قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 548|ئىنكاس: 5

ياپونىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ قىسقا مەزگىل ئىچىدە بوشىتىش سىياسىت...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

46

تېما

2

دوست

2229

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  40020
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 97
تۆھپە : 674
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-9 10:34:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ياپونىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ قىسقا مەزگىل ئىچىدە بوشىتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشى تەس

خېشۈن تاشقى پېرىۋوت تورى خەۋىرى، بايكۈچ تەرجىمىسى

u=2412100577,1781399585&fm=21&gp=0.jpg

ياپونىيە مەركىزى بانكىسنىڭ بانكا باشلىقى Haruhiko Kuroda نىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ياپونىيە مەركىزى بانكىسى مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ياپونىيە ئىقتىسادىغا بولغان تەسىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان بولۇپ، قىسقا مەزگىل ئىچىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بوشىتىش سىياسىتى يۈرگۈزمەيدىغانلىقى توغرىسىدا شەپە بەردى.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ياپونىيە ئىقتىسادىغا نىسبەتەن يەنىلا ئۈمىدۋار ھالەتتە بولۇپ، سىرتنىڭ ياپونىيە مەركىزى بانكىسى 1-ئايدا ئوتتۇرىغا چىقارغان مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ بازارغا نىسبەتەن قىلچە تەسىرى بولمىغانلىقى توغرىسىدىكى جامائەت پىكرىگە رەددىيە بەردى.  ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، باشقا ئامىللار ئۆزگەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ياپونىيە يىنى ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە يولغا قويۇلۇش ئېھتىماللىقى بولغان پۇل سىياسىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بوشىتىشتەك ئەمەلىيەت مۈلۈك باھاسىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتكەن، نۆۋەتتە بۇ ئاكتىپ تەسىرلەر پۈتۈن دۇنيادىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتىنىڭ ئۆرلىشى تەرىپىدىن يېپىلىپ قالدى.

ئۇ ياپونىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ %2 لىك پۇل پاخاللىقى نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، زۆرۈر تېپىلغاندا پۇل سىياسىتىنى بوشىتىشقا تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى ، مۈلۈك سېتىۋېلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە، مەنپىي ئۆسۈمنى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى قايتا قايتا تەكىتلىدى. ئەمما ئۇ يەنە نۆۋەتتىكى مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتى قەرز پۇل تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ۋە كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق ئىقتىسادنى ئۈنۈملۈك غىدىقلايدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلىدى. ياپونىيە مەركىزى بانكىسى مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۆۋەنلىتەمدۇ دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرگەندە ئۇ مۇنداق دېدى: "نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتى سىياسىتىنىڭ ياپونىيە ئىقتىسادىغا قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكشۈرۈشنىڭ پەيتى."

ياپونىيە مەركىزى بانكىسى بۇ يىل 1-ئايدا ئويلىمىغان يەردىن مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتى سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى جانلاندۇرماقچى بولدى، دەرۋەقە بىر قىسىم تەنقىدچىلەر بۇ تەدبىرنى بازار داۋالغۇشىنى كۈچەيتىپ، ياپونىيە پاي بازىرىنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ياپونىيە يىنى قىممىتىنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ قارىدى.

مەنبە: بايكۈچ تورى (www.baykuq.com)

20151126114247_87922.png


uyghuray

4

تېما

42

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 1246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 3610
توردىكى ۋاقتى: 1067
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-9 19:04:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئابى.شىنزو ئىقتساد ئىلمىي خەلقئارا قىزغىن مۇنازىرىلىك ئىلىم بولۇپ قالماقتا .ئۇنىڭ 3يىل بۇرۇنقى  ئابى.شىنزو ئىقتساد ئىلمىي1.0دىكى ئۇتۇقلىرى مانا ھازىر كۆرۈلۈشكە باشلىدى .مەن  ئابى.شىنزونىڭ ئەقىللىق ،زىرەك دانا ئىقسادشۇناس ۋە ئەلباش ئىكەنلىكىنى ئىتراب قىلىمەن .
   بىزنىڭ باش ۋەزىرىمىز لىكىچىياڭ تەخىتكە چىققاندىن بۇيان تاشقى دىپلوماتىيەدە 高铁外交 بازارغا سالغاندىن بۇيان ئابى .شىنزۇمۇ ئوخشاشلا 高铁外交نى يولغا قۇيۇپ ،جۇڭگۇنىڭ بۇ يىڭى تاشقى ئىشلار ئىستىراتىيىگىسىنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى .
   ئەمدى ،ياپون بانكىسىنىڭ پۇل بوشىتىش سىياسىتى ئەڭ ئالدى بىلەن دوللارنىڭ بىسىمىغا ئۇچرايدۇ .چۈنكى ياپونىيە دۇنيادىكى ئەڭ قەرىز بىرىدىغان دۆلەت .بۇ قەرىز دوللار بىلەن ئايرىۋاشلانغاچقا دوللارنىڭ قانداق بولىشى ياپونىيەنىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىگە بارغلىق .مىنىڭچە ،ئامىرىكا ھەرگىزمۇ ياپونىيەنى ئىقتساد جەھەتتىن تەڭسىزلىكتە قويمايدۇ .چۈنكى ياپونىيە دۇنيا بويىچە ئامىرىكا ئەڭ كۆپ قەرىز بىرىدىغان ھەقدار دۆلەت .ياپونىيە يىنىنىڭ قىممىتى پاخاللاشسا ،دوللارنىڭ قىممىتىگە تەسىر قىلىدۇ .بەلكىم ئابى.شىنزۇ دوللار بىلەن يىن ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق نوقتىسىنى تاپقان بولسا كىرەك .

0

تېما

2

دوست

488

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  49958
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 153
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-9 21:55:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
putin يوللىغان ۋاقتى  2016-3-9 19:04
ئابى.شىنزو ئىقتساد ئىلمىي خەلقئارا قىزغىن مۇنازىرىل ...

ساۋادىڭ قاچان تولۇق چىقىدۇ سېنىڭ، بىچارە ماشكا

1

تېما

1

دوست

675

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   35%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  50142
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 192
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-9 23:20:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەڭ قايىل بولدىغان مىللەتتىن ئۈچ مىللەت بار ،رۇس  ،گىرمان ۋە ياپۇن .ئەلۋەتتە يەھۇدىلارمۇ بار .بۇلاردىكى ئۇيۇشچانلىق ،ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋەئىلىم-پەننى قىزغىن سۆيۈش روھى بىزنىڭ ئۈلگە قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ
uyghuray

0

تېما

0

دوست

52

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   17.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  50945
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 16
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-10 17:47:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
putin يوللىغان ۋاقتى  2016-3-9 19:04
ئابى.شىنزو ئىقتساد ئىلمىي خەلقئارا قىزغىن مۇنازىرىل ...

خەۋىرىڭىز بولمىغان ساھە توغرىسىدا پىكىر قاتناشتۇرماڭ.  ئابى ئىقتسادى دىگەن ئايرىم بىر ئىقتىساد ئىلمى ئەمەس، پەقەت شىنزۇ ئابى قوللىغان ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنىلا كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئەلباشلارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان ئىقتىسادىي سىياسەتلەر خىلى كۆپ مەسىلەن، رىگان ئىقتىسادىي، كىلنتون ئىقتىسادىي دىگەندەك.
خەنسۇچىدىن تەرجىمە قىلالمىغان 高铁外交 بولسا يۇقىرى سۈرەتلىك تۆمۈريول دىپلۇماتىيسى دىيلىدۇ.  بۇنى لى كىچىياڭ  بازارغا سالمىغان بەلكى 2008يىلىدىن باشلاپلا جۇڭگۇنىڭ باشقىلارنىڭ تىخىنىكىسىنى ئۆزلەشتۈرۈپ شەكىللەندۈرۈپ، ئۈنۈمى كۆرسىتىلىشكە باشلىغان. بۇ تىخىنىكا جۇڭگۇنىڭ ئىكسپورتقا مايىل ئىقتىسادىدا يىڭى پەيدا بولغان ياخشى بىر كوزور.  ياپۇنىيە بۇنى شىنزۇ ئابى تەرىپىدىن يولغا قويمىغان، بۇرۇنلار بار ئىدى، جۇڭگۇ دەل شۇ تىخنىكىنى  ياپۇن، گىرمانىيە ۋە فىرانسىيەدىن تىخىنىكا سىتىۋىلىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش ئاساسىدا ئۆزىنىڭ يۇقىرى سۈرەتلىك تۆمۈر يول تىخنىكىسىنى بەرپا قىلدى، جۇڭگۇنىڭ ناھايىتى ئەرزان ھەم سۈپىتى خىلى ياخشى  بولغاچقا تىزلا ئومۇملاشتى. بۇ قېتىم ھىندىستاننىڭ ياپۇنىيەنىڭ يۇقىرى سۈرەتلىك تۆمۈر يول تىخىنىكىسنى ئىشلىتىشىنىڭ سەۋەبىنى "ھىندىستاننىڭ جۇڭگونى مەنسىتمىگۈدەك جۈرئىتى نەدىن كەلگەن " دىگەن تىمىدا ياخشى تەھلىل قىپتۇ. جۇڭگۇنىڭ ئەرزان ھەم سۈپەتلىك تۇرسا ھىندىستاننىڭ ياپۇنىيەنىڭ قىممىتىنى تاللىشى شىنزۇ ئابىنىڭ ئەمەس مودىنىڭ قارارى. پۇل بوشىتىش سىياسىتىنى ئازراقمۇ چۈشەنمەيدىكەنسىز، ئۇ ئۇنداق ئاددىي دوللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش ئەمەس. بۇ پەقەت ياپۇنىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئالاھىدەئەھۋالىغا ئاساسەت يۈرگۈزىلىۋاتقان سىياسەت. يەنە بىر گەپ قەرزنى دۆلەت بەرمەيدۇ، مەركىزى بانكا بىرىدۇ. ياپۇنىيە ھۆكىمىتىنىڭ قەرزىنى ئىنتايىن يۇقىرى دۆلەتلەرنىڭ بىرى، قەرز تارقاتمايدۇ زايۇم تارقىتىپ مەركىزى بانكا ياكى سىرىتتىن قەرز توپلايدۇ.  ياپۇنىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى پۇل بوشىتىن سىياسىتىنى ئوڭشىيالمايۋاتىدۇ. تولۇق باھا بىرىشكە يەنە ئازراق ۋاقىت بار، قالغىنىنى شۇ ۋاقىتتا كۆرىمىز. ئۆتۈنۈپ قالاي، ئىقتىساد توغرىسىدا قالايمىقان جۆيلىمەڭ .
ئىقتىسادنى بىلمەسلىك جىنايەت ھىساپلانمايدۇ، چۈنكى ئىقتىساد كۆپىنچە كىشىلەر ئۈچۈن "غۇۋا پەن"دۇر. ئەمما مۇشۇ ئىقتىساد بىلىمسىزلىكى ھالىتىدە تۇرۇپمۇ ئىقتىساد توغرىسدا كۈچلۈك ۋە "ئۈنلۈك" كۆز قاراشقا ئىگە بولۇش مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر.
-مۇررەي روتبارد


3

تېما

0

دوست

371

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   35.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  58174
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 98
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-14 20:01:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنزۇلار يازغان ياپۇنىيە توغۇرلۇق يېزىلغان ھەرقانداق يازمىنىڭ راستلىقىغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )