تۆۋەندىكى 18تۈرلۈك ئىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرالىسىڭىزسىز چۇقۇم
مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز
تۆۋەندىكى 18تۈرلۈك ئىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرالىسىڭىز ،تۇرمۇشىڭىزدا چۇقۇم ئۆزگىرىش بۇلىدۇ، نىشان + ھەركەت+ داۋاملاشتۇرۇش! بەش يىلدىن كىيىن سىز بۆگۈنكى تىرىشچانلىقىڭىزغا رەھمەت ئىيتىسىز،
1.ئەتىگەن سەھەر تۇرۇش : سەھەر تۇرۇش كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇمۇمىيۈزلۈك ھالدا ئىجادچانلىقنى ئۆستۈرىشكە ،تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ياردىمى بار دەپ قارىلىپ كەلمەكتە
2.قەرەللىك چىنىقىپ تۇرۇش :ياخشى بۇلغان بەدەن شەكلىنى ساقلاش ،ئۆسۈپ يىتىلىشتىكى ئاچقۇچ.
3.ئىزچىل كىتاب ئۇقۇش: كىتاب ئۇقۇشتىكى ئەڭ چۇڭ سەۋەپ ئادەتتىكىچە بۇلۇپ قىلىشتىن قۇتۇلۇش.
4.يىڭى دەرسلەرنى ئۆگىنىشنى سىناپ بىقىش : يىڭى تەسىس قىلىنغان دەرسلەرگە قاتنىشش يىڭى بىلىم ۋە يىڭى تېخنىكا ئىگەللەشتىكى ئەڭ ياخشى يۇل ،سىزنىڭ دۇنياغا بۇلغان قارىشىڭىزغا يىڭى نەزەر كۆز ئاتا قىلىدۇ.
5. قۇرقۇش كەيپىياتىنى يىڭىش: ھەركەتكە كىلىش ئارقىلىق قۇرقۇش پىسخىكىسنى يىڭىش ،ئۆگىنىش قىلىش ئارقىلىق تىخىمۇ تاكاممۇلۇققا قاراپ يۈزلىنىش .
6.ھەر ۋاقىت ئۆزىنى يىڭىلاپ تۇرۇش :ئۈزۈكسىز ئۆگىنىش ،خىرىس ۋە رىقابەتكە يۈزلىنىپ ئۆزىڭىزنى تىخىمۇ ياخشى تىخىمۇ كۈچلۈك كىشىگە ئايلاندۇرۇڭ.
7.راھەت پاراغەت رايۇنىدىن قۇتۇلۇپ چىقىش: ھەقىقىي ئۆسۈپ يىتىلىش بۇلسا جاپا –مۇشەققەت ۋە ئەجىردىن يارىتلىدۇ ،راھەت پاراغەت بىزنىڭ ھاياتىي كۈچىمىزنى ئاستا ئاستا سۇندۇرىدۇ.
8.رىقابەتتىن قۇرقماسلىق : رىقابەت ئۆزىنى تاكاممۇلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى شەكلى.
9.باشقىلارنىڭ پىكىرلىرىگە قۇلاق سىلىش :دۇستلار ،ئائىلىدىكىلەر ،خىزمەتداشلار بىلەن پاراڭلاشقاندا ئۇلارنىڭ سىزگە بۇلغان قاراشلىرىنى ئاڭلاڭ، سىزگە چۈشكەن پىكىرلەرنى ئاڭلىمىسىڭىز ،ئىلگىرلىشىڭىز ناھايىتى تەس.
10.ئۆزىنىڭ كەمچىلىكىنى چۈشىنىش :پەقەت ئۆزىنىڭ قايسى تەرەپلەردە يىتەرسىزلىكلەر بارلىقىنى بىلىپ يەتكەندىلا ئاندىن ئىلگىرلەش مۇمكىنچىلىكى بار بۇلىدۇ.
11.دەرھال ھەرىكەتلىنىش :ساقلاشتىن مەڭگۈ نەتىجە چىقمايدۇ،دەرھال ھەرىكەتلەنگەندىلا ئاندىن ھۇسۇل ئالغىلى بۇلىدۇ.
12.باشقىلاردىن ئۆگىنىش :باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن ئۆگىنىش ۋە قۇبۇل قىلىش سىزنى تىخىمۇ مۇنەۋەر قىلىدۇ.
13.يامان ئادەتنى ئۆزگەرتىش كىرەك :ھۇرۇنلارچە ئۇخلاش ،تەنھەرىكەت قىلماسلىق ،دائىم كىچىكىش ھەتتا بارمىقىنى شۇراش قاتارلىق يامان ئادەتنى ئۆزگەرتكەندىلا ،تىخىمۇ ياخشى بۇلغان ئۆزىڭىزگە قاراپ قادەم ئالغان بۇلسىز.
14.ياخشى ئادەتنى يىتىلدۈرۈش: كىتاب ئۇقۇش ،سەھەر تۇرۇش ،چىنىقش ،باشقىلار بىلەن تاماق يەۋاتقاندا يانفۇنغا قارىماسلىق قاتارلىق ياخشى ئادەتلار سىزنى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سەپىرىدە تىخىمۇ ئۇزۇن ئارلىقىنى بىسشىڭىزغا ياردىمى بۇلىدۇ.
15.پاسسپ كىشىلەردىن يىراق تۇرۇش كىرەك: ناۋادە سىز بىرىش كىلىش قىلىۋاتقان كىشىلەر دائىم سىزنى يامان تەسىرگە ئۇچىراتسا ئۇلاردىن يىراقلىشىڭ.
16.تىلىۋىزۇردىن يىراق تۇرۇڭ:تىلىۋىزۇر كۆرمىگەندىكى ۋاقىتلارنى تىخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىڭ ،مەسىلەن ،دۇستلارغا تىلىفۇن بىرىش ،تەنھەرىكەت پائالىيتى بىلەن شۇغۇللىنىش .
17.يالغۇز تۇرۇشنىمۇ ئۆگىنىش كىرەك: يالغۇز تۇرۇپ ،سۇغۇققان بۇلۇش ،مىڭىڭىزنىڭ تىخىمۇ سەگەك بۇلۇشقا ياردىمى بۇلىدۇ ،بەزى چاغلاردا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ئۇنچىۋالا قاينام تاشقىنلىققا ئىھتىياجلىق بۇلماي قالىدۇ.
18.ئۆزىنىڭ تاكاممۇللىشىشىغا مەسئۇل بۇلۇش:پەقەت سىزلا ئۆزىڭىزنىڭ كەلگۈسىڭىزنى بىكىتەلەيسىز.
تەرجىمە مەنبەسى : «بۈگۈنكى ئەڭ مۇھىم خەۋەرلەر تورى»今日头条
|