغلى ھەسەنبىك.
كارۋان بىشى ئەسەت كىرەم، شاھىمنىڭ خىتىنى ئىلىپ سەپەرگە مىڭىپ قايتىپ كەلگۈچە توپتۇغرا ئالتە ئاي ئۆتۇپتۇ،
شاھىم شاھ قايىپ كىلۋاتقان كارۋانلاردىن مامۇتخاننىڭ ئىز دىرىگىنى ئالالماي يۇرىگى ئاچچىق بولۇپ تۇرغان كۈنلەردە،ئەڭ ئاخىرقى كارۋان بىشىئەسەت كىرەم مامۇتخاننىڭ خەۋىرىنى ئىلىپ ئوردىغا كىرىپتۇ.شاھىم شاھنىڭ ئىجازىتى بىلەن ،ئەسەت كىرەم شاھىم شاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ  
  -ئەسسالامۇئەلەيكۈم !كىرەملىك شاھىم ئالتۇن بويلىرى ئامان بولغاي!دەپ سالام بىرىپتۇ،
- ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام قىنى مامۇتخان ۋەزىردىن خەۋەر بىرىڭ،دەپتۇ شاھىم.
- كىرەملىك شاھىم ئۆزلىرىگە مەلۇم بولغاي،مامۇتخان ۋەزىرنى غەربى شىمالدىكى دىڭىز بويىدىكى ئارال شەھەردىم تاپتىم ،ئەپسۇس مەن بىرىشتىن ئۇچ كۈن ئالدىدا رەخمەتلىك بولۇم ئۇدۇنياغا سەپەر قىپتۇ،دەپ خەۋەر بىرىپتۇ،شاھىم شاھ ،كارۋان بىشىنى قول ئىشارىتى بىلەن ،چىكىتىشكە ئىجازەت بىرىپتۇ.-ئاۋازىنى قويۋىتىپ يىغلاپتۇ،،قول ئىشارىتى بىلەن ،ئۇلارنى گەپ قىلماسلىققا بىشارەت بىرىپتۇ.ۋەزىر ئەزەملەر ۋە ئوردا ئەمەلدارلار شاھىمنىڭ ئىچىنىشلىق يىغىسىغا جۇر بولۇپتۇ.چىۋىن ئۇشسا ئاڭلانغىدەك بىرپەس جىمجىتلىقتىن كىيىن،ئورنىدىن تۇرۇپ
-پۇتۇن مەملىكەتتە پەيشەمبە كۈنى مامۇتخان ۋەزىرنىڭ نەزىرى ئۆتكۈزۈپ قۇرئان تىلەۋەت قىلىنسۇن!دەپ پەرمان چۇشۇرۇپتۇ،مەملىكەت ئىچى ۋە تىشىدىكىلەر شاھىمنىڭ كەڭ قورساق يىراقنى كۆرەر ئىسىل پەزىلىتىگە ئاپرىن ئوقوپتۇ ۋە شاھلىق سەنتەنىتىنىڭ تىخىمۇ ئۇلۇغ بولىشىنى تىلەپتۇ.شاھىم شاھ مامۇتخان ۋەزىرنىڭ ئۆلۇم خەۋىرىنى بىلگەندىن كىيىن،غەمكىن ۋە ئويجان بولۇپ قاپتۇ،شاھىمنىڭ ئۇيقۇسىز كۆز ئالدىدا مامۇتخان بىلەن تۇنجى   سۆھبەتلەر خىيال دەرياسىدا پەيدا بولۇپتۇ.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئالتۇن بويلىرى ئامان بولغاي،ئاتىلىرىنىڭ ۋارىسى بولۇپ شاھ بولغانلىقلىرىغا مۇبارەك بولغاي!مەرتىۋىلىرى ئۇلۇغ تەنلىرى ساق ئۆمرىلىرى ئۇزۈن بولغاي! ئاللا ئۆزلىرىڭ ئەقىل-ئىدىرەكلىرىنى زىيادە قىلغاي!
-ئىجازەت !ئىتقانلىرىدەك بولغان ئىلاھىم.قىنى ئولتۇرسىلا،ئاتامنىڭ ئىيتىشىچە،بىلىم ساھەسىدە زور نام –شەرەپكە نائىل بولغان دەپ تەرىپلىرى قىلغان ئىدى،ئەلنى ئادىل ئىدارە قىلىشتا بىلىم بولمىسا ئاۋامنى خاتىرجەملىك بىرەلمەيمىز
  رەخمەت ئالىلىرى،ئۆزلىرىدەك يۇقۇرى بىلىملىرى ئالدىدا پىقىرنىڭ بىلىمىنى تىلغا ئالغىچىلىغى يۇق،
-ئاتام بىلەن ئاتىلىرى يىقىن قىيامەتلىك دوسلار ئىكەن،ئاتاممۇ بىزنى قىيامەتلىك يىقىن دوسلاردىن بولۇپ ئەل غىمى بىرگە يەپ مەملىكەتنى گۈنلەندۇرۇشنى قىلىدۇ ئەلبەتتە.
-ئالىلىرىغا ھەشقاللا،ئۆزلىرى ۋە دولەت ئىشلىرى ئۇچۇن جىنىم تەسەددۇق
جىنىم تەندە ئامان بولسا ئۆزلىرى ۋە ئەل ئۇچۇن سادىقلىق بىلەن خىزمەتلىرىگە تەيياردۇرمەن.شاىم شاھنىڭ خىيالى شۇيەرگە كەلگەندە ئۆپكىسى ئۆرلەپ  كۆزياشلىرى يىپى ئۇزۇلگەن مارجاندەك توكۇلۇپتۇ،توۋا ئۇ قىرىندىشىمنى كىم ئازدۇرغاندۇ،؟ئۇنىمىنى ئويلاپ شۈنداق قىلغاندۇ؟ ھەي شۇ نەپسانىخۇر تويماس شەيتاننىڭ ئازدۇزغان،دەپ كۆزى ئۈيقىغا كىتىپتۇ-دە چۇش كۆرۇپتۇ.چۇشىدە مامۇتخان ۋەزىر
  ئەسسالامۇ ئلەيكۈم كىرەملىك شاھىم ئالتۇن بويلىرى ئامان بولغاي،تۇز كۆر ۋەزىرلىرى ئولۇمگە لايىق،ئەل ئالدىدا ئۆزلىرىگە قارا چاپلاپ ئاسىيلىق قىلغان گۇنايىم ئۇچۇن دارغا ئاسسىلا، سىللىدىن ئائىلەمگە باللىمغا ئاتىدارچىلىق قىلىپ قويسىلا،دەپ قارا لىباسنى كىيىپ قول باغلاپ تۇرغىدەك.شاھىم شاھ چۇيچۇپ ئويغىنىپ كىتىپتۇ،
سۇبۇھانەنىللا،ۋەلھەمدۇ لىللا،ئاللا ئازغان بەندەڭنىڭ گۈناھىدىن كەچكەيسەن،ئى ئاللا«بەندە بەندىنىڭ گۈناھىدىن كەچمىسە،مەن قانداق كىچىمەن»دىگەن ۋەدىڭىز بار،مەن ماۇمۇتخاننىڭ گۈناھىنى ئەل ئالدىدا چىن دىلىمدىن كەچۇردۇم،سىزمۇ كەچۇرگەيسىز،قەۋرە ئازاۋىدىن ساھلىغايسىز،دەپ دۇئا قىلىپتۇ.ناشتىدىن كىيىن چاپەرمەن ئەۋەتىپ كارۋان بىشى ئەسەت كىرەمنى ھۇزورىغا چاقىرتىپ،
سىللى دەرھال يولغا چىقىپ مامۇتخاننىڭ خاتىنى ئۇرۇق تۇققان باللىرىنى ياندۇرۇپ كەلسىلە،مانا بۇ خەتنى خاتىنىغا بەرسىلە، ئەگەر قايتىپ كىلىشكە ئۈنىمىسا بۇ سوغىنى بىرىپ قايىتسىلا دەپتۇ،ئالدىن تەييارلاپ قويغان بىر خورجۇن ئالتۇن كۆمۇشنى بىرىپ  تىز يولغا چىقىشنى بۇيرۇپتۇ،ئەسەت كىرەم شاھىم شاھنىڭ پەرمانى بىلەن ،ئۇچ ئاي يول يۇرۇپ دىڭىز بويىدىكى شەھەرگە يەنى ،مامۇتخاننىڭ ئۆيىگە كەپتۇ،مامۇتخاننىڭ خاتۇن-باللىرى كارۋان بىشى ئەسەت  كىرەمنى قىزغىن كۇتىۋاپتۇ.شاھىم شاھنىڭ ئۇلاغا يازغان خىتىنى تاپشۇرۇپ بىرىپتۇ،
-ئاسسالامۇ ئەلەيكۈم !خانىم ،ئەسەت كارۋان بىشىدىن مامۇتخاننىڭ قايتىش بولغانلىقىدىن خەۋەر تىپىپ ئىچىم ئاچچىق بولدى،ئاللادىن بىلەك ئازماس بەندە يۇقتۇر،گۈنايىنى بوينىغا ئالغان ئىكەن ئۇ ياخشى ئادەم،ئۇنىڭ ئاسىيلىق قىلىپ مىنى ئىلىمدىن تالاق قىلغىنى ئاڭلاپ جازا يۇرۇش قىلىپ بارغىنىم راس،ئەمما گۈنايىنى تۇنۇپ ئەلنى ماڭا تاپشۇردى،بۇ ئۇنۇڭ خىزمەت كۆرسەتكىنى ئىدى،يەنە نىمە ئۇچۇن قىچىپ كىتىدۇ.بىز قىيامەتلىك دۇسلاردىن ئىدۇق،دۇسلۇقىمىزنىڭ،ئاتىلىرىمىزنىڭ دۇسلۇق يۇز خاتىرىسى قىلماسمىدىم،..خانىم يات يۇرتلاردا مۇساپىر بولۇپ يۇرمەم ئەسەت كارۋان بىلەن قايتىپ كىلىپ ئۆزئۆيۇڭلەردە،كىندىك قىنىڭلار توكولگن يۇرتۇڭلاردا بەخىتلىك خاتىرجەم ياشاڭلار.
مامۇتخاننىڭ خاتىن باللىرى شاھىمنىڭ ئىلتىپاتىدىن تەسىرلىنىپ يېغلاپتۇ،شاھىمنىڭ ئىلتىپاتىغا رەخمەت ئىتىپتۇ.مامۇتخاننىڭ خاتىن باللىرى شاھ ئالىلىرىنىڭ ئىلتىپاتىغا رەخمەت ئىتىپ،مامۇتخاننىڭ قەۋرىسىنىڭ يات ئەلدە يالغۇز قىلىپ روھى غىرىپ سىنىپ قالمىسۇن دەپ يۇرتىغا قايتالمايدىغانلىقنى ئىتىپ ئەسەت كارۋان بىشىنى يۇلغا سىلىپ،شاھىم شاھنىڭ ئاتادارچىلىق قىلغانلىقىغا رەخمەت ئىتىپ ،سالام يوللاپتۇ.كارۋان بىشى ئەسەت ،شاھىمنىڭ تاپشۇرغى بويىچە غەزىنىدىن ئىۋەتكەن سوغىنى بىرىپ خوشلىشىپ مىڭىپتۇ.
داۋامى بار
uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )