قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1429|ئىنكاس: 19

ۋاي چىشىم ( نۇرى تېيىپ )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

2

دوست

2103

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12986
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 28
تۆھپە : 705
توردىكى ۋاقتى: 336
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-8 12:56:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي چىشىم   
نۇرى تېيىپ         

    ۋاي، ۋاي، ۋاي ... ۋاييي، زىڭ، زىڭ، زىڭ .... قىلىپ ئاغرىپ تۇرغان چىش، ئارامىمنى بۇزۇپ، كۈندۈزى ئىشتىن قويسا، كېچىسى ئۇيقىدىن قويدى. سەھەر،ئوڭ مەڭزىم ئششىپ خېلىلا سەمرىپ، ئورنۇمدىن تۇرۇپتىمەن. ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ باقايلى،ياكى بولمىسا سوغۇق ئۆتكۈزۈپ باقايلى ...، دېيىشىپ خىيالىمىزغا كەلگەن ئىشلارنى قىلىپ كۆردۇق. «تۇز سۈيى ئالامەت پايدا قىلىدۇ» دەپ، شاكاراپ قىلىپ، خېلىغىچە «ھىم ھىم» قىپمۇ ئولتۇرۇپ باقتىم.
   ئازراق ئاغرىقى پەسەيگەنمۇ بولدى. لېكىنيەنىلا  «لوق – لوق -لوق» قىلىپ، ئاغرىق خوتنى يۆتكەپ، ئاستا- ئاستا باش تەرەپكە كۆچتى. خېلى - خېلى ئاغرىقلارغا «ۋايجان» دېمەي ئۆتكۈزگەن مەن. مانا بۈگۈن «ئاق بايراق» چىقىرىپ، ۋايجان ۋاييەيگە ئۆتۈپ، چىش ئاغرىقىغا ئەلەكموللا بولۇپ ئولتۇرۇپتىمەن.
   ئۆيدە چاقچاق قىزىپ كەتتى. دادام يىغلاۋاتىدۇدېسە، يەنە بىرسى قوپۇپ، يالغانمىكى؟ قىزىم قوپۇپ: «دادا چىش دوختۇرخانىسىگىلا بارايلى ....» ئۇ ۋاقىتلارلار چىش دوختۇرخانىسىغا بېرىپ چىش تارتقۇزۇش ئەمەس،قورساققا يەيدىغاننىمۇ خېلىلا ئويلىشىپ تۇرۇپ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ۋاقىتلار. تىجارەت، خىزمەت ... ئىش قىلىپ ھەممە ئىشتا يول ئىزدەپ، يىقىلىپلا يۈرگەن چاغلار ... نەدىكى پۇل دەيسىز...؟ چىش دوختۇرخانىسىغا قورقمايلا بارالىغۇدەك.
   مانا كۈنلەر پەقەت چىداش بىلەنلا ئۆتمەكتە. تۇرۇپلائاغرىقى پۈتۈنلەي توختاپمۇ قالىدىغان كۈنلەرمۇ يوق ئەمەس. بۇنداق كۈنلىرى، ئۇدەردى بار چىشنى ئۇنتۇپ قېلىپ، لەڭمەن، پولونى بولۇشىچە چايناپ سېلىپ، يەنە ۋايجان دېسە ۋايجان دەپ تاماقنىڭ پەيزىنى قاچۇرۇۋەتكەن كۈنلەرمۇ بولۇپ تۇردى.
    ئايالىم تاماقتىن بۇرۇن: «دادىسى ئاۋۇچىشلىرىنىڭ چاتىغى بولغاندىكىن، ئۇنتۇپ قالماي ماۋۇ سول تەرىپىدە، ئاستىراق چايناپ يەرسىز. بولمىسا يەنە ھە ...»، دەپ ئەسكەرتىپ قويىدىغان ئىشمۇ ئايالىمغا ئادەتكەئايلاندى. دورا - دارمانلىرى سەل ئارتىپ كەتكەن تاماقلارنى ئېھتىيات بىلەن ئاستا، مىجىپ ئولتۇرۇپ يېگەندىمۇ، چىشنىڭ «ئاچچىقى»نى كەلتۈرۈپ، ئالەمنى مالەم قىلغان ۋاقىتلارمۇ بولۇپ تۇردى.
  چىش مانا، بىردە ئاغرىپ جاننى ئالسا، بىردە ساپ- ساق. ئاغرىمىغان كۈنلىرى خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك «كاتتىر - كاتتىر» چايناپ،تاماق دېگەننى يەپ، پۈركىۋېتىدىغان گەپ. بىر كۈنى سەھەر تۇرسام، بۇ چىش ئاغرىقى ئانچە بولمىغىنى بىلەن، ئوبدانلا لىڭشىپ قاپتۇ. تىلىم بىلەن ئاۋايلاپ ئىتتىرىپ باقسام، «لىڭگىل لىڭگىل»لا قىلىدۇ. ئەتىگەنلىك چاي ۋاقتىدا ئولتۇرۇپ باللىرىمغا: «داداڭلاربۈگۈن قەھرىمانلارچە، ئۆز چىشىنى ئۆزى تارتىدۇ، ئىشىنەمسىلەر؟» دەپ قەھرىمانلىقىمنى بىر كۆرسىتىۋەتمەكچى بولدۇم. بالىلار بۇ گەپكە بىردە ئىشەنسە،بىردە دادام چاقچاق قىلىۋاتىدۇ، دەپ بىر - بىرىگە قارىشىپ كۈلۈشتى. ئايالىم بولسا:«ۋاي خۇدايىمەي، ئەمدى قىلمىغان شۇ ئىش قالدى، قويىڭە ... بالىلارنى قالايمىقان قىلماي»، دەپ قارشى تۇردى.
     جاھىللىق يەنىلا جاھىللىق. ئۇيان تارتىپبۇيان تارتىپ، ئاخىرى بۇ چىشنى قايسى ئۇسۇلدا تارتىش كېرەك؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدەمۇزاكىرىلەشتۇق. بىرىنچى، سەن دېدىم مەن ئايالىمغا: «نىلىۋاي يىپ بىلەن چىشىمنى راۋۇرۇس قىلىپ چىگىمەن. ئاندىن ماشىناڭنىڭ كوزۇپ سۆرەيدىغان يېرىگە، «چىڭ» قىلىپ باغلاپ، «ھايت» دەيمەن، ماشىنىنى ناھايىتى تېز قوزغايسەن. بۇنىڭ بىلەن، ماشىنىنىڭ كۈچى بىلەن، چىش مانا مەن دەپلا چقىپ كېتىدۇ. باللار چۇقۇرشۇپ: «ۋاي دادا بۇ بەك خەتەرلىك ھەم قورقۇنچلۇق ئىكەن. باشقا ئۇسۇلنى قىلايلى»، دېيىشتى بىردەكلا.
   ئىككىنچى، دېدىم مەن تېخىمۇ قەھرىمانلىقىم تۇتۇپ: «چىشنى يەنە ئوخشاشلا ئەپچىللىك بىلەن باغلايمىز - دە، يىپنىڭ بىر ئۇچىنى ئۆينىڭ تالاغا چىقىدىغان ئېغىر ئىشىكىگە باغلايمىز. مەن تازا دىققەت قىلمىغانۋاقىتتا، ئىشىكنى تۇيۇقسىز بىرىڭلار قاتتىق ياپىسىلەر. چىش «شاققىدە» چىقماي ئامالى يوق».
   بالىلارغا بۇ ئۇسۇل يارىدى. ھە بۇنى بىزتېلېۋىزوردا كۆرگەن. ماۋۇ بولىدىكەن ...، دەپ چۇقىراشتى. لېكىن ھېچقايسىسى ئىشىكنى يېپىشقا ئۇنىمىدى. ئۆزۈمنىڭمۇ ئىشىكنى يېپىشقا تازا رايىم بارمىدى.
    بىرنەچچە يىل بۇرۇن، قورۇغا ئاشقان - تاشقان ياغاچ ماتېرىياللار بىلەن بالىلار ئوينايدىغان سىيرىلغۇچ، ئىلەڭگۈچ، ۋە يەردىن خېلى ئېگىز قىلىپ، بىر - بىرىگە تۇتاش ئۆيچاقلارنى ياساپ بەرگەن ئىدىم. بۇئۆيلەردىن بىر - بىرىگە ئۆتۈش ئۈچۈن ياغاچ كۆرۈك ياسالغان بولۇپ، يەردىن ئىككىمېتىرچە ئېگىزلىكتە ئىدى. ئۇنىڭ ئاستىدا بالىلارنى نازارەت قىلىپ ئولتۇرغاچ، كىتاب ئوقۇيدىغان بىر ئاسما ئورۇندۇق ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئاستى ۋە ئويۇنچۇقلارجايلاشقان ئورۇنلار، دېڭىز ساھىلىدىن يۆتكەپ كېلنگەن، پاكىزە قۇم بىلەن چىرايلىق ئورالغان. ئۈستىدىن بالىلار يىقىلىپ كەتسىمۇ، ھەر ھالدا ئازراق دالدا بولالايدۇ.
