قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 968|ئىنكاس: 1

مىللىي مەدىنىيەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

2532

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26983
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 796
توردىكى ۋاقتى: 163
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-8 21:22:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بىز ھەم بىزنى ساناۋاتقان دۇنيا، ماكان زامان ئىنسان مەدىنىيەتتىن ئىبارەت تۆت تەسىرنىڭ مەسھۇلى.دۇنيادىن ماكان زامان ئىنساننى ئىلۋەتسەك مەدىنىيەت قالىدۇ.مەدىنىيەتنى ئەڭ ئەقىللىق جانلىق بولغان ئىنسان ئاپرىدە قىلغان دىيىش مىنىڭچە بىرتەرەپلىمىلىك،چۇنكى دۇنيادىكى تۆت چوڭ مەدىنىيەت گەۋدىسىنى بەرپا قىلشقا تۇرۇتكە بولغان ئامىللارنىڭ، ئىنسان ئىتىدالىدىن تاشقىرلىقى،ھازىرقى ئىنسان خىيالى ئۇچار گىلەمدەك جاھان ئەينىگىدە ئەمىلىيەتلەشكەن دەۋىردىمۇ،پەن نوختىسىدا پاكىتلانماقتا.يامىنى ئىنسان ئۇرۇنۇشلىرى ئىنساننى ئالىي ماقامدا پەرەز قىلىپ،تەبىئەتنى كونتۇرۇل قىلىش ئىمكانىيتىدە قىياس قىلىۋاتقان بولسىمۇ ، ئىنسان يەنى ئىنسانلارتوپى يەنىلا مەدىنىيەت ئىچىدە، مەدىنىيەت چەمبىرىكىنى بويلاپ مىڭىۋاتىدۇ. دىمەك مەدىنىيەت ئىنسان قابىلىيتىدىن تاشقىرلىققا ئىگە.
    ماكان، تۇپراق ئوت سۇ ھاۋادىن ئىبارەت تۆت تادۇنىڭ مۇئەييەن ئۆلچەمدە،مەۋجۇتلىقى تەسىرى باغلىنىشى خۇسيىتىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ،ياشاش ئىمكانىيتىنى ھازىرلايدۇ.زامان، يەنى ۋاقىت گۇياكى ئاتقان ئوقتەك ھەركەتلەرنىڭ مۇساپىسىنى ئۆلچەيدۇ.ئاندىن چىك قىلىپ ئالدىغا يەنە بىر قەدەم تاشلايدۇ.ئىنسان، زامان ماكانغا قارغاندا يەنە ئۆزگىچە خۇسيەتكە ئىگە بۇلۇپ،ئىنسان جىسمى، گۇزەللىك، تىخنىكا ئىلغارلىقى، ئۇنۋىرساللىق، چىدامچانلىق جەھەتلەردە جانلىقنىڭ پىشۋاسى بۇلۇشتىن سىرىت. روھىيتىدە ئەكىس ئەتكەن بىلىش ئادىللىق ياخشىلىق تەقۋادارلىقتىن ئىبارەت تۆت تادۇسى، ياراتقۇچىسىىدىن بىلەك ھەممىنىڭ سەجدە ماقامىدا ئەكىس ئەتمەكتە.
   دۇنيا شۇنداق خىلمۇ خىل رەڭدارلىقلارنىڭ ئۆلچەملەرنىڭ قانۇنىيەت ھىساباتلارنىڭ مەجمۇئەسى. ھەم جۇپلۇق ئىچىدە .شۇۋەجىدىن ئۇمۇمىي قانۇنىيەتكە بوي سۇنغان، بىرئاتا بىرئانىدىن ئاپرىدە ئىنسانمۇ ھەرخىل ئىرىق ھەرخىل قەۋىم  جامائە ئائىلە بۇلۇپ تۇرلەنگەن.ھەر ئىرىق ھەر قەۋىمنىڭ ئۆز ھالىغا خاس ھۇش ئەقىل پەزىلەت بىلىمى، تىل دىل پەزىل پىئىلى‹خۇي›، بۇلىدۇ .مەدىنىيەت زامان ماكانغا مىنگەن ئاتتەك ئاجايىپ ماسلىشىشچانلىقى بىلەن مۇشۇ خاسلىقلارنىڭ قات قىتىغا  سىڭگەن بۇلىدۇ.مۇنداقچە دىگەندە،ئىنسان تۇركۇملىرى بىر بىرىدىن پەرىقلىنىدىغان خاسلىققا ئىگە رەڭگارەڭ مىللەت ئىرىقلاردىن تۇزۇلگەن ، بۇنىڭغا ماسلىشىشى ئۇنۋىرساللىقى ئىنتايىن يۇقرى مەدىنىيەت قۇشۇلىشى نەتىجىسىدە مىللىي مەدىنىيەت شەكىللەنگەن. ئالايلۇق؛ بىزنىڭ سىن چايلىرىمىز ناھايتى بەگ،تاپقان تەرگىنىمىزنى سىن چايغا تۆكۇمىز.بۇئارقىلىق كۆڭۇللەر باغلىنىدۇ، ئۇيىشىمىز.تىرىكچىلىك جاھان يىڭىلق ئۇچۇرلىرىدىن ئۇپۇنەتلىنىمىز.بۇ ئىشقا باشقا قەۋىمدىكىلەر ئەمەس، ھەتتا سىرىتتا ئۇزاقراق تۇرۇپ قالغان قىرىنداشلىرىمىزمۇ ھەيران.بۇ چايلار يەنە دىنىي تۇسلەرنى ئالغان بۇلۇپ،مەرىكە ئات توي ئەقىقە تۇسىنى،خەتنە توي سۇننەت تۇسىنى، توي نىكاھ ، نەزىر ، ھەتتا مازا ماشايىخلارنى زىيارەتكىچە  ئۆرۇپ ئادەت بىلەن دىن زىچ بىرلىشىپ مىللىي مەدىنىيەت ئۇقۇمىنىڭ بىرلەشكەن ھالىتىنى ئەكىس ئەتتۇرگەن. سەللىنىمۇ دوپپىنىڭ ئۇستىگە ئورايمىز.
     دىمەك ھەرقانداق مىللەتنىڭ،مىللى خاسلىقى بىلەن مەدىنىيەت بىرىكمە ھالەتتە ئەكىس ئەتكەن ئۆز ھالىغا يارىشا مىللىي مەدىنىيتى بۇلىدۇ.بىر مىللەتنىڭ رونىقىنى، مىللىي مەدىنىيەتنىڭ تەڭپۇڭلىقى ئىچكى ئۇيۇشىشى بەلگۇلەيدۇ.
   دۇنيا تۆت تادۇدىن تۇزۇلگەنگە ئوخشاش ئىنسانىيەت ئايلىنىۋاتقان مەدىنىيەت چەمبىرىكى، تۇپراق خۇسيەتتىكى بىلىش يىڭىلىق نوختا قىلىنغان يەھۇدىيچە مەدىنىيەت، ئوتقا ئوخشاش ئادىللىق قانۇن گەۋدىلەنگەن نىساراچە مەدىنىيەت، سۇدەك ياخشىلىق پەزىلەت گەۋدىلەنگەن ئىسلام مەدىنىيتى، ھاۋا خۇسيەتتىكى كۇنەگ ئادەتنى تەقۋادارلىقنى چىقىش قىلغان بۇددىسىتچە مەدىنىيەت دەپ تۆت چوڭ تۇرگە يىغىنچاقلاشقا بۇلىدۇ.ئادەتتە قوينى بىسمىللا دەپ بۇغۇزلىساق ھالال بۇلىدۇ،شۇنىڭغا قىياسەن يەنە بىر نوختا، مەدىنىيەت ئام ئاتالغۇ، يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۇرۇقداشلىقى،كىتاپلارغا، پەيغەمبەرلەرگە،ئىمان ئىيتىش ‹ئامەنە›ئايرىماسلىق‹ نۇپەرىق ›،دىنىي نوختىدىمۇ توغرا. دىمەك تۆت تادۇدەك ئوخشىمىغان مەدىنىيەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىدە مەدىنىيەت خاسلىقى ئەمەس،مىللەت خاسلىقى ئاساسىي مىقدار بۇلۇپ،مىللەتلەر ئارسىدىكى ئىرسىي  پەرىقلەر مەدىنىيەتلەر ئارسىدىكى ئوخشىماسلقىنى ئاپرىدە قىلغان.
    بىلىش تىپىدىكىسىدە بىلىش يىڭىلىق ئاساس بۇلىدۇ، نەزەردە ماكان نوختى نەزىرىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ. يەھۇدىيلار تىپىك مىسال. يۇت ئاتلاش،يىڭىلىقنى بايقاش،كونىنى كەسلەپ ئورنىغا يىڭىلىقنى دەسىتىش خاھىشى كۇچلۇك بۇلىدۇ.ئالدىدىن بىلەلىگەنلەرنى،ياكى ھىچكىم بايقىمىغان ،دىيىلمىگەن، قىلىنمىغان ئىشلارنى روياپقا چىقارغانلارنى ئەزىزلەيدۇ.تۇپراق بولغاچ ماكان ، ئەمىليەت نوختىنەزىرى يەنى جۇغراپىيلىك پىكىر يەكۇنى،ماددىنىڭ روھىيەتكە تەسىرى،ئىجتىمائى ئەمىلىيەتنىڭ تۇنۇشتىكى تۇپ تۇز ھالىتىنى چىقىش قىلىدۇ .تەبىئەتتىكى سىر ئەشيالارنى تىپىشنى پايدىلىنىشنى كۇچەيدۇ.ئىجادىي تەپەككۇرى كۇچلۇك ،يەنى لوگىكىلىق پىكىر يۇلنىشى بىلەن ئوبرازلىق پىكىر يۇلنىشىنى تەڭ ئىشلىتىپ،بۇغۇن بۇغىنىدىن ئايرىپ،بايقاش ئەمىلىيەتكە ئايلاندۇرۇش شەكلىدىكى  تەپەككۇرغا باي كىلىدۇ..بۇنىڭدابىلىش ئىقتىدارى كۇچلۇك بولسىمۇ ھەممىنى بۇغۇنىدىن ئايرىپ چوڭقۇر تەھلىل قىلغاچ باغلاش ئىقتىدارى كەم بۇلىدۇ. تۇپراقتاخىش پۇشارغىلى بۇلىدۇ.فىرئەۋىن يەھۇدىيلارنى ئىزىش ئارقىلىق ئىھرام ياسىغان بولسا،گىتلىر يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇن بايلىق تىخنىكىغا ئىگە بولغان. بەخىتنىڭ مەنبىيى مۇشۇ،بۇلارقۇمغا ئوخشاش جاي جايغا چىچىلغان.           مىجازى قۇرۇق سۇغۇق سەۋدا.
    ئادىللىق تىپىدىكىسىدە،قۇرال قانۇن دەستۇر ئاساس بۇلىدۇ.زامان نوختى نەزىرىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ.ئاساسلاشتا ئەسۋاپلاردىن ساناشلاردىن چىققان يەكۇننى ئاساس قىلىدۇ،لوگىكىلىك تەپەككۇرنى ، ماتىماتىكىلىق يەكۇنلەرنى مىسال قىلىش مۇمكىن.بۇلارداھاق ھاق بۇلىشى چىققان نەتىجە تەڭ بۇلىشى كىرەك.ئەقىل تەدبىرگە كۇچەيدۇ.  قانۇن بۇيىچە ئىدارەقىلىش گەۋدىلىك.لىنكولىننىڭ قانۇنىنى ئامرىكا تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق مەنبە دىگەندەك. كۆزگە ئوخشاش ئەركىن يۇرۇشىدۇ. ئەركىن جىنسىيەت  ئوتتەك ئەركىن كۇيۇشنى ئىستەيدۇ. ئوت بولغاچ داۋام دىڭىز كىزىشىدۇ.ئۇسۇلى كىيىنىشىدىمۇ ئوتتىن تۇرەلگەن جىندەك قىياپەتلەر ئەكىس ئىتىدۇ.‹ئەركىنلىك ھەيكىلىنىڭ قۇلىدا ئوت بار›كۇن قىياسەن جەمىيەتشۇناسلىق جەھەتتىكى تەتقىقات ئىلگىرلىگەن.خۇلاسىلىغاندا، ئۇچ پۇتلۇق كۇرۇستا قاپاقنى تۇرۇپ ئولتۇرىدۇ،بىرقۇلىدا پىچاق ، بىريىنىدا شىكەر ،يەنە بىر يىنىدا ئوغىسى بۇلىدۇ. ئۇچ پۇت بىرى تۇزلۇك ئادىللىق‹قانۇن›،بىرى مۇستەھكەملىك ‹قۇرال› ،يەنە بىرى ئۇچلۇك،تەڭ دەسسەش چات كىرىش .قۇلىدىكى پىچاق قۇرال بىلەن قىممەت تاپىدۇ.ئىشىكىگە ھال قىلىپ كەلگەنلەرنى شىكەر بىلەن ياندۇرمايدۇ.ئاچچىقلاتسا ئوغا قىلىدۇ.قىززىتىش كىسىش چاسىلاش ئەكىس ئىتىدۇ.         مىجازى سەپراقۇرۇق ئىسسىق.
   ياخشىلىق تىپىدىكىسىدە،ئىنسان نوختى نەزىرى ئىلگىرى سۇرىلىدۇ.تارىختىن ھازىرغىچىلىك نۇرغۇن تىمىلىرىمىز ئىنساننى، ئىنسان روھىيتىنى چۆرىدەيدۇ،پەزىلەت يىتەكچى.مىسالەن، باۋۇدۇن يۇغان بىلىق تۇتىۋالىدۇ،باللىرىغا ئىچى سىرىلىپ قۇيىۋىتىدۇ،ئاندىن بوۋىسى  ئۇنى ئۆيدىن ھەيدەيدۇ،جاھان كىزىۋىتىپ بۇركۇت بالىسى،قاپقاندىكى تۇلكە ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىدۇ.بىر شەھەرگە بارسا پادىشاھنىڭ قىزى يىگىت تاللايدۇ.سۇغا يۇشۇرنۇپ بىقىپ، ئاندىن ئاسمانغا يۇشۇرنۇپ بىقىپ،ئاخىرى تۇپراق تەكتىدە  دوسلىرىنىڭ ياردىمىدە مۇرادىغا يىتىدۇ.دىمەك بۇخىل مەدىنىيەت تىپىدە پەزىلىتى ياخشىلىقى بىلەن قىممەتلىنىدۇ ياكى پايدا ئالىدۇ. تەپەككۇرىدا لوگىكا بىلەن ئوبىرازلىق تەڭ ئەكىس ئەتكەن تىيىز باغلاش ھالىتى ئەكىس ئىتىدۇ.تادۇچە پىكىر يۇلىنىشىگە قارساق،لوگىكا بۇيىچەخۇيى ئىنقلانغاندىن كىيىن تۆت تادۇنىڭ مۇناسىۋەت زىدىيەتلىرى بۇيىچەئوبرازلىق باغلىنىدۇ.بۇنىڭدا بىلىش تىيىزرەك،لىكىن كەڭ دائىرلىك باغلاش گەۋدىلىنىدۇ.
    تارىختىن بۇيان نەچچە مىڭ يىللىق بۇران چاپقۇندا تۆت تادۇ پەلسەپىسىنىڭ ئىزچىل ساقلىنىشى،ماكان زامان ئىنسان مەدىنىيەتتىن ئىبارەت تادۇلارغا بىمالال سىڭىشى،زامانىۋىي جەمىيەتتىمۇ ئەمىلىيتىمىزدە ماڭدامدا ئۇچۇرشى،ھازىرقى روھىيتىمىزدىكى كىسەللەرنىڭ داۋاسىزلىقى ،بىزگە تەتقىق قىلىش،ئىزدىنىش زۇرىيىتىنى چوڭقۇر ھىس قىلدۇرىدۇ. ناخشىمىزمۇ سۇ بۇلۇپ ئاقتىم،ئۇسۇلىمىزمۇ چىن تەخسە،ياخشى‹خو ›مەنا چىقىدىغان باش بارماق ھەممىمىزنى سەۋەپسىز قايىل قىلىدۇ.ئۆرۇپ ئادىتىمىزمۇ سىن چاي.كىيىم كىچىكىمىز سۇدىن يارتىلغان چاھارپاي تىرىلىرى،نۇسخىلىرى.   
سۇ ، تۇپراققا ئوتقا، ھاۋاغا بىمالال ئارلىشالايدىغان خۇسيەتكە ئىگە بولغاچ، سۇۋەكىللىكىدىكى ياخشىلىق ئەكىس ئەتكەن ئىسلام مەدىنىيتى كۆپ خىللىققا سىڭىشچانلىققا ئىگە، مەدىنىيتىمىزدە يىڭىلىق بىلىش  تىپىدىكى رەي ئىجما قىياسقا كۇچەيدىغانلىرى، ئوت ئادىللىق سۇپەتتىكى ھەدىس بۇيىچە شەرھىلەيدىغىنى،ياخشىلىق سۇپەتتىكى ئىككىگە تەڭ ئىتىبار بىرىدىغانلىرى،تەقۋادارلىق بۇيىچە كۇنەگ ئاساس قىلىدىغان تەسەۋۋۇپ ئىقىمىدىكىلىرىىدىن ئىبارەت تۆت ئىقىم‹مەزھەپ› ئاساسىي پۇت تىرەيدۇ.بۇھال كۆپ خىللىقنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، يەنە بىر جەھەتتىن مەدىنىيتىمىزنىڭ مۇكەممەل پۇتۇنلىكىنى ئاجايىپ سىڭىشچانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .مۇنداقچە دىگەندە بىرنىيەت ئەرەپلەرنىڭ بىلىشى، ئوتقا ئوخشاش خاۋارىجلارنىڭ تاشتەك قاتتىقلىقى، تۆت قىر تۆت تەرەپ تۇرۇكلەرنىڭ ياخشلىقى، بىر بىرىگگە بوي سۇنغان ياكى كۆتۇرگەن شىئەلەرنىڭ تەقۋادارلىقى بىلەن مەدىنىيەت ئىھرامدەك قەد كۆتۇرگەن.مۇشۇنداق شەكلىنى بىرشەكىلگە بوي سۇندۇرۇپ، قاتتىق تاشتىن ، تۆت قىر تۆت تەرەپ قىلىپ،بىرنىڭ ئۇستىگە بىرنى ئىلىپ قۇرلۇش قىلغاندا ئاندىن ئىنسانىيەت مەدىنىيتى تۆت تادۇدىن تۇزۇلۇپ ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت تۇرالايدۇ.      مىجازى بەلغەم ھۆل سۇغۇق.
