ھېمىتكام
(پېشقەدەم ئەدىب،تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى،تونۇلغان جامائەت ئەربابى ھېمىت نىياز ئاكىنىڭ «تۇپراق ھىدى»ناملىق كىتابىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا ئوقۇلغان) ياقۇپ ئىسمائىل قورۇلچى
ئىلمىي تارىخ بېتىدە ئالىم بولغان ھېمىتكام، خەلق كۆڭۈل تۆرىدە ئادەم بولغان ھېمىتكام. تارىخىغا بىر ئۆمۈر شاھىد بولۇپ تۇرپاننىڭ، ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە ئالەم بولغان ھېمىتكام.
تارىخ ئۈچۈن ئىزدىنىپ ئايلاندى ئۇ باغلارنى، جاپا دىمەي كەزدى ئۇ يېزا-قىشلاق، تاغلارنى. ئىجتىھاتتا مەنىلىك ئۆتكۈزدى ئۇ چاغلارنى، سەھرادىكى سۆيۈملۈك مەلەم بولغان ھېمىتكام.
گابائىننى خەلقىمگە تونۇتتى ئۇ قەلەمدە، بەگلەر ئۆتكەن مەلىنى يورۇتتى ئۇ قەلەمدە. تۇرپاندىمۇ سودا بار، دېگۈزدى ئۇ قەلەمدە، قەلبلەرگە شىپالىق مەلھەم بولغان ھېمىتكام. ھېمىتكامنىڭ ئىجادى ئايلىنىپ بىر بۇلاققا، چىن، ھەقىيقى بولغاچقا زەپمۇ ياقتى قۇلاققا. ئۆز ئەجرىدە دەرس بەردى،غەرەز ئۇقماس چۇلاققا، تۇرپاندىكى ساھىبى قەلەم بولغان ھېمىتكام.
ھېمىتكامنىڭ ئەشئارى دۆۋىلىنىپ تاغ بولدى، ئەۋلادلارچۈن، ئەل ئۈچۈن زەپ مەنىلىك باغ بولدى. ئالىملارنى، ئەدىبنى قۇتلايدىغان چاغ بولدى. ئەجىر، مېھنەت بابىدا ئەلەم بولغان ھېمىتكام. مانا بۈگۈن تۇرپاندا كىتابخانلىق مەشرىپى، كۆڭۈللەرنى قىلدى لال ئالىم، ئەدىب تەشرىپى. ئۇستاز دىدى ئەدىبلەر، بۇ ئاۋامنىڭ تەستىقى، تۇرپان ئۈچۈن بىر قۇتلۇق قەدەم بولغان ھېمىتكام. خۇشمۇبارەك ھېمىتكا،ياشاپ ئۆتۈڭ يىگىتتەك، يەنە قايتا نەپ بېرىڭ تۈگمەندىكى ئۈگۈتتەك، مەڭگۈ ياشاڭ ئەل ئۈچۈن، تۇپراقتىكى ئۇرۇقتەك. خەلقى ئۈچۈن زور بايلىق،مەدەن بولغان ھېمىتكام. 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى. تاڭ سەھەر . شەھىرى لۈكچۈن-ئامانشادا يېزىلدى. |