قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2231|ئىنكاس: 99

باشقا بىر نۇقتىدىن «قۇتادغۇ بىلىگ»(2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

0

دوست

2104

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33071
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 70
تۆھپە : 742
توردىكى ۋاقتى: 60
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-8 00:18:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

باشقا بىر نۇقتىدىن «قۇتادغۇ بىلىگ» (2)


مەھمەت قارا(تۈركىيە)



تۈركچىدىن يۈسۈپجان ياسىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان

1- مەنىسىنى ئايەتلەردىن ئالغان بېيىتلەر
ئەسەرنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا «قۇرئان» ئايەتلىرىدىن ئېلھاملىنىپ يېزىلغان «قۇتادغۇ بىلىگ» بېيىتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ماقالىنىڭ خالىل ئەرسويلۇ تەرىپىدىن يېزىلغانلىقىنى ئىپادە قىلغانىدۇق①. بۇ ماقالىدە ئەسەرنىڭ نەزمىي مۇقەددىمىسىنىڭ دەسلەپكى  ئالدىنقى سەككىز بېيىتى  بىلەن ئەسلى مەتىننىڭ ئالدىنقى ئوتتۇز ئۈچ بېيىتى  ئىچىدىن تاللانغان تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك بېيىتلەر تەتقىق قىلىنغان. بۇنىڭ سىرتىدا پەقەت بىر قانچە بېيىت ھەققىدىلا توختالغان②. بارلىق بېيىتلەرنى تەتقىق قىلىپ تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق يورۇتمىغان.
بىز پۈتۈن ئەسەر ئىچىدىكى مەنىسىنى ئايەتلەردىن ئالغان بېيىتلەر ھەققىدە توختىلىمىز.

ئاللاھنىڭ ئىسمى، يارىتىشى ۋە يېتىشتۈرىشى
تۈرك مىللىتىنىڭ ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلىشىدىن كېيىن يېزىلغان ھەر قانداق بىر ئەسەر ئەنئەنە سۈپىتىدە «بەسەمە»(بىسمىللاھ) سۆزى بىلەن باشلىناتتى. «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ ئەسلى مەتنىمۇ مۇشۇنداق باشلانغان. ئاللاھ ياراتقۇچى ۋە يېتىشتۈرگۈچىدۇر.
ئەرسويلۇ بۇ تۇنجى بېيىتنىڭ فەتىھ سۈرىسىنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئايىتىنىڭ تۈركچە مەنىسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان③. ئەسەرنىڭ كېيىنكى مەزمۇنلىرىدا بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان يەنە بىر قانچە بېيىت بار:

124      بايات ئاتې بىرلە سۆزۈگ باشلادېم،
تۆرۈتگەن ئىگىدگەن كەچۈرگەن ئىدىم.
(ئاللاھنىڭ نامى بىلىم سۆزنى باشلىدىم، ئۇ  ياراتقان، ئۆستۈرگەن،  كەچۈرگەن  رەببىمدۇر.)

1343      بايات ئاتې بىرلە سۆزۈگ باشلادې،
تۆرۈتگەن ئىگىدگەن كەچۈرگەن ئىدى.
(سۆزىنى ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلىدى، ياراتقان، ئۆستۈرگەن، كەچۈرگەن ئاللاھ دېدى.)

3188     بايات ئاتې بىرلە سۆزۈگ باشلادې،
تۆرۈتگەن ئىگىدگەن كەچۈرگەن تىدى.
(ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سۆزنى باشلىدى، ياراتقان، ئۆستۈرگەن، كەچۈرگەن ئۇدۇر دېدى.)

3715     بايات ئاتې بىرلە سۆزۈگ باشلادې،
             تۆرۈتگەن ئىگىدگەن كەچۈرگەن تىدى.
(ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سۆزنى باشلىدى، ياراتقان، ئۆستۈرگەن، كەچۈرگەن ئۇدۇر دېدى.)

3897      بايات ئاتې بىرلە سۆزۈگ باشلادې،
              تۆرۈتگەن ئىگىدگەن كەچۈرگەن تىدى.
(ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سۆزنى باشلىدى، ياراتقان، ئۆستۈرگەن، كەچۈرگەن ئۇدۇر دېدى.)
   سۈرە «فاتىھە»نىڭ بىرىنچى ئايىتىدىن باشقا  شۇ ئايەتمۇ «بەسمەلە» بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. «ئۇ (بىر پارچە قىممەتلىك خەت) سۇلايماندىن كەلدى. ناھايىتى  شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلانغان»④.

ئاللاھنىڭ «بول» دېگەن ئەمرى⑤
ئاللاھ بىر نەرسىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى خالىسا، «بول» دەيدۇ ۋە ئۇ بولىدۇ. ئۇ، بۇ كائىناتنىڭ ئەسلىي ئىگىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر ئىشتا خالىغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ.

3729 تىلەمىش تىلەكى بولۇر بول تىسە،
         يورېتۇر قازاسېن نە ئەرسە كەسە.
(«بول» دېسە دېگىنى بولىدۇ، ھەر ئىشتا قارارى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ.)

3901 نەگۈ قولسا قولمېش تىلەكىن بۇلۇر،
        نەگۈگ بول تىسە ئول تىلەمىش بولۇر.
(ئۇ نېمىنى ئىرادە قىلسا شۇ بولىدۇ، نېمىنى بول دېسە دېگىنى بولىدۇ.)
   بۇ بېيىتلەرنىڭ مەنىسى شۇ ئايەتلەردە كۆرۈلىدۇ : «بىز بىر شەيئىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرمەكچى بولساق، پەقەت ‹بول› دەيمىز، ئۇ دەرھال بولىدۇ»⑥، «ئۇ ئاسماننىڭ ۋە زېمىننىڭ ياراتقۇچىسىدۇر.  بىر نەرسىنى ياراتماقچى بولسا، ئۇنىڭغا پەقەت ‹بول› دەيدۇ، دە ئۇ دەرھال بولىدۇ»⑦.

نادانلاردىن يىراق تۇرۇش
   بىلىملىكلەر ھەر يەردە ھۆرمەتكە ئېرىشىدۇ. چۈنكى بۇنداق كىشىلەر دەيدىغان سۆزىنى ياكى قىلىدىغان ھەرىكىتىنى ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاپ تۇرۇپ قىلىدۇ. ئەمما بىلىمسىزلەر  بۇنداق ئەمەس، ئۇلار بىلەن جىق كۆرۈشمەسلىك كېرەك:

203       بىلىگسىز بىلە ھىچ سۆزۈم يوق مەنىڭ،
              ئاي بىلگە ئۆزۈم ئۇش تاپۇغچې سەنىڭ.
(مېنىڭ بىلىمسىز بىلەن قىلىشىدىغان ھىچ سۆزۈم يوق، ئەي ئالىم مانا مەن سېنىڭ قۇلۇڭمەن.)

4450     بىلىگسىزنى ئارتۇق ياقېن تۇتماغۇ،
           ياقېن تۇتسا شەكسىز قېلۇر قىلماغۇ.
(بىلىمسىز كىشىنى ئۆزۈڭگە بەك يېقىن تۇتمىغىن، يېقىن تۇتساڭ شۆبھىسىزكى مۇناسىۋەتسىز بىر ھەرىكەتنى قىلىدۇ.)

4452       بىلىگسىزكە ياقما ئۆزۈڭنى تۇتۇن،
             ئۆزىڭ تۇتغۇچې ئەر تىرىلدى قۇتۇن.
(بىلىمسىز كىشىلەرگە يېقىنلاشما، ئۆزىڭنى تۇتىۋال، ئۆزىنى تۇتىۋالغان كىشى ھاياتىنى سائادەت ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ.)

4453       بىلىگسىز كىشىدىن يېراق تۇر تەزە،
             بىلىگسىز سۆزى قېلقې بارچا ئوتۇن.
(بىلىمسىز كىشىلەردىن يىراق تۇر، قاچقىن، بىلىمسىزنىڭ سۆزى ۋە ھەرىكىتى  ھەمىشە قوپال بولىدۇ.)
    بۇ بېيىتلەرنىڭ ئېلھامىمۇ تۆۋەندىكى ئايەتتىن كەلگەن : «ئەپۇنى(ئاسانلىق يولى) دوست تۇتقىن، ياخشىلىققا بۇيرىغىن، نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن»⑧.

دۇنيا  تىرىكچىلىكى
   دۇنيا  تىرىكچىلىكى ئۆتكۈنچىدۇر. ئۇ بىر ئويۇندىن ۋە كۈلكدىن ئىبارەتتۇر. ئۆتكۈنچى بۇ دۇنيادا ئويۇنغا قېتىلماسلىق كېرەك :

5927ئويۇن ساقېشې ئول بۇ دۈنيا ئىشى،
        ئاداقېن تىلەسە بىرۈر بۇ باشې.
(بۇ دۇنيانىڭ ئىشى بىر ئويۇنغا ئوخشايدۇ، ئايىغىنى دېسەڭ، ئۇ بېشىنى بېرىدۇ.)

5930- بۇ دۇنيا ئىشى كۆر ئويۇن ئول ئويۇن،
         ئويۇنقا قاتېلما نەرەك بۇ ئويۇن.
(بۇ دۇنيا ئىشى بىر ئويۇندۇر، ئويۇن. ئويۇنغا قېتىلما، ئۇنىڭ نېمە لازىمى بار.)
   بۇ بېيىتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر «قۇرئان»نىڭ تۆت يېرىدە ئۇچرايدۇ ۋە مۇنداق دېيىلىدۇ : «دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن ۋە كۈلكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىنىدىغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئاخىرەت يۇرتى ياخشىدۇر. بۇنى چۈشەنمەمسىلەر»⑨، «دۇنيا تىرىكچىلىكى ئويۇن ۋە كۈلكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئاخىرەت يۇرتى ھەقىقىي ھايات يۇرتىدۇر. كاشكى ئۇلار بىلسە ئىدى»⑩، «دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن ۋە تاماشادىن ئىبارەتتۇر. ئەگەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە گۇناھتىن ساقلانساڭلار، ئاللاھ سىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ. مال ــ مۈلكىڭلارنىڭ (ھەممىسىنى) بېرىشنى سورىمايدۇ، (پەقەت زاكات ۋە سەدىقە بېرىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ)»⑪ ، «بىلىڭلاركى، دۇنيا تىرىكچىلىكى ئويۇن، تاماشا، زىبۇ ــ زىننەت، بىر ــ بىرىڭلارنىڭ ئالدىدا پەخىرلىنىش، مال- مۈلۈك ۋە ئەۋلات كۆپەيتىش يولىدىكى بەسلىشىشتۇر. بۇ خۇددى ئۆستۈرگەن ئۈسۈملۈكى دېھقانلارنى خوش قىلغان يامغۇرغا ئوخشايدۇ، كېيىن ئۇ قۇرۇپ چۆپكە ئايلىنىدۇ. ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاپ بار، ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە رازىلىقى بار. دۇنيا تىرىكچىلىكى كىشىنى ئالدايدىغان بىر زوقتىن باشقا نەرسە ئەمەس»⑫.  

گۇناھ ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتى
   ئىنسان گۇناھتىن خالىي بولالمايدۇ. لېكىن ئاللاھ قايتا گۇناھ سادىر قىلماسلىق ئۈچۈن تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە گۇناھلىرىنى مەھپىرەت قىلىدۇ. ھېچقاچان ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىد ئۈزمەسلىك كېرەك. بۇ كەڭ دۇنيانى ئۆزىمىزگە نېمىشقا تار قىلىۋالىمىز؟
3649       بۇ كىڭ دۇنيا ئۆزگە كۈچۈن قېلما تار،
              يازۇقلۇغ قۇلىڭا بايات فازلې بار.
(بۇ كەڭ دۇنيانى ئۆزۈڭگە زورلاپ تار قىلىۋالما، گۇناھكار قۇلى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ فەزلى ۋە رەھمىتى بار.)

3674     يازۇقۇم ئۆكۈش تىپ ئۇمېنچ كەسمەگۈ،
             تاپۇغقا ئېنانىپ تاپۇغ ياسماغۇ.
(گۇناھىم تولا دەپ ئۈمىد ئۈزمەسلىك كېرەك، يالغۇز ئىبادەتكە ئىشىنىپلا ھەددىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك.)

5122       يانا مەن ئىدىمدىن ئۇمېنچ كەسمەدىم،
              يازۇق يارلېقاغلى ئول ئول بىر ئىدىم.
(شۇنداقتىمۇ مەن رەببىمدىم ئۈمىدىمنى ئۈزمىدىم،  پۈتكۈل گۇناھلارنى ئەپۇ قىلغۇچى ئۇ بىر رەھببىمدۇر.)
   «قۇرئان»نىڭ بىر ئايىتىدىمۇ ئىنسانلارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىد ئۈزمەسلىك ھەققىدە سۆزلىنىدۇ : «(مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيىتقىنكى، ئەي نەپسىگە بېرىلگەن قۇللىرىم ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىد ئۈزمەڭلار. ئاللاھ بارلىق گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى ئاسرىغۇچىدۇر»⑬.

ھەر نەرسىنىڭ ئۆتكۈنچىلىكى
    تۇغۇلغان ھەر جانلىق ئۆلىدۇ، ئۆرلىگەن نەرسە ھامان بىر كۈن پەسلەيدۇ. قىسقىسى، يارتقۇچى ئاللاھتىن باشقا ھەر نەرسە ئۆتكۈنچىدۇر:

1086       قايۇ كىم توغار ئەرسە ئۆلگۈ كەرەك،
                 قايۇ نەڭ ئاغار ئەرسە ئىلگۈ كەرەك.
(تۇغۇلغان ھەر كىشى ئۆلىدۇ؛ ئۆرلىگەن ھەر نەرسە پەسكە چۈشۈشكە مەجبۇر بولىدۇ.)
«قۇرئان»دا مۇنداق دېيىلىدۇ : «يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسە ئۆتكۈنچىدۇر (يوقىلىدۇ)»⑭.

ھاراق⑮
   ھاراق ئىنسانلارنىڭ ئەقلىنى قاپسىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئېغىر گۇناھلارنى سادىر قىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. سۆيگۈ باغلىرىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ، كىشىلەر ئارىسىغا ئۆچمەنلىك ۋە دۈشمەنلىك ھېسلىرىنى چاچىدۇ، سائادەت قولدىن كېتىدۇ :

1434        بور ئىچمە فەساددېن يىراق تۇر تەزە،
بۇ قاچ نەڭ يورېر تۇتچې بەگلىك بۇزا.
        (ھاراق ئىچمە، پىتنە ــ پاساتتىن يىراق تۇر، ئۇنىڭدىن قاچقىن؛ بۇلار ھەر ۋاقىت  مۈلۈككە ۋە سەلتەنەتكە زىيان سالىدىغان نەرسىلەردۇر.)

2096       بور ئىچمە ئايا بورچې بوغزې قۇلې،
                  بور ئىچسە ئاچېلدې چېغايلىق يولى.
(ھەي  ھاراق بېرىلگەن، گالنىڭ قۇلى  مەي ئىچمە؛ ھاراق  ئىچسەڭ ساڭا نامراتلىق يولى ئېچىلىدۇ.)

2655 بور ئىچمە بور ئىچمە بارېر ئەر قۇتى
        بور ئىچسە بولۇر تىلۋە مۇندۇز ئاتې.
( ھاراق ئىچمە،  ھاراق ئىچكەن كىشىنىڭ سائادىتى قولدىن كېتىدۇ؛  ھاراق ئىچكەن كىشىنىڭ ئېتى ساراڭ ۋە ئاخماق دەپ ئاتىلىدۇ.)

5263        بور ئىچمە فەسادقا قاتېلما يېرا،
                 بۇ ئىككى بۇزار قارشى ئوردۇ تۇرا.
( ھاراق ئىچمە، پىتنە ـــ فاساتقا قېتىلما، ئۇنىڭدىن يىراقلاشقىن؛ بۇ ئىككىسى قەسىر، ساراي ۋە قەلئەلەرنى گۇمران قىلىدۇ.)
     «قۇرئان»دا «ئەي مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، تىكلەنگەن تاش(بۇت)لارغا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش ۋە پالغا قاراپ ھەرىكەت قىلىش شەيتاننىڭ ئىشلىرى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر. بۇلاردىن يىراق تۇرساڭلار نەجاتلىققا ئېرىشىسىلەر»⑯، «شەيتان  ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك ۋە ئۆچمەنلىك پەيدا قىلماقچى، سىلەرنى ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن ۋە ناماز ئوقۇشتىن توسماقچى. ئەمدى (بۇلاردىن) يانمامسىلەر»⑰ دېيىلگەن.

ئىنسان ۋە ئاجىزلىق
    بۈيۈك ئىشلانى قىلىشتا غەلىبە قازانغان ئىنسان بالىسى كۆرۈنىشتە ناھايىتى كۈچلۈكتەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بەكلا ئاجىز ۋە كۈچسىزدۇر. ئىنسانلار تىرىشىپ ــ تىرمىشىپ ئاي شارىغا چىقىشتا مۇۋاپپىقىيەت قازاندى، يەنە تېخىمۇ ئىلگىرىلىمەكچى بولىۋاتىدۇ. ئەمما كىچىككىنە بىر كېسەللىك مىكروبى ئىنساننى كارىۋاتتىن قوپالماس ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىۋاتىدۇ. ئۆمرىنى ئارزۇ قىلغىنىدەك ئۆتكۈزەلمىگەن بۇ مەۋجۇتلۇقنىڭ خوشاللىقى ئاز، ئەلەملىرى كۆپتۇر. چۈنكى ئىنسان  يارالمىشىندىنلا ئاجىز يارىتىلغان:  

1056      تۇتۇپ چالدې يىركە ئاغېر ئىگ كەلىپ،
             تۆشەككە كىرىپ ياتتې مۇڭلۇغ ئۇلېپ،
(ئېغىر كېسەللىك كەلدى، ئۇنى تۇتۇپ يەرگە ئۇردى؛ دەرت ئىچىدە ئىڭراپ ئورۇن تۇتۇپ ياتتى.)

1122        نە مۇڭلۇغ تۇرۇر بۇ ئاپا ئوغلانې،
              تىلەك تەگ بۇلۇماز تىرىگلىك كۈنى،
(بۇ ئىنسان بالىسى نېمە دېگەن ئاجىز؛ ئۆمرىنى كۆڭلىدىكىدەك ئۆتكۈزەلمەيدۇ.)

1528        نە مۇڭلۇغ تۇرۇر كۆرسە يالڭۇق ئۆزى،
              يورېردا ياتار ئەتى كەسلۈر سۆزى.
(دىققەت قىلساڭ ئىنسان شۇ قەدەر ئاجىز بىر مەخلۇقتۇر؛ يۈرگەندە يەرگە يىقىلىدۇ، ئاۋازى كېسىلىدۇ.)

1732       ئاپا ئوغلانېن كۆرسە مۇڭلۇغ تىگۈ،
             بۈتۈن كۈن تىرەر نەڭ بۇلۇماز يىگۈ.
(ئىنسان بالىسى نىمە دېگەن بىچارە؛ ئۇ پۈتۈن كۈن مال يىغسىمۇ، يىيەلمەي  قالىدۇ.)

3055      نەتەگ تاپنۇغاي مەن بۇ ئول چىن سۆزۈم،
              ئايا مەڭۈ مۇڭسۇز بۇ مۇڭلۇغ ئۆزۈم.
(ئەي ئەبەدىي  ۋە غەمسىز رەببىم چىن سۆزۈمنى قىلسام؛ مەن بۇ ئاجىز ھالىم بىلەن ساڭا قانداقمۇ لايىقىدا قۇللۇق قىلاي.)

6199      نە مۇڭلۇغ تۇرۇر كۆرسە يالڭۇق ئۆزى،
             سەۋىنچى ئاز ئول بارچا قادغۇ تۆزى.
(دىققەت بىلەن كۆزەتسە، ئىنسان بالىسى شۇ قەدەر ئاجىز بىر مەخلۇقتۇر؛ خوشاللىقى ئاز ۋە ھەر نەرسە ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر قايغۇ يىلتىزىدۇر.)
ئىنساننىڭ ئاجىز يارىتىلغانلىقى «قۇرئان»دا مۇنداق ئىپادە قىلىنغان: «ئاللاھ سىلەرنىڭ (ئېغىر يۈكىڭلارنى) يېنىكلىتىشنى خالايدۇ. چۈنكى ئىنسان ئاجىز يارىتىلغان»⑱.

ئىنساننىڭ كۈچى
     ئىنسانلارغا چامىسى يەتمەيدىغان ئىشنى ئاللاھمۇ بۇيرىمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا قۇدرىتىدىن ھالقىغان ئىش قىلدۇرماسلىق كېرەك. بولمىسا ئاللاھ بۇنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ:

4528      كۈچىڭە تەڭەشى يۈدۈرگىل يۈكىن
              ئايېتغاي سەنىڭدىن بايات ئەركلىگىن
(ئۇلارغا كۈچىگە يارىشا يۈك ئارتقىن ؛ قادىر خۇدا بۇنىڭ ھېسابىنى سەندىن ئالىدۇ.)
   
4529      ئايې ئارتۇق ئەمگەك تەگۈرمە ئاڭار
                بايات ئول ساڭا ھاسمى ئاندىن سېڭار
    (ئۇلارغا كۈچى يەتمەيدىغان ئىش قىلدۇرۇپ زۇلۇم سالما، بولمىسا ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولىسەن)
        بۇ بېيىتلەردىكى مەنىنى تۆۋەندىكى ئايەتلەردىن كۆرىمىز : «ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنىڭ ساۋابى ئۆزىگىدۇر، يامانلىقىنىڭ جازاسىمۇ ئۆزىگىدۇر. ‹پەرۋەردىگارىمىز!  ئەگەر بىز ئۇنۇتساق ياكى خاتالاشساق، بىزنى جازاغا تارتمىغىن. پەرۋەردىگارىمىز! بىزدىن ئىلگىرىكىلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش  بىزگە ئېغىر يۈك يۈكلىمىگىن. پەرۋەردىگارىمىز! كۈچىمىز يەتمەيدىغان نەرسىنى بىزگە ئارتمىغىن. بىزنى كەچۈرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن. سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، كافىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن»⑲.

ياخشىلىق
     بۇ ئۆتكۈنچى دۇنيادا  مەڭگۈ قالىدىغان ياخشىلىىقلارنى قىلىش كېرەك. ئەگەر ئىنسان يامانلىق قىلسا ئۆزىگە قىلغان بولىدۇ. ياخشلىق ھەر ئىككى دۇنيادا ئىنساننى سائادەتلىك بىر ھاياتقا ئېرىشتۈرىدۇ:
  
227   قالې ئەدگۈ بولماق تىلەسە ئۆزۈڭ،
     يورى ئەدگۈلۈك قېل كەسىلدى سۆزۈڭ.
(ئەگەر ئۆزۈڭگە ياخشلىق تاپماقچى بولساڭ ، يۈر، ياخشىلىق قىل ، باشقا سۆزگە نە ھاجەت)

345 يورې ئەدگۈلۈك قېل ئاي ئەدگۈ كىشى،
      ئىتىگلىگ بولۇر تۇتچې ئەدگۈ ئىشى
(ئەي ياخشى ئىنسان،  يۈر، ياخشىلىق قىل، ياخشىنىڭ ئىشى ھەمىشە  ئوڭۇشلۇق بولىدۇ)

914 بۇ ئەدگۈ تىلەگلى نەگۈ تىر ئەشىت
      قامۇغ ئەدگۈلۈك قىل ئۆزۈڭكە ئىش ئىت.
(ياخشىلىق تىلىگەن كىشى نېمە دەيدۇ، ئاڭلا؛ دائىم ياخشلىق قىل،  ياخشىلىقنى ئۆزۈڭگە ھەمرا قىل)

929 ئىسىز قېلسا ئىسىز يانۇتې ئۆكۈنچ،
          ئۇسا ئەدگۈلۈك قېل ئىسىزكە ئۆچۈن.
(يامانلىق قىلساڭ، ئۇنىڭ  جاۋابى پۇشايماندۇر؛ قولۇڭدىن كەلسە يامانغا ياخشىلىق قىل، ئۆچ ئال)

1296    قامۇغ ئەدگۈلۈك قېل ئىسىزدىن يېرا،
قامۇغ ئەدگۈ كەلگەي سەن ئولدۇر تۇرا.
        (دائىم ياخشىلىق قىل، يامانلىقتىن يىراق تۇر؛  مەيلى ئولتۇر،  مەيلى تۇر، بۇلاردىن ساڭا ھەر ۋاقىت ياخشىلىق كېلىدۇ)

1315  كىشى ياسې قولما ئۆزۈڭ قېلما ياس،
             نەچە ئەدگۈلۈك قىل ھاۋا ئارزۇ باس.
        (كىشىگە زىيانلىق تىلىمە، ئۆزۈڭمۇ زىيان سالما؛ دائىم ياخشىلىق قىل، ھاۋايى ــ ھەۋەستىن ئۆزۈڭنى باس.)

1330    بولۇ بىرسە دەۋلەت كۈۋەزلەنمەگىل،
            ئۇسا ئەدگۈلۈك قېل ئىسىز قېلماېل.
        (سائادەتكە ئېرىشسەڭ مەغرۇرلانمىغىن؛ قولۇڭدىن كېلىشچە ياخشىلىق قىل، يامانلىق قىلما.)

        1508   ئىسىزكە ياغۇما يېراق تۇر تەزە،
                   يورې ئەدگۈلۈك قېل يورېق يول تۈزە.
       (يامانغا يېقىنلاشما، ئۇنىڭدىن قېچىپ يىراق تۇر؛ دائىم ياخشىلىق قىل، مىجەز ۋە ھەرىكىتىڭنى تۈزە.)

5088     ئىسىز قېلماغېل سەن ئاي ئەلگى ئۇزۇن،
                    قامۇغ ئەدگۈلۈك قېل قېلېنچېن سۆزۈن.
        (ئەي قۇدرەت ئىگىسى، يامانلىق قىلما؛ سۆز، ھەرىكەتلىرىڭ بىلەن ھەر ۋاقىت ياخشىلىق قىل.)

5249      يورې ئەدگۈلۈك قېل ئەكىن ئەدگۈلۈك،
                     ساڭا ئەدگۈ بولغاي ئاچۇ مەڭۈلۈك.
        (يۈر، ياخشىلىق قىل، ياخشىلىق ئۇرۇغىنى تېرىغىن؛ بۇنىڭدىن سەن مەڭگۈلۈك ياخشىلىق تاپىسەن.)

        5354       بارېغلى تۇرۇر بۇ ئاژۇن قالغۇسۇز،
                    ئۆزۈڭ ئەدگۈلۈك قېل يىتىپ بارغۇسۇز.
        (بۇ دۇنيا ئۆتكۈنچىدۇر، ھەرگىز تۇرمايدۇ؛ سەن يوقالمايدىغان بىر ياخشىلىق قىل)

5306 قاتېغلان ئۆزۈڭنى تامۇدېن يېرات،
         قامۇغ ئەدگۈلۈك قېل كۈدەزگەي بايات.
       (ئۆزۈڭنى دوزاقتىن يىراقلاشتۇرۇشقا تىرىشقىن؛ ھەر ۋاقىت ياخشىلىق، ئاللاھ سېنى قوغدايدۇ)

5744ئۆزۈڭ ئەدگۈلۈك قېل تۆرۈ ئەدگۈ ئۇر،
         تىرىل ئىكى ئاژۇن ئىسىز كۆرمە سەن.
       (سەن ياخشلىق قىل، ياخشى قانۇننى يولغا قوي ؛ ھەر ئىككى دۇنيادا يامانلىق كۆرمەي ياشايسەن.)

        بۇ مەنىدە تۆۋەندىكى ئايەتلەرنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ : «چۈنكى ئاللاھ، تەقۋادارلىق قىلغۇچىلار ۋە ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر»⑳، «ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل ــ مال سەرپ قىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار، ياخشىلىق قىلىڭلار، ياخشىلىق قىلغۇچىنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ.»(21)

كافىرلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئۆلۈش
    ئىسلام ئېتىقادىغا كۆرە، ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلغاندا ئۆلگەنلەر شېھىت بولىدۇ. شۇ سەۋەبلىك دىنگە ئېشەنمەيدىغانلارنىڭ قارىشىچە، مۇسۇلمانلار ئۇرۇشلاردا ناھايىتى تەشەببۇسكار ۋە جەسۇر بولىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىك بىزنىڭ مىللىتىمىزدىمۇ ناھايىتى گەۋدىلىكتۇر. شېھىت بولغان بولسا ئۆلگەن ھېسابلانمايدۇ. ئۇلار ھەقىقەتەن تىرىكتۇر، لېكىن بىز چۈشىنەلمەيمىز:

5485     بۇ كافىر ئۈچۈن تۇت ئەر ئات سۈ تولۇم،
             ئۆلۈپ تۈشسە كافىردە بولماز ئۆلۈم.
        (ئەسكەر، قوشۇن ۋە قورالىڭنى كافىرلارغا توغرىلا؛ كافىرلار بىلەن  بولغان ئۇرۇشتا ئۆلۈش ئۆلۈم ئەمەس.)
        بۇنىڭ «قۇرئان»دىكى ئىپادىسى مۇنداق : «ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ‹ئۆلۈك› دېمەڭلار، بەلكى بۇلار تىرىكتۇر، لېكىن سىلەر بۇنى سەزمەيسىلەر»(22).

كىشىنىڭ ئۆزىنى نابۇت قىلماسلىقى
   ئىنسان باشقىلارغا پايدىلىق ئادەم بولۇشى، ئۇلارغا ياخشىلىق ۋە  شەپقەت قىلىشى لازىم. ئەمما بۇلارنى قىلغاندا  ئۆزىنى نابۇت قىلماسلىقى، بۇ دۇنيادا قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى بىلىشى كېرەك:

3624كۆيۈردە كۈيۈرمە ئۆزۈڭنى كۈچۈن،
ئۆزۈڭ ئوتقا ئاتما بۇ دۇنيا ئۈچۈن.
(ئۆزۈڭنى زورمۇزور ئوتتا كۆيدۈرمە؛ بۇ دۇنيا ئۈچۈن ئۆزۈڭنى ئوتقا ئاتما.)

  5186ئۆزۈڭ ئوتقا ئاتما كىشىلەر ئۈچۈن،
          ئۆزۈڭنى كۈيۈرمە كۆرۈردە كۈچۈن.
        (ئىنسانلار ئۈچۈن ئۆزۈڭنى ئوتقا ئاتما؛ ئۆزۈڭنى زورمۇزور ئوتتا كۆيدۈرمە.)
        بۇ بېيىتلەردىكى مەنا «قۇرئان»نىڭ شۇ ئايەتلىرىدە بار: «ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل ــ  مال سەرپ قىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار، ياخشىلىق قىلىڭلار، ياخشىلىق قىلغۇچىنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ.»(23)

يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇش ۋە ئەپۇ قىلىش
   يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرغان كىشى ياخشى بىر ئىش قىلغان ھېسابلىنىدۇ. يامانلىقنى قىلغان كىشى بۇ ياخشىلىقنى كۆرگەندە ئەلۋەتتە قىلغان ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلىپ، كەچۈرۈم سورۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئەپۇ قىلغۇچى ھەر ۋاقىت ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ:

3426ئىرىگ سۆزكە يۇمشاق يانۇت قېلسا ئۆز،
        ئاچېغ سۆزلەسەلەر سۈچىگ تۇتسا سۆز.
        (قوپال سۆزگە سېلىق جاۋاب بېرىش ۋە ئاچچىق سۆزگىمۇ تاتلىق سۆز بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك.)

        3427 كىشى يۈكى يۈدسە يۈدۈرمەسە يۈك،
                   جەفا قېلسالار بۇ ۋەفا قېلسا شۈك.
        (باشقىلارنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈش، لېكىن باشقىلارغا يۈك بولماسلىق كېرەك؛ جاپا سالغانلارغا ئۈن دېمەي، ۋاپا كۆرسىتىش كېرەك.)

