«نەشىرى» ۋە «تور ئەسەرلىرى» دىگەن سۆز توغرىسىدا مۇھاكىمە
جىمسارى
بىزدە «نەشىر، نەشىرى» دىگەن بىر سۆز بار. بۇ سۆزنى «گوگل تەرجىمانى» دىن ئىزدەپ باقسام، ئەرەپچە «ناشر»، پارىسچەدە «انتشار» دەپ ئاتالغاندەك قىلىدۇ. بىزدىكى «نەشىر» دىگەن سۆزنىڭ مەناسى، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى (لۇغىتى)»دە، مۇنداق ئىزاھلانغان: « نەشىر ئى [ئە] ئەسەرلەرنى مەتبەئە ئورۇنلىرىدا بېسىش، بېسىپ تارقىتىش: نەشىر قىلماق.» مەزگۇر ئىزاھاتقا قاراغاندا (قارىغاندا)، بىزدىكى نەشىر دىگەن سۆز، مۇنداق ئىككى سۆزنى كۆرسەتىدۇ (كۆرسىتىدۇ). بۇنىڭ بىرى، «پىئېل سۆز» بولۇدۇ. نەشىر دىگەن سۆزنىڭ تۈپ مېغىزى، «تاراتىش (تارىتىش)، تارقاتىش (تارقىتىش)» بولۇدۇ. بۇ چاغدا، نەشىر قىلماق دىگەن سۆز، مەيلى قايسى شەكىلدە ياكى ۋاستە ئارقىلىق بولماسۇن (بولمىسۇن) تارقاتماق دىگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان پىئېل سۆز بولۇدۇ دەپ قارايمەن. ئىككىنچىسى، ئىسىم سۆز بولۇدۇ. يەنى پىئېل سۆزنىڭ ئىگىسىنى كۆرسەتىدۇ. مەسىلەن: نەشىرىيات، ئىلىم نەشىرىياتى، ئىرپان نەشىرىياتى، خەلق نەشىرىياتى، ھاۋارايى نەشىرىياتى، يېزا ئىگىلىك نەشىرىياتى.... دىگەندەك. ھازىرقى دەۋرىمىزدە، ھەر خىل ئەسەرلەرنى نەشىر قىلىش(تاراتىش، تارقاتىش)، پەقەتلا نەشىرىيات ئورۇنلىرىنىڭ قەغەز نەشىرى بىلەن چەكلىنىپ قالماي، رادىئو، تېلىۋىزور، ئېلىكترون ، ئىنتېرنېت قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىقمۇ ئەمەلگە ئېشىۋاتىدۇ. دىمەك، ئەسەرلەرنىڭ نەشىر قىلىنىش (تاراتىش، تارقاتىش)دائىرسى بەكمۇ كەڭ بولماقتا. شۇڭا، ئەسەرلەرنى، نەشىرىيات نەشىرى، رادىئو نەشىرى، تېلىۋىزور نەشىرى، تور نەشىرى، ئېلىكترون نەشىرى دىگەندەك ئاتاشقا بولۇدۇ. بەزىلەر، مىنىڭ «باغداش تورىدا نەشىر قىلىندى» دىگەن سۆزۈمنى، ناھايىتى يات، غەلىتە ھېس قىلدى. «نەشىر قىلىندى» دىگەن سۆزۈمنى، «ئېلان قىلىندى» دەپ ئاتايمىز دەپ كەسكىن ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنداقتا «ئېلان قىلىندى» دىگەن سۆزنىڭ تۈپ مەناسى نىمە؟ بۇنىڭغا بۇ كىشىلەر تا ھازىرغىچە بىرەر چۈشەنچە بەرمىدى. مەن نىمە ئۈچۈن، «ئېلان قىلىندى» دەپ يازمادىم(يازمىدىم)؟ چۈنكى «ئېلان قىلىندى» دىگەن سۆز بىلەن، «نەشىر قىلىندى» دىگەن گەپنىڭ بىلدۈردىغان ئۇقۇملىرى ئوخشاش ئەمەس. «ئېلان قىلىندى» دىگەن سۆز، «جاكارلىدى»، «ئۇقتاردى»، «جىكىلدى» دىگەندەك ئۇقۇملارنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن: «ئورمان قانۇنى ئېلان قىلىندى». «ۋەكىللەر تىزىملىكى ئېلان قىلىندى». «ساياھەت نوقتىلىرى ئېلان قىلىندى»، «ئىككى يىغىن كۈنتەرتىۋى ئېلان قىلىندى»، «....رىۋايەتنىڭ (رومان) نەشىرقىلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى» دىگەندەك. دىمەك، خۇددى «ئېلان قىلىندى» دىگەن سۆزنىڭ ئورنىغا، «نەشىر قىلىندى» دىگەن سۆزنى ئىشلەتسەك، ئۇ چاغدا، «جاكارلىغان، ئۇقتۇرۇش قىلغان، جىكىلىگەن» دىگەندەك مۇھىملىقى يوق بولغانغا ئوخشاش، مەلۇم ئەسەر «نەشىر قىلىندى» دىگەن سۆزنى، «ئېلان قىلىندى» دەۋالساق، ئەسەرنى بىر مۇھىم ھۆججەت قاتارىدا «جاكارلىغان، جارسالغان، ئۇقتۇرۇش قىلغان» بولۇپ قالمايمىزمۇ؟ مەن، سەمەتنىڭ «كۆكلەم» ناملىق ئەسىرى، «شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى»دا نەشىر قىلىندى دەپ ئاتاش توغرا، «ئېلان قىلىندى» دىسەك خاتا بولۇدۇ دەپ قارايمەن. چۈنكى، «شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى»دىكى ئەسەرلەر، مۇشۇ نەشىر ئەپكارىدا نەشىر (تارقىلىدۇ) قىلىنىدۇ، ئەمما، ھەرگىزمۇ ئەسەرلەرنى جاكارلاش، ئۇقتۇرۇش قىلىش، ئەمەس. دىمەك، بىزدىكى «نەشىر ياكى نەشىر قىلىش» دىگەن سۆز، مەيلى قانداق ئۇسولدا، شەكىلدە ياكى ۋاستەدە بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، ئادەتتىكى تاراتىش، تارقاتىشنى بىلدۈرىدۇ. ئەمدى، «ئېلان قىلىش» بولسا، «جاكارلاش، ئۇقتۇرۇش قىلىش، ئېلان بېرىش» دىگەنلەرنى بىلدۈرىدۇ. مەن، «باغداش» تا ئەسەر نەشىر قىلدىم ياكى تارقاتتىم. ھەرگىزمۇ، جاكارلاپ، ئۇقتۇرۇش قىلمادىم (قىلمىدىم)، ئېلان بەرمەدىم (بەرمىدىم). مىنىڭچە، نەشىرىيات نەشىرى، رادىئو نەشىرى، تېلىۋىزور نەشىرى، تور نەشىرى، ئېلىكترون نەشىرى دىگەندەك نەشىرى ئەسەرلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپ بىرى-بىرىگە ئوخشاش ئەمەس. ۋاستەسىمۇ ئوخشاش ئەمەس. ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقالىقىمۇ ئوخشاش ئەمەس. ئوبىكتىمۇ ئوخشاش ئەمەس. يازىلىش (يېزىلىش) شەكلىمۇ ئوخشاش ئەمەس. نەشىر قىلىنىش باسقۇچلىرىمۇ ئوخشاش ئەمەس. ئەگەر بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىر ئۆلچەمدە بولۇدۇ دىسەك، نەشىر ئەپكارلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى يوققا چىقارغان بولۇمىز. تور نەشىرىدىكى ئەسەرلەر، شەخسىنىڭ مەلۇم تور ۋاستەسى ئارقىلىق شەخسى شەكىلدە ئەركىن نەشىر قىلغان (تاراتقان) كۆز قاراشلىرىدىن ئىبارەت. توردىكى ئەسەرلەر، تەتقىقات ئەسەر، مۇلاھىزە ئەسەر، مۇھاكىمە ئەسەر، ئوبزور ئەسەر، بايان ئەسەر، پەنوم ئەسەر (مەن ئىجات قىلغان ئىسىم، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئەسەرىنى كۆرسەتىدۇ)، فانتازىيە ئەسەر، شەرھى ئەسەر، رىۋايەت ئەسەر، قىسىسە ئەسەر، شىئېرى ئەسەر، خەۋەر ئەسەر، ئەسلىمە ئەسەر، تارىخى ئەسەر، رەسىملىك ئەسەر، ساياھەت ئەسەر دىگەندەك كۆپخىل تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ. بۇلارنىڭ يازىلىش (يېزىلىش) ئۆلچەمىدىمۇ (ئۆلچىمىدىمۇ) ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولۇدۇ، يەنى مەلۇم پەرقلەر بولۇدۇ. بۇلارنى مەلۇم بىر ئەسەرنىڭ ئۆلچەمى بۇيىچە بىر تاياقتا باھالاشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. تور ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنغاندىن كىيىن، زور ئۇچۇر مەنبەسى ۋە قىممەتلىك مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىر سۆز ئامبىرى، ئىلىم ئامبىرى، ئىلبىمات ئامبىرى (مەن ئىجات قىلغان سۆز، ئېنسىكلوپېدىيا دىگەن سۆز)، ئۇسلۇب ئامبىرى دىگەندەك قىممەتلىك ئامبارلارغا ياكى كىتاپخانىلارغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا، ، سىياسەتكە، ئىتتىپاقلىققا، زامانىۋىلىققا، ئاڭغا زىيانلىق بولماغان ھەرخىل چۈشەنچە، ئاتالغۇ، شەكىل، ئۇسلۇبلارنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلۇدۇ. يول قويۇلىشى كېرەك. ھەممە گۈللەر تەڭ ئېچىلىشى كېرەك. بىزگە غەلىتە بىلىنگەن ئاتالغۇ، سۆز ۋە شەكىللەر، بىزگە كىيىن بىر تەتقىقات ئوبىكتى بولۇپ قالىشمۇ (قېلىشىمۇ) مۇمكىن. تور، خۇددى توخو سۈتىدىن باشقا ھەممە نەرسە تېپىلىدىغان بىر ئەركىن بازار، مەخسۇس سوداسارايى ئەمەس. ساتارمەن، ئالارمەنلەر ئىختىيارى كىلىپ –كىتىپ تۇرىدۇ. بۇ يەردىكى ماللارنىڭ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىدەك بولۇشىمۇ ناتايىن. مال سىزگە كېرەك بولسا، يارىسا ئالسىڭىز، يارىمىسا، ئالماسىڭىزمۇ (ئالمىسىڭىزمۇ) بولۇدۇ. سىز ياراتماغان(ياراتمىغان) مالدىن ياخشىسى بولسا، بازارغا سالساڭىزمۇ (سالسىڭىزمۇ) بولۇدۇ. بۇيەردىكى ماللاردىن ھەتتا مال ئىگىسىدىن يامانلىسىڭىز تېخىمۇ بولمايدۇ. بۇ يەردە، باھانىڭ ئەرزان- قىممەتلىكىدىن باشقا، تالاشىدىغان (تالىشىدىغان) ھېچنىمە يوق. تور ئەسەرلىرىمۇ شۇنداق، بۇ شەخسىنىڭ تەھرىرسىز، گىرىمسىز، ئۆلچەمسىز، ئەركىن بولغان نەشىر ئالاھىدىلىكىدۇر. تور نەشىرىدىكى ئەسەرلەر، شەخسىنىڭ ئىختىيارى بۇيىچە يازىلغان. تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ، ئەسەرنى ئۆزلەرىنىڭ مەلۇم شەرتى بۇيىچە نەشىر قىلىش-قىلماسلىق ھوقوقى بولۇدۇ. ئەمما، ئۇلار تەھرىرلىك قىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقوقى، ئاپتورغا تەۋە. بارلىق ئاقىۋەتلەرگە ئاپتورنىڭ ئۆزى ئىگە بولۇدۇ. ۋاستە تورنىڭ بۇلار بىلەن ئالاقىسى يوق. ھازىر، تور نەشىرى ئەسەرلىرى، نەشىرى ئەسەرلەر(تارقاتقان ئەسەرلەر) ئىچىدە، نەشىر قىلىنىشى ئەڭ تېز، ئېقتىسادى ئەڭ تىجەشلىك، قاراتمىلىقى ئەڭ كۈچلۈك، تارقالىشى (تارقىلىشى) ئەڭ كەڭ، مۇلاھىزە، مۇنازىرەسى (مۇنازىرىسى) ئەڭ تېز ھەم كۆپ، مەزمۇن دائىرەسى (دائىرىسى) ئەڭ كەڭ، يازىلىشى (يېزىلىشى) ئاددى بولغان ئەسەرلەردىن بولۇپ قالدى. «نەشىرى» دىگەن سۆزگە خۇلاسەم شۇكى، بۇنى پەقەتلا نەشىرىيات ئورۇنلىرى نەشىر قىلغان (تاراتقان) ئەسەرلەرنى كۆرسەتىدۇ دەپ تار مەنادا چۈشەنمەي، بارلىق ۋاستەلەر تاراتقان ئەسەرلەرنىمۇ «نەشىرى» دەپ كېڭەيتىپ چۈشەنسەك، ئاتىساق بولۇدۇ دەپ قارايمەن. مەن مەزگۇر ئەسەردە شەخسى كۆز قاراشىمنى (قارىشىمنى) ھەم ئەسەرنى ئۇيغۇر تىلىدا يازدىم. مەن، سۆزىمىزدىكى بەزى سوزۇق تاۋۇشلارنى ئاجىزلاشتۇردۇق دەپ، ئۆزگەرتىپ يازىدىغان مائارىپتا ئوقۇغان. 100 پىرسەنت يازالايمەن. ئەمما، ئۆزگەرتىپ يازىشنىڭ (يېزىشنىڭ) ياخشى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم. كىينچە بىر تەتقىق قىلىپ باقىشقا (بېقىشقا) بولامدۇ-يوق دىگەن مەقسەتتە، ئىگىز-پەس يازىپ (يېزىپ)سىناپ باقتىم. بۇرادەرلەرنىڭ ھازىرچە مىنىڭ مۇشۇنداق يازغانىمنى (يازغىنىمنى) توغراچۈشۈنۈپ تۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئەسەرلەرىمدە يەنە بۇرادەرلەر چۈشەنمەيدىغان سۆزلەرنى يوق دىيەلمەيمەن. ئۇچراپ قالسا، ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزلارنى سورايمەن.
|