بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jimsary تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-8 18:59
تور ئەسەرىدە نىمەنى يازىمىز، قانداق يازىمىز؟
(ئەزىزھېيتكۈن بۇرادەر بىلەن كىڭەش)
ئا.ر.جىمسارى
ھۆرمەتلىك «ئەزىزھېيتكۈن» بۇرادەر، بۈگۈن سىزنىڭ يازغان، «جىمسارىنىڭ تارىخقا قىزىقىش، ئىزدىنىش روھى ئېتراپ قىلىنىشقا تېگىشلىك. لېكىن ئىلمىي بولۇش، ئىلمىيلىكتىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قېلىشى قەلەم بىلەن شۇغۇللىنىشقا تېخى شەرت ھازىرلىيالمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قارا قۇرۇم تاغ دېگەن ئاتنى ۋە تىبەش دېگەن ئىسىمنى مەن قويغان دەپ تۇرىۋېلىشى مۇنتىزىم بىلىم ئىگىللىمىگەنلىك ياكى بىلىمنى ئىزچىل چوڭقۇرلاشتۇرمىغانلىقىنى ئەكسىچە بالىلارچە تەپەككۇر قىلىدىغان ئادىتى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىرى تارىخنى تولۇق بىلىپ چىقىش يەنە بىرى ئىلمىيي تەپەككۇر ۋە ئىلمىي ئەسەر قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ساۋاتقا ئىگە بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئۇنىڭ يازمىلىرىنىڭ ھەممىسى تارىخقا قىزىققۇچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ مەشق ماقالىلىرى، خالاس.» دىگەن ئىنكاسىڭىزنى كۆردۈم. سىزنىڭ ئالايتەن ۋاقىت چىقىرىپ ئىنكاس يازىپ، ئەسەرلىرىمگە ۋە ماڭا باھا بەرگەنىڭىزگە كۆپ رەھمەت. ماڭا باھا بېرىشنىڭ ھەم ماڭا ئەسەرنى قانداق يازىش توغرىسىدا يول كۆرسەتىشنىڭ ماڭا نىسبەتەن ھاجىتى يوق ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ، پەقەتلا ئەسەرلەرىمگە ۋە ماڭا باھا يازىش ھەم يوليورۇق بېرىش ئۈچۈن باغداشقا يېڭى ئەزا بولۇپ كەلگەنىڭىز مىنى تەسىرلەندۈردى. شۇڭا، سىزنىڭ تۈنجى سوغىڭىزنى خوشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىمەن. سىزگە ھېشقاللا. منىڭ باغداشقا ئەزا بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەسەر نەشىر قىلىۋاتقانىمغا بىر يىل بولدى. بۇ جەرياندا 57 پارچە ھەر خىل مەزمۇندىكى ئەسەرىم نەشىر قىلىندى. بۇلارنى، مەخسۇس سەھىپەگە ئايرىساق، مىنىڭ ئەسەرلەرىمنىڭ مەزمۇنى جۇغراپىيە، بىئولوگىيە، ئاسترونومىيە، پەلىسەپە، تارىخ، تىلشۇناسلىق ھەم ئەدەبىيات ساھەلەرىگە چېتىلىدۇ. مىنىڭ ئوقۇغانلىرىم، باشقا بارلىق ئۇيغۇرچە ئوقۇغان بۇرادەرلەر بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش. ئەمما، يازغانلىرىم، ئوخشاش ئەمەس. مەن ئەسەرلەرىمنى، مەن بارغان، كۆرگەن، ئاڭلىغان ھەم ئوقۇغانلىرىمنى ئۆزەمنىڭ تەھلىلى چۈشەنچەسى مەۋقەسىدە تۇرۇپ يازدىم. يېڭى مەزمۇن، يېڭى ئاتالغۇ، يېڭى ئۇقۇم-چۈشەنچە، ئېنىق بىلدۈرۈش، ئىخچام يازىش، ئاممىباپ بولۇش، ئەركىن بولۇش، ئىجادى بولۇش قاتارلىق ئامىللار، ئەسەرلەرىمنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. مەن ئىلىمى تەتقىقات ئەسەرلەرىنى يازىپ باققان. ئەسەرلەرىم خەلقئارالىق يىغىنلارنىڭ مۇنبىرىگەمۇ تاللانغان ھەم نەشىرمۇ قىلىنغان. ئەمما، تور ئەسەرلەرىنىڭ بىرەر يازىلىش قىلىپى بارلىقىنى بىلمەيمەن. تېز يازىلىش، تەھرىرسىز بولۇش، قىسقا بولۇش، ئاممىباپ بولۇش، ئەمگەك ھەقسىز خالىسانە بولۇش، نىمىنى خالىسا شۇنى يازىش، چوڭقۇر كەسىپى تەتقىقات بولماسلىق، مۇرەككەپ كەسپى ئاتالغۇلار بولماسلىق، مەلۇم ئالدىن بېكىتىلگەن ئۇسلۇپ ياكى قېلىپ بولماسلىق بۇلار، تور ئەسەرلىرىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولسا كېرەك دەپ قارايمەن. مىنىڭ باغداشتىكى ئەسەرلەرىم، تور ئەسەرلىرىنىڭ مۇشۇ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن يازىلغان. شۇڭا، ئەسەرلەرىمنى كۆرىدىغان بۇرادەرلەرمۇ ئاز ئەمەس، ئەسەرلەرىمگە ئىلىمى ئەسەركەن، پەنوم ئەسەركەن، مۇھاكىمە ئەسەركەن، بايان ئەسەركەن، ھېچنىمەرەڭ ئەسەركەن، خۇددى سىز بەرگەن باھادەك، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ مەشىق ماقالىسىكەن دەپ باھالىغۇچىلارمۇ بار. مەيلى قانداق باھا بېرىلسۇن، شۇ بۇرادەرلەرنىڭ ئەسەرلەرىمگە ئېتىۋار بىلەن قاراغانلىقىغا مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. مەن ئەسەرلەرىمنى، پۇل تېپىش ئۈچۈن، نام-ئاتاق ئۈچۈن، ئۆزەمنى كۆرسەتىش ئۈچۈن يازغانىم يوق. ئىچىمدە كۆمۈر بولسىمۇ تۆكۈپ كىتەي دەيمەن. ئەمما مەن بىر ئادەم بولغانلىقىم ئۈچۈن، ئەسەرلەرىمنىڭ نەچچە مىڭلىغان ھەر خىل كەسىپتىكى، ھەر خىل قىزىقىشتىكى، ھەر خىل ياشتىكى، ھەر خىل سەۋىيەدىكى تور جامائەتىنىڭ تەلىۋىنى قاندۇرۇپ بولالمايمەن ھەم مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ كەلدىم. شۇنداقتىمۇ، ئۆمرۈمدە ئاڭلاپ باقمىغان گەپلەرنىمۇ ئىشىتتىم. ھەر خىل مەسخىرىلەرگىمۇ ئۇچرۇدۇم. بەزى بۇرادەرلەرگە ئۆزەم خالىمايدىغان قاتتىقراق تەلەپپۇزدا تېگىپمۇ قويدۇم. بۇلار، ئوتتۇرغا چۈشكەن بىراۋلارنىڭ رىيال جەمىيەتتە يولۇقۇپ تۇرىدىغان نورمال ئىشلاردىن دەپ قارايمەن. شۇڭا، مىنىڭدىن كۆڭلى قالغان بۇرادەرلەر بولسا، مۇشۇ پۇرسەتتە، ئۇلاردىن ئەپۇ سورايمەن. باغداش تورىنىڭ مۇشۇ بىر يىلقى نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەرىگە قاراغاندا، مەزمۇنلىرى ساغلام، ئۇسلۇبى سەر خىل، مۇنازىرەلەرمۇ كەسكىن بولۇۋاتىدۇ. مۇنازىرەگە قاتناشقۇچى بۇرادەرلەرنىڭ مۇنازىرە ئەخلاقىمۇ بارغانسېرى ياخشى بولۇۋاتىدۇ. مەزمۇنى ساغلام بولسىلا، ھەركىمنىڭ يازىشىغا يول قويساق، رىغبەتلەندۈرسەك، ئەسەر مەزمۇنىدا پىكىر قىلساق، شەخسگە قالپاق كەيدۈرمىسەك، خاتاسى بولسا، سىرلىق، ئېنىقسىز گەپ قىلماي، ئېنىق كۆرسەتىپ بەرسەك، كىتاپبازلىق قىلمىساق، مەشھۇرلارغا سېلىشتۇرمىساق، كۆپتۇرمىسەك، چۆكۈرمىسەك، شاكىلىنى تاشلاپ، مېغىزىنى قۇبۇل قىلساق، مەزھەپ شەكىللەندۈرمىسەك، ھەممە نەرسىسىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ ئىنكار قىلمىساق، رەڭدار بولۇشىغا يول قويساق، شۇندىلا باغداشتىن ئىبارەت بۇ ئۆگۈنۈش سورۇنىدىن ھەممەيلەن كۆپ نەپكە ئېرىشىمىز. ئەمدى بۈگۈن سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ، توردا نىمەنى يازساق، قانداق يازساق بولۇدۇ؟ دىگەنلەرنى ئويلاپ قالدىم. بۇمۇ بىر مەسىلە بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ. شۇڭا، بۇ ھەقتە، مەنمۇ ئۆز پىكىرىمنى يازسام، سىزمۇ يازسىڭىز، ئۇمۇ يازسا، بىزلەرمۇ يازامىز، سىزلەرمۇ يازاسىزلەر، ئۇلارمۇ يازادىلەر بولسا، ئاخىرى بىر قەدەر ئورتاقلاشقان پىكىرگە كېلىپ قالارمىز. ھەممە كىشىنىڭ ئويلىغىنىدەك ئەسەرلەر ۋۇجۇدقا كېلىپ قالار دىگەنلەرنى ئويلاپ قالدىم. بۇ كىڭەشنى سىزگىلا ئىنكاس قىلاي دىگەن، ئەمما، سىز دىگەندەك، مىنىڭدە ساقلانغان مەسىلىلەر، باغداشتىكى ئاپتورلاردا ئازدۇر-كۆپتۇر ساقلانغان ئورتاق مەسىلە ئىكەن. شۇڭا، بۇ كېڭەشنى ھەممەيلەنگە ئورتاق بولسۇن دەپ ئايرىم ئەسەر قىلدىم. سىزنىڭ مۇشۇنداق مۇھىم مەسىلىلەرنى داۋاملىق بايقاپ، ئەسەر يازىپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. مەنمۇ ئەمدى، بىرەر ياخشى يازىش ئۇسلۇبى ياراتىلغىچە، نەۋرەم بىلەن ئوينىغاچ تۇراي.
|