- تىزىملاتقان
- 2016-3-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 395
- نادىر
- 0
- يازما
- 26
ئۆسۈش
47.5%
|
ئۇيغۇر يىقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر ۋەتەنپەرۋەر ›خەلقپەرۋەر،مائارىپچى مەرھۇم مەھسۇت مۇھىتى 1885-يىلى تۇرپان شەھىرىنىڭ ئاستانە يىزىسىدا توغۇلۇپ ،1933-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى لۈكچۈن جىڭىدە 47 يىشىدا قۇربان بولغان.مانا بۈگۈن مەرھۇمنىڭ قۇربان بولغىنىغا 83يىل بولۇپتۈ شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ئەسەر شۇ مەرھۇمغا بېغىشلاندى.
1933-يىلى 3-ئاينىڭ 8 –كۈنىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا مانا سىنىڭ بۇ دۇنيادىن ئايرىلغىنىڭغا 83يىل بولۇپتۇ ،خەلقىڭ ئۈچۈن مال – مۈلكۈڭنى پۈتۈن ئۆمرۈڭنى ئاخىرىدا ئەزىز جىنىڭنى تەغدىم قىلغىنىڭغا 83يىل بوپتۇ،1933-يىلىدىكى دەل مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈندىكى لۈكچۈن جىڭىدە قۇربان بولغىنىڭغا 83يىل بولدى.
مانا تۈگەپ كەتكىنىڭگە 83يىل بولۇپتۇ، 47يىللىق ھاياتىڭدا قالدۇرغان ئىزلىرىڭ تارىخقا ئايلانغىنىغا 80يىلدىن ئېشىپتۇ ، بۇ يىللاردا پۈتۈن شىنجاڭدا نۇرغۇن ئالەمشۇمۇل ئىشلار بولدى بولدى ،ھازىرمۇ بولىۋاتىدۇ ،نۇرغۇن ئىشلار كىتاب يۈزىدىلا ساقلىنىپ قەلبىمىزدىن ئۈچىۋاتىدۇ ،شۇنىڭغا ئوخشاش سەن ۋە سىلەردەك كىشىلىرىمىزنىڭ سىماسى ،قالدۇرغان ئىزلىرىمۇ ئۇنتۇلۋاتىدۇ.سىلەرنى ئۇنۇتۋاتىمىز ،‹‹كىتابقا ساقلاپ قويدۇق››دەپ قەلبىمىزدىن ئۇنۇتۋاتىمىز، ئەمما سەندەك ئەجداتلىرىمىز ئۇنتۇلۇش بىلەن بىرگە سىلەر قالدۇرغان يول ،ۋىجدان ،غورور ،ئۆزىنى بىغىشلاش روھى ئۇنتۇلماقتا،سىلەر قالدۇرغان روھنى سىغىنماقتىمىز ،سىنىڭدەك كىشىرىمىز قالدۇرغان قالدۇرغان كۆمۈلمەس ئىزدا مىڭىشقا ،سىلەرنى ئۈلگە قىلىشقا موھتاجمىز.
سېنىڭ ئالىيجاناپ ،ئېسىل خىسلىتىڭگە ،سەندە مۇجەسسەنلەنگەن شۇ بىزگە ئۈلگە بولغۇدەك خاراكتىرىڭنى ئۈلگە ئېلىشقا ئىنتىزارمىز.
47يىللىق ئۆمرۈڭدە شۇ ۋاقىتتا ۋە ھازىرمۇ كىشىنى ھەيراتتە قالدۇرىدىغان ئىزلارنى قالدۇردۇڭ ،شۇ ئىزلىرىڭنى ھازىرمۇ ياد ئىتىشقا ،ئىزىڭدىن نۇر ئىلىپ ،ئۆرنەك قىلىپ مىڭىش ئۈچۈن شۇ سىنىڭ ئىزىڭنى ئۇنۇتماسلىقىمىزغا ،باشقىلارغا ۋە ئۆزىمىزگە ھەرۋاقىت بايان قىلىپ قىلىپ تۇرۇشقا مەجبۇرمىز.
ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر يىقىنقى زامان تارىخىدىكى ئاجايىپ ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولغان ‹‹قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى ›› پارتلاپ پۈتۈن شىنجاڭغا زۇلۇمغا قارشى كۈرەش باشلانغانلىقىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقانىدى،سېنىڭ رەھپەرلىكىڭدە تۇرپاندىمۇ قورغىلاڭ باشلىنىپ قورغىلاڭنىڭ پۈتۈن شىنجاڭغا كىڭىيىشىنىڭ ئاساسىسىنى سېلىپ بەرگەنىدىڭ ،ئەمما كاج پەلەك ئەمدىلا خوجىنىياز ھاجىمنى تۇرپانغا باشلاپ چىقىپ ،خەلقىڭدىكى زولۇمنى بالدۇراق يۇقىتىپ خەلقنى بەخىتلىك كۈنلەرگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشۋاتقان ۋاقتىڭدا لۈكچۈن ئۇرۇشىدا قوربان بولدۇڭ،نۇرغۇن ئارزۇ ئارمانلار بىلەن بۇ دۇنيادىن ۋىدالاشتىڭ. سىنىڭ ئۆلۈمىڭ شۇ ۋاقتىدىلا ئەمەس ئۇندىن كىيىنمۇ خەلقىڭ ئۈچۈن زور بىر تالاپەت ھىسابلاندى.گەرچە سەن قوزغىلاڭ بولۇپ نەچچە ئاي ئىچىدىلا ئۆلۈپ كەتكەن بولساڭمۇ ئەمما بىلىمىڭنىڭ موللۇقى ،خەلققە بولغان مىھرىڭنىڭ ساپلىقى ،مەرىپەتۋەرلىكىڭ ،تەدبىرلىكىلىكىڭ بىلەن خەلق ئارىسىدا ئۇزۇنغىچە ياد ئىتىلدىڭ،شۇ ۋاقتىدىكى قوزغىلاڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئاندا – مۇندا سەۋەنلىكلىرى بولغان بىلەن ، سەندە شەخسىيەتچىلىكنىڭ يوقلىقى،نىيىتىڭنىڭ ساپلىقى بىلەن پۈتۈن ئۈمرىنى خەلققە بىغىشلىغان بىر خەلقپەرۋەر ئوغلاننىڭ سىماسىنى مەڭگۈلۈك قالدۇرۇپ كەتتىڭ.
سەن قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ سىما ،بۇ روھ بۇندىن بۇرۇنمۇ ،بۇندىن كىيىنمۇ مۇكەممەللىككە ئىنتىلىدىغان ھەربىر كىشىگە ئۆرنەك بولالايدىغان بىزگە يول كۆرسىتىدىغان ‹‹ئىزىڭدۇر›› 47 يىللىق ئۆمرۇڭدە بىر خىل ئارزۇ ئۈچۈن بىرنەچچە خىل ئىش بىلەن شوغۇللۇنۇپ ،شۇ ئىشلارنى يولىدا ،خەلق مەنپەئىتى ئالدىدا ئويلاپ ئالدىدا قىلىپ ،شۇ ئىشلارنىڭ قىلىۋاتقانلارغا ئۈلگە تىكلەپ بەردىڭ.
سەن بىر سودىگەر ئېدىڭ، ھەقىقى سودىگەرنىڭ قانداق بولىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويغان سودىگەر ئىدىڭ، چەتئەللەرگە ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ ‹‹سودىگەر ›› مىللەتنىڭ ھازىرمۇ سودا قىلىش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى ياۋروپاغا كۆرسەتكەن،مىللى سودىنىڭ گۈللىنىشىنىڭ ،مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن ،‹‹ پۇل تاپقان ،پۇلنى جايىدا ئۈنۈملۈك يەنى خەلق ئۈچۈن ،مائارىپ ئۈچۈن خەجلىيەلىگەن ،قانداقتۇر تاپقان پۇلىنى يانچۇققىلا توپلايدىغان بىخىل سودىگەردىن ،ئۇ يەرنىڭ مىلىنى بۇ يەرگە يۆتكەپلا خەلقنى شىلىدىغان جازانىخور سودىگەرنىڭ مەڭگۈ خەلقنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن،مۇكەممەل بىر سودىگەر ئېدىڭ.
سەن بىر زىيالى ئىدىڭ ،خەلق ئارىسىدا ،ئاددى خەلقنىڭ دەت – قايغۇسىدا ،ئوخشاش ئىنساننىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئاسمان – زىمىن پەرقلىنىشىنى سەۋەبىنى چۈشەنگەن،جەمئىيەت ۋە كىتاپتىن ئورتاق بىلىم ئالغان ،خەلقنى زولۇمدىن قۇتۇلدۇرۇشتا، تەرەققى قىلدۇرۇشتا ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەرنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىنىڭ بارلىقى بىلگەن ۋە شۇنداق قىلالىغان،قورساق تويغۇزۇش ئۈچۈنلا ئۇقىغان زىيالىنىڭ مەدىكاردىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى تونىغان ،زىيالى ئىدىڭ.
سەن بىر مائارىپچى ئىدىڭ ،دوسكا ئالدىدا بالىلارغا دەرس ئۆتمىگەن بىلەن،مائارىپنىڭ مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن مائارىپ سۆيەر ئىدىڭ. مانا تۇنجى بولۇپ قۇرغان مەكتىپىڭ بولغان ئۆز يۇرتۇڭدىكى ‹‹ مەھسۇدىيە›› مەكتىپى ( ھازىرقى ئىسمى ئاستانە ئوتتۇرا مەكتەپ) قۇرۇلغىنىغا 100يىلدىن ئېشىپتۇ،ئەينى ۋاقىتتتا سەن ئاستانىدىلا ئەمەس ،تۇرپاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نۇرغۇن مەكتەپلەرنى قۇرۇپ ،تۇرپان مائارىپىنىڭ ئاساسىنى سېلىپتىكەنسەن،ئەينى ۋاقلاردا سەن قۇرغان شۇ مەكتەپلەردە ئۇقىغان نۇرغۇن بالىلار كىيىن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشۇپتىكەن،سەن قۇرغان ئاستانە مەكتىپى ھازىرمۇ قەد كۆتۈرۈپ نۇرغۇن بالىلارغا بىلىم ئىلىش باغچىسى بولۇپ سىنىڭ روھىڭنى خوش قىلىۋاتىدۇ.
l 。 سەن بىر خەلقپەرۋەر ،خەلقنى سۆيگەن بىر ئوغلان ئىدىڭ ،بىزنىڭ ئەڭ ئۆگىنىشكە تىگىشلىكىمۇ سىنىڭ خەلقنى سۆيۈش روھىڭدۇر ،بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنىمۇ يەنىلا خەلقنى سۆيۈش روھىدۇر،سىنىڭ مەكتەپ سېلىشىڭ ئاخىرىدا قورال تۇتۇپ جەڭ قىلىپ ۋاپات بولىشىڭ ،كىم ئۈچۈن يەنىلا خەلق ئۈچۈن ئىدىغۇ،سىنىڭ نىمەڭ كام ئىدى ،ھوزۇر –ھالاۋەتنى تاشلاپ جەڭ قىلىش،شۇ بىرلا گەپ يەنىلا خەلقىڭ ئۈچۈن ئەمەسمىدى ،ئادەمنىڭ ھامان ئۆلىدىغانلىقى ئەمما خەلق ئارىسىدا باسقان شانلىق ئېزىڭ قالسا مەڭگۈ روھىڭنىڭ داۋاملىشىدانلىقىنى بىلگەنلىكىنىڭ ئۈچۈن ئەمەسمىدى ،خەلقنى سۆيۈشنىڭ ئۆزىنى سۆيگەنلىكنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكىڭ ئۈچۈن ئەمەسمىدى.
مانا سەن كەتكىلى 83 يىل بوپتۇ، سەن بىزگە بىر سودىگەرنىڭ،بىر زىيالىنىڭ ، بىر مائارىپچىنىڭ ،بىر خەلقپەرۋەر ئوغلاننىڭ سىماسىنى قالدۇرۇپ كەتكىلىمۇ 83 يىل بوپتۇ .بىز سىنى ئەسلەيمىز سىنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىمىز.
l مانا مەھسۇت مۇھىتى ۋاپات بولغىلى 83يىل بوپتۇ،بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەرھۇمنى چوڭقۇر ياد ئىتىمىز ۋە ئەسلەيمىز.مەھسۇت مۇھىتى ۋە شۇنىڭدەك نۇرغۇن كىشىلرىمىز قەلبىمىزدىن ئۇنتۇلۇپ پەقەت كىتابلىرىمىزدىلا ساقلىنىپ تۇرماقتا،شۇ كىشىلرىمىز قالدۇرغان سودىگەرلەر،مائارىپچىلار ۋە زىيالىلارنىڭ ئوبرازى يادىمىزدىن چىقىپ شەخسىيەتچلىك كۈچىيىپ كىتىۋاتقان مۇشۇ زامانلاردا يەنىلا شۇ كىشىلىرىمىزنىڭ ئالىيجاناپ روھىنى ئۈلگە قىلىشىمىز زۆرۈلدۇر،ئۇلارنى ئۇنۇتماسلىقىمىز تىخىمۇ زۆرۈلدۇر.
يازمامغا پىكىر تەلەپلەر بولسا تەلىم بىرەسىزلەر
چ چ :1564961046
پەرھات ئىدىقۇت
|
|