     ئۈچىنچى، چىشنى يەنىلا ئوخشاش باغلاپ، ئۇنىڭ يەنە بىر ئۇچىنى بىرەر ئېغىر تاشقا باغلاپ، شۇ ئويۇنچۇق كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدىن، تاشنى يەرگە ئېتىش. بۇنىڭ بىلەن لىڭشىپ قالغان بۇ چىشنى ئۈزۈل - كېسىل بىر تەرەپ قىلىپلا ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىۋېتىش ...
    بۇ پىلان بالىلارغا ياقتى. لېكىن ئايالىم بۇنىڭغىمۇ قارشى تۇردى. يەنىلا دوختۇرخانىغا بېرىپ، قائىدىلىك قىلىپ، چىش دوختۇرىنىڭ تارتىشىنىڭ موھىملىقى، ئەگەر پەۋقۇلئاددە قان توختىماي ئېقىپ تۇرۇۋالسا، ھامان دوختۇرخانىغا بارماي بولمايدىغانلىقىنى، بەرىبىر ئىككى سەككىزئون ئالتە بولىدىغانلىقىدا چىڭ تۇردى. ئۇنى دېسەم بۇ، بۇنى دېسەم ئۇ. مەنمۇجاھىللىق قىلىپ گېپىمدىن يانمىدىم.
    ئاخىرقى نەتىجىدە ئايالىم چىشىمنى باغلاپ بېرىدىغان، ئەمما مەيداندا تۇرماي ئۆيگە قېچىپ كىرىۋالىدىغان شەرت ئاستىدا، ئىشنى داۋام ئېتىدىغان بولۇشتۇق. بېزەكچىلىكتە تۈزلۈكنى يارىتىشتا ئىشلىتىدىغان، نىلىۋاييىپ بىلەن چىش تولىمۇ تەسلىكتە باغلاندى. بۇ جەرياندا بۇ لىڭشىپ قالغان چىش ئېتىراپىدىن قان چىقىپ، تۇمشىقىغا ئۇدۇل مۇشتىن راسا بىرنى يېگەن ئادەمدەك بوپمۇكەتتىم. لېكىن يەنىلا بالىلارنىڭ ئالدىدا، ئىشىمدىن يېنىۋېلىشنى تازا دۇرۇس كۆرمىدىم.
   ئىشلار پېچەت. قانغا بويالغان ئېغىز - تۇمشۇقلىرىمنى پاكىزە سۈرتۈپ، كۆرۈك ئۈستىدە بالىلارغا قاراپ: -ھازىر داداڭلار قەھرىمانلارچە،ھېچكىم قىلىپ باقمىغان ئىشتىن بىرنى قىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئەگەر مۇشۇ چىشچىقماي قېلىپ، داداڭلارنىڭ بوينى بىراقلا ئۈزۈلۈپ، يەرگە چۈشسە «خوش ...!» ئايالىم بۇ گەپنى ئاڭلاپ، يەنە ماقۇللۇقىنى ئىنكار قىلىپ، قايتىدىن قارشى تۇرۇشقا، ھەتتاكۆز يېشىمۇ قىلىشقا باشلىدى. ئايالىمنىڭ ئەنسىرىشىمۇ توغرا ئىدى. قىزىقچىلىق قىلدۇق دەپ، «پوككىدە تۇل قېلىش» نى ئۇمۇ ئەلۋەتتە خالىمايدۇ - دە ... بىر چىشنى بىكارغا، پۇلسىزلا تارتىۋالدۇق دېگەن بىلەن، ئۈچ بالا يېتىم قالىدىغان گەپتە ...
    ئۇ ئاخىرى ئاچچىقلاپ، مېنى توسىيالماي،تېرىكىپ يىغلىغىنىچە ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئايالىمنىڭ مېنى توسۇش ئۈچۈن قىلغان گەپلىرىنى، قايتا ئەسلەپ كۆردۈم. مەيىن شامال، ئېغىر تاش قولۇمدا، ئۆزۈممۇ سەللىڭشىپ قالدىم. بايىقى قەھرىمانلىقنىڭ  ئاللىقاياقلارغاكەتكەن، يۈرىكىم ئاندا - ساندا «گۈپ - گۈپ» قىپمۇ قويۇۋاتىدۇ.
    چوڭ ئوغلۇمنىڭ ياردىمى بىلەن مەن كۆۋرۈكتەئۆرە تۇرغان ئېگىزلىكتىن، يەر يۈزىگىچە بولغان ئېگىزلىكنى قايتا ئۆلچۈدۈم. . يىپنىڭ ئۇزۇنلۇقى يەردىن يىگىرمە چانتىمېتىر ئېگىز قىلىپ بېكىتىلدى. بۇنداق بولۇشى ئېگىزدىن تاشلانغان تاشنىڭ سالمىقىدىن تولۇق پايدىلىنىش، قاتتىق كۈچ بىلەن چىشنى سىلكىپ تارتىشقا شارائىت ھازىرلاش ئىدى.
    كۆزۈمنىڭ قىرىدا ئۆي تەرەپكە قارىدىم. ئايالىم ئولتۇرالماي، دېرىزىدىن مارىلاپ قاراپ تۇرۇپتۇ. بولدى قىلايمۇ؟ راستىنىلا ئويۇندىن نېمە چىقتى ؟ ........ چىقتى. بولۇپ قالارمۇ؟ كىچىككىنە بىر دانە چىش، مېنىمۇخېلىلا ئويغا سالدى. ھازىر يېنىۋالسام، «گېپىدە تۇرالمايدىغان دادا، پوپاڭ ئەر»،ئوھ ئالە شەرىڭنى، باشتىلا سەل چاغلاۋاراق قەھرىمانلىق قىلسام بوپتىكەن ....
     بىر، ئىككى، ئۈچ، كۆزۈمنى يۇمۇپ يۇقىرى ئاۋازدا جاكارلىدىم. كۆزۈمنى ئاچسام، قولۇمدىكى تاش يەنىلا قولۇمدا تۇرۇپتۇ. مانابۇ ئىش نەچچە قېتىم تەكرارلاندى. ئەمما لېكىن، جان دېگەن نېمە دېگەن تاتلىق ھۇي ...بالىلىرىم بىر، ئىككى، ئۈچتىن نەچچىنى ئاڭلاۋېرىپ زېرىكتى بولغاي، ئۆيگە قاراپ مېڭىشقا تەمشەلدى. ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى، مېنى قايتا غەيرەتلكە كەلتۈردى.
    ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم... ئۇلار ۋاي ...، دەپيەنە ماڭا قاراپ تۇرۇشتى. خۇدا ئۆزۈڭ ساقلارسەن ...، دېگىنىمنى بىلىمەن، ئارقامدىنبىرسى بېشىمدىن تۆۋەنگە ئىتتىرگەندەك ئالدىغا سىلكىندىم. ئېغىر تاشنىڭ تارتىشكۈچى، مېنىڭ چىشىمنىلا ئەمەس، چىشىم ئارقىلىق، پۈتۈن بەدىنىمنى تۆۋەنگە تارتقانئىدى. بوينۇم ئۈزۈلۈپ كەتتىمۇ قانداق دەپ ئويلىغىنىمدا، ھەر ھالدا جايىدا تۇرۇپتۇ.
    ئاغرىق، ئېڭەكتىن باشلىنىپ، بۇرۇن، كۆز،قاپاق، قۇلاق، باش بولۇپ ئۈستىگە چىقىپلا كەتتى. «قاتتىق شاپىلاقتىن بىرنى يەپ،كۆزۈمگە يۇلتۇز كۆرۈنۈپ كەتتى»، دېگەننى تۇنجى قېتىم ھېس قىلدىم. كۆزلىرىم ئالا - چەكمەنبولۇپ، كۈپ - كۈندۈزدە يۇلتۇزلارنى كۆردۈم. قانلىق ئۇرۇشتىن چىققان جەڭچىلەردەك،ئېغىزىمدىن بۇلدۇقلاپ چىقىۋاتقان قان ...، بەزىسى قىلىپ - قىزىل بولسا، بەزىسىبېغىر رەڭ. يۇلۇنۇپ چىققان چىش، قۇمنىڭ ئۈستىدە «مانا مەن، ئاخىرى مېنى يۇلۇۋەتتىڭ مانا. پاقاڭغا قانغانسە قەھرىمان؟!» دېگەندەك قىلىپ تۇراتتى.
   ئايالىم لۆڭگىلىرىنى كۆتۈرۈپ، ئالاقزادەبولۇپ ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كەلدى. قانداقراق، ئاغرىۋاتامدۇ؟ جاھىللىق قىلىپ ئاخىرى قىلىمەن دېگەننى قىلدىڭىز ھە. ھەي خۇداغا مىڭ شۈكرى، چوڭ چاتاق چىقمىدى،...
       چاتاق يوق، بۇنچىلىك ئىشلارغا يىقىلىپقالمايمىز جۇما ...، دەپ جاۋاب بەردىم مەن قېپ قالغان چىشلىرىمنى ئاۋايلاپ، ئاران چىشلەپ تۇرۇپ. ئەمما ئىچىمدە، بىكار قىپتىمە جۇما ...، دېگەننى قايتا - قايتائويلىۋەتتىم ...
uyghuray

0

تېما

5

دوست

1876

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   87.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16795
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 590
توردىكى ۋاقتى: 175
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-8 16:24:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئاكىمىزنىڭ يازمىللىرى بىر خىل پەيزى جىما

0

تېما

5

دوست

1876

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   87.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16795
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 590
توردىكى ۋاقتى: 175
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-8 16:35:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولا كۇلۇپ كۆزلىرىمدىن ياش چىكەتتى .........

0

تېما

1

دوست

660

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24547
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 218
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-8 16:37:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرىكا كەپتەرلەرنى ئۇنتۇپ قالمايلى ..........................................................................
uyghuray

8

تېما

10

دوست

6004

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   20.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57738
يازما سانى: 711
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1744
توردىكى ۋاقتى: 174
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-8 18:19:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىقارلىق چىقىپتۇ ،

0

تېما

0

دوست

2448

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34915
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 750
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-8 18:33:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاغرىمىغان چىشنى تارتىپ قالغان چېغى

1

تېما

1

دوست

664

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   32.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55310
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 200
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-8 18:46:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر ئوڭ تەرەپتىكى چىش ئاغىرسا سول پۇتنىڭ ئالقىنىغا ،سول تەرەپتىكى چىش ئاغىرسا ئوڭ پۇتنىڭ ئالقىنىغا پىيازنى تاڭسا بۇلدۇ ،لىكىن 5مىنۇتتىن 10مىنۇت ئەتىراپىدا تۇرغۇزۇپ پۇتنى پاكىز يۇيۋىتىش كىرەك،10مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ،
چىشى ئاغىرغانلار سىناپ بېقىڭلار ھى ھى ھى
ئەسەر بەك ياخشى چىقىپتۇ

0

تېما

3

دوست

4704

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   90.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35151
يازما سانى: 345
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1438
توردىكى ۋاقتى: 402
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-8 19:08:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )