- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 16228
- نادىر
- 2
- يازما
- 1481
ئۆسۈش
15.57%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kitabhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-6 13:09
يىقىندىن بۇيان يىزىغا چۈشكەن ،نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم ،ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلاپ بەزىدە ئۆزۈمنىڭ كۆزى،ئۆزۈمنىڭ قۇلىقىممىدۇ دەپ گۇمان قىلىپ قالدىغان،ئىيتىشقا ئامالسىز گەپلەر يۈرىكىمنى ئىزىدىغان بولوپ قالدىم .نۇرغۇن ئىشلار قىسمەنلىكتىن تامامەن ئومومىيلىققا ئايلىنىپ بوپتۇ .
1-كەنىتتىكى نۇرغۇن ئائىلىلەردىكى ھورونلوق مەسىلىسى زىيادە ئىغىر بولوپ پەقەت ئىشلىگىلى خوشياقماسلىق سەۋەبىدىن زىيادە نامرات،تۆۋەن تۇرمۇش پۇلىغا ئىسىلىپ قالغان ئائىلىلەر...
2-مەلۇم كىسەللىك بىلەن ئاغرىپ پۈتۈن ئائىلىنىڭ ئىقتىسادى ۋەيران بولوپ كىتىش سەۋەبىدىن نامرات بولوپ كەتكەن ئائىلىلەر ۋە ئەمگەك كۈچى پۈتۈنلەي يوق سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن كىشىلەر .
3-ئىشلەي دىسىمۇ ئىشلەشكە ئامال بولمىغان،كەنىتنىڭ ھاشالىرى ،يىغىنلىرى،كەنىت دەرۋازا نۆۋەتچىلىكى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ئشلەشكە ۋاقىت يەتمەيۋاتقان ياكى ئىشلەش ۋاقتى ئازلاپ كەتكەن كىشىلەر ،ھىلىقى يىشىل كارتا ۋە نۇرغۇن ئىشلار سەۋەبلىك سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە ئامال قىلالمايۋاتقان ،نامراتلىق ۋە ئاچارچىلىق پاتقىقىدىكى كىشىلەر .
4-ياردەمگە ،قوللاشقا،ئىلھاملاندۇرۇشقاچوقوم ئىھتىياجلىق كىشىلەر ،ئەر ياكى ئايال ياكى بالا ئىغىر ئاغرىق،ئائىلىسىدە يەنە ئالىي مەكتەپتە ئوقويدىغانلار بار ئائىلىلەر ،يەتمىش يىشىدا ساقىلىنى سۆرەپ كۈنلۈك ئىشلەپ قىزىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقوتىۋاتقان بوۋاي ...
مەن ئۆزۈمنىڭ ۋە قىرىنداشلىرىمنىڭ كەلگۈسىدىن ئىنتايىن ئۈمۈتۋار بىر ئادەم ئىدىم ،ھەم ھازىرمۇ ئۈمۈت بىلەن باقىمەن ۋە شۇلارنى ئۈمۈت قىلىمەن .
تۆۋەندە ئەڭ ئىغىر بولىۋاتقىنى نامراتلىق،ئەمما ھەر ئائىلىگە ئون ،يىگىرمە مىڭ يۈئەندىن پۇل بەرسىمۇ ئۇلارغا سەي بولمايدىكەن ،چۈنكى يۇقىرى بىسىملىق سىياسەت بىلەن كەنىت مۇدىرى ۋە گۇرپا باشلىقىنىڭ ھوقوقى ئۆسۈپ دىققەت دەپ بولغىچە پۈتۈن كەنىتتىكى ئائىلىلەر ئۇزۇن مەزگىللىك ھەربىي مەشىقنى قۇبۇل قىلغان ئەسكەردەك يۈگۈرۈپ،ئۇلارنىڭ ئالدىدا قوينىڭ قوزىسىدىنمۇ ياۋاش مۇلايىم ھالەتتە تۇرىشى ،ئۇنداق بولمىسا قالغىنىنى ئۆزىڭىز بىلىسز ئەلۋەتتە .يىغىن ،كەنىت دەۋازا قاراۋۇللىقى ۋە ھاشاردىن بوشونوپ ئۆز ئىشىنى قىلىدىغان ۋاقىتنىڭ يوق بولىشى ياكى ئاز بولىشى ،قەدەمدە بىر ئۇچرايدىغان قىزىل چىراق،سىرىق چىراقلاردىن توسولوپ ماڭالمايۋاتقان ۋاقتى ئۇزۇراپ كەتكەن كىشىلەر .تىببىيدا مۇنداق بىر كىسەلنى ئۇچراتقان ئىدىم ،يەنى ئۇزۇن مۇددەت ماڭمىغان بىمار ماڭالايدىغان ھالەتتە بولسىمۇ ،ئۇزۇن مۇددەت ماڭمىغانلىقى سەۋەبىدىن نىرۋىنىڭ مىڭىشقا بولغان قۇماندانلىقىنى يوقىتىپ ماڭالمايدىغان بولوپ قىلىشى .دىمەك قىزىل ،سىرىق چىراقتا ئۇزۇن تۇرۇپ كەتكەن كىشىلەر ئاقىۋەتتە يەنە شۇ خىل ئىھتىماللىقلاردىن مۇستەسنا بولالمىسا كىرەك . ئاساسى قاتلامدىكى نۇرغۇن ئىشلار خەلىقنى باي قىلىش ئۈچۈن ئەمەس تىخىمۇ نامرات قىلىۋىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقاندەك بىلنىۋاتىدۇ ماڭا،ئەمما مەركەزنىڭ بىيىتىش قۇرلىشىغا ۋە رەھبەرلىككە قىلچىلىك گۇمانىم يوق.مىنىڭچە مۇقۇملىقنى ساقلىغان ئاساستا خەلىقنى كەنىت دەرۋازىسىدىن،بەزى ھاشا ۋە يىغىنلاردىن ئازات قىلىش مىنىڭچە خەلىقنى باياشاتلىققا يىتەكلەشنىڭ موھىم بىر قەدىمى ئىدى بۇ پەقەت مىنىڭ شەخسى قارىشىم.
شۇ بىر نەرسە ماڭا ئايانكى يۇقىرى بىسىملىق سىياسەت،قىزىل چىراق ،سىرىق چىراقلارغا ئۇچراۋاتقانلار كىملەر،ئۇچۇرمايۋاتقانلار كىملەر ؟ خەلىقنى بىيىتىش قۇرلۇشى بەلكىم قىزىل ،سىرىق چىراققا ئۇچۇرمايۋاتقان خەلىققە تىخىمۇ بەكرەك قارتىلغان بولىشى مومكىن ...شۇڭا دوسلارنىڭ بۇ نوقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ئالدىمىزدىكى بىر نەچچە يىلدا نۇرغۇن ئىشلار يەنە مۇشۇ بويىچە ماڭىدىغان بولسا خەلىقنى كۈتىۋالىدىغىنى باي باشاتلىق بولماستىن ھازىرقى نامراتلىقتىن چوڭقورلىغان ئاچارچىلىق بولوپ قالمىسىلا مەيلى ئىدىغۇ...قىنى ۋاقىت ئەڭ ئادىل تارازا ...
|
|