- تىزىملاتقان
- 2014-12-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 674
- نادىر
- 0
- يازما
- 19
ئۆسۈش
34.8%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار،مەن ئالىمجان تۇرسۇن ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئوقوغۇچىسى ،يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن سىتۇدېنتلار ئىلىم چېيىنىڭ بىر ئەزاسى ھەم ئۇيۇشتۇرغۇچىنىڭ بىرى،ھەممىڭلارغا مەلۇملۇق ئىلىم چېيى جەمئىيتىمىزدىكى ئاكتىپ بولغان سورۇن مەدەنىيتى سۈپىتىدە جاي-جايلارغا تارالغان شۇ مىنۇتلاردا بىز ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىلار ئارىسىدىمۇ بۇ چاينى باشلىغان ئىدۇق، بۇ چاينىڭ بىرىنچى،ئىككىنچى سانى ئەزىزانە قەشقەردە ،ئۈچۈنچى سانى ئۈرۈمچىدە شۇنداق ياخشى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى، ھەر قېتىملىق چېيىمىزدا بىر-ئىككىدىن ئەدىبلەرنى تەكلىپ قىلىمىز ھەم ئارلىقتا پائالىيەتنىڭ رەڭدارلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇكاپاتلىق زىھىن سىناش پائالىيتى ۋە تەقدىرلەش پائالىيتى ئىلىپ بارىمىز ،ئەسلى تۆتىنچى قېتىملىقىنى مۇشۇ ئاينىڭ 19-كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرغان ئەمما ھازىرغىچە ئورۇننى بىكلىتىشكە ئامالسىز قالدۇق،چۈنكى بىز ئىلىم چېيىدىكى زور كۆپ ساندىكىلەر ئىلىم چېيى بولغاندىن كىيىن تاماق يىمەي ئولتۇرۇشنى توغرا تاپقان ئۇنىڭدىن باشقا مىۋە-چىۋە،مۇكاپاتلىق ماتىرىياللارنىڭ ھەققى،ئورۇن ھەققىلا بولۇپ خېلىلا چىقىم بولۇپ قالىدىكەن،ئەمما بۇنىڭغا بىزنىڭ رىستۇران،ۋە تاماقخانىلىرىمىز قوشۇلمايدىكەن،ھەممىمىز ئوقوغۇچى بولغاندىن كىيىن قىسقا ۋاقىتتا بىھۇدە غىزالىنىپ ئىسراپچىلىقنى توغرا تاپمىغاچقا ھەم شۇنداق ياخشى باشلانغان ئىشنىڭ ئاخىرىنى ئۈزۈپ قويىشىغا چىدىماي ھەر قايسىڭلاردىن ياردەم سوراپ بۇ ئىلتىماسنى سۇنۇپ قالدىم،بۇ ھەقتە مەسلەھەت بېرىشنى ۋە ياردەم قىلىشنى خالايدىغان ئورۇن ۋە شەخىسلەرنىڭ 17799558811 ئۇشبۇ نۇمۇر بىلەن ئالاقىلىشىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.ھەمدە تور باشقۇرغۇچىللىرىنىڭمۇ بۇ تىمىنى تەستىقلاپ بەرگىنىگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. |
|