    تەقۋادارلىق تىپىدىكىسىدە،مەدىنىيەت نوختى نەزىرى ئىلگىرى سۇرىلىدۇ.ئادەت كۇنەگ ئاساس قىلىنىدۇ.كىتاپ بىلەن پەيغەمبەر دىنىيەتتىكى مۇھىم ئىككى ئۇرۇق.كىتاپ دەستۇر قانۇن بۇلۇپ ئادىللىق خۇسيەتتە رول ئالسا،پەيغەمبەر ئۆرنەكلىرى ئارقىلىق تەقۋادارلىقنى يىتەكلەيدۇ.كىتاپ ئوقۇش ئارقىلىق مەنىۋىيەتنى بىيىتىشنى لوگىكا دىسەك،ئۆلگە ئارقىلىق ماقامغا يىتىشنى ئوبرازلىق دەپ چۇشۇنۇشكە بۇلىدۇ. تەقۋادارلىقتا ئۆلگە ئاساس.ئۇستاز يۇقرى قىممەتكە ئىگە.شەخىس ئائىلىگە ، ئائىلە جەمەتكە، جەمەت يۇت كاتتىلىرىغا، يۇت كاتتىلىرى خاندانلىققا بوي سۇنۇپ، بىقىنىپ ئۆمۇچۇك تورىدەك تۇركۇملىنىدۇ. ئوبرازلىق تەپەككۇر كۇچەيدۇ،ئادەت ئۇگىتىدۇ.قائىدە يۇسۇنلىرى كۆپ.ھەرقانچە ھەرەڭ سەرەڭنى كۆرسىمۇ بىپەرۋا ئادىتىنى قىلىۋىرىدۇ.تەڭرىگە بولغان مۇھەببەت ھىسيات شەكىللىرى جەھەتتە ئارتۇقچىلىققا ئىگە.ھۇش ئەقىل پەزىلەت بىلىم ئىچىدىن بىلىم ئالاھىدە ئورۇندا،تەجىربە ساۋاق بۇيىچە ماڭىدۇ‹36تەدبىر›.ئۇدۇمغا ئىشىنىدۇ. نۇپۇسى كۆپ.شىئەلەر، سوپىلار،ھىندىلار،ئوتتۇرا تۇزلەڭدىكىلەر شۇ تىپقا تەۋە. بۇ تىپنىڭ مۇستەھكەملەش،ساقلاش خۇسسيىتى كۇچلۇك بولغاچ بۇنىڭغا تاناسىپ ، يىڭىنى بايقاش ئاجىزراق.ئەنئەنىۋىيلىكى كۇچلۇك كىلىدۇ.كۇچلۇك قوغدىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە .ئۇپۇنەتلىنىشنى خالىمىغاچ تەرىك دۇنيالىقنى ئىلگىرى سۇرىدۇ.ئۇسۇلىدا يەكپۇگۇچ ئۇسۇلى، ناخشىسىدا ھاۋا،كىيىم كىچىكى يەلپۇنۇپ يۇرۇشنى ئاساس قىلغان.ئادەت ‹شىگۇەن›دىگەن سۆز ھەرقاندىقىنىڭ كۆڭلىنى ئىرىتەلەيدۇ.       مىجازى قۇرۇق ئىسسىق قان.
  دۇنيا مۇشۇنداق خىلمۇ خىللىققا ئىگە،ئايرىپ ئىنچىكە كۇزىتىش بىلەن بىرگە باغلاپ كەڭ دائىرلىك چۇشۇنۇشكە تۇنۇشقا تىخىمۇ مۇھتاج.تادۇ بۇيىچە مەسىللەرنىڭ ماھىيتىنى ئىزدىگەندە،نۇقۇل تۇپراق ماكان نەزەردە قارىماستىن، زامان ئوت نەزەردە،ئىنسان سۇ نەزەردە،مەدىنىيەت ھاۋا نەزەردە تۆت نوختىنى چىقىش قىلىپ، ئاندىن تۆت تادۇ مۇناسىۋەت زىدىيتى بۇيىچە بەلگۇلەشنى داۋا ئىستەشنى ئاساس قىلىدۇ.بۇ تىخىمۇ كەڭ مەناغا ئىگە.
مەنبە؛ قۇتادغۇ بىلىگ،ئۇيغۇر تىبابىتى قامۇسىدىن پايدىلىنىلدى.
uyghuray

27

تېما

23

دوست

2381

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56444
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 87
تۆھپە : 740
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-31

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-3-10 01:53:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ ئىملاسىنى تۈزەپ قويىدىغان باشقۇرغۇچى چىقمىغانمىدۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )