ئالىي مەكتەپتە قانداق ئوقۇش كېرەك
نۇرئەلى كاشغەر مۇقىمي
بىر نەچچە يىلدىن بېرى قۇرداشلىرىم ۋە بەزى ئىنى -سىڭىل دېمەتلىك بالىلار مەندىن ئالىي مەكتەپتە قانداق ئوقۇش توغرۇلۇق مەسلىھەت سورىغان ،مەن بۇلار بىلەن ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى قانداق ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا مۇنازىرلىردە بولدۇم .
ھەتتا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلارغا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشنىڭ ئەۋزەل تەرەپلىرىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق لېكسىيەلەردە يەتكۈزگەن بولدۇم. ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش ئۈچۈن قانداق ئىدىيەۋى تەييارلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى ، بىر نەچچە خىل ۋاقىت باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ تەرەپلىمە بىلىم ئىلىش بىرگە يۇقرى نومۇرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم .
ئالىي مەكتەپتە قانداق ئوقۇش كېرەك؟
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش كىشلىك ھاياتتىكى ئادەمنىڭ ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرىدىغان باسقۇچ .
بۇ باسقۇچقا كىرگەندە بىزنىڭ ئەزەلدىن بار ئەمما، يېتىلمىگەن قانىتىمىز تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ .
بۇنى قاناتقا تەققاس قىلىشىمدىكى سەۋەپ ،بىز نۇرغۇنلىرىمىز ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلىملەرئارقىلىق بىر ئۆمۈر شۇ بىلىملەرنى ھەزىم قىلىىپ شۇنى ئىشلىتىپ ئۆتۈشىمىز مۇمكىن .
ئالىي مەكتەپ مۇھىتى مول ئۇچۇر مەنبەسى ۋە بايلىق بىلەن ئورالغان .ئىلغار ئىجتىمائىي فۇنكسىيەلىك ئورۇن مەن بۇيەردە تىلغا ئېلىۋاتقان بايلىق قانداقتۇر ئاپتۇماتىك بانكا ياكى يۇقىرى سوممىدىكى ئوقۇش مۇكاپاتى ئەمەس .
ئالىي مەكتەپتە ئىككى بايلىق بار. بىرى مەكتەپ كۈتۈپخانىسى، يەنە بىرى مۇئەللىم بۇلارنى بايلىق قاتارىدا كۆرمىگەنلەر چوقۇمكى روھىي گادايلاردۇر . ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ بىر ئەۋزەل تەرىپى شۇكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەركىن ۋاقىت باشقۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە . شۇڭا بالىلار بۇ پۇرسەتنى بەك قەدىرلىشى كېرەك .
ماقالىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىككى بايلىق مەنبەسىدىن تولۇق پايدىلىنالىغان ۋاقىتتا ۋە ۋاقىتنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىگەللىگەندە ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى مەنىلىك ، ئەھمىيەتلىك ، نەتىجىلىك ئۆتكۈزەلەيدۇ . ئۇنداقتا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار قانداق قىلغاندا نەتىجىلىك ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزەلەيدۇ ؟
بۇ توغرىسىدا ئۆزۈمنىڭ كۆز قاراشلىرىم مۇنداق :
بىرىنجىدىن:
ۋاقىتنى ئىنتايىن قەدىرلەش بۇ ئاڭلىماققا ناھايتى ئاسان ھەم كۆپ ئاڭلاپ تۇرىدىغان سۆز بولغاچقا ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا تازا ئېرەن قىلماي قالىمىز . ئىنچىكە ئويلاپ باقساق ئالىي مەكتەپ ھاياتى بىر ئادەمنىڭ ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىشنىڭ دەسمىيسىنى توپلايدىغان ۋاقتى . ۋاقىتنى قانداق باشقۇرۇش ماھيەتتە شۇ ئادەمنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك .
ۋاقىتنى قەدىرلەش ئۈچۈن چوقۇم سېستىمىلىق ۋاقىت باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆزىمىزنى باشقۇرۇپ تۇرىشىمىز زۆرۈر . ۋاقىتنى ، مىنۇت سائەت ، كۈن، ھەپتە، ئاي مەۋسۇم يىللارغا بۆلۈپ كونكىرىت ئورۇنلاشتۇرۇپ جەدىۋەللەشتۈرۈپ چىقىش . ھەمدە شۇ ۋاقىت جەدۋىلى بويىچە ئەڭ كەم بولغاندا ئۈچ ھەپتە داۋاملاشتۇرۇش ھەتتا ۋاقىت باشقۇرۇشتا بەزى مەسلىلەرنى تەپەككۇر قىلىشتا ئون سېكۇنتلۇق تەپەككۇر ئۇسۇلى ئارقىلىق بىر مىنۇتتا 6خىل شەيئى ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈش بۇ ئارقىلىق ۋاقىت باشقۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز .
بىر ھەپتە ۋاقىت سائەت بويىچە ھېسابلىغاندا 168 سائەت بولىدۇ . ئالىي مەكتەپتە نورمال دەرس سائىتى ئاساسەن 20سائەت ئەتراپىدا بولىدۇ . بۇنداق بولغاندا ھەپتىلىك 148 سائەت ۋاقىت ئۆزىمىزنىڭ باشقۇرىشىدا بولىدۇ . بۇ ۋاقىتنى مەن ئۈستىدە توختۇلۇپ ئۆتكەن بويىچە كونكىرىت باشقۇرسا بولىدۇ .
بۇ ۋاقىتلاردا كەسپىي سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆپرەك ماتېرىيال كۆرۈش ، كىتاب ئوقۇش ، چەتئەل تىلى ئۆگىنىش ، خاتىرە يېزىش، ئەھمىيەتلىك لېكسىيەلىرىنى ئاڭلاش ، ماتېرىيال توپلاش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ .
2.ئۆزىدىكى بايلىقىنى قەدىرلەش
ئالىي مەكتەپ مۇھىتىنىڭ ئۆزى بىر بايلىق .ئالىي مەكتەپ ھەر خىل ئىلغار پىكىرلىك ، ئىلغار ئىدىيەدىكى ياشلار توپلانغان . ياشلار ئۆز ئارا رىقابەت ئىچىدە ، ئىلغار ياشلارنىڭ كۆزقاراشلىرى بىلەن ئۇچىرىشىش . ئادەم ئىجتىمائىيلىقنىڭ مەھسۇلى .مۇھىتىنىڭ ئادەمگە بولغان تەسىرىنى سەل چاغلىماسلىق كېرەك . يەنە بىرى ، كۈتۈپخانا . ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىسىنىڭ ئۆزى بىر تۈگمەس بايلىق . نۇرغۇن ئېسىل كىتابلارنىڭ جەمگاھى . پايدىلىنىشنى بىلگەن ئادەم ئۈچۈن ئۇنۋېرسىتېت كۈتۈپخانىسى كەڭ بىلىم ئېلىش سەيناسى . ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش پۇرسىتى .
3.ئۆگىنىش پۇرسىتىنى قەدىرلەش .
نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا ئۆگىنىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدىكەنمىز . تىل ئۆگىنىشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. ئالىي مەكتەپكە مىللىي تىل يېزىقتا ئوقۇپ كىرگەن ئوقۇغۇچىلار دۆلەت تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ بەزى كەسپىي دەرسلەرنى ياخشى ئۆگەنگىلى بولمايدۇ . شۇڭا ئەڭ ئاۋۋال تىل ئۆتكىلىنى ھەل قىلىش ، ئاندىن ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ چەتئەل تىلى ئۆگىنىشنى ئويلىشىپ كۆرۈش .
چەتئەل تىلى ئۆگەنگەندە چوقۇم ئاخىرىغىچە ئېلىپ بېرىش .
نۇرغۇن بالىلار دەسلەپتە قىزغىنلىق بىلەن چەتئەل تىلى ئۆگىنىشنى باشلىسىمۇ ئاخىرىغىچە ئېلىپ چىقىدىغان بالىلار ئىنتايىن ئاز . بار دېگەندىمۇ سەۋىيە سىناش ئىمتىھان بېرىپ بولۇپلا تاشلىۋەتكەن ئەھۋاللار ئېغىر . بىلىم ئېلىش ئىزچىللىقنى تەلەپ قىلىدۇ ، يېرىم يولدا تاشلاپ قويغان ئادەمنى ئىللىممۇ تاشلاپ قويىدۇ . بالىلارغا كۆپ قېتىم دەپ ، ئۆزۈممۇ ئىزچىللاشتۇرۇپ مېڭىۋاتقان ئۇسسۇلنىڭ بىرى - «تامچە سۇ تاشنى تېشەر ، تاشنى تەشكەن سۇدىكى كۈچ قۇدرەت ئەمەس بەلكى ئىزچىللىق . »
شۇڭا مەيلى تىل ئۆگىنىش ۋە ياكى ئىلىم ئېلىشتا بولسۇن يېرىم يولدا تاشلاپ قويۇشنىڭ ئۆزى بىر پاجىئە . يەنە بىر مۇھىم نۇقتا، بالىلار قايسى داڭلىق ئۇنۋېرستىتتا ئوقۇشنى ئويلاشقاندىن كۆرە قايسى كەسىپتە قانداق تىرىشچانلىق بىلەن ئۆگىنىشى، ئاخىردا قايسى يولنى تاللاشنى ئاۋۋال ئويلىشى كېرەك.
|