ئۇيغۇرلاردا بىر ئائىلە ئەزالىرى يەنى قانداش جەمەت بىرلىكى ئاساسىدىكى تۇغقانلار ئەجداد تەرتىپى ، ياش تەرتىپى بويىچە خاس نام بىلەن پەرقلەندۈرىلىدۇ .
1 . ئەجداد تەرتىپى بويىچە : ئۇيغۇرلاردا ئەنئەنە بويىچە ئەجداد تەرتىپىنىڭ خاس نامى ۋە شەخس ئىسمى يەتتىنچى ئەجدادقىچە خاتىرىدە تۇتىلىدۇ :
(1) دادا ( ئاتا ) ، ئانا ( ئاپا ) ؛
(2) چوڭ دادا ( ئاتا ) ، چوڭ ئانا ( ئاپا ) ؛
(3) بوۋا (م) ، موما (م) ؛
(4) چوڭ بوۋا (م) ، چوڭ موما (م) ؛
(5) ئۇلۇغ بوۋا )م) ، ئۇلۇغ موما (م) ؛
(6) بەشىنچى ئەۋلاتتىن يەنى ئۇلۇغ بوۋىدىن يۇقۇرىدىكىلەر ئۇلۇغ بوۋامنىڭ بوۋىسى ياكى ئالتىنچى ، يەتتىنچى بوۋام دەپ يۈرگۈزىلىدۇ . بۇرۇن ئالتىنچى ، يەتتىنچى ئەجدادنىڭ خاس نامى بولغان بولىشى مۈمكىن . ئەمما بىزنىڭ دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگۈچە ئۇنتۇلغان بولسا كېرەك . شۇنىڭدەك ھازىرقى ئۈچىنچى ئەجدادلىرىدىن يۇقۇرى ئەجدادىنىڭ خاس نامى شەخس ئىسىملىرىنى تولۇق ئېيتىپ بېرەلەيدىغانلار ئاز ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى .
2. ئەۋلاد تەرتىپى بويىچە : ئۇيغۇرلاردا دادا جەمەت ئەۋلادى ئالتە بوغۇمدا يەنى ئالتە ئەۋلادىدا ئاخىرلىشىدۇ . ئۇلار :
(1) ئوغۇل ، قىز
(2) نەۋرە
(3) چەۋرە
4) ئەۋرە
(5) پەي نەۋرە
(6) كۆكۈن نەۋرە دېيىلىدۇ . نەۋرە ئوغۇل ، قىز دەپ پەرقلەندۈرىلىدۇ .
3 . دادا جەمەت بويىچە : دادا ، ئانىسىنىڭ ئاكا - ئۇكا ، ئاچا - سىڭىللىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ تاغا ياكى ئاغا ، ئاكا ، ھامما دەپ پەرقلەندۈرىلىدۇ . ئەمما ئادەتتە يېقىنلىق ، مېھرى - ھۆرمەت ئېتىبارى بىلەن ئۇلارنىڭ شەخس ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا دادا (م) ، ئاپا (م) ، سۆزى قوشۇلىدۇ . بەزى رايونلاردا دادىسىنىڭ ئاكىسى چوڭ ئاتا ، ئۇكىسى كىچىك ئاتا ؛ ئانىنىڭ ئاچىسى چوڭ ئاپا ، سىڭلىسى كىچىك ئاپا دەپمۇ يۈرگۈزىلىدۇ .
4 . قۇدا تۇغقان ناملىرى : پەرزەنتلەرنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى بىلەن شەكىللەنگەن غەيرىي قانداش سېستىمىسى ئاساسىدىكى تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەت : قۇدا تۇغقان دېيىلىدۇ ۋە خاس نام بىلەن پەرقلەندۈرىلىدۇ .
(1) ئوغۇل ۋە قىز تەرەپ ئاتا - ئانىلىرى قۇدىلارنى پەرقلەندۈرۈش زۆرۈرىيىتى بولغاندا ئەر ( ئەركەك ) قۇدا ، ئايال ( چىشى _ قۇدا دەپ يۈرگۈزىلىدۇ .
(2) ئوغۇلنىڭ ئايالى ; كېلىن ياكى كېلىن بالا؛ كۈيە ياكى كۈيئوغۇلدەپ يۈرگۈزىلىدۇ . ئەمما ئوغۇل تەرەپ ئادەتتە كېلىنىنى ئائىلىنىڭ رەسمىي ئەزاسى سۈپىتىدە قىزىم ياكى بالام دەپ ئاتايدۇ . قىز تەرەپ بولسا كۈيئوغۇلنؿ ئوغلۇم ياكى بالام دەپ ئاتايدۇ .
(3) ئوغۇلنىڭ ئايالىنىڭ شۇنىڭدەك ، كېلىننىڭ ئېرىنىڭ دادا ( ئاتا ) سى ، ئانا ( ئاپا ) سى ، قېيىن ئاتا قېيىن ئانا دېيىلىدۇ . ئادەتتە دادا ( ئاتا ) ، ئانا ( ئاپا ) دەپ يۈرگۈزىلىدۇ .
(4) كۆپ پەرزەنتلىك ئائىلىلەردە چوڭ ئوغۇلنىڭ ئايالى ئۇنىڭ ئۇكا ، سىڭىللىرى تەرىپىدىن يەڭگە ياكى ئېگىچە ، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا بولسا ئايلا دەپ ئاتىلىدۇ . كېلىنلەر ئارىدىن چوڭلىرىنى ئاكا ياكى ئاغا ، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا موللاكا ; ، ئاچا ياكى ھەدە ئايلا كىچىكلىرىنى ئۇكام سىڭلىم دەپ ئاتايدۇ . بىر ئائىلىدىكى ئاكا - ئۇكىنىڭ ئاياللىرى ئۆزئارا ئېپى يەڭگە دەپ ئاتىشىدۇ .
(5) ئەرنىڭ ئايالىنىڭ ئاكا - ئۇكىسى قېيىن ئاغا قېيىن ئىنى ، ئاچا - سىڭىللىرى قېيىن ئېگىچە قېيىن سىڭىل دەپ يۈرگۈزىلىدۇ .
(6) بىر ئائىلىدىن ياتلىق بولغان ئاچا ، سىڭىلنىڭ ئەرلىرى شۇنىڭدەك ئەر - ئايال ئىككى تەرەپنىڭ ئاكا - ئۇكا ، ئاچا - سىڭىللىرى ئارىسىدا قۇدىلاشقانلارمۇباجا دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى قايچا قۇدا دەپ ئاتىلىدۇ .
ئۇيغۇر جەمىيىتىدە قۇدا تۇغقانلار بىۋاستە تۇغقانلاردىن ھېسابلانمىسىمۇ ، لېكىن ئۆزئارا قاتتىق ھۆرمەتلىشىدۇ . بۇ قۇدا كالدى ، خۇدا كەلدى، كۈيئوغۇل كەلدى ، خان كەلدى دېگەن تەمسىلدە ناھايىتى ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن .
(7)پەرزەنتلەرگە ئائىت خاس نام : يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان بىر جان ئىگىسى بىر تۇتاش ;بالا جىنسىي پەرقىگە قاراپئوغۇل، قىز دەپ ئاتىلىدۇ . بالا تۇغۇلۇپ يېشىغا توشقىچە ;بوۋاق، ئالتە - يەتتە ياشلىق بالىلار ;نارەسىدە ، يەتتە - سەككىز ياشتىن 11-12 ياش ئارىلىقىدىكى بالىلارئۆسمۈر دەپ ئاتىلىدۇ . بىر قېتىملىق تۇغۇتتا تۇغۇلغان ئىككى بالا .
(8)نەۋرىلەر : بىر جەمەتتىن بولغان نەۋرىلەر ئادەتتە تۇغقان دەپ يۈرگۈزىلسىمۇ ، ياش تەرتىپى بويىچە يەنىلا ;نەۋر ئاكا ، نەۋر ئىنى، نەۋرە ئاچا ياكى نەۋرە سىڭىل دېگەن خاس نام ئارقىلىق پەرقلەندۈرىلىدۇ . ئۇيغۇرلاردا تۇغقان ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدىغان دادا ، بوۋا ، ئانا (ئاپا) ، ئاكا - ئۇكا (ئىنى) ، ئاچا - سىڭىل ، يەڭگە ، ئايلا ، بالا ، قىز ، ئوغۇل قاتارلىق ئاتالغۇلار ئادەتتە يېقىنلىق ، مېھرى - ھۆرمەت ئىپادىسىدە يەنە كەڭ قوللىنىدۇ . مەسىلەن ، قولۇم - قوشنا ، يارۇ - بۇرادەرلەر ئۆزئارا ئۆزىدىن چوڭلارنى بوۋا ، دادا ، ئاكا ؛ ئاياللارنى ئانا (ئاپا) ، ئايلا ، ئاچا ، يەڭگە ؛ كىچىكلەرنى ئۇكام ، ئىنىم ، بالام ، ئوغلۇم . سىڭلىم ، قىزىم دەپ ئاتايدۇ . ناتۇنۇش كىشىلەر مەلۇم زۆرۈرىيەت تۈپەيلى ئۇدۇل كەلگەن بىرىدىن گەپ سوراش توغرا كېلىپ قالغاندا ، قارشى تەرەپنىڭ جىنسىي پەرقىي بويىچە قىياسەن ياش - قۇرامىغا قاراپ يۇقۇردىكى ناملاردا چاقىرىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا دىنىي زاتلارنىڭ ئاياللىرى قۇشناچ، يۇقۇرى تەبىقىدىكىلەرنىڭ ئاياللىرى ئاغچا دەپ ئاتىلىدۇ |