- تىزىملاتقان
- 2011-6-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14756
- نادىر
- 0
- يازما
- 608
ئۆسۈش
11.89%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوست-بۇرادەر،قەۋمىي-قېرىنداشلار تېنىڭلار سالامەتمۇ؟ئۆي ئىچى بالىلار تېنچ-ئامانمۇ؟ ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيىتى،ئەنئەنىسى بولىدۇ،يەنىي دىنىي ئېتىقاد مەدەنىيىتى،ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى،يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى،كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى،تىل-يېزىق مەدەنىيىتى ھەمدە سالام-سائەت مەدەنىيىتى بولىدۇ.بۇ مەدەنىيەتلەر مەلۇم قەۋىم ئەزالىرى بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا شۇ قەۋىم ئۆز ئالاھىدىلىكى،تۇرمۇش شەكلى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەر ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىدۇ.
جۈملىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بېرىكى تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا مۇكەممەللىشىپ گۈزەل مىللىي مەدەنىيەتكە ئايلانغان.مەن تۆۋەندە ھازىر باش كۆتۈرۈپ قالغان،بىزدە ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان،ئۇيغۇر سالام-سائەت مەدەنىيىتىدىكى ئازراق بۇزۇلىشنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ بېقىش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يېزىپ يوللىدىم.بەلكىم سىلەرمۇ دىققەت قىلىۋاتقان بولىشىڭلار مۇمكىن،ھازىر ئۈندىدارلاردا،تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىغا چىقىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەر،بالىلار،رادىيو پروگراممىلىرىغا قاتنىشىۋاتقان بەزى كىشىلىرىمىز سالام قىلغان ۋاقىتتا "موشۇ ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن،ھازىرقى ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن"دېگەندەك بىزدە ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان سالام قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرىۋالدى،چوڭلاردىن ئۈگىنىپ ھازىر بالىلارمۇ شۇنداق سالام قىلىدىغان بولىۋالدى،ھەتتا بەزى تېلېۋىزىيە ۋە رادىيو رىياسەتچىلىرىمۇ موشۇ خاتالىقتىن خالى بولالمايۋاتىدۇ.موشۇ ۋاقتىڭىز،ھازىرقى ۋاقتىڭىز خەيرلىك بولسۇن دېگەن جۈملىنىڭ مەنىسى سالام قىلغۇچىنىڭ سالام قوبۇل قىلغۇچىغا شۇ سۆزنى قىلىۋاتقان شۇ پەيتتە،شۇ دەقىقىدە سالامەت بولىشىنى تىلىگەن مەنا چىقىدۇ،ئۇندىن بۇرۇنقى ياكى كېيىنكى ئەھۋالى بىلەن كارى يوق پەقەت ھازىرقى ۋاقتىنىڭلا خەيرلىك بولىشىنى تىلىگەنلىك بولىدۇ.باشقا ۋاقتى بىلەن كارى يوقلىقىنى بىلدۈرىدۇ.بىزنىڭ سالام ئادىتىمىز ئىسلام دىنى ئەقىدىسى ئاساسىدا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جۈملىسىنىڭ ئاخىرىغا تېنىڭىز سالامەتمۇ؟ ئۆي-ئىچى بالىلار تىنچ-ئامانمۇ؟دىيىلىدۇ،قارشى تەرەپ سالامنى ئىلىك ئالغاندىن كېيىن ئاللا سالامەت قىلسۇن،ئاللا رەھمەت قىلسۇن دېگەن جۈملە قوشۇلۇش ئارقىلىق مۇكەممەل بىر سالام شەكىللىنىدۇ
.موشۇنداق ئېسىل سالاملىرىمىز تۇرۇپ يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان سالام قىلىش ئادىتىنى بىرقىسىم كىشىلىرىمىز نەدىن قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلەلمىدىم،يېشى توختىغان بەزى كىشىلەرمۇ موشۇ سالامغا ئەگىشىپ ئۆزىنىڭ ئەقىلدە كەمتۈكلىكىنى ئاشكارىلاپ قويىۋاتىدۇ، ئۇلار بەلكىم تېلېۋىزورلاردا قويۇلىۋاتقان كورىيەنىڭ تۈگىمەس فىلىملىرىدىن قوبۇل قىلدىمۇ ياكى تۈركىيەنىڭ فىلىملىرىدىن قوبۇل قىلدىمۇ بۇنىسى ئېنىق ئەمەس .شۇ فىلىملەردىن نېمىنى قوبۇل قىلىش، نېمىنى قوبۇل قىلماسلىقنى بىلەلمەسلىكتىن كېلىپ چىقىۋاتقان ئىشمۇ يا؟بىز بىر ئەۋلاتلار ئەجداتلىرىمىز بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئەۋلاتلارغا قالدۇرماي شۇ مىراسلارنى بۇزۇپ ئەۋلاتلارغا قالدۇرساق ئەۋلاتلىرىمىز بىزنى ئاسىي دىسۇنمۇ ياكى بىلىمسىز دىسۇنمۇ؟ بۈگۈن بۇ خاتالىقنى ئۆتكۈزسەك، تۈزەتمىسەك، ئەتە يەنە قانداق خاتالىقلارنى سادىر قىلىشىمىز مۇمكىن؟ ئاۋال ئاتا-ئانا بولغۇچى خاتالىقنى تۈزەتسەك،ئۇقۇتقۇچىلار تۈزەتسە شۇ ئاساستا بالىلارنى تەربىيىلىسەك ئۇيغۇر جەمئىيىتى يەنىلا مەدەنىيە تارقاتقۇچى مىللەت ئورنىغا ئېگە بولىدۇ.شۇڭا ئۆزىمىزدىكى بەزى ئىللەتلەرنى يوقىتىپ باشقىلارنىڭ ئىلغار پەن-تېخنىكىسىنى قوبۇل قىلساق،بىزدىكى تېخنىكىلارنى باشقىلار ئۈگەنسە دۇنيا گۈزەللىككە تولىدۇ. يۇقۇرىدىكىلەر مېنىڭ شەخسىي پىكرىم،موشۇ توغرىسىدا سىلەر بىلەن پىكىرلىشىپ بېقىش ئويۇم بار.
|
|