- تىزىملاتقان
- 2016-2-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1033
- نادىر
- 1
- يازما
- 58
ئۆسۈش
3.3%
|
تاپانچا
بۇمەريەم
بىزنىڭ بىنادا بويى ئىككى مېتىر كېلىدىغاندەك كۆرۈنىدىغان بىر قوشنىمىز بار. بەزىدە كىرىپ چىقىشتا ئۇچرىشىپ قالىمىز. ئارىمىزدا خەيىرلىك ئەتىگەن،كۈنىڭىز گۈزەل بولسۇن، خەيىرلىك كەچ دېگەندەك دېئالوگلار قۇرۇلغان بولسىمۇ، ھازىرغىچەئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ باقمىدىم. چۈنكى ئۇنىڭ كۆزىمۇ ماڭا خۇددى بېلىدىكى تاپانچىسىدەك سۈرلۈك بىلىنەتتى. ئۇنىڭ تاپانچىسىنى بىر نۆۋىتىدە ئۇ ئايالى بىلەن بىنا ئىشىكىدىن كىرىۋاتقاچ يەردىكى خالتىسىنى ئېلىشقا ئېڭىشكىنىدە كۆرۈپ قالغان ئىدىم. شۇندىن بېرى،ھەر قېتىم ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قالغىنىمىزدا، ئەجەبا تاپانچىسى يېنىدىمىدۇ، دېگەن ئويدا بېلىگە ئوغرىلىقچە قاراپ باقىدىغان بولۇپ قالدىم.
ئۇ بىر ساقچى بولۇشى مۇمكىن ئىدى، ياكى ئۆزىنى مەھەللىدىكى لۈكچەكلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغداش ئۈچۈن تاپانچا ئېسىۋالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى.بۇ دۆلەتنىڭ قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ قورال ئېلىپ يۈرىشىگە رۇخسەتمۇ قىلىناتتى. بىراق،نېمىشقىكىن، مەن تاپانچىنى كۆرگەن ھامان خىيالىمغا ئۇنىڭ ئىچىدىن تېز سۈرئەتتە ئېتىلىپ چىقىدىغان ئوق، ئوق چىقىۋاتقاندا پەيدا بولۇپ لەيلەپ قالىدىغان كۈلرەك ئىس، يەرگە چۈشىدىغان مىشەك ۋە ئوق تېگىپ يەرگە پوككىدە يىقىلىدىغان بىر ھاياتلىق كېلىۋالاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن تاپانچىسى بار بىر قوشنامنىڭ بولۇشى ماڭا داۋاملىق بىنانىڭ ئىچىدە ياكى ئالدىدا خۇددى بىر ۋەقە بولىدىغاندەكلا تۇيغۇ بېرەتتى. تاپانچىسى بار كىشىلەر بولسا ماڭا ھېچنەرسىدىن قورقمايدىغان، تاپانچىسىنى شىلتىپلا خالىغىنىنى قىلالايدىغاندەكلا بىلىنەتتى. بۇ خىل تۇيغۇ كىچىكىمدە كۆرگەن ئېتىشىش كىنولىرىنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىمغا سىڭىپ، نورمال ھادىسە قاتارىغا ئۆتۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.
چۈنكى بىز كىچىك چېغىمىزدا تېلېۋوزوردا مانچەياشلىقتىن تۆۋەنلەر كۆرمەڭ، دەيدىغان ئەسكەرتىش بولمىغاچقا، خالىغانچە كۆرىۋېرەتتۇق.بولۇپمۇ ياپونغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى، دۇنيا ئۇرۇشى، بوكىسچى، گۇمپىچى، قارا جەمئىيەتلەرنىڭ ئېتىشىشى، قىزىل ئارمىيەنىڭ باندىت يوقىتىشى دېگەندەك كىنولار مەن يەتتە ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن ئاللىبۇرۇن مىڭەمگە قاچىلىنىپ بولغان ئىدى. شۇڭا نېمىشقىكىن تاپانچا ياكى مىلتىق كۆرسەملا ئېتىشىش ياكى قاتىللىق دىلولىرىمۇ تەڭلا ئەقلىمگە كېلەتتى. ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرىنجى يىللىقىدىكى بىر ئايلىق ھەربى مەشىق تۈگىگەندىن كېيىن، بىزنى بادالىڭ ھەربىي مەشىق بازىسىدىن قوراللىق قىسىم بازىسىغا مىلتىق ئېتىش ئەمەلىيىتى ئۈچۈن ئېلىپ باردى.ھەممىمىز گۇرۇپلارغا بۆلۈنۈپ قۇم خالتىسىنىڭ ئۈستىگە تىكلەپ قويغان مىلتىقنىڭ تۈۋىدەياتقىنىمىزچە نىشان تاختىيىغا بەش پاي ئوق ئېتىشىمىز كېرەك ئىدى. يۈرىكىم دۈپۈلدەپ ئىچىمنى بىر قورقۇنچ قاپلىۋالدى. مىلتىق ئېتىپ بولغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بۇرنىدا كۈلرەڭلايدەك بىر مايسىمان نەرسىنىڭ پەيدا بولغىنىنى كۆرۈپ قورقۇنچىم نەچچە ھەسسە ئاشتى.نۆۋەت ماڭا كەلگىنىدە قوللىرىم تىتىرەپ يۈرۈكۈم بەكلا تېز سوقۇپ كەتتى. ئەسكەر كوماندابېرىشى ھامان بىزنىڭ گۇرۇپتىكىلەر تاتاتلىتىپ ئېتىشقا چۈشۈپ كەتتى. بەزى ئوقلار نىشان تاختىيىغا بارمايلا يەرلەرنى جىجىپ توپا- توزان ئۆرلىتەتتى. ئەنە شۇ پەيتتە مەن ئۆزۈمنى تامامەن ياپونغا قارشى ئۇرۇشتىكى جەڭ مەيدانىدا ئارقا سەپنى قوغداپ تۇرغان بىر ئۆسمۈرجەڭچىدەكلا ھېس قىلىشقا باشلىدىم. ئېتىش داۋاملاشقانسېرى توپا- توزان تېخىمۇ قويۇقلىشىپ كۆز ئالدىم پۈتۈنلەي ھېچنەرسە يوق بىر قاراڭغۇ بوشلۇق بىلەن تولدى. مەن تېخى بىر پايئوق ئاتماستىن ماڭا ئوق تەگدى. شۇ ھامان كەينىمگە ئۆرۈلۈپ چۈشتۈم. ئەمما قومانداننىڭئاۋازى قۇلىقىمغا كىرىۋاتاتتى. ئۇ ھەدەپ كۈچەپ توۋلاپ بىزنى ئالغا ئۈندەيتتى. تۇيۇقسىزبۇرنۇمنىڭ ئاستى خۇددى پىچاق بىلەن تىلىۋەتكەندەك ئېچىشىپ كەتتى. ئېسىمگە كېلىپ قارىسام بېشىم قوراللىق قىسىمدىكى ئەترەت باشلىقىنىڭ بىلىكىدە تۇرىدۇ. مەن ئوق ئېتىش باشلىنا-باشلانمايلا قورقۇپ ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن. ئۇلارمۇ بىرەر چاتاق چىققان چىققان ئوخشايدۇدەپ يۈگۈرۈپ كېلىپ قارىسا مىلتىقىمدىكى بەش پاي ئوق تىزىپ قويغان جايىدا تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ قورقۇپ ياكى بولمىسا ئسسىق ئۆتكۈزىۋېلىپ ھوشۇمدىن كەتكەنلىكىمنى بىلىپ كۆڭلى سەل ئارام تېپىشىپتۇ. ئەترەت باشلىقى بۇرنۇمغا تىرنىقىنى تىيەپ ھوشۇمغاكەلگۈزۈپتۇ. ئەنە شۇندىن بېرى مىلتىق ماڭانىسبەتەن تېخىمۇ سىرلىق قورقۇنۇشلۇق بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
بۈگۈن تاپانچىسى بار قوشنامنى لىفىتنىڭ ئالدىدا يەنە ئۇچرىتىپ قالدىم. لىفىتنىڭ كونۇپكىسىنى بېسىپ قويۇپ ئۆزۈم يالغۇز ساقلاپ تۇراتتىم. لىفىت كەلدى.لىفىتكە چىقىش ئۈچۈن ئىشىك تۈۋىگە كېلىشىم ھامان، «ھۇۋ...» دېگەندەك ئاڭلىنىدىغان بىرئەندىكىش ئاۋازى چىقتى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ئالدىمدا ھېلىقى يوغان قوشنىمىز تۇرىدۇ.ئۇنىڭ مېنى كۆرۈپ چۆچۈپ بۇنچە ئەندىكىپ كېتىشىنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. مېنى شۇنچە قورقۇتىدىغان، مەن قولۇم بىلەن تۇتۇشقا جۈرئەتمۇ قىلالايدىغان بىر نەرسىگە ئىگەبىر ئىنساننىڭ مەندىن شۇندىن قورقۇپ كېتىشى تۇيۇقسىز كاللامدىكى مەن قورقىدىغان ئۇنەرسىنى ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇرۇپ كەتكەندەك بىر تۇيغۇغا كېلىپ يەڭگىللەپ قالدىم. خۇددىمەن بۇندىن كېيىن تاپانچىدىن پەقەتلا قورقمايدىغاندەك....
14.12.2015
Angara
|
|