قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2184|ئىنكاس: 6

بىز بىلمىگەن مەشھۇرلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

1

دوست

251

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   83.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56178
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 80
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-10 17:31:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراخانىيلاردەۋرىدىكى ئىجتىمائي ۋە ئەقلى پەنلەر ( تەبىئىي پەنلەر )  كاتتىلىرى

(ھىجريە  350-607\ مىلادى 916 - 1210 )



   بۇيىل قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلگەن  خەلقئارالىق كىتاپ يەرمەنكىسىدە  سۈرىيەنىڭ دارۇل سەفىھات نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان، دوكتۇر سۇئاد ھادى ھۈسەيىن ئىرھەيىم تاھى نىڭ تەتقىقات كىتابى بولغان «  قاراخانىيلار »  ناملىق كىتابىنى سېتىۋالغان ئىدىم . بۇ كىتاپن ىۋاراقلاپ كىتاپتىكى بەزى مەلۇماتلار دىققىتىمنى تارتتى ۋە بۇ  مەزمۇنلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقۇم كىلىپ ئۆزەم ياختۇرغان ۋە مۇھىم دەپ قارىغان  كىتاپنىڭ بۇ بۆلىكنى سىلەرگە سۇندۇم  . ( ئەجداتلىرىمىزنىڭ پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغاقوشقان ئىلمىي ئەمگەكلىرى ھەممىمىزنى شەرەپلەندۈرۈپ غورۇرىمىزغا غورۇر،ئىشەنچىمىزگە كۈچ قاتسا ئەجەب ئەمەس دەپ ئويلايمەن . )
   بۇكىتاپنىڭ تەتقىقات ئوبىكتى بولسا قاراخانىيلارئىمپېرىيەسىنىڭ تارىخىي ،ئىچكى- تاشقى سىياسىتى ۋە ھەربى  ئەھۋالى  ۋە بۇ دەۋىردىكى ئېلمى ساھە قاتارلىقلار  بولۇپ كىتاپ 180 بەت، بەش قىسىمغا بۆلۈنگەن ئىكەن . كىتاپتا بۇ دەۋىر  توغرىسىدا ئەتراپلىق ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان ۋە كىتاپتىكى  ھەربىر ماۋزۇ، ھەربىر يىلنامە ۋە ھەربىر شەخىس توغرىسىدا ھاشىيە شەكىلدە ئىزاھات بىرىلگەن ۋە مەنبەلەر ئېنىق ئەسكەرتىلگەن  .
   كىتاپنىڭ سىلەرگە سۇنۇلغان  بۇ بۆلىكىدە شۇ دەۋردىكى ئىجتىمائىي ۋە ئەقلي پەنلەردە يۇقرى پەللىنى ياراتقان ئەڭ مەشھۇر ئىلىم ئىگىلىرى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ ،تۆۋەندە ئەشۇ ئىلىم ئىگىلىرى توغرىسىدىكى بۇ بۆلەك  بۇ ئىلىم كاتتىلىرىنى تۇنۇشتۇرۇشنىلا مەخسەتقىلىپ، مەزمۇنلارنى  كىتاپ بويىچە  قىسقا، ئاددى شەكىلدە  تەرجىمە قىلىندى . بۇتەرجىمىدە  كىتاپتا ئاپتۇر  كەلتۈرگەن مەنبە ۋە  ئىزھاتلارنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆپلىكى تۈپەيلى ھەمدە بەزى ئالىملارنىڭ كىتابلىرىنىڭ ئىسمىبەكلا ئۇزۇن ھەم مۇرەككەپ بولغىنى ئۈچۈن بۇلارنى بىر بىرلەپ كەلتۈرمىدىم. بەزى كىتاپلارنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچە قىلىپقويدۇم  .بەزىلىرىنى ئەرەپچە ئۇقۇلۇشى بويىچەكەلتۇردۈم . سەۋيە چەكلىك ،  ئەرەپ تىلىمۇرەككەپ ۋە تىل ئالاھدىلىكى ئۆزگىچە تىل بولغاچقا خاتا كەتكەن يەرلىرى بولىشى مۇقەرەر.شۇڭا ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ئەيىبكە بۇيرىماسلىقىنى ۋە تەكلىپ - پىكىر بىرىشىنى ئۈمۈتقىلىمەن .


كىتاپتا شۇ دەۋىر  ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ تونۇشتۇرىلىشى ئاساسەن 11 ساھەبويېچە تۇنۇشتۇرۇلغان بۇلۇپ ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە :
1 - ئەرەپ تىلى ۋە گرامماتىكىسى
2- ئەدەبىيات ۋە شېئىر
3- قىرائەت ۋە تەجۋىد ئىلمى
4- تەپسىر ئىلمى  
5 -  ھەدىسشۇناسلىق  
6 - فېقىھ بىلىملىرى
7- تارىخشۇناسلىق
8-  تېبابەتچىلىك  
9- ھەندەسە ئىلمى ( گېئومېتىريە ، ئارىختېكتورلۇق )
10- ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيە   
11- پەلسەپە، سىياسەت ۋە ئەخلاق


تۆۋەندە بۇئۇلۇغلىرىمىزنى بۇ ساھەلەر بويىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز .
1-  ئەرەپ تىلى ۋە گىرامماتىكىسى
   قاراخانىيلارئىمپېراتورلىقى دەۋرىدە ئەرەپ تىلى ساھەسىدە نۇرغۇنلىغان ئالىم -ئۆلىمالار يېتىشىپچىققان بولۇپ، تۆۋەندە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇر ۋەكىل خاراكتېرلىك شەخىسلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز .
   ئەبۇ بەكرىمۇھەممەد ئىبنى ئىسمائىل ئەل شاشى ، بۇ زات شافىئى مەزھىبىنىڭ ئىماملىرىدىن بولۇپ،ۋاپات بولغان ۋاقتى ( ھىجريە 365 \975مىلادىيە ياكى 366\ 976 )  بۇ كىشى شۇدەۋرنىڭ فەقىھسى ۋە ئەدىب بۇلۇشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىماملىرى قاتارىدىنئۇرۇن ئالغان . بۇ زات ھاياتىنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئىلىم ئېلىش يولىدا سەپەر قىلىشبىلەن ئۆتكۈزگەن. تەپسىر، ھەدىس  ۋە ئەرەپتىلى  قاتارلىق پەنلەردە ئەڭ يۇقرى ئورۇنغايەتكەن بولۇپ زامانىسىنىڭ بۈيۈكلىرىدىن بولغان .
   ئەبۇ نەسىرئىسمائىل ئىبنى ھىماد جەۋھەرىي ئەل فارابىي  ۋاپات بولغان ۋاقتى (   ھىجريە393 يىلى \ مىلادى 1002 يىلى  ). بۇ كىشىشۇ دەۋرنىڭ ئەڭ بۈيۈك تىل ئۇستىسى، ئەدىب بولۇپلا قالماي خەتتاتلىقتا يىتۈك ئۇستا بولۇپ  يىتىلگەن .ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن كۆپ دۆلەتلەرگە سەپەر قىلغان . ئىراققا بېرىپ شۇۋاقىتتىكى ئەڭ داڭلىق ئۆلىمالاردىن ئەبىي ئەلى ئەل فارىسى ۋە ئەبىي سەئىيىد ئەل سىيرافىلاردىن ئەرەپ تىلى ئۆگەنگەن . ئۇندىن كىيىن ئۇ ھىجازغا سەپەر قىلغان ،ئاندىن خۇراسانغا، ئۇندىن كىيىن بولسا نىشاپورغا سەپەر قىلىپ خەتتاتلىقنى ئۆگەنگەن. ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى «الصحاح في اللغة ».
   ئەبىي ۋەفامۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەل قاسىم ئىبنى ئەھمەد ئىبنى خەزىيوئەل ئەخىسكىي . ھەرخىل قاراشلارغا كۆرە ۋاپات بولغان ۋاقتى (  ھىجريە 520\ يىلى \ مىلادى 1126 ). بۇ زات ئەرەپتىلى ساھەسىدە ۋايىغا يەتكەن. ئەدەبىيات ۋە تارىخ پەنلىرىدە  مەشھۇر بولۇپلا قالماي گۈزەل شېئىرلىرى بىلەننام قازانغان، نۇرغۇن ئەسەرلىرى بار.  ئەڭ مەشھۇرى بولسا « كىتابۇل تارىخ ».
   ئەبۇ رىشادئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى قاسىم ئىبنى ئەھمەد ئىبنى خۇزىي ئەل ئخىسكىي ؛  پەزىلەتلەر ئىگىسى دەپ نام ئالغان . ۋاپات بولغان ۋاقتى  (  ھىجريە 528\ مىلادىيە 1133 ) بۇ زات  ئەرەپ تىلىدا زامانىسىنىڭ ئۇستىسى بولغان .شائىر ۋە ئەدىب ، بۇزاتنىڭ نۇرغۇنلىغان ئەسەرلىرى بار بولۇپ، ئەڭ داڭلىقى بولسا «تارىخى پەرغانە»، « زاۋائىد».  
   ئابدۇللاھئىبنى ئەلى ئىبنى سايىن ئەل فەرغانى . ۋاپات بولغان ۋاقتى (  ھىجريە 615\ مىلادى 1218 )  نەھۋىشۇناس ( ئەرەپ تىلىگىراماتىكا تەتقىقاتشۇناس ) ۋە ئەرەپ تىلىدا يىتىشكەن. سەمەرقەندنىڭ خاتىپى بولغان .


2 -ئەدەبىيات ۋە شېئىر
   ئەدەبىيات ۋە شېئىر ساھەسىدىمۇ بۇ دەۋىردە نۇرغۇنلىغان ئەدب ۋە شائىرلار مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بۇلاردىن ئەڭ مەشھۇر بولغىنى تۆۋەندىكىچە :
ئەبۇفەتىھ  ئەھمەد ئىبنى ھۈسەيىن  ئىبنى ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇررازاق ئىبنىئەھمەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئەل شاشى ئەل خەرقانى
ۋاپات بولغان ۋاقتى  (  ھىجريە 550\ مىلادى 1155 ) ئەدىپ ، ئالىم . ئەڭداڭلىق شاگىرتى مەشھۇر  ئۆلىما ئەبۇ سەئىدئابدۇلكەرىم ئەل سەمئانى .

ئەسىردىن ئەخىسىيكسى
   ۋاپات بولغان ۋاقتى  ( ھىجريە 577\مىلادىيە 1181  ) مەدھىيە شائىرلىرنىڭ ئەڭ مەشھۇرى . نەسىرلىرى بىلەنمۇ داڭلىقتۇر. ئۇنىڭ شېئىرلىرى مەناسىنىڭ چوڭقۇرلىقى،سۆزلەردىكى پاساھىتى بىلەن  ھىجريە 6 ئەسىر \ مىلادىيە 11 ئەسىرنىڭ ئاخىردىكى پارىس ئەدەبىياتىدا  مۇھىم ئورۇندا تۇرغان مەشھۇر شەخىسلەردىن بولۇپ قالغان .

زىيائىددىن ئىبنى جالالىدىن ئىبنى مەسئۇد ئەل خوجەندى .
   ۋاپات بولغان ۋاقتى  (  ھىجريە 610\ مىلادى 1213 ) ئۇ  ھىجريە 6\ مىلادىيە11 ئەسىردىكى ئەڭ مەشھۇرشائىرلارنىڭ بىرسى بولۇپلا قالماي، بۇخارانىڭ قازىسى بولغان ۋە ئادىللىقى بىلەن بۇخارادا ئىسلامنى يايغان . ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرى بولۇپ ،ئۇنىڭ مەشھۇرلىرىدىن «شرح نتاجات الرازي »   ۋە پارىسچە قەسىدىلىرى مەشھۇر .

ئەلى ئىبنىمۇھەممەد ئەل شاشى
   بۇ شائىر  شاش شەھرىدىن چىقىپ كەتكەن بولۇپ،مىيافارىقىيىن ( ھازىرقى تۇركىيەنىڭ سىلۋان شەھرى ) دا ياشىغان ۋە نۇرغۇنلىغان شېئىرلارنى يازغان .

ئىبنى فىرغۇن ئەل شاشى
    شېئىريەت ئىلىمىدە ۋايىغا يەتكەن  بولۇپ، 30 ۋاراققا يېقىن شېئىرلىرى يىتىپ كەلگەن .

نەجىپ ئەل پەرغانى
   مەشھۇر شائىر بولۇپ، قاراخانىيلار خانى خىزىرخانئىبنى تامغاچ ئىبنى ئىبراھىم ئۇنى ئوردىغا تەكلىپ قىلغان . ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان شېئىرلىرى بولۇپ ، نۇرغۇنلىرى قاراخانىيلار ئەمىرلىرنىڭ نامىدا يېتىپ كەلگەن .

3 -قىرائەت ئىلمى
    قىرائەت ئىلمىدىمۇ نۇرغۇنلىغان ئۆلىمالار مەيدانغا كەلگەن.
   ئۇلاردىن ئەبۇ بەكرى مۇھەممەد ئىبنىئەھمەد ئەبنى ئوسمان ئەل تارازى .ۋاپات بولغان ۋاقتى ( ھىجريە 385 \ مىلادىيە995  ). ئۇ قىرائەت ئىلمىدە ئەڭ يۇقرى سەۋىيەگە يەتكەن بولۇپلا قالماي يەنەمۇھەددىس .
    ئەبىي تايىب تاھىر ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى جەئفەر ئىبنى نەسىر ئىبنى ئوسمان ئىبنى سەيىدئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇلجابار ئىبنى ئابدۇراھمان ئىبنى خالىد ئىبنى ۋەلىد ئەلقوقەندى ئەل مەىزۇمىي .