  بۇنىڭ بېيىتلەرگە ئالاقىدار «قۇرئان»دىكى ئايەتلەر مۇنداق : «سىلەر ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن بىر ياخشىلىقنى قىلساڭلار ياكى بىرەر يامانلىقنى كەچۈرسەڭلار(ساۋاب تاپىسىلەر). شۆبھىسىزكى، ئاللاھ ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر»(24)،«كىمكى سەۋىر قىلسا، (ئۆزىگە قىلىنغان يامانلىقنى) ئەپۇ قىلسا، ئەلۋەتتە بۇ ناھايىتى مۇھىم ئىشلاردىن بىرىدۇ»(25).

ئۆلۈم
   ئىنسان بۇ دۇنيادىن ئۆلۈم بىلەن ئايرىلىدۇ. بۈگۈنگىچە ئۆلۈمنىڭ پەنجىسىدىن   قۇتۇلۇپ قالغانلار بولمىغان، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولمايدۇ. چۈنكى، پۈتۈن جانلىق ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر:

233نەگۈ تىر ئەشىتگىل كىشى ئەدگۈسى،
      يورېپ تېن توقېغلى ئاخېر ئۆلگۈسى.
        (كىشىلەرنىڭ ياخشىسى نېمە دەيدۇ، ئاڭلا؛ نەپەس ئېلىپ يۈرۈۋاتقان جانلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرى ئۆلىدۇ.)

1201توغۇغلې تىرىگلەر ئۆلۈمكە سانې،
       ئۆلۈمكە توغۇغلې تىرىگ كىم قانې.
         (بىلگىنكى، تۇغۇلغان ھەر بىر جانلىق ئۆلىدۇ ؛ ئۆلۈم ئۈچۈن تۇغۇلغان جانلىقلاردىن   كىم تىرىك قالدى؟)

        1347      ئۆلۈمكە تۆرۈتتى بۇ سانسېز قونۇم،
                   تىرىگ بارچا ئۆلگۈ ئاڭار يوق ئۆلۈم.
        (بۇ سانسىزلىغان مەخلۇقاتنى ئۇ ئۆلۈم ئۈچۈن ياراتتى؛ بارچە تىرىك ئۆلگۈسىدۇر، بىراق ئۇنىڭغا ئۆلۈم يوق.)

         1472      سىزىكسىز ئۆلۈم بىر كۈن ئاخېر كەلىر،
                    تىرىلمىش بۇ جانلېغ جانېم ئالغانېر.
         (شۆبھىسىزكى، بىر كۈن ئاخىر ئۆلۈم كېلىدۇ ۋە پۈتكۈل جانلىقلارنىڭ جېنىنى ئالىدۇ.)

         3621 سىزىكسىز ئۆلۈر كۆر تىرىگ بولداچې،
                    قايۇ كۈن ئۆلۈرۈگ يوق ئول بىلدەچى.
         (قارا، ھايات ياشىغانلار شۆبھىسىزكى ئۆلىدۇ؛ لېكىن قايسى كۈنى ئۆلىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلار يوق.)

          5607ئاتېم ئەدگۈ بولسۇن ئۆزۈم ئۆلسۈنى،
                     تىرىگ ئۆلگۈ ئاخېر ئاتېم قالسۇنې.
          (ئۆزۈم ئۆلەي، نامىم ياخشى بولسۇن؛ تىرىك ئاخىر ئۆلىدۇ، دۇنيادا نامىم قالسۇن.)
    «قۇرئان» دا بۇ ھەقتە مۇنداق ئاياتلەر بار :  «ھەر بىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنىڭ ئەجرىڭلار  قىيامەت كۈنى تولۇق بېرىلىدۇ. كىمكى دوزاقتىن يىراق قىلىنغان ۋە جەننەتكە كىرگۈزۈسە، ئۇ نېجاتلىققا ئېرىشكەن بولىدۇ. دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئالدايدىغان زوقتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر»(26)،  «ھەر بىر جاندار ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر، ئاندىن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىسىلەر»(27)، «ھەر بىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر.  سىلەرنى بىز يامانلىققا مۇپتىلا قىلىش، ياخشىلىق بېرىش ئارقىلىق سىنايمىز. (ئاخىرىدا) بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر»(28).

سۆزنىڭ توغرىلىقىنى ئېنىقلاش
    بىر سۆزنى ئاڭلىغان چېغىمىزدا ئۇنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ياخشى ئېنىقلىشىمىز لازىم. بىلمەستىن باشقىلارغا بىر يامانلىق قىلسىڭىز كېيىن بۇ قىلغىنىڭىزغا پۇشايمان قىلىسىز:

5873      ساڭا كىم يوڭاسا ئەشىتگىل سۆزىن،
                   چېنېڭ يالغانېن كەد ئايېت تۈپ تۆزىن.
        (ساڭا كىم (مېنى) چاقسا، سۆزىنى ئاڭلا؛ لېكىن بۇنىڭ راست ــ يالغانلىقىنى ، تېگى - تەكتىنى سۈرۈشتۈر.)
«قۇرئان»دىكى ئايەتلەرنىڭ بىرىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، ئۇنىڭ راست ــ يالغانلىقىنى ئېنىقلاڭلار.  بولمىسا بىلمەستىن بىرەر قەۋمگە يامانلىق قىلىپ، ئاخىر پۇشايمان قىلىسىلەر»(29).

مىننەتدارلىق  
    ئىنسان ئۆزىگە بىر نەرسىلەرنى ئىلتىپات قىلغۇچىغا رەھمەت ئېيىتىپ، ئۇنىڭغا ئەدەب بىلەن مۇئامىلە قىلسا، باشقا ۋاقىتلاردىمۇ ئىلتىپاتقا ئېرىشىدۇ. نېمەتنىڭ ئەسلى بەرگۈچىسى بولغان ئاللاھمۇ  مىننەتدار بولۇشنى بىلگەن كىشىگە نېمىتىنى  ئاشۇرۇپ بېرىدۇ:   

756    شۈكۈر قېل ئاي نىمەت ئىدىسى ئۇنۇر،
           شۈكۈر قېلسا نىمەت بايات ئارتۇرۇر.
        (ئەي نېمەت ئىگىسى بولغۇچى ئەزىمەت، شۈكۈر قىل؛ شۈكۈر قىلساڭ ئاللاھ نېمەتنى ئاشۇرىدۇ.)

        6450      سەبىر قېلسا مىھنەت بولۇر نىمەتىڭ،
                   شۈكۈر قېلسا نىمەتقا ئارتار تىگىل .
        (سەۋر قىلساڭ، مۇشەققىتىڭ نېمەت بولىدۇ؛ نېمەت ئۈچۈن شۈكۈر قىلساڭ، نېمىتىڭ تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، بۇنى بىل.)
        بۇنىڭغا ئالاقىدار ئايەت مۇنداق : «ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭلار : ‹نېمىتىمگە شۈكۈر قىلساڭلار، (ئۇنى) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن، ئەگەر (كۇفرانى نېمەت) قىلساڭلار، مېنىڭ ئازابىم ئەلۋەتتە بەكمۇ قاتتىق بولىدۇ› دەپ جاكارلىدى»(30).

زىنا
        بىر مۇنچە ئائىلىلەردە ئاجرىشىشنىڭ سەۋەبى بولغان ۋە ئىجتىمائىي ھاياتنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان زىنا ئىسلامىيەت چەكلىگەن ئىشلاردىن بىرىدۇر. ئۇ راھەتسىزلىك ۋە  يوقسۇللۇقنىڭ مەنبەسىدۇر. شۇ سەۋەبلىك ، «قۇتادغۇ بىلىگ»دىمۇ كىشىلەرگە زىنا قىلماسلىق ھەققىدە نەسىھەت قىلىنغان :

1337     بور ئىچمە زىناقا قاتېلما ھەزەر،
             بۇ ئىككى چېغايلېق تونېنې كەدەر.
        ھاراق ئىچمە، زىنا قىلما، ھەزەر قىل؛ بۇ ئىككىسى ئىنسانغا يوقسۇللۇق تونىنى كىيگۈزىدۇ.)
   
  4409      چىغاي بولمايېن  باي بولايېن تىسە،
                 زىنا قېلما ھەرگىز قاتېغلان ئۇسا.
      (نامرات بولماي، دائىم باي ياشاي دېسەڭ؛  زىنا قىلما، ئۆزۈڭنى قاتتىق تۇت.)   
      زىنا ھەققىدە «قۇئان»دا مۇنداق بىر ئايەت بار. «زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ  قەبىھ بىر ئىشتۇر، ناھايىتى يامان يولدۇر»(31).

ئىزاھلار :
① ئالدىنقى بۆلۈمدىكى 43 – ئىزاھاتقا قاراڭ
② خالىل ئەرسويلۇنىڭ ئەسىرىدە تەتقىق قىلىنغان بېيىتلەر تۆۋەندىكىلەردۇر : نەزمىي مۇقەددىمە، Ⅰ، 3-8- بېيىتلەر، ئەسلى مەتىن، 1-33، 148-، 150-، 339-، 1334-، 2103، 3227-، 3982-، 6483- بېيىتلەر.
③ ئەرسويلۇ : يۇقىرىقى ئەسەر، 18- 19- بەتلەر.
④ «قۇرئان»، نەمل سۈرىسى، 30- ئايەت.
⑤ نەزمىي مۇقەددىمىنىڭ 6- بېيىتى بىلەن ئەسلى مەتىننىڭ 4- بېيىتىمۇ بۇ تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇلار ئىلگىرى دوكتور خالىل ئەرسويلۇ تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنغان.  ئەرسويلۇ : يۇقىرىقى ئەسەر، 20- بەت.
⑥ «قۇرئان»، نەھل سۈرىسى، 40- ئايەت.
⑦ «قۇرئان»، بەقەرە سۈرىسى، 117- ئايەت.
⑧ «قۇرئان»، ئەئراف سۈرىسى، 199- ئايەت.
⑨ «قۇرئان» ، ئەنئام سۈرىسى، 32- ئايەت.
⑩ «قۇرئان»، ئەنكە بۇت سۈرىسى، 64- ئايەت.
⑪ «قۇرئان» مۇھەممەد سۈرىسى، 36- ئايەت.
⑫ «قۇرئان»، ھەدىد سۈرىسى، 20- ئايەت.
⑬ «قۇرئان»، زۇمەر سۈرىسى، 53- ئايەت.
⑭ «قۇرئان»، رەھمان سۈرىسى، 26- ئايەت.
⑮1334 – ۋە 2103- بېيىتلەرمۇ ھاراق بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئەمما، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ تەتقىقاچىلار بۇ ھەقتە توختالغان. ئەرسويلۇ : يۇقىرىقى ئەسەر، 38- بەت.
⑯«قۇرئان»، مائىدە سۈرىسى، 90- ئايەت.
⑰«قۇرئان»، مائىدە سۈرىسى، 91- ئايەت.
⑱ «قۇرئان»، نىسا سۈرىسى، 28- ئايەت
⑲ «قۇرئان»، بەقەرە سۈرىسى، 286- ئايەت.
⑳ «قۇرئان»، نەھل سۈرىسى، 128- ئايەت
(21) «قۇرئان»، بەقەرە سۈرىسى، 195- ئايەت.
(22) «قۇرئان»، بەقەرە سۈرىسى، 154- ئايەت.
(23) «قۇرئان» بەقەرە سۈرىسى، 195- ئايەت.
(24) «قۇرئان»، نىسا سۈرىسى، 149- ئايەت.
(25) «قۇرئان»، شۇرا سۈرىسى، 43- ئايەت.
(26) «قۇرئان»، ئەل ئىمران سۈرىسى، 195- ئايەت.
(27) «قۇرئان» ئەنكە بۇت سۈرىسى، 57- ئايەت.
(28) «قۇرئان»، ئەنبىيا سۈرىسى، 35- ئايەت.
(29) «قۇرئان»، ھۇجۇرات سۈرىسى، 6- ئايەت.
(30) «قۇرئان»، ئىبراھىم سۈرىسى، 7- ئايەت.
uyghuray

7

تېما

2

دوست

2366

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12484
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 110
تۆھپە : 649
توردىكى ۋاقتى: 155
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-8 12:40:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kungun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-8 15:45  

دۆلەت ئىچىدىكى تاھارەتسىز تەتقىقاتچىلار بۇ نۇقتىنى ھېلى بۇددىزمغا، ھېلى گىرىك پەلسەپىسىگە، ھېلى كۇڭزىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈپ كەلگەن، ئەمما يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بىر مۇسۇلمان يازغۇچى ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقىرىشىپ قويغان، شۇنىڭ بىلەن ئەسەرنىڭ بىر قىسىم مەزمۇنى بۇرمىلىنىپ چۈشەندۈرۈلگەن. «قۇتادغۇ بىلىگ»نى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئاۋۋال ئىسلام دىنى بىلەن پىششىق تونۇشۇش، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي مۇھىتىنى چۈشىنىش كېرەك ئىدى. بىراق ھازىرغا قەدەر ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنىڭ ھەممىسى ئەسەرنىڭ ئەسلى مۇھىتىنى قايرىپ قويغان ھالدا ئېلىپ بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ئەسەرنى بەزى تەتقىقاتچىلار «شاھنامە»نىڭ تەقلىدى نۇسخىسى دېسە، يەنە بەزىلىرى فارابىنىڭ «پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى»نىڭ تەقلىدى نۇسخىسى دېدى. ئىشىقىلىپ ئەسەرنىڭ مەزمۇنى بۇرمىلانغا ھالدا چۈشەندۈرۈلدى. شۇڭا بۇ ئەسەرنى ئىسلام دىنىنى تۇتقا قىلىپ تەتقىق قىلىش بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇشى كېرەك. ئەلۋەتتە دۆلىتىمىزدە نوپۇزغا چوقۇنۇش سەۋەبلىك كۆپ قىسىم قەدىمقى ئەسەرلەردە كۇڭزىنىڭ تەسىرى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئەمما كىتابنىڭ بېشىغا كۆچۈرگۈچى كاتىپ تەرىپىدىن ئىلاۋە قىلىنغان بايانلاردىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تەقۋادار مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلگىلى بولىدۇ. شۇڭا ئەسەرنى ئىسلام نۇقتىسىدىن تۇرۇپ قايتىدىن تەتقىق قىلسا يېڭى نەتجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بىزدە بۇ تېخى ئېچىلمىغان بوشلۇق، «قۇتادغۇ بىلىگ»نى ئوقۇغان ھەربىر ئادەم خۇددى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇغاندەك تەسىرىگە كېلىدۇ.

1

تېما

5

دوست

3929

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   64.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17559
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1170
توردىكى ۋاقتى: 137
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-8 19:34:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kungun يوللىغان ۋاقتى  2016-3-8 12:40
دۆلەت ئىچىدىكى تاھارەتسىز تەتقىقاتچىلار بۇ نۇقتىنى ھې ...

قوللايمەن. دېگەنلىرىڭىز ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق

0

تېما

9

دوست

6882

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   37.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36733
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 2218
توردىكى ۋاقتى: 157
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-9 06:38:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
lilla1 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-9 01:13
ئۇشبۇ  ئەسەرنى ئوقۇغاندا بىز ئۇيغۇرلار مۇتلەق چۈشەنمە ...

‹‹قۇداتغۇ بىلىك››نى نىڭ تىلىنى  ۋە  يېزىقىنى، سەندەك يەسلى باللىرى چۈشەنمەيدۇ !بوۋاق ......!بۇگۇن ئاياللار بايرىمىدا يەسلىدىكى خانىملارنى دەم ئېلىشقا قويۋتىپ ، يايلاقتىكى ئۆيىڭگە كىلىپ ،بۇ مۇنبەرگە تىزىملىتىپسەن -ھە !مۇنداق ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى تەسۋىرلەنەگەن تارىخ كىتاپلارنى كۆرگىن بوۋىقىم !
16-ئەسىردە ياشىغان مىرزا ھەيدەر كوراگاننىڭ ‹‹تارىخىي رەشىدى ››دىگەن دۇنياۋى ئەسىرىنىڭ 766-بەتتىن  789-بەتكىچە ، دۇنياۋى تۈركولوگىيە ئاتىسى ۋ.بارتولىد نىڭ ‹‹ قەدىمقى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركى خەلىقلەر تارىخى توغرىسىدا 12لىكسىيە ››نىڭ 122-بەت326-بەت ، 370-بەتنى ۋەجۇڭگۇنىڭ داڭلىق تارىخچىسى   ۋىيلىڭتاۋنىڭ ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى -2››دىگەن كىتاۋىنىڭ ئاخىرقى باپنى ئوقۇساڭ ‹‹قۇتادغۇ بىلىك››نى قانداق ئادەمنىڭ -كىمنىڭ يازغىنىنى ،ھازىرقى قايسى مىللەتكە تەئەللۇق ئىكەنلىگىنى بىلەلەيسەن !
uyghuray

0

تېما

0

دوست

1559

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   55.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34315
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 504
توردىكى ۋاقتى: 118
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-9 07:13:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
lilla1 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-9 01:13
ئۇشبۇ  ئەسەرنى ئوقۇغاندا بىز ئۇيغۇرلار مۇتلەق چۈشەنمە ...

203       بىلىگسىز بىلە ھىچ سۆزۈم يوق مەنىڭ،
              ئاي بىلگە ئۆزۈم ئۇش تاپۇغچې سەنىڭ
ھىچبولمىغاندىمۇ بىرىنچى بىيىتنى چۈشىنەلايدىغانسىز ھە؟

0

تېما

1

دوست

723

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   44.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  58132
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 216
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-9 13:40:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرغىزچە بىلەن 90 پىرسەنت وقشايدىكەن دىسەم يەنە ھانەتكە قالارمەنمۇ؟

2

تېما

2

دوست

1123

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   12.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18489
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 322
توردىكى ۋاقتى: 106
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-9 14:59:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kyrgyz2 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-9 13:40
قىرغىزچە بىلەن 90 پىرسەنت وقشايدىكەن دىسەم يەنە ھانەتك ...

نۇمۇس,نۇمۇس。الىمنڭ ېتى يۈسۈپ,جۈسۈپ ەمەس。ەسەرنىڭ نامى قۇتادغۇ بىلىك قۇتاتىۋ بىلىك ياكى قۇتاتشى بىلىك ەمەس  غۇ قۇشۇمچىسى ۇيغۇر تىلىغا خاس تىل جەھەتتىن ھازىرقى ۇيغۇر تىلىغا يېقەنلىقى ھەممىگە ايدىڭ 。ەھمەت زىياىنىڭ مۇشۇ توغرىلىق ماقالىسىنى كۆرۈپ باققىن

2

تېما

2

دوست

1123

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   12.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18489
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 322
توردىكى ۋاقتى: 106
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-9 15:02:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
lilla1 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-9 01:13
ئۇشبۇ  ئەسەرنى ئوقۇغاندا بىز ئۇيغۇرلار مۇتلەق چۈشەنمە ...

قەستەن ھ نى قاتىمەن دەپ قىپچاق تىللىق ىكەنلىگىڭنى بەكلا چاندۇرۇپسەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )