خوتۇن ئالساڭ («قۇتادغۇبىلىك») 4475-4503 ئەگەر ئۆيلىنىشنى خالىساڭ ئۆزۈڭ، تاللىۋال خىلىنى، ئىتتىك قىل كۆزۈڭ. تېگى ياخشى بولسۇن تۇخۇم ھەم ئۇرۇغ، ئۇياتچان ۋە تەقۋا ئۆزى بەك ئېرىغ. تىرىش، ئۆي قىزىنى ئال، قول تەگمىگەن، سېنىڭدىن بۆلەك ئەر يۈزىن كۆرمىگەن. سېنىلا سۆيۈپ، باشقىنى بىلمىگەي، يارامسىز، قىلىقسىز ئىشلار قىلمىغاي. خوتۇن ئالساڭ ئالغىن ئۆزەڭدىن تۆۋەن، ئېسىلما ئېگىزگە ئەسىر بولۇرسەن. ئىشىتكىن، نىمەدەر سىنىغان كىشى، سىنىغان كىشىنىڭ پىششىقتۇر ئىشى. خوتۇن ئالساڭ ئالغىن، تۆۋەن، توغرىنى، سۆيۈنچ بىرلە ئۆتكەي ھاياتىڭ كۈنى. چىرايلىقنى دىمە، خۇلقى ئۇزنى دە، كى خۇلقى ياخشى بولسا، كۆڭۈل ئازادە. قىسى ئالما، ئالساڭ ھەپنەپەسنى ئال، ئەرگە يار-يۆلەك تەقۋىدارنى ئال. گۈزەل خۇينى ئىستە، ئاختارما جامال، خۇيى ياخشى بولسا، تاپار ئۇ كامال. ئاي يۈزلۈكنى قوللىغىل، قۇل قىلمىغىل، قىزىل مەڭزىنى سەن سېرىق قىلمىغىل. دىسە كىم ئۆيلىنەر، ئەي، ئەرلەر بېشى، ئالار شۇ تۆت خىلدىن بىرىن ئۇ كىشى: بىرى، باي خوتۇننى ئالماقنى ئىستەر، ئۇ بىرسى، چىرايلىق ئۈچۈن كۆز تىكەر. يەنە بىرسى ئىسىل نەسەپلىك تىلەر، ئۇلۇغلۇق ئېتىغا قۇۋانىپ يۈرەر. بىرى، ئىستەر نەپىس، ھەمنەپەسىنى، ئۇنى تاپسا باغلار ئاڭا كارىنى. بۇلارنىڭ ئوبدىنىنى مەن ئېيتاي ساڭا، ئالۇر بولساڭ خوتۇن، قۇلاق سال ماڭا: ئايا باي خوتۇنغا ئىنتىلگۈچى جان، ئەسىر بولما ئاڭا، ئى ئالىم ئىنسان. ئۇ مالغا سۆيۈنۈپ، تىلى ئۇزاتۇر، ئۇنىڭ رايى سېنى ھەر كويغا سالۇر. گۈزەلنى تىلىگەن، ئى ئەر ياخشىسى، ئۇنى ئالساڭ ياغار ئەلنىڭ كۈلكىسى. چىرايلىق ئايالنى پۈتۈن خەلق سۆيەر، ئۇنى تەڭرى پەزلى ساقلىسا مەگەر. ئەي ئەسلى بۈيۈككە ئىنتىلگۈچى سەن، ئۆمرۈڭنى خار ئەتمە بۇنىڭلىق بىلەن. ئۇرۇغ-نەسلى بۈيۈكنىڭ سۆزى ھەم تىلى- ئۇزۇندۇر، بولما سەن خوتۇننىڭ قۇلى. ئەي تەقۋىدار خوتۇننى ئىستەر بەگزادە، تېپىلسا ئۇ، بولغاي تۆت شەرت ئىپادە. تېپىسا تەقۋىدار ياخشى بىر چىشى، غەنىمەت بىلىپ ئال، ئەي ياخشى كىشى. تىلەك بايلىق ئولسا، بېرۇر مال يىغىپ، بېيتقاي سېنى ئۇ قىزىل يۈز قىلىپ. دۇرۇس خۇيلۇق ئولسا، گۈزەللىك كېلۇر، خوتۇننىڭ كۆركى ئەخلاق، بىلىملىك بىلۇر. ئېرىغ، تەقۋا بولسا، ئىسىل بولۇر، قالغان ئۈچ نەرسىمۇ ئۇندا تېپىلۇر. ھېكىم سەن، بىر تەقۋا خوتۇن ئىستكىل، ئۇ بولسا، بولۇر جەم بۇ تۆت شەرتمۇ، بىل. تېپىلسا ئەگەرچە بۇ ياڭلىغ چىشى، تىرىش، قىلما زايە، ئى باتۇر كىشى.
مەنبە: «قۇتادغۇبىلىگ»، 929-، 931-، 933-بەتلەر |