ھىندىستاننىڭ جۇڭگونى مەنسىتمىگۈدەك جۈرئىتى نەدىن كەلگەن
خاڭ يىۋېي
نۇرجاھان تەرجىمىسى
ھىندىستان 2016-يىلى 3-ئايدا دېڭىز بويى شەھىرى گوئادا «2016-يىللىق ھىندىستان خەلقئارا مۇداپىئە كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزىدۇ، 117 دۆلەتنى كېلىپ قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى ئەمما جۇڭگو ۋە پاكىستاننى تەكلىپ قىلىشنى رەت قىلدى. ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئىزچىل دۈشمەنلەشمەكتە، چۈشىنىشكە بولىدۇ، بىراق جۇڭگوغا پۈتۈنلەي پىسەنت قىلماسلىقى زادى نېمە قىلغىنى؟ چۈشىنىكسىز بولغىنى جۇڭگونىڭ تەكلىپ قىلىنماسلىقىدۇر، ھىندىستان جۇڭگو ۋەكىللىرىنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما جۇڭگو يەرمەنكىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى يوقكەن. بۇ راستمۇ؟
ئەگەر ئامېرىكا، ياپونىيە ياكى ياۋروپا دۆلەتلىرى بۇنداق پائالىيەت قىلىپ جۇڭگونى تەكلىپ قىلىشنى رەت قىلىدىغان بولسا، دۆلت ئىچىدە غەزەپلەنگەن سادالار ياڭراپ كېتەتتى، بىراق ھىندىستان ياكى ئافرىقىدىكى مەلۇم دۆلەت جۇڭگونى شۇنچە خورلىسا، قىزىققان دوستلار ئاساسىي جەھەتتىن سۈكۈت قىلىدۇ. ئەگەر ھىندىستان تەكلىپ قىلمىسىمۇ، جۇڭگو ئادەم تەشكىللەپ بارسا ھاقارەتكە ئۇچرايدۇ، قانداق لوگىكا ئىشلىتىشنى بىلمەيدۇ.
جۇڭگودا، بىر قىسىم كىشىلەر ھىندىستاننى بەك كەمسىتىدۇ، ھىندىستان جۇڭگونىڭ كۆپ ئارقىدا قالدى دەپ قارايدۇ. بىراق ئەمەلىيەتتە، ھىندىستان ھەقىقەتەن ئۆزگەرمەكتە. ھەمدە، يېقىنقى يىللاردا ھىندىستان سىياسىئونلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن ھەقىقىي دوستانە ئۆتۈش نىيىتى يوق. بولۇپمۇ مودى ھىندىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن كۈرەش قىلىش ئىرادىسى كۈچىيىپ قالدى.
مود ھىندىستاندىكى ئىقتىسادنى نىسبەتەن چۈشىنىدىغان سىياسىئون. ئەڭ يېڭى خەۋەرلەردە ھىندىستان دېھقانلىرىنىڭ كىرىمى ھەسسىلەپ ئاشقانلىقى كۆرسىتىلدى. ھىندىستاننىڭ ئاۋىئاماتكىسى گەرچە مەسخىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما خەق نېمىلا بولمىسۇن سۇدا ماڭدۇردى. ھەمدە، ھىندىستان ئۆزى ئىشلەپچىقارغان سۇ ئاستى پاراخوتىمۇ بار بولدى، بۇ ھىندىستاننىڭ ئىككى قېتىم زەربە بېرەلەيدىغان يادرو ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھىندىستان جۇڭگو، ياپونىيەنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ئوڭۇشلۇق ھالدا مارس تەكشۈرۈش ئەسۋابى قويۇپ بەردى. بۇنىڭدىن سىرت، ھىندىستاننىڭ يۇمشاق دېتال، دورا ياساش، تېلېۋىزىيە سەۋىيەسى جۇڭگونىڭكىدىن كۆپ يۇقىرى. دۇنيانىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ خېلى بىر قىسىمى ھىندىستانغا يۆتكەلدى. ھىندىستان پۈتكۈل خەلق ھەقسىز داۋالىنىش تۈزۈمى يولغا قويغان، بىرلا ۋاقىتتا مائارىپقىمۇ زور مەبلەغ سېلىشقا قۇربىتى يېتىدۇ. ھىندىستاننىڭ دورىگەرلىكى تەرەققىي قىلغان، بولۇپمۇ ئوخشىتىپ ياسالغان دورىلاردا شۇنداق، بۇ ھىندىستان خەلقىنىڭ ھەقسىز داۋالىنىش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە ئازايتقان. ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، جۇڭگو ئىمپورت قىلىدىغان دورىلارنى ياۋروپا، ئامېرىكىدىن سېتىۋالغانغا قارىغاندا ھىندىستاندىن سېتىۋالسا كۆپ ئەرزان بولىدىكەن. ئوخشاش ئوخشىتىپ ياسالغان دورىدا ھىندىستاننىڭ سۈپىتى جۇڭگونىڭكىدىن راستىنلا كۆپ ياخشى. ئۇلار بۇرۇنلا 8 يىللىق تولۇق ھەقسىز مائارىپ يولغا قويغان، ئوقۇغۇچىلار ھەر يىلى ئۈچ يۈرۈش مەكتەپ فورمىسى ھەمدە يوتقان قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىگە ھەقسىز ئېرىشەلەيدۇ؛ 120 مىليون ئوقۇغۇچى ھەقسىز چۈشلۈك تاماقتىن تولۇق بەھرىمان بولالايدۇ. ئەمما دۆلەت كۈچى چەكلىك بولغانلىقتىن، ھىندىستان باشقا جەھەتلەردىكى ئىجتىمائىي ئاممىۋى پاراۋانلىق سەۋىيەسى چەكلىك. چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدە، ھىندىستان بىلەن ئامېرىكا، رۇسىيە، ياۋروپا قاتارلىقلارنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى، ھەممە ئىشى ئوڭغا تارتىدىغان پۇراق بار.
ھىندىستاننىڭ جۇڭگونى چەتكە قېقىشى كۆپلىگەن جەھەتلەردە ناھايىتى روشەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى قورال-ياراق يەرمەنكىسىدىن سىرت، ھىندىستان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى قىممەت ياپونىيە تېخنىكىسىنى تاللاشنى خالايدۇكى جۇڭگونى تاللىمايدۇ ھەم سىياسىي مۇددىئاسىمۇ بار. 2000-يىلدىن 2015-يىلى 9-ئايغىچە، جۇڭگو ھىندىستانغا جەمئىي 1 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالدى، ئىنتايىن ئاز، ھىندىستانغا سېلىنغان ئومۇمىي چەتئەل مەبلىغىنىڭ پەقەت %0.47نى ئىگىلەيدۇ. ئەمما جۇڭگو مەبلەغ سالغانلىقى تۈر بولسا، ھىندىستان ھەممىسىگە سەلبىي باھا بېرىدۇ. «بىز جۇڭگونىڭ مەبلىغىدىن ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك، ئۇلار ھەتتا شەخسىي ئۇچۇرنىمۇ ئوغرىلايدۇ ھەمدە جۇڭگو ماللىرىنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ناچار» دېگەن بۇ ھىندىستاننىڭ غەزەپلەنگەن ياشلىرىنىڭ ۋەكىللىك پىكىرى ھېسابلىنىدۇ.
نۇرغۇن جۇڭگولۇقلار چۈشەنمەيدىغان يېرى، ھىندىستانمۇ ئەمەلىيەتتە بۇرۇن «سوتسىيالىزم دۆلىتى» ئىدى. نېھرۇ رەھبەرلىكىدە، ھىندىستان 1951-يىلىدىن باشلاپلا پىلانلىق ئىقتىسادنى يولغا قويغان. تاكى 21-ئەسىرنىڭ بېشىغىچە ئاندىن ھىندىستاننىڭ پىلانلىق ئىقتىسادى پەيدىنپەي بىكار قىلىنغان. ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى بىرىنچى نۆۋەتلىك باش مىنىستىرى نېھرۇ تەختتە 17 يىلدىن كۆپرەك ئولتۇردى. ھىندىستان رەسىمىي مۇستەقىل بولۇشتىن ئىلگىرى، ئۇ ئاپتونومىيە باش مىنىستىرى ئىدى؛ مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ھىندىستاننى تېخىمۇ تولۇق كونترول قىلدى. ئەمما ھىندىستاندا ۋارنا تۈزۈمى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، نېھرۇ خۇسۇسىي ئىگىلىك تۈزۈمىنى يوقىتالمىدى ھەم ئوڭچىللارغا قارشى تۇرۇش، مەدەنىيەت ئىنقىلابى دېگەندەك ھەرىكەتلەرنى قوزغىمىدى، شۇڭا ھىندىستاننىڭ سوتسىيالىزم ئەمەلىيىتى جۇڭگونىڭكى بىلەن ئوخشىمايدۇ. ۋارنا تۈزۈمى ۋە مىستىكىزم دائىم ھىندىستانغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بىرلا ۋاقىتتا دېموكراتىك ئىدارە قىلىش تۈزۈمى يەنە ھىندىستاننى ئاستا-ئاستا ئالغا باستۇرماقتا. ھىندىستاننىڭ پۈتكۈل ئەمەلىي كۈچى زورايماقتا. ھازىرقى باش مىنىستىر مودى تۆۋەن ۋارنا قاتلىمىدىن چىققان، ئۇ ھىندىستاننى ئىدارە قىلالايدۇ، ھىندىستان ۋارنا تۈزۈمىنىڭ بوشىشى ۋە ئاجىزلىشىغا ئەمەلىي ۋەكىللىك قىلىدۇ. مودى ئىقتىسادنى چۈشىنىدۇ، تەختكە چىققاندىن بۇيان چىقارغان سىياسەتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى ھەم ھىندىستاننى ئىشەنچكە ۋە ئۆزىگە ئىشىنىشكە ئېرىشتۈردى. مودى ھىندىستان پىلانلىق ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى گۆركارى. ھىندىستاننىڭ پىلانلىق ئىقتىسادنى بىكار قىلىشى جۇڭگودىن 20 يىل ئەتراپىدا كېچىكتى، ئەمما بازار ئىقتىسادىغا قايتىدىن قايتىپ كەلدى، ھىندىستاننىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ كەلگۈسى بىلەن ئۆتمۈشى ئانچە ئوخشىمايدۇ. پىلانلىق ئىقتىسادنىڭ بوغۇشىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، ھىندىستاننىڭ راستىنلا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش مۇمكىنچىلىكى بار. ھىندىستان جۇڭگوغا قارىغاندا يەنە بىر ئالاھىدە ئۈستۈنلىكى بار، يەنە ھىندىستان نوپۇسىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 30 غا بارمايدۇ، لېكىن جۇڭگو مۇددەتتىن بۇرۇن قېرىلاشقان جەمئىيەتكە قەدەم قويدى.
جۇڭگونىڭ ئەتراپىدا، ياپونىيە، ۋېيتنام، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر جۇڭگوغا خېلى دوستانە ئەمەس، شىمالىي كورىيە (چاۋشىيەن) ھەمىشە جۇڭگوغا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىدۇ، جۇڭگو-جەنۇبىي كورىيە مۇناسىۋىتى شىمالىي كورىيەنىڭ تەسىرىگە بىۋاسىتە ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، رۇسىيە جۇڭگوغا دوستانە دەيمىز، ئەمەلىيەتتە ئېغىزىدا بار ئەمەلىيەتتە يوق. بۇ جۇڭگو دۇچ كەلگەن ئوبيېكتىپ مۇھىت. تۆت ئەتراپىدىكى قوشنىلىرىدا جۇڭگو بىلەن ھەقىقىي چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقىنى پاكىستان، بىراق ھىندىستان-پاكىستان ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ياراشتۇرۇش تەس. ھىندىستان جۇڭگونى مەنسىتمەسلىككە جۈرئەت قىلالىشى ھەم بۇ ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ مۇناسىۋىتى جەنۇبىي تىبەت (زاڭنەن) مەسىلىسى، يەنە 1962-يىلدىكى جۇڭگو-ھىندىستان ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان يەنە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، كۆپلىگەن تەرەپلەردە ئوخشاش رىقابەتلىشىشتەك قىيىن مەسىلىلەر مەۋجۇت. شۇڭا، جۇڭگو-ھىندىستان مۇناسىۋىتى ئەمەلىيەتتە نەتىجىسىزدۇر. جۇڭگودا بىر قىسىم كىشىلەر زېھنى كۈچىنى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە زىيادە قارىتىۋالغان، ئەتراپىدىكى بۇ مەسىلىلەرگە سەل قارىغان. بۇ مەسىلىلەر مۇددەتسىز بومبا بولىشى مۇمكىن. قايسى كۈنى جۇڭگوغا غايەت زور ئاۋارىچىلىق كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ.
مەنبە: سۇمرۇغ بلوگىدىن تەرجىمە قىلىندى. باغداش تورىدىن نۇرجاھان تەرجىمىسى.
باشقا تور بەت ۋە سالونلارنىڭ كۆچۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
|