ۋاپات بولغان ۋاقتى (  ھىجريە 501\ مىلادى 1107 ).  قىرائەت ئىلمىدە يېتىشىپلا قالماي يەنە داڭلىق ئەدىب .

مۇھەممەدئىبنى ياقۇپ ئىبنى ئىبىي تالىپ ئەل كاسانىي
ۋاپات بولغان ۋاقتى (   ھىجريە555\ مىلادىي 1160 ).   بۇ زات قىرائەتئىلمىدە « قۇرئان ۋە ياخشىلىق ئىگىسى» دەپ تەرىپلەنگەن . بۇخارادا ئۆسۈپ يېتىلگەن ۋە  سەرخىس شەھرىدە ئولتۇراقلاشقان .

ئەبىي ھەفىس ئۆمەر ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى تاھىر ئەل ئەندىكانىي ئەل فەرغانىي
قىرائەت ئىلمىدە ۋايىغا يەتكەن  ۋە نۇرغۇنلىغان شاگىرت تەربىيلىگەن . قىرائەتبىلىملىرىدە ئالىم بولغان .

4 - تەپسىرئىلىمى
نۇرغۇنلىغان مۇپەسسىرلەر ئۆتكەن بولۇپ ، بۇئىلىمگە ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشقان . ئۇلارنىڭ ئەڭ داڭلىقلىرى تۆۋەندىكچە:
ئەبۇ بەكرىمۇھەممەد ئەلى ئىبنى ئىسمائىل ئەل شاشى ( ئەل قۇففالۇل كەبىير )
  بۇ كىشىنى بىز  ئەرەپ تىلى ۋە گىرامماتىكىسى قىسىمىدا تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدۇق . بۇ كىشى ئەرەپ تىلى ساھەسىدە ئالىم بولۇپلاقالماي يەنە فەقىھ ۋە مۇپەسسىر بولۇپ، تەپسىر ئىلىمدە ئەڭ كاتتا ئالىملاردىن  سانالغان. ئۇنىڭ قولىدا نۇرغۇنلىغان مۇپەسىرلەريېتىشىپ چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ مەشھۇر بولغانلىرىدىن ئىككى ھەرەم ئىماملىرىدىن ئابدۇللاھ جەۋەينى ۋە  ئەبۇھەسەن ئابدۇراھمان ئىبنى مۇھەممەد بەۋشەنجىي قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مۇپەسسىرلەر يېتىشكەن. ئۇنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئەسىرى بولسا «ئەتتەپسىرۇل كەبىيىر».

ئىسمائىل ئىبنى ئەبىي زىياد ئەل شاشى
ۋاپاتبولغا ۋاقتى  (  ھىجريە \ 504 مىلادىيە \ 1110 ) .بىر قىسىمقۇرئان تەپسىرلىرى بار .

5 - ھەدىس ئىلىملىرى
قاراخانىيلاردەۋرىدە  ھەدىس ئىلمىدىمۇ كۆپلىگەنمۇھەددىسلەر يىتىشىپ چىققان بولۇپ ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك ھەدىسلىرىنىڭ راۋاجىغا نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشقان .ئەشۇ مۇھەددىسلەرنىڭ  ئەڭ مەشھۇرلىرى تۆۋەندىكىچە:
ئەبۇ سەئىدئىبنى مىكائىل ئىبنى ھەنىيفە ئەل بەدەخكىشى
ۋاپاتبولغان ۋاقتى  (  ھىجريە 324\ مىلادىيە 935 ) .
ئەبىسەئىيد سەئىد ئىبنى ئابدۇراھمان ئىبنى ھەمىيد ئەل خەرىشكەتى  
ۋاپاتبولغان ۋاقتى  ( ھەجىريە 340\ مىلادىيە 915).   مۇھەددىسلىكتە ۋايىغا يەتكەن .
ئەبۇ قاسىممۇزەففەر ئىبنى ھاجىپ ئىبنى ئەركىن ئەلفەرغانى
ۋاپاتبولغان ۋاقتى(  ھىجريە 368\ مىلادىيە 973)  
ئەبۇمەنسۇر بەدەر ئىبنى زىياد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئەلخوجەندى
ۋاپاتبولغان ۋاقتى (  ھىجريە 514\ مىلادىيە 1120)
ئەبۇ ھامىدئەھمىد ئىبنى ھەمزە ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئىسھاق ئىبنى ئەھمەد ئەل مەتۇئى
ۋاپات بولغان ۋاقتى (  ھىجريە 526\ مىلادىيە 1131 )
(مۇشۇلارغائوخشاش يەنە نۇرغۇنلىغان مۇھەددىسلەر ئۆتكەن بولۇپ، ھەممىسىنى مىسال ئېلىشقامۇمكىن بولماي قالدى - ئاپتوردىن )  

6 - فىقىھ ئىلىمى
بۇ ئىلىمدەئۆز زامانىسىدا مەشھۇر بولغان زاتلار
فەقىيھ ئەبۇبەكرى مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ئىسمائىل ئەل شاشى .
فىقىھ ئىلىمىدىكى بۈيۈك ئالىم   ( بۇ كىشىنى ئەرەپ تىلى ۋە تەپسىر قىسىمىداتۇنۇشتۇرغان ) بۇ كىشى زامانىسىنىڭ ئىمامى ،فەقىيھ ، مۇھەددىس ، مۇپەسسىر بولۇپلاقالماي  ئەرەپ تىلىدا كامالەتكە يەتكەن .بۇ كىشىنىڭ فىقىھ ئىلمىدىكى  ئۇستازلىرىدىن ئىراقتا  ئەبۇ بەكرى مۇھەممەد ئىبنى ئىسھاق ئىبنى خەزىيمە ، ئەبۇ ئابباس سىراج ، ئەبۇلقاسىم بەغۋىي ، ۋە باشقىلار . ئوتتۇرائاسىيادىكى ئۇستازلىرىدىن  ئەبۇ ئابدۇللاھمۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ھاكىم ئەل نىشاپورى، مۇھەممەد ئىبنى بايان ئەل كازرۇنىي  ۋە باشقىلار .

بەكرى مۇھەممەد ئىبنى سۇفيان ئەل ئەسبانيېكىي
ۋاپات بولغان ۋاقتى   (  ھىجريە 375 \ مىلادىيە 985  ياكى  ھىجريە 376\ مىلادىيە 986 ).  بۇ زات ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن بولۇپ شافىئى فەقىھلىرنىڭ مەشھۇرلىرى قاتارىدىن ھەم  ئىمام شافىئى ھەزرەتلىرنىڭ شاگىرتلىردىنھېساپلىنىدۇ .  ئۇ نىسف شەھرىگە ھاكىمبولغان  .
ئەبىي بەكرى ئەھمەد ئىبنى ھەسەن ئەل فارىسىدادەرس ئالغان .

ئەبۇلرابىئە تاھىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەل ئىيلاقى ئەل شاشى
ۋاپات بولغان ۋاقتى  (  ھىجريە 465\ مىلادىيە 1072 ) . فىقىھ  ئىلمىدا كامالەتكە يەتكەن  .نۇرغۇنلىغان مەشھۇر ئالىم شەيىخلاردىن دەرىس ئالغان بولۇپ ئۇلاردىن  مورۇ شەھرىدىن  شەيىىخ ئۇستاز ئەبۇ بەكرى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەھمەد ئەل مورۇزىي ؛
نىشاپوردىن ئەبىي تاھىر مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەدئەززىيادى؛  بۇخارادىن شەيىخ ئەبىي ئابدۇللاھ ھۇسەيىن ئىبنى ھۇسەيىن ھەلىيمىي قاتارلىقلار  ۋە باشقىلار .

ئەبۇجەۋھەر مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئىبنى مۇھسىن ئەل ئەشرۇسىنىي
ۋاپات بولغان ۋاقتى ؛(  ھىجريە 470\ مىلادىيە 1077 )    .
بۇ زات  ھىجريە 430 – يىلى مىلادىيە 1038 – يىلىباغدادقا كەلگەن  ۋە نۇرغۇنلىغان فەقىھ ئۇستازلاردىن دەرىس ئالغان بولۇپ، ئۇلاردىن  ئەل فەقىھ  ئەل سايمەرى ۋە قازى قۇزات ئەبىي ئابدۇللاھ ئەل دامغانىي  قاتارلىقلار بار . بۇ زات يەنەقۇددۇسقا سەپەر قىلىپ بىرمەزگىل تۇرغاندىن كىيىن باغداتقا يېنىپ كىلىدۇ ۋە  ئەلقازى ئۇبەيدۇللاھ ئەبۇ زەيىد ئەل دىبوسى دا  فەقىھ بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ .

ئەبۇ مۇزەففەر ئىبنى مۇھەممەد سابىت ئەل خوجەندىي
(  ھىجريە 496\ مىلادىيە 1102 ) بۇ زات  فىقىھ ئىلىمدىكى ئەڭ كاتتا زاتلاردىن بولۇپ  شافىئىي فىقىھسىدا كامالەتكە يەتكەن ۋەئىسفاھاندا مۇددەرىسلىك قىلغان، سەلجۇقىلار ۋەزىرى نىزام مۇلۇك ئۇنى دائىم زىيارەت قىلىپ، كۆڭۈل بۆلۈپ تۇراتتى .

زاھىردىن ئەبۇ ھەسەن ئەلى ئىبنى ئابدۇل ئەزىز ئىبنى ئابدۇرىزاق ئەل مەرغەيانىي (  ھىجريە 506\ مىلادىيە 1112  )  ئەڭمەشھۇر ئەسەرلىرىدىن  « ئەلفەتىۋا زاھىرىي» ۋە باشقىلار .

فەخرۇل ئىسلام ئەبۇ بەكر مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ھۇسەيىن ئىبنى ئۆمەر ئەل شاشىي ئەل مۇستەزھىرىي .
ۋاپات بولغان ۋاقتى  (  ھىجريە 507\ مىلادىيە 1113 )  . شافىئى مەزھىبىدە بولغان،  باغداتنىڭ شەرقىدە  ئەل شاشىي نامىي بىلەن مەشھۇر بولغان . بۇزاتنىڭ فىقىھ  ئۇستازلىرى بولسا  ئەبىي ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى بەيان ئەل كازۇرونى ، ئەبى مەنسۇر ئەل تۇسى قاتارلىقلاردۇر  .   باغداتتىكى تاجىيە ۋە نىزامىيە مەدرىسەدەدەرىس بەرگەن  .

شەيخۇلئىسلام  ئەلا ئىدىن ئەلىي ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئىسمائىل ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئىسھاق ئەل ئەسبىياجى ئەل سەمەرقەندى.
ۋاپات بولغان ۋاقتى  (  ھىجريە 535\ مىلادىيە 1140 ) . بۇ زات ھەنەفى فۇققۇھالىردىن بولۇپ  سەمەنقەرد شەھرىدەئولتۇراقلاشقان .  مەشھۇرفۇققۇھالاردىن   سەمئاننىي ۋە ئەلى ئىبنى ئەبىي بەكر ئەل فەرغانىي قاتارلىقلاردىن دەرىس ئالغان .   ئەڭ مەشھۇر ئەسىرى « شەرھىي  مۇختەسەرتاھاۋىي فىي فۇرۇئىل ھەنەفىيە »

فەقىيھ  ئەبۇ نەسىر ئەھمەد ئىبنى مەنسۇر ئەل قازى مۇتاھھىر  ئەل ئەسبىيجابىي
ۋاپات بولغان ۋاقتى  ( ھەجىريە 480\ مىلادىيە 1087 )  .  بۇزات ھەنەفىي فىقىھ ئالىملىرنىڭ بۇيۈكلىردىن ھىسابلىنىدۇ . سەمەرقەندكە سەپەرقىلغان ، نۇرغۇنلىغان پەتىۋا بەرگەن ۋە نۇرغۇنلىغان مۇنازىرلەرگە قاتناشقان شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان شاگىرت تەربىيلىگەن ھەم نۇرغۇنلىغان كىتاپلارنى يازغان .

سەدىيدىن ئەبۇ رىزا مۇھەممەد ئىبنى مەھمۇد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھەسەن ئىبنى يۈسۈف ئەل تارازىي

ۋاپات بولغان ۋاقتى  (  ھىجريە 570\ مىلادىيە 1174 ) . بۇ زات بۇخارا مەشايىخلىردىن بولۇپ بۇخارادىكى مەشھۇر شەيىخلەردىن  ئابدۇل ئەزىز ئىبنى ئۆمەر ئىبنى مازە  ۋە بەكرى ئىبنى مۇھەممەد ئەل زەرنەجىرى  ۋە باشقىلاردا تەربىيلەنگەن .

7 - تارىخ ئىلمى
قاراخانىيلاردەۋردە تارىخچىلارمۇ كۆپلەپ يىتىشكەن بولۇپ ئۇلارنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرى تۆۋەندىكىچە:
ئەبۇمۇھەممەد ئابدۇللاھ ئىبنى ئەھمەد ئىبنى جەئفەر ئىبنى خۇزىيان  ئەل فەرغانىي .
بۇزات تارىخچى ھەم مۇھەددىس بولۇپ  مىسىردىكى تۇلۇنىيە ۋە ئەخشىدىيە دەۋىرلىرىگەمۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان تارىخى ۋەقەلىكلەرنى بايان قىلغان ۋە ئۇستازى شەيىخ تەبەرىي دىن كۆپلىگەن تارىخلارنى بايان قىلغان .
ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسەرلىرىدىن  « تارىخ فەرغانىي » (ياكى كىتابۇل تارىخ ) قاتارلىقلار بار .

ئەبۇمەنسۇر ئەھمەد ئىبنى ئابدۇللاھ  ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەھمەد ئىبنى خوزىيان ئەل غۇفرانىي
ۋاپات بولغان ۋاقتى  ( ھىجىرىيە 389\ مىلەدىيە 1007 ) . بۇ زاتمىسىردا ياشىغان بولۇپ  دادىسىدىن تارىخ تەبەرىينى رىۋايەت قىلغان . ئەڭ مەشھۇر ئەسەرلىرى بولسا  « كىتابۇل تارىخ »  «كىتابۇل ئەخشىيدى  »  ۋەباشقىلار .

8 -تىبابەت ئىلمى
قاراخانىيلادەۋرىدە تىببى ئىلىمدىكى  مەشھۇر زاتلارتۆۋەندىكىچە :
تېۋىپ شەرەففۇدىن ئەبۇ ئابدۇللاھ سەئىد مۇھەممەد ئىبنى يۈسۈف ئىيلاقى
ۋاپات بولغان ۋاقتى  (  ھىجريە 536\ مىلادىيە 1141 ) . بۇ زات شۇ دەۋىردىكى داڭلىق تېۋىپ بولۇپ ھەرخىل ئىلىملەرگە توشقان ، ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى سىنانىڭ شاگىرتلىرنىڭ ئەڭ ئالدى بولغان .
ئۇنىڭ  تىبابەت توغرىسىدا يازغان نەچچىلىگەن كىتاپلىرى بولۇپ ئۇلار  « تىبابەتتىكى سەۋەپ ۋە ئالامەتلەر» ۋە باشقىلار .   
ئەبۇ نەسىر فەخرىدىن مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇل لەتىيف ئەل خوجەندىي
ۋاپات بولغان ۋاقتى  (  ھىجريە 552\ مىلادىيە 1157 ) .  بۇ زات تىبابەتتە كامالەتكە يەتكەن بولۇپ، تىبابەتتەمۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان  نۇرغۇن كىتاپلارنى يازغان .

مۇھەممەدئىبنى ئۆمەر سەمەرقەندى  نەجىيبۇدىن
ۋاپات بولغان ۋاقتى  (  ھىجريە 619\ مىلادىيە 1222  ).  ئەڭ مۇھىم كىتاپلىرى  « كىسەللەرنىڭ غىزالىرى » « سەۋەپ ۋە ئالامەتلەر » ۋە باشقىلار .

9 -ھەندىسە ئىلمىي ( گىئومىتىرىيە )
شەمسىدىنمۇھەممەد ئىبنى ئەشرەف ھۈسەينى ئەل سەمەرقەندى
ۋاپات بولغان ۋاقتى  (  ھىجريە 600\ مىلادىيە 1203 ) . بۇ زات ماتىماتىكا،مەنتىقە ، ئاستورنومىيە پەنلىردە يىتىشكەن. ئەڭ مەشھۇر بولغىنى ھەندىسە ئىلمى (گىئومىتىريە ) بولغان . ئۇنىڭ يەنە     (ئەدەبۇل بەھسى ۋە مۇنازىرە ) دىگەن رىسالىسى بار .

قازى ۋەپەيلاسوپ  ئابدۇرىزاق تۈركىي
بۇ زات ئالىم ۋە ھەندىسىيە ئىلمىدا كامالەتكەيەتكەن بولۇپ بۇخارادا  تىبابەتتىن ۋەماتىماتىكىدىن دەرىس بەرگەن .

10 -  ماتىماتىكا ۋە ئاستىرنومىيە
بۇساھەدىكى مەشھۇر شەخىسلەر تۆۋەندىكىچە :
ئەبۇمۇھەممەد ھامىد ئىبنى خىزىر ئەل خوجەندى
ۋاپاتبولغان ۋاقتى   (  ھىجريە 390 \ مىلادىيە 999  ياكى   ھىجريە 382\ مىلادىيە 992 ) . بۇ زات ماتىماتىكا پېنىدىكى  ھىجريە 4\ مىلادىيە 9 -ئەسىردىكى  چوڭ ئۆلىمالاردىن سانىلىندۇ.  چەمبەر تۇراقلىقى ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان بولۇپ قالماي يەنە چەمبەر يۈزى ئۈچبۇلۇڭ سېستىمىسىىدىكى نۇرغۇن مەسىللەرنى ھەل قىلغان ھەمدە ماتىماتىكىدىكى تۇز سىزىق ، كىسىشىش ، ئۇرۇنۇش قاتارلىقلارنىڭ  ئىلمى جەدۋېلىنى تۈزۈشتەك نۇرغۇنلىغان خىزمەتلەرنى قىلغان . يەنە ھارارەت ۋە پەسىللەرنىڭ ئۆزگۈرۈشلىرگەئاساسەن قۇياشنىڭ ئوتتۇرچە ھەركىتىنى ئىنىقلاپ چىققان ۋە باغداتتا رەسەتخانا بىنا قىلىپ نۇرغۇن تەتقىقاتلارنى ئىشلىگەن ھەم دەرىس بەرگەن .  مەشھۇر
كىتاپلىردىن  « ئالەتۇل شامىلە » ۋە باشقىلار .

11 –پەلسەپە، سىياسەت ۋە ئەخلاق
پەلسەپە ،سىياسەت ۋە ئەخلاقى پەنلىرىدە مەشھۇر بولغان شەخىسلەر تۆۋەندىكىچە :
يۈسۈف خاس ھاجىب
بۇ زات قاراخانىيلار خانى بۇغراخان ھەسەن ئىبنى سۇلايمان ئارسىلاننىڭ خاس ھاجىبى بولغان . ئەڭ مەشھۇر كىتابى  « قۇتادغۇ بىلىك  »  تۈركى تىلدا ئەرەپ يېزىقى  ۋە ئۇيغۇر يېزىقى  بىلەن يېزىلغان . بۇ زات   كىتابىدا ئۆزىنىڭ  سىياسى ۋە ئىجدىمائى تەجىربىلىرگە تۈركلەرنىڭ بۇپەنلەردىكى قەدىمىي ئۇسۇللىرنى جەملەپ بۇ كىتاپنى روياپقا چىقارغان .

ئەبۇ بەكرى نوجابازى ئەل بۇخارى
ۋاپات بولغان ۋاقتى  (  ھىجريە 533\ مىلادىيە 1138 ) .   بۇ زات گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەتلەرنى ۋە سالىھ  ئەمەللەرنى مەدھىيلەپ « قەدىر – قىممەت مەنبەسى» ناملىق كىتاپنى يازغان .

بىھادىن زاھىرىي ئەل سەمەرقەندى
  بۇ زات قاراخانىيلارخانى قېلىچ تامغاچ خانىڭ كاتىپى بولغان . بۇ ساھەدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇردۇ. ئۇنىڭ « سىياسەتتىكى شاھلار مەخسەتلىرى » دىگەن كىتابى بار .

مۇھەممەدئىبنى يۈسۈف ئەل سەمەرقەندى  ئەلمەدىنىي ؛
بۇزاتنىڭ « رىيازەتۇل ئەخلاق » دىگەن كىتابى ئەخلاقىيات پەنلىرىدە مۇھىم ئورۇندا تۇردۇ .


ئاللاھ ھەممىنى توغرا بىلگۈچىدۇر.   
2016-3-9  قاھىرە ( كۆل ئوغلى )
uyghuray

7

تېما

2

دوست

2366

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12484
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 110
تۆھپە : 649
توردىكى ۋاقتى: 155
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 16:02:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kungun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-11 16:07  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تېمىڭىزدە ئىملا خاتالىقى بولغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا بىزگە تولىمۇ ياخشى ئۇچۇلارنى يەتكۈزۈپسىز، اللە ئەجرىڭىزنى بەرگەي. بولسا مۇشۇنداق تېمىلارنى داۋاملىق يېزىپ تۇرغايسىز

0

تېما

7

دوست

3888

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   62.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19582
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1188
توردىكى ۋاقتى: 597
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 16:57:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     رەھمەت،  ئ‍ېسىل يازمىلىرىڭىز ئ‍ۈزۈلمىگەي!!!

0

تېما

7

دوست

3888

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   62.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19582
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1188
توردىكى ۋاقتى: 597
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 17:00:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئ‍ىرانغا سەپەر نىڭ داۋامىغا تەقەززا  بوپ كەتتۇق ، داۋاملاشتۇرسىڭىز بولاتتى .
uyghuray

0

تېما

0

دوست

2068

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14498
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 59
تۆھپە : 622
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 19:28:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت......ياخشى بىلىملەردىن خەۋەردار قىلدىڭىز...

0

تېما

6

دوست

1638

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   63.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  37487
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 500
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 23:27:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراخانىنىڭ شەرقىدىن ئالىم چىقماپتىكەندە

1

تېما

0

دوست

876

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   75.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  52790
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 266
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-14 12:34:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساپلا بۇخارى سەمەرقەندى فەرغانى قاتارلىق ئىسىملاركەنغۇ،قەشقەرى خوتەنىيلەرلەردىن ئالىم چىقماپتۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )