قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 10747|ئىنكاس: 31
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئوسمان ئىسمايىل تارىم: ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈرمەيلى

 تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

30

تېما

44

دوست

400 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8883
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 800076
تۆھپە : 802847
توردىكى ۋاقتى: 3343
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24

تۆھپىكار باشقۇرغۇچى

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-8 01:29:58 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈرمەيلى

ئوسمان ئىسمايىل تارىم


   ئىككىنچى ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، جاھانناما، كارۋان، مۇزىكام قاتارلىق توربېكەت ۋە ئۈندىدار سالونلىرىدا «تۇغقان» ناملىق بىر پارچە شېئىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نامىدا ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىندى. مەزكۈر شېئىر ھازىرمۇ ئۈندىداردا كەڭ تارقىتىلماقتا. بۇ شېئىر يەتتە كوبلېتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتنىڭ بارغانسېرى سۈسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىش ھېسسىياتى ئىپادە قىلىنغان.
   «تۇغقان» ناملىق بۇ شېئىر گەرچە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نامىدا ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرلىرى بىلەن تونۇش ھەرقانداق ئوقۇرمەن بىر قاراپلا، بۇ شېئىرنىڭ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ۋەزىن ئۆلچىمى، ھېسسىيات ئىپادىلەش دەرىجىسى ۋە شېئىرىي تىل ئىشلىتىش جەھەتلەردە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرىلىرىدىن تولىمۇ تۆۋەن دەرىجىدە تۇرىدىقانلىقىنى بايقىۋالالايدۇ.
    بىزنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى، 3-ئاينىڭ 1-كۈنى بۇ شېئىرنىڭ ھەقىقى ئاپتۇرى ئوتتۇرىغا چىقىپ، بۇ ھەقتە كارۋان تورىدا مۇنداق چۈشەنچە بەردى: « يېقىندا ‹بىر تۇغقان› دېگەن شېئىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نامىدا ھەرقايسى ئۈندىدار سالونلىرىدا ئېلان قىلىنىپ،  ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. بۇ شېئىرنى ئەسلى مەن يازغان، 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى ‹بورىتالا گېزىتى› دە ‹ئۇنتۇپ قالما ئۆيۈمنى› دېگەن نامدا ئېلان قىلىنغان. مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر خەلقىمىزنىڭ سۆيۈملۈك ئالىمى. مەن ئۆز ئەسىرىمنىڭ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نامىدا ئېلان قىلىنغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن. بىراق بەزى تورداشلار ماڭا ‹سەن نومۇس قىلماي ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئەسىرىنى كۆچۈرىۋاپسەن› دەپ مېنى ئەسەر ئوغرىسى قىلىپ قويدى. مەن ئامالسىز ئۆزەمنى ئاقلاشقا مەجبۇر بولۇپ، ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئەۋەتتىم. شۇڭا توغرا چۈشىنىڭلار. مەن ئوغرى ئەمەس. پەقەت ئازراق سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن بۇ ئەسىرىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نامىدا ئېلان قىلىنغان. مەن ئەسىرىمنى ياقتۇرغان تورداشلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ ئىشنى توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھۆرمەت بىلەن بورتالا 5-دىۋىزىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى جۈرئەت نىزام.»
    مەن بۇ چۈشەندۈرۈشنى كۆرگەندىن كېيىن ، تولىمۇ بىئارام بولدۇم. بىز مەزكۈر باياندىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نامىدىكى بۇ شېئىرنىڭ ھەقىقى ئېگىسى جۈرئەت نىزام ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدۇق. بىراق جۈرئەت نىزام «مەن ئۆز ئەسىرىمنىڭ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نامىدا ئېلان قىلىنغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن» دەپتۇ. بۇ يەردە بىز ئاپتۇرغا ھەقلىق يوسۇندا شۇنى دېمەكچىمىزكى، سىز پەخىرلەنگەن بولسىڭىز، بىز نومۇس قىلدۇق!  سىزنىڭ بۇ بەدىئىلىكى تۆۋەن شېئىرىڭىز  ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ نامىدا ئېلان قىلىنىپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈردى. بىز بۇنىڭدىن غەزەپلەندۇق!
   سىز يەنە بەزى تورداشلار مېنى ئەسەر ئوغرىسى قىلىپ قويغاچقا، مەن ئامالسىز ئۆزەمنى ئاقلاشقا مەجبۇر بولدۇم دەپسىز. بۇ سۆزىڭىزدىن، ئەگەر بەزىلەر بۇ ساختىلىقنى سىزىۋالمىغان بولسا، سىزنىڭ بۇ ھەقتە مەڭگۈ سۈكۈت قىلماقچى بولغانلىقىڭىز، شېئىرىڭىزنىڭ مەڭگۈ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نامىدا تارقىلىپ يۈرىشىگە يول قويماقچى ئىكەنلىكىڭىز بىلىنىپ تۇرىدۇ. سىز نېمە دېگەن قاپ يۈرەك ھە؟ ئۆزىڭىز يازغان شېئىرنىڭ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نامىدا ئېلان قىلىنىشى بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ يۈكسەك ئىززەت-ھۆرمىتىگە نۇقسان يېتىشىگە سۈكۈت قىلىدىغان، ھەتتا ئۇنىڭدىن خۇشال بولىدىغان ھوقۇقنى كىم بەردى سىزگە؟! سىزنىڭ «ئازراق سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن بۇ ئەسىرىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نامىدا ئېلان قىلىنغان. مەن ئەسىرىمنى ياقتۇرغان تورداشلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ ئىشنى توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دىگەن سۆزىڭىزنى قانداق چۈشەنسەك بولار؟ ئۆزىڭىزنىڭ شېئىرىنى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ نامىدا ئېلان قىلىش سەۋەنلىكتىن بولغانمۇ؟ ئۇ قانداق سەۋەنلىك؟ سىز بۇ «سەۋەنلىك»تىن پۇشمان قىلىش ئورنىغا خۇش بولدىڭىز، پەخىرلەندىڭىز، شۇنداقمۇ؟
   شۇنى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سەمىگە سالماقچىمىزكى، يېقىندىن بۇيان بەزىلەر ئۆزى ئويلاپ تاپقان ئىنتايىن ئاددىي سۆزلەرنى مەھمۇد كاشغەرىنىڭ سۆزى، ئۆزى يازغان تايىنى يوق شېئىرلارنى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ شېئىرى دەپ،  تور ۋە ئۈندىدارلاردا ئېلان قىلىدىغان بولۇۋالدى. مېنىڭچە بۇنداق يارىماس قىلىقلارغا قەتئىي يول قويغىلى بولمايدۇ. مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلشىر ناۋايى قاتارلىقلار قەدىمقى زامان ئەدەبىياتىمىزدىكى ئۇلۇغ ئەدىپلەر، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرى، غۇرۇرى ۋە مەنىۋى تۈۋرۈكى.  ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرمۇ  20-ئەسىردىكى بۈيۈك يازغۇچى. شۇڭا ئەھمىيىتى يوق ئاتالمىش«ئەقلىيە» سۆزلەرنى ئەشۇ پىشىۋالىرىمىزغا ئارتىپ قويۇپ، قاملاشمىغان شېئىرلارنى ئۇلارنىڭ نامىدا ئېلان قىلىپ، ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ يۈزىگە قارا سۈرتۈشكە ۋە ئۇلارنىڭ ئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۈرۈشكە ھەرگىز بولمايدۇ!
   مۇشۇنداق بولمىغۇر ئەسەرلەرنى مەشھۇر ئەدىپلىرىمىزنىڭ نامىدا ئېلان قىلىدىغان ئىشنى، مەيلى بىرقىسىم تور بېكەتلىرى ۋە سالونلار پۇل تېپىش غەرىزىدە قىلسۇن، مەيلى بىرقىسىم ئاپتۇرلار نام چىقىرىش غەرىزىدە قىلسۇن، بۇنىڭ ئۆزى زادى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان يامان قىلمىش! بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىچىدىن چىققان ساناقلىق ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ شان-شەرىپىگە نۇقسان يەتكۈزىدىغان بۇنداق ئىش-ھەركەتكە سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمىز!

                             

2016 – يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى

ئاپتورنىڭ رۇخسىتى بىلەن لۇتۇن سالونى(lotun) بىلەن باغداش تورىغا يوللاندى. توربەت سالونلارنىڭ رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرمەڭ!
bagdax

4

تېما

10

دوست

9185

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   83.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35433
يازما سانى: 792
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 2780
توردىكى ۋاقتى: 715
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-8 11:24:55 |ئايرىم كۆرۈش
شۇنداق بىنومۇس ئادەملەرمۇ باركىنا ،بۇنداق پەسكەش قىلمىشلارنى چوقۇم توسۇش كېرەك.....

1

تېما

0

دوست

4447

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   81.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34908
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 1388
توردىكى ۋاقتى: 368
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-8 12:03:26 |ئايرىم كۆرۈش
ئۆز شېئىرىنى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ نامىدا ئېلان قىلىش ناھىيىتى قاملاشمىغان بىر ئىش . جۈرئەت نىزام  بۇ ئىشنىڭ  ئاقىۋېتىنى   بەك ئاددى چۈشۈنىپ قاپتۇ .

14

تېما

1

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.95%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57738
يازما سانى: 1276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 3144
توردىكى ۋاقتى: 452
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24

تۆھپىكار ئەزا

يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-8 12:19:04 |ئايرىم كۆرۈش
ياخسى يېزىپسىز ، رەھمەت
bagdax

0

تېما

1

دوست

1605

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   60.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9666
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 471
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-21
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-8 12:30:07 |ئايرىم كۆرۈش
MIH يوللىغان ۋاقتى  2016-3-8 12:03
ئۆز شېئىرىنى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ نامىدا ئېلان قىلىش  ...

ئەسلى ئاپتۇر ئۆزىنىڭ شىئىرىنى ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ نامىدا ئىلان قىپتۇمۇ يا باشقىلار تارقىتىش جەريانىدا شىئىرنىڭ كەينىگە ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر دەپ يىزىپ قويۇپ تارقىتىپتىمۇ؟

2

تېما

1

دوست

1537

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   53.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51320
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 452
توردىكى ۋاقتى: 83
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-23
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-8 12:52:27 |ئايرىم كۆرۈش
stars0998 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-8 12:30
ئەسلى ئاپتۇر ئۆزىنىڭ شىئىرىنى ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ ن ...

توغرا دىدىڭىز،بۇ ماقالىنى تەھلىل قىلىشتىن  بۇرۇن ئۈزى قەستەن قىلغانمۇ ياكى باشقىلا ئالماشتۇرۇپ قويغانمۇ دىگەننى ئايدىڭلاشتۇرۋالايلى

0

تېما

0

دوست

600

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   20%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34548
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 186
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-8 13:34:05 |ئايرىم كۆرۈش
ئىجادىيەت سېپىدىكى بۇنداق باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلايدىغان نومۇسسىز ئەبلەخلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ باشقىلارغا ئىبرەت قىلىش كېرەك. ئاپتورنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى بۇ ئىشنى قانۇن بويىچە سوتقا ئەزىر قىلىپ بۇنداق ئىپلاسلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىش كېرەك. ئىككى ،تـۆت تال شېئىرنى يېزىپ ئۆزىنى شائىر دەپ ئاتىۋالغان بۇنداق ئابرويپەرەسلەرنى قاتتىق قامچىلاش كېرەك.

2

تېما

2

دوست

3900

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   63.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26235
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1180
توردىكى ۋاقتى: 166
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-23
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-8 13:49:35 |ئايرىم كۆرۈش
ئۆتكۈر ئەپەندى ھەقىقەتەن بۈيۈك يازغۇچى ، شئېىرلىرىنى مەن بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن ، ئەينى چاغدا داڭلىق شائىر ل مۇتەللىپ ، «ئۆتكۈر» دىگەن نامنى بۇ بۈيۈك يازغۇچىمىزغا تەخەللوس قىلىپ بەرگەن بولسا  ؛ئۆتكۈر ئەپەندىممۇ «قاينام » دىگەن نامنى تەخەللوس قىلىپ بېرىپتىكەن ، شۇڭا بۇ ئۇلۇق ، بۈيۈكلىرىمىزگە قار سۈركىمەيلى!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )